پەرەڭلەرنىڭ دىنىي دەرسلىكىدىن ئۆزىمىزنىڭ جاھالىتىگە نەزەر

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

بۈگۈن سەھەردە، بالىلىرىم مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن، مەن بىر ئىش بىلەن ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ قالدىم ۋە چوڭ قىزىمنىڭ شىرەسى ئۇستىدىكى كىتاب ۋە قەغەز دوۋىلىرىنىڭ ئۇستىدە تۇرغان بۇ ئۆگنىش كونسىپىكى دىققىتىمنى تارتتى… بۇ ئەنگلىيە مائارىپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنى دەرىسلىكىدىن بىر ئوقۇشلۇق ئىدى.

تېمىسى: Theme C : The existence of God and revelation تېما س: ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى

ئەنگىلىيە مائارىپىدا باشلانغۇچ 3- يىللىقتىن باشلاپ، مۇقىم ھالدا «دىنىي مائارىپ» دەرسلىكى بىر پەن سۈپىتىدە رەسمى ئۆتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىنساىيەنىڭ ھەممە دىنلىرىنى ئۆگىنىدۇ.

 

خىرەلەشكەن تارىخ: قىشلىق تەتىلدە، قارا قش كۈنلىرىدە، ئۈچامدا كېيىدىغان تۈزىكىرەك چاپانمۇ يوق، مايلىشىپ قارداپ، پاقىراپ كەتكەن ئاق تۇماقنى پېشانەمگىچە چۆكۈرۈپ كېيىپ، بېلىمگە ئاپام بەرگەن بىر پارچە زاغرا ناننى ئوراپ، يانلىرى چىرىپ يېرىلىپ كەتكەن ۋە پايتىمامنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چۇرۇقۇم بىلەن قار باسقان ئېتىزلاردا غىچىر – غىچىر يول مېڭىپ، ئارقامدا يىلاندەك ئەگىر – بۈگۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ھەپتىيەك ئۆگنىش ئۇچۇن، «ئېلىپ ۋە لام…» لارنى ھەجىلەپ، توغرا ئوقۇيالمىسام، تەلىتى مۇزدىنمۇ سوغۇق، سەللىسى بېشىدىن ئىككى ھەسسە يوغان، موللامنىڭ «ساۋب» تايىقىنى يېيىش ئۇچۇن كېتىپ بارغان ئەشۇ يىللارنىڭ غۇۋا بىر كۆرۈنىشى خىيالىمدىن ئۆتتى.

بۇ مۇدھىش ۋاقىت، 1976- يىلى فېۋرال كۈنلىرىنىڭ ئاخىرى ئىدى. مەن شەھيارنىڭ چەت ياقىسىدىكى، تارىم دەرياسى بويىدىكى خىلۋەت مەھەللە تاللىقبۇلۇڭ كەنتىدىكى رازاق ئىمامنىڭ ئۆيىگە تەپسىر – ھەپتىيەك ئۆگنىش ئۇچۇن كېتىۋاتقان ئىدىم. ئىككى يىل، تەتىل مەزگىلىدە ھەپتىيەك، پەنسىر ۋە قۇرئاندىن بىر قانچە سۆرىلەرنى ئۆگەنگىنىم ئېسىمدە.

 

كېين، مەن باشلانغۇچنى پۈتتۇرۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۇچۇن، مەھەللىدىن ئايرىلىپ، 12 ياش ۋاتىمدا تويبولدى بازىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇ مەكتەپ ئۆيىمىزدىن 10 نەچچە كىلومېتىر يىراقتا ئىدى، پەقەت ھەپتىدە بىر كۈن ئۆيىمىزگە قايتىشقا رۇخسەت قىلاتتى. مەكتەپ خىتاي مائارىپىنى ئاساس قىلغان، دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئىنسانىيەتكە ۋە ئىلمىگە قارشى تەربىيە بېرىدىغان مەكتەب ئىدى.

 

ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، خىتاي مۇستەلىكىسىنىڭ مائارىپى بۇ مىللەتنى، تەپپەكۇردىن، توغرا ئاڭ ۋە توغرا مائارىپتىن مەھرۇم قىلدى. مانا بۇ، مۇشۇ ئۆزىمىزدە مەۋجۇد بولۇۋاتقان كىشلىك ساپايىمىزغا ئائىت سەۋەبلەرنىڭ بىر ئاساسلىق ئامىلى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بۇ خىل بىخۇتلاشتۇرۇلۇش، نادانلاشتۇرۇلۇش مۇھىتىدا ئۆسكەن بۇ مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادلىرى 21- ئەسىرگە يارىشا ئەڭ ئەۋەل بىر ئادەم بولامىدى ۋەياكى مۇسۇلمان بولامىدى ۋەياكى ھەر ئىككىلىسى بولالمىدى.

