
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مەن بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتسام مەن ئىشلەيدىغان بىنانىڭ ئالدىدىكى مەيداندا خالىس سەنئەتكارلار نەچچە يۇزلىگەن كۇنلىكلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ كۈنلۈكتىن ئۆي ياساپتۇ. ئۆينىڭ تۇرىسىنى رەڭسىز پلاستىك كۈنلۈك بىلەن پۈتتۈرۈپتۇ. مۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى دۇنيادىكى نامرات بالىلار ئۇچۇن ئىئانە يىغىش ئىكەن.
مەن ھەر كۇنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يەر ئاستى تۆمۈر يولىغا كىرسەم مۇزىكانتلارنىڭ ۋاگزال ئىچىدە يولۇچىلارغا مۇڭلۇق مۇزىكا چېلىۋاتقىنىنى كۆرمەن. ئۇلارنى برىتانىيەلىكلەر ”busking“ دەپ ئاتايدۇ (مەنىسى كوچا ۋە يوللاردا مۇزىكا چالىدىغان ئادەملەر دىگەننى بىلدۈرىدۇ). ئۇلارنىڭ مەقسىدى شۇ ئۆزلىرى ياخشى كۆردىغان مۇزىكىسىنى يولۇچىلارغا ئاڭلىتىشنى ئارزۇ قىلغان بولسا ۋە بۇ ئارقىلىق كىشلەر تەرپىدىن بېرىلگەن ئاز تولا سەدىقە پۇللارغا تاينىپ تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ھەم بۇ ئارقىلىق ھاياتىغا تەسەللى تېپىش بولسا كېرەك. ئەمما ئۇلار بۇ ھاياتىدا ئۆزلىرى ياخشى كورگەن كەسپىنى قىلالىغانلىغىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان، كۆڭۈلگە، ئىنسانلىققا باي كىشىلەردۇر…..

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
نىيۇيوركتىكى ساياھىتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. 5 ـ كوچىدىن ئۆتۈپ مەركىزى باغچىنى بويلاپ كۆزلىگەن نىشانىمغا ئالدىراش كېتىپ باراتتىم. ئەمما توساتتىن ئالدىمدىكى مەن كېتىۋاتقان پىيادىلەر يولىنى توسۇۋالغان بىر توپ ئادەملەر توپى دىققىتىمنى تارتتى. نۇرغۇن ئادەملەر بىر مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچىرەت ياساپ توپلۇشۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ نېمىشقا بۇ يەرگە توپلىشىپ قالغانلىقىغا قىزىقىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئاق ئېرىقلىق ئامېركاندىن سورۇدۇم: «كەچۈرىسىز ئەپەندىم، مەن بىلسەم بولامدۇ، سىز بۇ يەردە نېمە سەۋەپتىن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتىسىز؟ دۆلىتىڭلارنىڭ باشلىقى ئوباما مۇشۇ مېھمانخانىدىمۇ يە ؟ » ـ دەپ سورۇدۇم تەئەججۇپ بىلەن. ئۇ ئادەم ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: «مەن ئىككى سائەت بولدى بۇ يەرگە ئائىلەم بىلەن كەلگىلى. بىز پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ناخشا چولپىنى گاگا خانىمنىڭ مەستانىلىرىمىز (Lady Gaga) . شۇڭا بۇ يەردە گاگا خېنىمنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن ھاياتىمىزدا بىر مەرتە كۆرۈۋېلىش ئۇچۇن بۇ ئىسسىقا چىداپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز…….».
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Uyghurning_yengi_yili.mp3
(شېئىرنى بابۇرخان دىكلىماتسىيە قىلغان)
يېڭى يىل ـ يېڭى تۇيغۇ، يېڭى تىلەكلەر،
كونا يىلىنىڭ ماتەمگە ئۇلىشىپ كېلەر.
بىلمەيمىز يەنە قانچىسى شۇنداق كېتەر؟
ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!
كونا يىلنىڭ ئاخىرى بىر كۈنلا قالغان،
ئادەملەر يېڭى يىللىق تىلەكلەر يازغان…
بىر مۇساپىر ئۇيغۇر ئۆيىنى سېغىنغان،
ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!
بۇ كوچىدا ئادەملەر شالاڭلاپ قالغان،
بىرى ئالدىراش كېچىلىك بەزمىگە ماڭغان.
بىرلىرى كونا يىلدىن ھېسابلار ئالغان….
ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن! ……
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى مۇھەممەت بابۇر ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:
bu_keche.mp3
بۇ كېچە يۇلتۇز يوق، ئايمۇ مۆكۈنگەن،
پەشتاقتىكى گۈللەر نۇرلۇق، جۇلالىق.
شامالدا ئىرغىيدۇ يالىڭاچ دەرەخلەر،
تىلەيدۇ يۈرىكىم ئۆزىگە پاناھلىق!
يۇلتۇزۇمنى سېغىنىپ ئاسمانغا باقتىم،
قەيەرگە كەتتىڭ سەن بۈگۈن سىردىشىم ؟!
سۈكۈتتە ئۆزۈمدە تۇغۇلىدۇ سۇئال ـ
نېچۈك ھالىم مېنىڭ، تەتۈر قاياشىم؟! …..
[iframe src=“http://www.azizisa.org/album_Elkun1b.html“ width=“100%“ height=“580″]

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بالىلىقىم- ئۇ بىر سۇلتانلىقىم، غەمگۇزارسىز،
ئايەم ئىدى ھەر كۈنۈم، سەبى قەلبىم كۈلگەن.
ئەل ۋەتەنسىز يات ئەلدە، سېغىنىشتا ياشىماق،
گۇيا بىر قامغاق ئىكەن، يىلتىزى ئۈزۈلگەن!
قالدىم كېتىپ، قۇم بارخىنى ئارقامدا قالدى!
مەن ئوينىغان توپا يوللار ئۇزاقتا قالدى!
ئۇنتۇمىدىم بىراق سېغىنىشتا كۈنلەر ئۆتتى….
ئاھ ۋەتىنىم دەپ ئارمىنىم يۈرەكتە ياندى!
بالىلىق ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمگۇزارسىز بىر مەزگىلى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن بالىلىقىمنى ھەرگىز ئۇنىتالمايمەن. مېنىڭ بالىلىقىمغا خاس ئېنىق ئېسىمدە قالغان خاتىرىلەردىن بىرى ئايەم تەنتەنىسىدۇر. ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشاشلا مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ تالاي ھېيت خۇشاللىقلىرىغا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ئۆتكەن. مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن بىر توپ بولۇپ رامزان ئايلىرىدا مەھەللىمۇ – مەھەللە ئارىلاپ رامزان توۋلىغانلىرىم، مەھەللىمىزدىكى ھەر بىر ئۆينىڭ ھويلىسى ئالدىدا رامزان توۋلىغاندا بېرىلگەن قوناق نېنى، ئۈزۈم، ئۆرۈك ۋە شاپتۇل قاقلىرى، ئۇششاق پارچە پۇللار قاتارلىق ئولجىلىرىمىزنى ئايدىڭ كېچىلەردە مەھەللىمىزنىڭ سىرتىدىكى قۇملۇق دوڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، باراۋەر تەقسىملەشكەنلىكىمىز……
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:
Bu_kunler_shundaq_otup_ketidu.mp3
قوڭغىراق بىلەن تەڭ ئويغۇنىمەن
ئۆيۇمدىن يۈگىرەپ چىقىمەن…
ئاۋال شەھەرنىڭ سەھراسىدىكى
ئاپتوبۇستا…
ئاندىن يەر ئۇستى پويېزدا
ئاندىن يەر ئاستىدىكى –
سەكسەن پۇتلۇق تومۇر جانىۋىرىدا
ياشاش ئۇچۇن كۈندە چاپىمەن….