12- «دېكابىر ئوقوغۇچىلار ھەركىتى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ كەچۇرمىشى

(1985- يىلى ئۇرۇمچىدە يۇزبەرگەن 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ 28 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

 
ئاپتورى: روزىنىسا (مۇستەقىل تەتقىقاتچى)

 
“ئەزىز

ۋاقىت – ئۇ ھەرقانچە ئالدىراڭغۇ بولسىمۇ، تارىخنى ئارقىسىغا ياندۇرالمايدۇ. بەلكى تارىخ ئەنە شۇ ئالدىراڭغۇ ۋاقىتنى ئوز قۇچىقىدا ئەللەي ئېتىپ، پەپىلەپ ھاياتنىڭ بۈيۈك كارۋانلار توپى بىلەن بىللە ئۇنى ئۇپۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۆز يەتكۈسىز نىشانغا قاراپ ئوز رىتىمىدا ئېلىپ مېڭىۋېرىدۇ…. سىز ۋە بىز بۇ ھاياتلىقتا ئەينەن شۇ كارۋانلار سەپىگە قوشۇلغان بىر يولۇچىدىنلا ئىبارەت، خالاس!

 
ئەگەر سىز تارىخنى ياراتقان بولسىڭىز ۋە ئۇ تارىخ پەقەت چىن بولسىلا، مەيلى ئارىدىن 28 يىل ئۆتسۇن ياكى يۈز يىللار ئۆتسۇن، شۇ ياراتقىنىڭىز خەلقىڭىزنىڭ بەختى، سائادىتى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى مەقسەت قىلغانلا بولسا، ئۇ خەلقىڭىزنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ئەبەدكە رەڭگى ئۆڭمەيدىغان تارىخىي خاتىرە بولۇپ ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ….. چۈنكى تارىخنىڭ ھەر بىر بېتىنى ئىنسانلار جاپالىق كۈرەشلەر بەدىلىگە ياراتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھېچ بىر ئىنسان ئىنكار قىلالىغىنى يوق.

 
ئەنە شۇ دۆلەت قانۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان، مىللىي كەمسىتىلىش، تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىك ھەممىلا يەردە يامراپ كەتكەن بىر تۈزۈلمە ئاستىدا، 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن “12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى” دە تەشەببۇس قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىلغار دېموكراتىك ئىدىيە ۋە شۇ ئىدىيىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ۋە ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ كۈلپەتلىك قىسمەتلىرى … مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىتىگە شان شەرەپ ئاتا قىلىدىغان ئۇنتۇلماس تارىخ بولۇپ، بۇ تارىخ دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى تېررورىست ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قانۇننى، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تەڭلىك ۋە باراۋەرلىككە تەشنا بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىر بىرگە، مىڭلىغان ۋە ئونمىڭلىغان ئەزىز ئەيساغا ئوخشاش ئىلغار پىكىرلىك دېموكراتىك ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مىللىي كەمسىتىش، مىللىي زۇلۇم ۋە ئېزىلىش بولمىغان، تەڭلىك باراۋەرلىك ئاساسىدىكى يېڭى بىر تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىش يولىدا شۇ يىللاردىن باشلاپ جاپالىق كۈرەشكە ئاتلانغانلىقى ۋە شۇ يولدا بېشىغا كەلگەن رەھىمسىز ۋە ئازابلىق قىسمەتلىرى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’

“Men

ئىلاۋە: ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىنغان ئۇشبۇ سۆھبەت خاتىرىسى بولسا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2018-يىللىق 1-مارت كۈنىدە نەشىر قىلىنغان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’» ناملىق مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسى.

 

ئابدۇلجان ئازنباقىيېۋ

 

1. سىزنىڭ قازاقستاندا «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» قۇرشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟

 

– سىز سورىغان بۇ سوئال ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاقتىكى ئەنگىلىيەدە 20 يىلغا يېقىن مۇساپىر بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ھاياتلىق كەچمىشىگە باغلىنىپ كەتكەن بىر ئۇزاق ھېكايەدۇر. شۇنداقتىمۇ مەن ئىمكان قەدەر بۇ سوئالىڭىزغا قىسقا ۋە چۈشنۇشلۇك قىلىپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشاي. مەن 1999-يىلى ئانا ۋەتىنىمدىن ئايرىلدىم، 2001-يىلى لوندنغا كېلىپ كۆچمەن بولۇپ يەرلەشتىم. 2003- يىلى مەن لوندوندا كومپىيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتاتتىم. شۇ ۋقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغۇچۇم، كېيىنكى قىز دوستۇم (ھازىرقى ئايالىم) رەيچېل بولسا لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ بۇرۇن ئانا ۋەتىنىمىزگە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بارغان بولۇپ، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مۇشۇ ساھەدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىناتتى. مەن شۇ يىلى يەنى 2003-يىلى ئىيۇلدا رەيچېل بىلەن بىللە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە قازاقىستانغا زىيارەتكە كەلدۇق. بىزنىڭ شۇ قېتىمقى سەپرىمىز بولسا بىرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن «ئۇيغۇر 12 مۇقام» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتىلىنى تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يۇرتلارنى، يېزا-قىشلاقلارنى زىيارەت قىلىش، ئەل ئىچىدىكى سەنئەتكارلار ۋە ئەل نەغمىچىلەر، مەشرەپچىلەر، يېگىت باشلىرى بىلەن كۆرۈشۇش، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەرۈك مەدەنىي مىراسلىرىدىن بىر بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ھايات خەلق ئىچىدىن ئۆگۇنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىدى. مانا مۇشۇ ئارزۇلىرىمىز بىلەن بىز 2003- يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئالمۇتىغا كەلدۇق ۋە قازاقىستاننىڭ شەرىقدىكى ياركەندىن غەرىبىدە تاكى تۈركىستان شەھرىگىچە تەكشۇرۇش، تەتقىقق قىلىش خىزمەتلىرىدە بولدۇق.

يىراق قىرلاردا مېھنەتلىك ئۆتكەن ھايات – سەنئەتكار، يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ھەققىدە

1

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار 14)
بىلىمخۇمار    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى


ئۇچۇر دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ دۇنيا ئەللىرى ئارا تارقىلىشى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ماس ھالدا ئۆز رولىنى ئاكتىپ ھالدا نامايان قىلىۋاتماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ‏- سەنئىتىمۇ دۇنيا سەھنىسىدە قىزىقىشقا، تونۇلۇشقا، ۋە كۈندىن-كۈنگە ئالقىشلىنىشقا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.


ھەرقانداق بىر نەتىجە مېھنەتسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. ئۇيغۇر ناخشا‏ – مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ياۋروپادا، جۈملىدىن ئانا ۋەتىنىدىن 10 مىڭ كىلومېتىرلارچە ئۇزاقتىكى ئەل – بۈيۈك برىتانىيەدە تونۇلۇشىغا ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆز ئەجرىنى ئۈن – تىنسىز سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر ئىنىمىز بار. ئۇ ئىنىمىز بۇ ساھەلەردە خەلقىمىزگە شان -شەرەپ قۇچتى. چەت ئەلدىكى باشقا مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا گۈزەل مەدەنىيەت – سەنئىتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن ئۆز – ئارا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىنى دىيارىمىز بىلەن بىرگە تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ دىيارىمىزدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كۆپكە قادىر، ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ئىنىمىزنىڭ ئىسمى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈندۇر……..