 

يىللاردىن بۇيان قەلبىمىزدە قانچىلىك ئىسلامىي دىنى ئېتىقادى بارلىغىدىن سۆز ئېچىش، ياكى ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئادەم بولالىغانلىقىمىز ، قەلبىمىزدە بىر – بىرىلىرىمىزگە قانچىلىك قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ بارلىغىنى ئۆلچەپ، تارازىغا سېلىپ بېقىش، كىشلىك ئادىمىيلىك ۋە ساپا مەسىلىلىرىمىز ئۇستىدە سەمىمىيەت بىلەن ئىزدىنىش، ئويلىنىشلارلا ئەمەس، مۇنقەرىز بولغان مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ ۋەتننى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تەبىر – ئىمكانلىرى، ئىجىرالىرى ئۇستىدە باش قاتۇرۇش، نەزىرىيەدىن، مىللىي كىملىك ۋە مەپكۇرە تۇتۇرۇقسىزلىقىدىن ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىز بىلەن ئەمىلىيەتكە ئۆتۇشلەر ئەمەس…. ئەپسۇس ئايىغى ئۈزۈلمەس تاشقى كۆرۈنۈش يەنى كېيىم – كېچەك مەستانىلىقى، ئىسلامنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىنى ئەمەس، تاشقى كۆرۇنىشىنى تاللاپ، «ساقال ۋە نىقاب» تىن تارتىپ «پەيغەمبىرىمىز 1400 يىل بۇرۇن قسقا تامبال كەيگەن، ساقال قويغان … بىزمۇ شۇنداق كېيىشىمىز، شۇنداق قىلىشىمىز ۋاجىب ئىدىلەر …» دېيىشىپ، ئاللاھنىڭ مۇققەددەس كالامى بولغان قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىللىرىنى ئۈنۈتۇشقا باشلىدۇق.

 

ئۇيغۇرلار ئۇچۇن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ رئىاللىقىنى، دۇنيانىڭ سىياسى كىلىماتىنى ئېڭىمىزدا تۇتىشىمىز بەك زۆرۈر ئىدى. غەرب دۇنياسى باشچىلىقىدا، بۈگۈنكى دۇنيا 20 يىلدىن بۇيان ئىسلام ئاشقۇنلىغىدىكى «تېرورىزىم»، كېيىن «ئىسلام دۆلىتى» نى مەركەز قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام دىنىنى سۇيئستىمال قىلپ، ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغان بىگۇناھ كىشىلەرگە «تېرورلۇق ھەركەتلىرى» قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقان مەخلۇقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىنى، جۇملىدىن «قارا نىقاب» نىڭ ئىسلام ئاشقۇنلۇقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نومۇسى، يۈزىدىكى داغ بولغان «ئىسلام دۆلىتى» گە باغلىنپ چۈشىنىلىپ كېلىۋاتقان سەلىبىي تەسىرىنى ھەر ۋاقىت ئەقلىمىزدىن ساقىت قىلماسلىققا ئېتىبارسىز قاراپ كەلدۇق.

 

نۆۋەتتە، بىز ئۇيغۇرلار خىتاي ئىستىبىدا ھاكېمىيىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقۇتۇش، ئۇنىڭ مۇبارەك ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك زېمىنىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىنى ئەمىلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا «دىنىي ئەسەبىيلەر»، «ئىسلام تېررورىستلىرى»، «دىن ۋىروسىدىن زەھەرلەنگەنلەر» دەپ تۇرلۇك بوھتان ۋە جىنايەتلەرنى ئارتىپ تەشۋىق قىلىشلىرىنى، قارلاشلىرىنى ۋە مىليۇنلىغان خەلقىمىزنى مۇشۇنى باھانە قىلىپ «جازا لاگېرلىرى» غا سولاپ ئاستا – ئاستا ئولتۇرۋاتقانلىرىنى ھىچ بىر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارماسلقىمىز لازىم ئىدى.

