ئۇيغۇر «مۈشۈك خۇمارلىرى» دىن «سىياسەت خۇمارلىرى» غىچە
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun، Elkun yazmilliri، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
26-12-2020
فەيسبۇكتىكى قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مەن مۈشۈككە ئامراق، بەلكىم ئارىمىزدىكى خېلە كۆپلىرىمىز مۈشۈككە ئامراقدۇرمىز چۈنكى مۈشۈك – ئۇ ئادەم مېھرىگە يېقىن جانۋار. شۇنىڭئۈچۈنمۇ مۇسۇلمانلار مۈشۈكنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئەرمەك ئوي جانۋىرى دەپ قاراپ، مۈشۈككە ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ۋە يەنە خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مۈشۈك يەيدىغان ئادەتلىرىنى يامان كۆرىدۇ ۋە نەپرەت ئوقۇيدۇ.
مۇسۇلمانلار ئۇچۇن «مۈشۈكنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادى جۈملىسىدىن» ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان تۈركىيىنىڭ دۆلەتلىك نەشىر ئەپكارى «Daily Sabah» تور بېتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسالام مۈشۈكنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەنتۇق ۋە ›مۈشۈككە بولغان مېھىر ئېتىقادنىڭ بىر پارچىسىدۇر‹ دېيىلگەن.
Prophet Muhammad’s fondness for cats is conveyed in his hadith: «Affection for cats is part of faith» (Maqasid al-Hasanah, al-Sakhawi
دېمەك مۈشۈكنى ياخشى كۆرۈش بىر ئىنساننىڭ ئېتىقادى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ئاق ۋە قارا ئىككى ئابيسسىنىئان مۈشۈكلىرى بولۇپ، بۇ مۈشۈكلەر ئاسلانلىرىنى ئېمىتىۋاتاتتى. شۇ سەۋەپتىن ئەسكەرلىرىنىڭ يورۇش لىنىيىسىنى ئۆزگەرتتى . ئۇ قايتىش سەپىرىدە بۇ مۈشۈكنى بېقىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ›مۇېززا‹ دەپ ئىسىم قويدى.»
بەرھەق، ئەمدى ئۆز پارىڭىمىزغا كەلسەك، مېنىڭمۇ ئىككى مۈشۈكۇم بار، بىرسىنىڭ ئىسمى تىگى (يولۋاس)، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى تاشۋاي (تاش)، مەن بۇ ئىككى مۈشۈكنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مەن كەچلىرى غەمكىن بولۇپ، دىۋاندا يانپاش ئولتۇرۇپ قالغىنىمدا بۇ مۈشۈكلەر قۇچۇقۇمغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ دە پۇرۇلداپ بۇخاراغا كېتىشىدۇ. ئادەملەردىن زىنھار كەلمىگەن ئەمما بۇ جانۋارلاردىن كېلىۋاتقان ساداقەت ۋە مېھرى مۇھەببەت مۇزلىغان قەلبىمنى ۋىللىدە ئىللىتىشقا باشلايدۇ…
بۇ راست گەپ، مۈشۈكنىڭ مېھرى ئادەمگە تولىمۇ ئىسسىق، ئۇ بىر ئوماق ئەرمەك جانۋاردۇر.
تېخى ئاخشاملا بېرتانىيە خان جەمەتى، خانىش ئېلىزابېت 2 ۋە مەلىكە دىئانا ھەققىدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تاشۋاي دىققىتىمنى تارتىش ئۇچۇنمۇ ئەيتاۋۇر تېلېۋىزور جاھازىسىغا سەكرەپ چىقىپ، تېلېۋىزورنى توسۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كەپسىزلىك قىلغان ئىدى. مەن بۇ ئوماق جانىۋارنىڭ قىلىقىدىن سۆيۈنۈپ، تېلېۋىزور كۆرۈشنى بىر مەھەل توختاتتىم. تاشۋاي بىلەن مېھمانخانا ئۆينىڭ كارىدورىدا تاز قانغۇچە ›مۆكۈ – مۆكۈلەڭ‹ ئويناشتۇق.
شۇ ئويۇندىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ فەيسبۇك خاس بېتىمگە تاشۋاينىڭ كەپسىزلىكى ھەققىدە ۋايساپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان ئىدىم.
بۈگۈن ئەتىگەندە ناشتىلىقتىن كېيىن فەيسبۇك بېتىمگە قارىسام، فەيسبۇك مېنىڭ مۈشۈكنى بەك ياخشى كۆردىغىنىمنى بىلىۋالغان چېغى، ماڭا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان، 373 ئەگەشكۈچىسى بار’مۈشۈك خۇمارلار‹ فەيسبۇك ئاممىۋىي بېتىنى ياخشى كۆرۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلىشىمنى تەۋىسىيە قىلدى.
مەن ئەلۋەتتە ئەجەبلەندىم، چۈنكى مەن بۇرۇن ئېنگلىزچە تىلدىكى باشقا مىللەتلەر ئاچقان ›مۈشۈك‹ بەتلىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئىنكاس بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ بىر قانچىسىغا قاتناشقا بولساممۇ ھازىرغىچە ھىچ بىر يەردە كەسىپلەشكەن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان مۈشۈك مەستانىلىرى خاس فەيسبۇك ئاممىۋىي سەھىپىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.
بۇنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم ئەلۋەتتە، چۈنكى گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ فەيسبۇك ئىشلىتىشتىكى ساپاسى بۇرۇنقىدىن كۆپ پاخاللاشقان، سۇپىتى تۆۋەنلىگەن، ئەخلاق ۋە مەنتىققە سىزىقلىرىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ھەر ساھەلەردە كەسىپىشىشتە ھەر ھالدا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەتتى.
مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ، مەن ئەڭ بالدۇر فەيسبۇك قوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى فەيسبۇكتا ئۇيغۇرلارنى مىڭ تەستە ئىزدەپ تېپىپ ئۆزۈمگە قوىشۇۋالاتتىم. ئەمما بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ ئاتىسى قويغان راست ئىسىم – فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، ساختا ئىسىملەر بىلەن كىرىپ فەيسبۇكنىڭ يارىتىپ بەرگەن قولايلىقىنى ۋە كۆپلىگەن سەمىمىي كىشىلەرنىڭ شەخسىيەتلىرىنى يامان نىيەت بىلەن سۇيىئىستېمال قىلىدىغان، ئورۇنسىز بىر – بىرلىرىگە ھاقارەت قىلىدىغان ياكى يەنە كىملەردىندۇر بىرلىرىگە تۆھمەتلەر قىلىدىغان نائەھلى ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوز ئىسمى بىلەن كىرمىگەن ۋەياكى مەن ›گۇمانلىق‹ دەپ قارالغان كىشىلەرنى قوشماس بولغان، ئىشقىلىپ فەيسبۇك بىخەتەرلىكىمنى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە كۈچەيتكەن ئىدىم.
خوش، نۆۋەتتىكى پارىڭىمىزنى داۋام ئېتەيلى. شۇنداق قىلىپ مەن ›مۈشۈك خۇمارلار‹ فەيسبۇك ئاممىۋىي بېتىنى ياخشى كۆردۇم ئەمما قوشۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىكى نەشىر قىلىنغان مەزمۇنلارغا بىرقۇر نەزەر سېلىپ چىقتىم.
بۇ خاس بەتنىڭ چىقارغان بىر – ئىككى مۈشۈك ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ھۇزۇرلاندىم. كېيىنكى تېمىلار بولسا «ئۆمەر قانات ئەپەندى: تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى ئافغانىستاندا زىيارەت قىلدىم» كۆپ قىسىملىق سۆھبەتتىن تارتىپ ›ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كىم مەسئۇل؟‹ دېىگەندەك ئۇيغۇرنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارا سىياسىي تېمىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىكەن.
بۇلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە بىر مەھەل ئويغا پاتتىم ›بىز ئۇيغۇرلار ساپا مىللىتىمۇ ياكى ئۇيغۇر تراگېدىيىسى باشلانغاندىن بۇيان ساپايىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇقمۇ؟‹ دېگەن سوئالنى ئۆزۈمدىن پىچىرلاپ سورۇدۇم.
كۆپىنچىمىز بەلكىم «قىلدىن تۈك ئىزدىمەيلى، بۇ بىر كىچىك ئىش چۈنكى فەيسبۇكقا ئوخشاش ھەقسىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلار سامانلاشقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھىچ بىر ئېتىۋارغا ئېلىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس…» دېيىشىمىز مۇمكىن ئەمما ساپا مەسىلىسى قىلغان ئىشنىڭ مۇھىم ياكى ئەھمىيەتسىز بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىر كىشى ۋە شۇ كىشى تەۋە بىر مىللەت توپلىمىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى مۇئەييەن نوقتىلاردىن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينىكىدۇر.
خەلقىمىزدە «سۇنى سىڭگەن يەرگە سەپ» دېگەن بىر تەۋەرۈك ئاتا سۆزى بار. ئەگەر سىز سۇنى سىڭگەن يەرگە سېپىشنى بىلمىسىڭىز، سىز سەپكەن ئۇ سۇ يەرنى پاتقاق قىلىدۇ دە، سۇ سەپكەن ئەجىرىڭىز ئەھمىيەتسىز بولىدۇ. يامىنى كەلسە، سىز جايىغا سېپەلممىگەن ئۇ سۇنىڭ چىقارغان پاتقىقىغا باشقىلار تېيىلىدۇ.
مەن بۇ ئىش ھەققىدە پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ۋە ھېس قىلغانلىرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم خالاس. بەلكىم بىز بۇ ئىشتىن بىر ئەقلىي يەكۈن چىقىرىمىز ۋەياكى «بۇ ئاددىي بىر ئىشقۇ» دەپ پىسەنت قىلماي ئۆتۈپ كېتىمىز، بىز ئۆزىمىزنى مانا مۇشۇ شەكىلدە كەسىپسىزلەشتۇرىمىز. بۇ ھەركىمنىڭ ئۆز سەۋىيە ۋە خاھىشىغا باغلىق چەشەنچە ئەمما شۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارىماسلىقىمىز كېرەككى ھەرقانداق بىر ناتوغرا ئادەت ۋە ئىش ھەركەت كىچىكتىن چوڭىيىدۇ، بىز نەزەرگە ئانچە ئېلىپ كەتمەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن باشلىنىدۇ. نۆۋىتى كەلگەندە بۇ ئىش چوڭىيىپ مەنپىئەتمىزگە تاقاشقاندا، زىيىنى ھەممىمىزگە تەڭ بولغاندا، مىڭ قاقشىساقمۇ خاتانى توغرا قىلىشتا كەچ قالغان بولىمىز.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر رىئاللىقى مانا مۇشۇ «بىپەرۋالىق» ياكى «كەسپىي ئەخلاق» كرىزىسىدە ھالسىراۋاتقان بولغاچقا ياكى دۇنيانىڭ دېتىغا چۈشمەيدىغان ھەرىكىتىمىز بىزنى كۈنسايىن بىز ئېرىشمەكچى بولغان مەنپەئەتىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتا. مانا ئۇشبۇ ھالىمىز سەۋەبلىك كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرنىڭ ساتىرىك ھەزىللىرى قەدىمىمىزدە بىر بىزگە پۇتلاشماقتا ھەم ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىشلار دائىملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەتكە ئايلانغان ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتماقتا. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىم پەقەتلا بۇ خىلدىكى «ئۆز ۋە ئۆزگىنى» بىلىشتىن ئۇزاقتا قالغان «ئۇيغۇر ساتىرىك» ھاياتىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى بىر كارتىنىسى، خالاس.
2020-يىلى 26- دېكابىر. لوندون.
مەنبە ئەلكۈن تورى.