 

دېمەك، بىز دۇنياغا ۋە خىتاينىڭ قارلاشلىرىغا قارىتا ئۆزىمىزنى بىز نورمال ئەقلى بار بىر مىللەت، ئۇيغۇر مىللىتى «ئىسلام ئاشقۇنلىرى ۋە تېرورىستلىرى» ئەمەس دەپ ئۆزىمىزنى ئاقلامدۇق، غەرب دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۇستىدىن يۇرگۈزىۋاتقان ئىنىسنلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش، ئۇيغۇرنىڭ ئادەمدەك ياشاش ھەققىنى، ئىشغال قىلىنغان ۋەتىنىنىڭ ئىگلىك ھوقوقىنى، مۇستەقىللىغىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەممىمىز بىر نيەت ۋە مەقسەتتە ھەركەت قىلامدۇق؟ ياكى، «دۇنيا، خىتاي، سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا…، سېنىڭ بىزگە ئارتقان جىنايەتلىرىڭ توغرا، بىز شۇنداق ئاشقۇن تېرورىستلاردىنمىز …» دەپ، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ئۇستى بېشىنى قارا بىلەن ئوراپ، دۇنيا ئاخباراتىغا چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇقىنى يوقۇتۇۋاتسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتسا، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ بېرىپ، بۇ تېراگېدىيەگە سۈكۈتتە تۇرامدۇق؟ مىللىتىمىز ئولۇۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەردە، بۇ ئۇلۇغ ۋە ساۋبلىق رامىزان كۈنلىرىدە، ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ مەسىلىنىڭ نەق ئۆزى ئۇستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

 

ئەپسۇس، ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارمۇ بىر مۇستەقىل ۋەتەننىڭ ساھىبى بولۇپ ھۆر ياشىيالغان بولساق، 17- ئەسىردە سۇپى – ئىشانلىرىمىز ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۇچۇن ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتىنى جۇڭغار، خىتاي ۋە مانجۇلارنى باشلاپ كېلىپ، ياتلارنىڭ قىلىچى بىلەن ۋەيران قىلمىغان بولسا، دۇنيادىكى ھەممە دىنلارغا ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقىغا، بۇ ھاياتتا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ياشاشقا دەۋەت قىلىدىغان بارلىق دىنلارنى، جۇملىدىن بىزنىڭ پاك ۋە توغرا «ئىسلام دىنى» نى سۇيئستىمال قىلمىغان بولسا، خەلقىمىزگە ئۆزلىرىدىكى جاھالەت ۋە نادانلىقىنىڭ ۋابا- مىكروپلىرىنى چېچىپ، روھىي تىرك قۇل بولغان بەندىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان بولسا كاشكى، كاشكى … بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزمۇ دىننى بىر پەن سۈپىتىدە، ئىلمىي ۋە ئەتىراپلىق ئۈگەنگەن بولار ئىدى، ھالىمىز بۈگۈنكىدەك ئەبگارلىققا مەھكۇم بولماس ئىدى!

 

ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھقا ۋە دىنغا بولغان سۆيگۈسى ھىجابىدا ياكى ساقالنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىدۇر. قاچانكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى بۇ دۇنيانىڭ ھەممە نەرسىسىگە ئارلاشتۇرۋالماي، تەپەككۇر قىلىشنى، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ھايۋاندىن ئۆتەر خارلىنىۋاتقان مۇسۇلمان قەۋمىسىنى، ۋەيران قىلىنىۋاتقان ۋەتىنىنى ئىبادىتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويالىغاندا، ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغان دۇنيا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، تارتىۋېلىنغان ھوقۇقىنى، «ۋەتەننى سۆيۈش ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن ئاتا سۆزىنى قەلبىگە مەھكەم پۈكەلىگەندە ۋە بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە پىداكارلىق قىلالىغاندا، ئاندىن بىر ھۆر ئادەم بولۇش، ھۆر بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ ھۆر بىر مۇسۇلمان بەندىسى بولۇشتەك ھوقۇق ۋە سالاھىيەتلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ.

 

جانابىي ياراتقۇچى ئىگىمىز بىزنى « ئۇيغۇر» قىلىپ ياراتتى، «ئۇيغۇر» دەپ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىك مۆھىرىنى- بىز دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان كۈنىدىن باشلاپ بىزنىڭ پېشانىمىزگە باستى. بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن كاتتا ئىنئامىدۇر. كىمدە كىم ئاللاھ بەرگەن بۇ ئىنئامغا رىياكارلىق قىلدىكەن، ئاللاھ ئۆز قوۋمگە (مىللىتىگە) ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى كەچۇرمەيدىغىنىغا ئوخشاش، ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىكىدىن تانغان ياكى ياتلاشقانلارنىمۇ ئوخشاشلا كەچۈرمەيدۇ.

 

ئاھ، جاھالەتكە قۇل بولغان، قۇل بولۇشمۇ يەتمەي كۈل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرۇم، ئويغان! ئۇيغۇر مەۋجۇت بولماي، ئۇيغۇر ھۆر بولماي، ئاللاھ ياراتقان بۇ ئۇيغۇر دېگەن مىللەت ئۆزىنىڭ ھىچ نەرسىسگە ئىگە بولالمايدۇ.

 

2021- يىلى 26- ئاپرېل، لوندوندا قەلەمگە ئېلىندى.

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !