ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’

“Men

ئىلاۋە: ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىنغان ئۇشبۇ سۆھبەت خاتىرىسى بولسا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2018-يىللىق 1-مارت كۈنىدە نەشىر قىلىنغان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’» ناملىق مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسى.

 

ئابدۇلجان ئازنباقىيېۋ

 

1. سىزنىڭ قازاقستاندا «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» قۇرشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟

 

– سىز سورىغان بۇ سوئال ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاقتىكى ئەنگىلىيەدە 20 يىلغا يېقىن مۇساپىر بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ھاياتلىق كەچمىشىگە باغلىنىپ كەتكەن بىر ئۇزاق ھېكايەدۇر. شۇنداقتىمۇ مەن ئىمكان قەدەر بۇ سوئالىڭىزغا قىسقا ۋە چۈشنۇشلۇك قىلىپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشاي. مەن 1999-يىلى ئانا ۋەتىنىمدىن ئايرىلدىم، 2001-يىلى لوندنغا كېلىپ كۆچمەن بولۇپ يەرلەشتىم. 2003- يىلى مەن لوندوندا كومپىيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتاتتىم. شۇ ۋقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغۇچۇم، كېيىنكى قىز دوستۇم (ھازىرقى ئايالىم) رەيچېل بولسا لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ بۇرۇن ئانا ۋەتىنىمىزگە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بارغان بولۇپ، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مۇشۇ ساھەدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىناتتى. مەن شۇ يىلى يەنى 2003-يىلى ئىيۇلدا رەيچېل بىلەن بىللە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە قازاقىستانغا زىيارەتكە كەلدۇق. بىزنىڭ شۇ قېتىمقى سەپرىمىز بولسا بىرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن «ئۇيغۇر 12 مۇقام» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتىلىنى تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يۇرتلارنى، يېزا-قىشلاقلارنى زىيارەت قىلىش، ئەل ئىچىدىكى سەنئەتكارلار ۋە ئەل نەغمىچىلەر، مەشرەپچىلەر، يېگىت باشلىرى بىلەن كۆرۈشۇش، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەرۈك مەدەنىي مىراسلىرىدىن بىر بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ھايات خەلق ئىچىدىن ئۆگۇنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىدى. مانا مۇشۇ ئارزۇلىرىمىز بىلەن بىز 2003- يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئالمۇتىغا كەلدۇق ۋە قازاقىستاننىڭ شەرىقدىكى ياركەندىن غەرىبىدە تاكى تۈركىستان شەھرىگىچە تەكشۇرۇش، تەتقىقق قىلىش خىزمەتلىرىدە بولدۇق.

 

شۇ چاغدا بىزنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىمىزدىن مەمنۇن بولغان ئۇيغۇر تياتېرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دىرىكتورى مۇرات ئەھمەدى ئەپەندى بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. كېيىن ئۇيغۇر تىياتېرىدىكى مەرھۇم ئازات بورھانوۋ، ئۇسۇل تەتقىقاتچىسى گۈلنارا سائىتوۋا خانىم قاتارلىق ئۇيغۇر تىياتېرىدىكى سەنئەت مۇتىخەسىسرلىرى ۋە مۇزىكانتلار بىلەن تونۇشتۇق. بىز مۇرات ئاھمەدى ئەپەندىگە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان يېزا -قىشلاقلارغا بېرىش ئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇر تىياتېرى نامىدىن بىزگە بۇ ئىشتا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىياتېرىدىن ئابدۇساتتار ئەپەندى ماشىنا بىلەن بىزنى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرتلارنىڭ ھەممىسىگە ئېلىپ باردى. بىز شۇ قېتىمقى سەپرىمىز جەريانىدا ئەمگەچى قازاق ناھىيىسىدىكى چېلەك بازىرىدىن ئۆتۈپ، ياپ- يېشىللىققا پۇركەنگەن بىر بوستانلىق ئۇيغۇر يۇرتىغا كېلىپ قالدۇق. ئابدۇساتتار بىزگە بۇ يۇرتنىڭ نامىنىڭ بايسېيىت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يۇرتتا پۈتۇنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغالىقىنى ئېيتىپ بىزنى بايسېيىت مەكتىپىگە زىيارەتكە باشلاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ بىز بايسېيىت مەكتىپىنى زىيارەت قىلدۇق. بىز شۇ چاغدا مەكتەپنىڭ پىشقەدەم مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئەزىز تۇردىيېۋ ئاكا بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچۇراشتۇق. ئەزىز ئاكا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتىشىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان پىشقەدەم ئۇستازلاردىن بىرى ئىكەن. ئەزىز ئاكىنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە ئۇ مەكتەپ بويىچە مۇزىكىدا تالانتى بار ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىن 30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى تاللاپ «ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى» نى قۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئۆگۈتىۋېتىپتۇ. بۇ «ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى» مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا بىزگە ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا ئاھاڭلىرىدىن «تىڭگىرلاڭ» دېگەن پەدىنى ئورۇنلاپ بەردى. مەن ناخشا بىلەن ئورۇنلىغان بۇ دۇتار پەدىسىنى سىن كۆرۇنىشكە ئالغان ئىدىم. مەن ۋە ئايالىم ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىنى زور ئىشتىياق بىلەن كۆرگەن ئىدۇق. 

 

بىز بايسېيىت مەكتىپىگە ۋە ئەزىز ئاكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۇنۇپ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئۆگىتىشى ئۈچۈن تۆككەن مېھنىتگە ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىغىمىزنى بىلدۇردۇق. بىز زىيارىتىمىزنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مەكتەپتىكىلەر بىلەن خوشالاشتۇق ۋە ئەزىز ئاكىغا بىزنىڭ ئۆزىدىن ئايرىم بىر سۆھبەت ئېلىش ئويۇمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتتۇق ھەم مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن شارائىتلىرىنى كۆرۇپ «بىز كەلگۇسىدە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم مۇشۇ قارا كۆز ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆزىنىڭ گۈزەل مۇزىكا سەنئىتى بىلەن ياخشى تەربىيە كۆرۈشىگە ياردەم قىلىمىز ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىمزىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز» دەپ ئۆز كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلدۇق. ئەزىز ئاكا بىزنى كەچتە ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. بىز شۇ كۈنى ئەزىز ئاكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇزىكا ئۆگىتشى ۋە يەرلىك ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا پەدە ۋە ئاھاڭلىرى، ئۇيغۇر مۇقامىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. رەيچېل دۇتارنى ياخشى چالاتتى. بىز سۆھبەتتىن كېيىن مېھمانلار شەرپىگە قۇرۇلغان مەشرەپ سورۇنىغا داخىل بولدۇق. ئەزىز ئاكا بىلەن رەيچېل دۇتار بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرىنى چېلىپ مەشرەپنى قىزىتىۋەتتتى….  بايسېيىت يەتتىسۇغا داڭلىق غۇلجا يولىنىڭ چۆل-جەزىرى ئۈستىگە، چېلەك بازىرى بىلەن ياركەندنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى -جىسمىغا لايىق باغۇ-بوستانلىق، ئەل-يۇرت باياشادچىلىق ئىچىدىكى بىر ئاۋات يۇرت ئىكەن. شۇ قېتىم ۋە تۇنجى قېتىم بىزنىڭ بايسېيىت يېزىسىغا قىلغان زىيارىتىمىز بىزگە ئۈنتۇلغۇسىز بىر خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ مەن ئۈچۈن خۇددىي ئۆزۈم توغۇلۇپ ئۆسكەن ئەمما بېرىپ باقمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى بوستانلىق يۇرتۇمغا بېرىپ، قانغۇچە مېھمان بولۇپ قايتقاندەك تۇيغۇلارغا چۆمەگەن ئىدىم. بىز شۇ ۋاقىتتا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستانغا زىيارەتكە كېلىشىمىزنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت بەرگەن ئىدۇق ۋە بۇ سۆھبەت خاتىرىسى «ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن ئادەم، ئەلۋەتتە ئەتكەن چايغا خۇمار» تېمىسى بىلەن ئۇشبۇ گېزىتىنىڭ 2003- يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدا نەشر قىلىنىپ، بىزنىڭ قازاقىستاندىكى خەلقىمىز بىلەن ئۈچرىشىشىمىز ئۈچۈن ئىمكانلار ياترىلىپ بېرىلگەن ئىدى.

 

 مېنىڭ بايسېيىتقا بۈگۈندىن 15 يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بارغانلىقىم ھەققىدە ئەتراپلىق سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى بولسا گەرچە شۇ ۋاقىتتا ئاردىن 12 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما بىزنىڭ بايسېيىتقا بولغان مۇھەببىتىمىز يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھىچ بىر كونىراپ قالمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مېھرى ئىسسىق كىچىك يۇرت بايسېيىتقا بىز پۈتۈن ئائىلە 2015-يىلى يازدا قايتا كەلدۇق، ئەمما بىز بۇ ۋاقىتتا كەلگەندە، رەيچېل مېنىڭ ئوماق ئىككى قىزمنىڭ ئانىسى ئىدى. دېمەك 2016-يىلى سېنتەبىردە بىز بايسېيىتتە تۇنجى بولۇپ «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نى قۇرۇشىمىزنىڭ ئارقىسىغا مۇشۇنداق ئۇزاق تارىخقا ئىگە دوستلۇق مېھرى ۋە مۇھەببەت ھېكايىلىرى يوشۇرۇنغان.

 

بۇ ھېكايىلەرنى تېخىمۇ ئېنى چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن مەن يەنە گېپىمىزنىڭ بېشىغا قايتىشىم كېرەك. بىز 2003- يىلى بىز بايسېيىتكە قىلغان سەپرىمىزدە جەريانىدا مەن بايسېيىت مەكتىپى «ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى» نىڭ بىزگە كۆرسەتكەن «تىڭگىرلاڭ» ناملىق دۇتتار پەدىسىنىڭ ئەينەن ۋىدىو كۆرۇنىشىنى ئېنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە چۇشەندۇرۇشلەر بېرىپ 2007- يىلى ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ۋە يۇتۇب قانىلىدا (www.youtube.com/watch)  ئېلان قىلغان ئىدىم. 2013- يىلى ئەتيازدا ئۇ ۋىدىونى قايتا فەيىس بۇك تورىدا ئېلان قىلدىم ۋە مەن ئىنكاس قاتارىدا «بايسېيىت مەكتىپىدىكى مۇزىكا ئۇستازى ئەزىز ئاكىنى تونۇيدىغانلار بارمۇ ۋە ئۇ ئاكىمىز ھازىر ھاياتمۇ؟» دەپ سوئال سوراپ، قازاقىستاندىكى مەن تونۇيدىغان بىر قانچە ياشلارنى بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدىم. ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئوتمەي مۇشۇ تېمىدا مەن سورىغان سوئالنىڭ ئاستىغا مۇنداق بىر جاۋاپنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆردۇم «مېنىڭ ئىسمىم كلارا تۇردىيېۋ، مەن سىز سورىغان مۇزىكا ئۇستازى ئەزىز تۇردىيېۋنىڭ كېلىنى بولىمەن، ھەم مەنمۇ شۇ بايسېيىت مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيمەن. قېيىن ئاتام ھازىر پېنسىيەگە چىقتى، ياشىنىپ قالدى….» مەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە زادىلا ئىشەنمەي قالدىم. دەرۋەقە بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھەقىقەتەنمۇ ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەملەر بىر-بىرلىرىنى ياخشى تونۇيدىغان بىر كىچىك مەھەللىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. مەن شۇ كۈنى كەچتە كلارا سىڭلىمىزنىڭ ياردىمىدە ۋىدىئو تېلېفون ئارقىلىق ئەزىز ئاكا بىلەن دىدارلاشتىم. ئېكراندىكى ئەزىز ئاكىنىڭ چاچلىرى ئاقارغان، گەۋدىسى مۈكچەيگەن ئىدى … 

 

بىز ئەزىز ئاكىدىن 2003-يىلى سۆھبەت ئالغاندا سورىغان «سىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ’ئىز’ نامىلىق شېئرى ئاساسىدىكى بۇ ناخشىسىنى مۇڭلۇق ئاھاڭلار بىلەن ئېيتىپ بەردىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەھمەت! سىز ئەمدى بىزگە بۇ ناخشىنى ئېيتىشنى قايەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭىز ھەققىدە گەپ قىلىپ بەرسىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا  ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىغا، ئائىلە تارىخىغا بىرلەشتۇرۇپ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىدى «مېنىڭ ئاتا بوۋىلىرىم قومۇل دىيارىدىن كۆچۇپ بۇ ياقلارغا كەپتىكەن. يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بېشىدىن ئۆتكەن قانلىق كەچمىشلىرى خۇددى ئەشۇ ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى يازغان ’ئىز’ شېئرىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ  قومۇللۇق، مېنىڭ يۇرتۇمدىن، شۇڭا مەن بۇ ناخشىلارنى كاسېتتلاردىن ئاڭلاپ ئۆزۈم ئۆگۈنىۋالغان…» دېگەنلىرى ئېسىمگە كەچتى. توغرا، گەرچە ئاتلار ئورۇق بولسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ باشلىغان بۇ ئۇلۇغ كارۋان يولى كۆمۈلمىگەن ۋە كەلگۈسىدىمۇ تاكى ئۆز نىشانىغا يېتىپ بارمىغۇچە كۆمۈلمەيدۇ چۈنكى ئۇ بۈيۈك بىر ئەلنىڭ، بۈيۈك بىر خەلىقنىڭ ئاتىلىرى بالىلىرىغا قالدۇرغان مىراسلىرىدۇر. بەلكىم مەنمۇ ئەزىز ئاكا ئېيتقاندەك شۇ كارۋان ئىزلىرىنىڭ كۆمۈلمەسلىكى ئۈچۈن بايسېيىتنى چۆگۇلەپ كېتەلمىگەن بولسام كېرەك، ئېھتىمالىم. 

 

شۇنداق قىلىپ بىز شۇ قېتىم ۋىدىئو تېلېفونىدا كۆرۈشۇپ، ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2015- يىلى ئىيۇلدا بىز لوندوندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككى قىزىمىزنى ئېلىپ تۇنجى قېتىم پۇتۇن ئائىلىمىز بويىچە قازاقىستانغا كەلدۇق ۋە ئۇدۇل بايسېيىتكە بېرىپ ئەزىز ئاكا بىلەن قايتا دىدارلاشتۇق. ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ رەھىمسىز ئىدى، ئۇ ئەزىز ئاكىنى بوۋاي قىلىپ قويغان بولسا، مېنى ئەللىك ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر قىلىپ قويغان ئىدى. بىز بىر-بىرىمىز بىلەن ئاتا-بالىدەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. مانا، بىز ئارىدىن 12 ياز ئۆتكەندىن كېيىنكى يازدا قايتا جەم بولدۇق. بۇ ئىككى ئەزىزنىڭ كۆزىدىن خوشاللىق ياشلىرى سىرغىيتتى. شۇ كۈنى كەچە ئەزىز ئاكا دىدارلشقىنىمىزنىڭ خوشاللىقى ھەم بىزنىڭ شەرىپىمىزگە ئاتاپ بايسېيىت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تونۇلغان ئەل-نەغمىچىلەرنى يىغىپ، ئۆيىدە كاتتا مەشرەپ قىلىپ بەردى. ئۇ كۈنى كەچ ئەزىز ئاكىنىڭ ئۆيىدە ھەقىقەتەنمۇ كاتتا بىر تەنتەنە بولۇپ ئۆتكەن ئىدى، ئۇ بولسىمۇ يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۈنتۇلمىغان بىر دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مېھرى ئىدى. ئەزىز ئاكىنىڭ چوڭ نەۋرىسى دىليارمۇ ئالمۇتىدا مۇزىكا مەكتىپىنى پۈتتۇرۇپ، ساتار ۋە تامبۇرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدىغان مۇزىكانتلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. بايسېيىتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپ ۋە سەنئىتىگە ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ ئۆمۈرلۇك مېھنەتلىرىنى سىڭدۇرگەن بۇ ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ ئۆيىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى جاراڭلايتتى… ئايالىم رەيچېل بىلەن ئەزىز ئاكا بىر-بىرلىرى بىلەن بەسلىشىپ چېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرى كىشىنىڭ قەلىب تارىنى چېكەتتى. 

 

بىز بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزدە بايسېيىت يېزىسىدىكى مۇزىكانت زۇفەرجانىڭ تۇققانلىرىنىڭ ۋە قوشنىلارنىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ 5-6 ئۆسمۈرلەرنى يىغىپ ئۆزى ئۆيىدە بالىلارغا دۇتار ۋە ئىسكرىپكا چېلىشنى ئۆگىتىۋاتقانلىغىنى ئاڭلىدۇق. بايسېيىتكە كەلگىنىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى بايسېيىتتىكى بىر رېستۇراندا زۇفەرجاننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىزگە ئۆزلىرى ئۆگەنگەن ناخشا ۋە مۇزىكا نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتتى. بىز رېستۇراندىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئەزىز ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئەزىز ئاكىنىڭ بىردىن بىر ئوغلى بولغان دىلمۇرات ۋە بۇ ئۆينىڭ تەۋەرۈك يالغۇز كېلىنى كلارا خانىم، چوڭ نەۋرىسى دىليار ھەم مۇزىكانت زۇفەرجانلار بىلەن ئەتكەن چاينى ئىسسىقىدا ئىچكەچ، بىزنىڭ بايسېيىتتىكى بۇ بالىلارنى مۇزىكا بىلەن تەربىيىلەش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئويۇمىزنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ ئويۇمىزنى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. دىمىسىمۇ بايسېيىت يېزىسىدا ئەزىز ئاكىدەك پىشقەدەم مۇزىكا ئۇستازلىرى، زۇفەرجان ۋە دىلياردەك تالانتلىق مۇزىكانتلار تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايسېيىتنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇر چالغۇللىرىنى چېلىشنى ئۈگىتەلەيدىغان مۇزىكا ئۇستازلىرىدىندۇر. ئۇلار بىزنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا خۇسۇسىي مۇزىكا سىنىپى قۇرۇش تەكلىپىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەمنۇنىيەتلىك بىلەن، ئەگەر بىز مۇشۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، جان پىدالىق بىلەن بالىلارنى مۇنتىزىم مۇزىكا بىلەن تەربىيەلەشكە ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشلىك ھەسىسىنى قوشىدىغانلىقىلىرىنى بىلدۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ بىز ئەزىز ئاكىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بايسېيىت يېزىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىنى خەلقىمىزنىڭ مۇزىكىلىرى بىلەن تەربىيەلەيدىغان بىر سىنىپ ئېچىشقا كېلىشتۇق ئەمما تەبئىيكى «ئۆيدىكى ئۆلچەمنىڭ تالاغا ماس كېلىشى» شەرت ئىدى. بىز بۇ پلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال پۇل تېپىشىمىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزنى قوللايدىغان خەلقارالىق چوڭ تەشكىلاتلار ياكى ھىچ بولمىغاندا پۇل چىقىرالايدىغان بىرەر ساخاۋەتچى بايلارنى تېپىشىمىز، ئۇلارغا ئىلتىماس قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۇرۇش، ۋە شۇنىڭدەك قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە بەلگىللىمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا قانۇنىي سالاھىيەت بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۇر ئىدى.

 

بىز شۇ يىلى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر رايونى، يەركەنت ۋە ياركەنتنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئىتى بويىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىمىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتۇرۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆلدە بىر ھەپتە ئارام ئالغاندىن كېيىن لوندونغا قايتىپ كەتتۇق. 

 

بىز لوندونغا قايتقاندىن كېيىن مۇزىكا مەكتىپى ئېچىشنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە جاپالىق بىر جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى باش شىتابى جەنۋەگە جايلاشقان، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەقىياتىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئاگاخان مەدەنىيەت فوندىنىڭ قوللىشىغا ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتۇق. بىز شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستاندىكى مەكتەپنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتە قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىغىنى ئىستىگەن بولساقمۇ نەتىجىسى بىز كۈتكەندەك بولمىدى. كېيىن مەن سىڭلىمىز نادىرە ئۆمەروۋا ئارقىلىق «ئىنايەت» مائارىپ فوندىنىڭ رەئىسى مەرھۇم تۇرغان ئىمىنوۋىچ ئاكا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىش ئاساسىدا بۇ مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشقا كېلىشتۇق ئەمما تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى تۇرغان ئاكىمىزنىڭ ئۆمىرىنى قىسقا قىلىپ قويدى، شۇ سۆھبەتلىرىمىز بولۇپ، ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، بىزنىڭ بۇ ئەلسۆيەر، مەرىپەتۋەر مۆھتەرەم ئاكىمىز ھەممىمىزنى مۇسىبەتكە قالدۇرۇپ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالدى. ئاخىرىدا بىز ئۆزىمىگە تايىنىپ، ئادۋۇكات ئارقىلىق كۆپ تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ دىلمۇرات ۋە كلارانىڭ ھارماي-تالماي مەكتەنىڭ قازاقىستاندىكى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى ئۈچۈن يول مېڭىشلىرى بىلەن تەلەپ قىلىنغان بارلىق رەسمىيەتلەر پۈتۇپ، 2016- يىلى ماي ئېيىدا رەسمى «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن مۇزىكا مەكتىپىنى بايسېيىتتا قۇرۇپ چىقتۇق. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا دىلمۇرات، زۇفەجان، دىليار قاتارلىق بىر گۈرۈپ بايسېيىتتىنىڭ يىگىتلىرىنى مەكتەپنىڭ 30 ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كېرەكلىك بولغان بىر يۇرۇش چالغۇ ئەسۋاپ ۋە كېيىم- كېچەكلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۈرۈمچىدىن ھەممە نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شۇ يىلى يەنى 2016-يىلى سېنتەبىردە بايسېيىتتىكى «ئەزىز كافىسى» دە مەكتەپنىڭ رەسمىي ئوقۇشنى باشلاشقا مۇۋەققەت بولدۇق. بۇ خوش -خەۋەر شۇ ۋاقىتتا تارقالغاندىن كېيىن، ۋاشىڭگتوندىكى ئەركن ئاسىيا رادئىوسى 2016-يلى 4-نويابىر  كۈنى «قازاقىستاندا ’يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى’  قۇرۇلدى» ناملىق مەخسۇس خەۋەر تارقىتىدۇ: www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/yettesu-mektipi04-11-2016

 

مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتىشى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئېچىلغان بۇ كۇرسىغا 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاز-تولا سەنئەت تالانتى بار دەپ قارالغان 50 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى تەربىلەشكە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرىسكە مەكتىپىدىكى كۈندىلىك نورمال ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن كېلەتتى. مەكتەپنىڭ دەرسىنى ھەر ھەپتىگە 4 سائەت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككى كۈندە 2 سائەتتىن دەرىس بېرىلەتتى. ئوقۇغۇچىلار دۇتار، تامبۇر، ساتار، داپ ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق گۈرۇپىلىرىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە سەنئىتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۈكسەك ئىدى. مەن شۇ يىلى يەنى 2016- يىلى نويابىرنىڭ 11-كۈنى قازاقىستانغا كېلىپ، مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۇرۇش ۋە  مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەسىلىلەرنى ھە قىلىش ئۈچۈن بايسېيىت يېزىسىغا كەلدىم. مەن مەكتەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۇرسانتلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ گۈزەل مىللىي سەنئەت كىيىملىرى بىلەن مۇڭلۇق مۇقام مۇزىكىلرىنى سەھنىدە ئىشتىياق بىلەن چېلىۋاتقان قارا كۆز پەرزەنتلىرىمىزنى كۆرگىنىمدە، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ سىڭدۇرگەن مېھنىتىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىزىقىپ ئۆگەنگنلىكىگە ئاپرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم. بۇ ئەلبەتتە، بىز ھەممىمىزنىڭ ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان سىڭدۇرگەن ئەجىرىمىزنىڭ كوللېكتىپ ئېرىشكەن مىۋىسى ئىدى. شۇ دەقىقىلەردە بۇ بالىلىرىمىز ئەمدى ئۇيغۇرلۇق بىلەن، ئۇيغۇرنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتىنى سۆيۈپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلىسام، بىز ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشىمىز ئۈچۈن ئىچ -ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىۋاتاتتىم. قىسقىسى بايسېيىت يېزىسىغا قۇرۇلغان بۇ مەكتىپىمىز پۈتكۈل يېزىغا، بولۇپمۇ سەبىيلەرنىڭ قەلىبلىرىگە يېڭىچە بىر كەيپىيات، يېڭچە بىر مىللىي روھ  ۋە يېڭىچە بىر مەنىۋىي ھاياتى كۈچلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئەركن ئاسىيا رادئىوسى 2016-يلى 15-نويابىر كۈنى «قازاقىستان يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى كونسېرتىنى ئۆتكۈزدى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس خەۋەر ئىشلەيدۇ: www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qazaqistan-uyghur-mektep15-11-2016

 

2. لوندوندا ئۆزىڭىز قانداق خىزمەت ئېلىپ بارىسىز؟ 

 

مەن لوندونغا 2001- يىلى كەلگەندىن كېيىن 8 يىل ئېنگلىز تىلى ۋە كەسىپ بويىچە ئوقۇدۇم. ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇشۇمنى كومپۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تور لاھىيلەش كەسپى بويىچە لوندون ئۇنۋېرسىتىتى Birkbeck ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان لوندوندا كومپىيتېر -ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ كەلدىم. 2012-يىلىدىن بۇيان لوندون ئۇنىۋرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تارمىقىدا قۇرۇلغان «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز» (www.soundislamchina.org) ناملىق تەتقىقات تۇرىدە تور باشقۇرغۇچى ۋە ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن بۇ خىزمىتىمدىن باشقا يەنە خالىس ھالدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى (www.uyghurensemble.co.uk) بىلەن خەلقارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ (www.uyghurpen.org) خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. 

 

3. بىز سىزنى بىر يازغۇچى سۈپىتىدە قانداق تونۇيمىز؟

 

توغرا، خەلقىمىز مېنى بۇرۇن بىر سەنئەت سۆيەر پائالىيەتچى سۈپىتىدە يەنى لوندوندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇزىكا گۈرۇپپىسى «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى دەپلا تونۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە مېنى بىر سەنئەت سۆيەر پائالىيەتچى ياكى بىر ئىجاتكار سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى سۈپىتىدە «ئەلكۈن» (www.azizisa.org) دېگەن قەلەم ئىسمىم بىلەن يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان غەرىب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇقلىرىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە مەن ئۆزۈم تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمايى، مەدەنىي ۋە تارىخىي ساھەلىرى بويىچە يازغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىم بىلەن ۋە شۇنڭدەك ۋەتەننى سېغنىپ يازغان لىرىكىلىرىم، ھېكايىلىرىم ھەم شىېئرلىرىم قاتارلىق ئەمگەك مىۋىلىرىم ئارقىلىق تونۇپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مېنىڭ مۇھاجىرەتتە تۇنجى نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ئەمگىكلىرىمنىڭ بىرى بولغان «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ناملىق كىتابىم 2011- يىلى شىۋىتسىيىدە خەلقارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى نامىدىن نەشىر قىلىنغاندىن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولدۇم. 

 

مەن ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ھەققىدە توختالسام، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يەنى 1985- يىلى تۇنجى قېتىم ئانا ۋەتىنىمىزدىكى «ئاقسۇ گېزىتى» دە خەۋەر ئېلان قىلغىنىمدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر مەيلى مەن قەيەردە بولماي، مەيلى مەن ۋەتىنىمدىن ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇردىغان يىراق ئەللەردە ياشىماي، تەڭرىمىزنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان قەلىمنى ھىچ بىر زامان تاشلىمىدىم. ۋەتەندىن ئۇزاق مۇساپىرلىقتا ئۆتكەن بۇ 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان پەقەت ۋە پەقەت مەيلى مەن كۈلەي، مەيلى مەن يىغلاي، قەلىمىم ھەر ۋاقىت ماڭا قەلىبداش، سىرداش، سەبدش بولۇپ كەلدى. يىللارنىڭ ھەسىرەتلىرى، ھىجىراننىڭ سوۋغا قىلغان سېغنىشلىرى مۇشۇ قەلىم بىلەن ئۆز دەردىنى تۆكتى! شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن يېزىشنى توختاتمىدىم، ۋە يېزىپ تۇرغىنىم ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشىپ كېلەلىدىم.  

 

4. سىزنىڭ ھازىرغىچە قانداق كىتاپ ۋە ئەسەرلىرىڭىز نەشر قىلىندى؟

 

مەن يوقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، مېنىڭ تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كىتابىمنىڭ ئىسمى: «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە». بۇ كىتابىم 2011- يىلى شىۋىتسىيەدە نەشىر قىلىنغان. كىتاپنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئىنتېرنېت تورىدىن ئوقۇغىلى بولىدۇ.  

 

www.uyghurensemble.co.uk/shop/Books/Donay_Deryasidin_Orxun_Boylirighiche_Aziz_Isa.pdf

 

مېنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى كۆپ ساندىكى كىتاپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىم ئاساسەن دېگۈدەك ئىنتېرنېتتتا ئېلكىتاپ شەكلىدە نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە.

 

مەن ھازىرغىچە يازغان بارلىق ئىلىمى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىمنى تۆۋەندىكى ئاساسەن تۆت ساھەگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇلار: 

 

1.ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائى، مەدەنىي، سىياسىي، دىنىي ۋە تارىخىي ساھالىرى بويىچە يازغان ئىلمىي تەتقىقات تېمىلىرى.

2. ئەدەبىي ئىجادىيەت – ھېكايە، ئوچېرىك، ئوبزور، ئەدەبىي خاتىرىلەر، نەسرىي ۋە شېئىرى ئەسەرلەر.

3.تەرجىمە ئەسەرلەر – ئېگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا، ئۇيغۇرچىدىن ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان تۈرلۈك ژىئانېرلاردىكى ئەرسەرلەر ۋە شېئىرلار.

4.ئېنگلىزچە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ۋە شېئىرلار. 

 

مېنىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىق بولغان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمايى، مەدەنىي، دىنىي ۋە تارىخىي ساھالىرى بويىچە يازغان بىر قىسىم كىتاپ ۋە ماقالىلىرىمنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە (ئەسەر ئىسمى تور ئۇلنىشى قىلىپ بىرىلدى. ئۇلنىشنى چەكسىڭىز شۇ ماقالە ياكى ئەسەرلەرنى توردىن ئوقۇيالايسىز):

 

1-داخاودىكى ناۋايخانا (2018)

2-ئىنگىلىز ياشىغان كوچىدا (2018)

3-بىر بوتۇلكا سۇ (2017)

4-ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار (2017-يىلى) 

5-ئەقىلفون ئارقىلىق ئىسلاملىشىش: ئۇيغۇر ئىجتىمايى ئالاقە تورىنىڭ ئۆزگۇرىشىگە نەزەر (2014)

6- تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (2015)

7- «زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار(2015)

8-قىتەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي-سەنۇبەر تۇرسۇن (2014)

9-يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 1960-يىلى نەشر قىلىنغان كىتاپ ھەققىدە (2013-يىلى)

10-ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمىي نەزەر (2011-يىلى)

11-نەزىرگە چاقىرىق: ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تورىغا نەزەر (2011-يىلى، ئېنگىلىزچە)

12-دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە (2011)

13-ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە (2011)

14-لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى (2008-يىلى)

 

مەن شېئىرىيەتكە بالىلىقىمدىن باشلاپا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ھازىرغىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرىم نەشر قىلنىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرىم ئېنگلىز تىلىغا تەجىمە قىلىندى ياكى ئېنگىلىزچە يېزىلدى. شېئىر ئەسەرلىرىمنى  ئىنتېرنېت ئۈلنىشىدىن ئوقۇغىلى بولىدۇ:

 

www.azizisa.org/category/elkun-sheirliri

 

مېنىڭ ھېكايە، نەسىر ۋە باشقا تۈرلۈك ژىئانېردىكى ئەسەرلىرىمنى تۆۋەندىكى ئېنتېرنېت ئۇلنىشلىرىدىن ئوقۇيالايسىز: 

 

www.azizisa.org/category/elkun-yazmilliri

www.azizisa.org/category/elkun-hekayiliri

www.azizisa.org/category/elkun-maqalilir

www.uyghurensemble.co.uk/uy/?cat=97

https://elkitab.org/tag/aziz_isa_elkun

 

5. قازاقستاندا لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلىۋاتىدۇ. سىز بۇ يېزىق كۆچۈش ئىشلىرىغا قانداق قارايسىز؟ ھازىر دۇنىيا ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار لاتىن يېزىقىنىڭ قايسى لاھىيىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ؟ 

 

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازاق ئېلىدا رەسمىي ئېنگىلىز يېزىقى ئېلىببەسىنى ئاساس قىلغان لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش قارارىنى ئاڭلاپ بىز خوش بولدۇق. چۈنكى ئەگەر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مۇشۇ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئىشىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ۋە ئۆگىنپ، بىر پۈتۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن يېزىق ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنىڭ بۇ قېتىم ئەمەلگە ئېشىشىغا بارلىق زېھنىنى ۋە كۈچىنى چىقىرىدۇ دېگەن ئۈمدتىمىز. زامانىمىزدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە كىرىشگە باشلىغاندىن بۇيان خەلقىمىز ئەسىرلەردىن مابەينىدە قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋانجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئۇچۇر تېخنىكىلىرىدا قولايلىق يارتىش، ھەم ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى يېزىشنى بىلمەيدىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئالقىلىشىشقا قولايلىق يارتىش ۋە شۇنداقلا ئېنگىلىز ياكى خىتاي تىلى تەلەپپۇزىدىكى لاتىن يېزىقىنىڭ ياشلىرىمىز ئارىسىدا قالايماققان ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىككە كەلتۇرۇلگەن ئېنگىلىز يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش، ئۇنى كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق قۇرۇلمىسى ھەم ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا تۇزۇپ چىقىش قاتارلى خىزمەتلەرنى ئۈرۈمچىدىكى شنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىلشۇناس ۋە كومپىيۇتېر مۇتىخەسىسلىرى 1990- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ جەريانلاردا تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋە باشقا توسقۇنلۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2006-شىنجاڭ يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتىنىڭ رەسمى تەستىقلىشى بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) تۇنجى قېتىم ئانا ۋەتىنىمىزدە بىرلىككە كەلتۇرۇلگەن ۋە شۇنىڭدىن بۇيان 12 مىلليۇن ئۇيغۇر خەلقى ۋە غەرب مەمىلكەتلىرىدە ياشاۋاتقان نەچچە ئون مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ بىرلىككە كەلگەن، ئالدى-كەينى بولۇپ 20 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» نى قوللۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. مانا شۇ ۋەجىدىن مەن شەخسەن قازاقىستان جۈمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيە مەركىزىنىڭ قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى تاللىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىگە كەمدىن كەم كېلىدىغان بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدىكى يېزىق بىرلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تارىختا مەڭگۇ ئىزى ئۆچمەيدىغان بىر توھپە قوشۇشىغا چىن يۈركىمدىن تىلەكداشمەن. 

 

دېمەك، ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۇل غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتىنىمىزدە 2006-يىلى ئومۇمىي يۈزلۇك بىرلىككە كەلگەن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى -ULY» نى قوللۇنىدۇ.  مەن ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ جېنىم بولسا، يېزىقى تېنىمدۇر، دۇنياۋىي بىرلىككە كەلگەن يېزىق ئىشلىتىش بولسا مېنىڭ ھەر يەرگە بىمالار يۇرەلەيدىغان ئىككى پۇتۇمدۇر. مەن قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش قارارىنى ئاڭلىغاندىن بۇيان، قازاقىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قازاق خەلقى بىلەن تەڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، مەقسەت، ياردىمىمىزنى يەتكۈزۈشدۇر. 

 

مەن «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ 2017- يىللىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستانغا بارغان ئىدىم. بايسېيىت ۋە غەيرەت يېزىلىرىدا مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى تۈگۈتۇپ، ئالمۇتىغا قايتىپ كېلىپلا ئۇيغۇر مەدەنىيە مەركىزىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم. مەن شۇ يىغىندا 30 كىشلىك «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مۇتىخەسىسلەر كومىسسىيىسى» قۇرۇلغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. مەن قازاقىستانغا بۇ قېتىم سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنلا قازاقىستاندىكى تىلشۇناس ۋە مەدەنىيەشۇناس زىيالىيلىرىمىزغا ياردەمدە بولۇش، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ئارقىلىق قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن دۇنياۋىي ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا مۇۋاپىقىيەتلىك كۆچۈشىگە يار-يۆلەك بولۇشنىڭ ئۇنۇملۇك ئالاقىلىشىش يوللىرىنى ئىستىگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن Whatsup ئىجتىمائى ئالاقە تورى ئارقىلىق «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات» توپىنى قۇرۇپ چىقتىم. مەن بۇ توپ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىم ۋە مۇتىخەسىسلەنى، ئەدىب ۋە زىيالىلارىنى بىر يەرگە يىغدىم، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچشى ئۈچۈن بىر قانچە «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لاھىيىسى» نىڭ ھاىزرلىنىشىغا ۋە بۇ ھەقتە پايدىلىق بولغان ئىلمىي مۇنازىرلەرنى ئېلىپ بېرىشغا تۈرۈتكە بولدۇم. 

 

مەن بۇ نۆۋەت ئالمۇتىغا كەلگەندىن كېيىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئىشىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوللۇنۇشنىڭ كۈچلۇك تەشەببۇسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تىلشۇناس ئالىملىرىمىزدىن ئارسىلان رازىىيۋ، ئالىمجان تىلىۋالدى ۋە دىلنۇر قاسىموۋا بىلەن، ھەم شۇ قاتاردا يازغۇچى ۋە ئەدىپىمىزدىن ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ پرېزىدېنتى خەمىد ھەمرايېۋ ۋە ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ ئالمۇتىدىكى كۆپلىگەن ئەزالىرىدىن ئاتاغلىق رەسسام ھاكىمجان غېنىيېۋ، ھاشىمجان قۇربان، كۈرەش زۇلپىقاروۋ، ھەدىيە خانىم، مىر نەشىرىياتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ساھىبى ئەلشىر ئەپەندى، ياش شائىرلىرىمىز قاتاردىن ۋىليام مولوتوۋ، ئابدۇلجان ئازانباقىيېۋ قاتارلىق قېرىنداشلىرمىز بىلەن ئايرىم ۋە كوللىكتىپ ھالدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن لاتىن يېزىقى لاھىيەسىنى قوللاش ۋە پەن كىلابنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەردە بولدۇم ۋە ھەممىمە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاق بىر تونۇشقا كەلدۇق. ئۇيغۇر مەدەنىيە مەركىزىنىڭ يىغىنىدا كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مۇتىخەسىسلەر كومىسسىيىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدىن مەمنۇن بولدۇم چۈنكى بۇ كومىسسىيىدىن ئورۇن ئالغان كۆپ سانلىق زىيالى ۋە ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنى مەن ياخشى تونۇيتتۇم. شۇندا قىلىپ بىز بۇ تېمىدا ھازىرغىچە داۋاملىق ئاكتىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. قىسقىسى بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشدۇر. بۇ ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشسا، بىر تىل، بىر دىل ۋە بىر مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان خەلقىمىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسۇن، ئوخشاش بولغان بىر يېزىقتا خەت يىزىپ ئالاقىلىشالايدۇ، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى-مەدەنىيەت، ئاخباراتچىلىق ۋە نەشرياتچىلىق ئىشلىرى زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش مەنبەلىرى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. بۇ كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مىللىي مائارىپىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بېسىلىدىغان ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەمدۇر. 

 

6. سىز «خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى» ىنىڭ ئىجىرائىيە كۆمىتېت رەئىسى . سىزچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنىياغا تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈنۈملۇك ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟

 

مەن بۇ سوئالىڭىزغا ئۇدۇل جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋال چۈشىنشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن گېپىمنى ئۆزۈمنىڭ خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىگە (ئۇيغۇر پەن كلۇب)  ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋاقتىم بىلەن باشلاي. مەن 2010-يىلى  پەن كلۇبقا ئەزا بولۇپ كىردم. 2011- يىلى ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ ئىنتېرنېت تورىنى قۇرۇپ چىقتىم ۋە ئۇنى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆزۈم باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمەن (www.uyghurpen.org). 

 

مەن 2012-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئىمىي كومېتىت ئىدرارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە يازغچىلارنىڭ ھوقوقىنى قوغداش بۆلۇمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلىدم. ئەلبەتتە، بۇ خىزمەتلىرىمىز داۋمىدا بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مېھنەتلەر سىڭدۇردۇق. بىز ھازىرغىچە ئاتاغلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھاممەد ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسىنى 20 دىن ئارتۇق دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇق ۋە بۇ ھېكايە ھازىرغىچە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاۋىسترالىيەدە كۆچمەن بولۇپ ياشۋاتقان سۆيۈنگۈل ھەدىمىزنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگە زېمىن» ناملىق بىئوگرافىك رومانىنى پەن كلۇبنىڭ ھازىرقى يازغۇچلارنى ھوقوقىنى قوغداش بۆلۇمىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە خانىم ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇتتۇردى ۋە ئېنگىلىز پەن كلۇبنىڭ «2017-يىللىق نادىر تەرجىمە نەشر مۇكاپات» غا ئېرىشتى، بۇ كىتاپ پات يېقىندا لوندوندا نەشردىن چىقىدۇ. جۈملىدىن، مېنىڭ ئۆتكەن يىلى ئائىلىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن راست ئىشلار خاتىرىسىگە ئاساسەن يازغان «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھېكايە پۈتكۈل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە  ھاياتى تەسۋۇر قىلىنغان، دەۋىر رئىالىزىم پروزىچىلىقىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە دۇنيا ئىنتېرنېت تور ئەدەبىياتىغا كىرىپ كەلدى. بۇ ھېكايە بۈگۈنگىچە ئېنگىلىزچە، روسچە، گېرمناچە، ياپونچە، خىتايچە، ئەرەبچە،  ھىندى قاتارلىق 30 تىن ئارتۇق  دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تور دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەت ئ‍وقۇرمەنلەرىنىڭ  قىزىقىشنى قوزغاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا خەلىقلىرىگە تونۇلۇشىدا ئۆزنىڭ تېگىشلىك رولىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. 

 

ئۇيغۇرچە: www.uyghurensemble.co.uk/uy/?p=4501

ئىنگىلىزچە: www.uyghurensemble.co.uk/en/?p=642 

خىتايچە: www.uyghurensemble.co.uk/en/?p=688

روسچە: www.uyghurensemble.co.uk/en/?p=696

 

ئۇيغۇر پەن كلۇبى 2006-يىلى قۇرۇلغان ۋە باش شىتابى لوندونغا جايلاشقان، دۇنيا بويىچە 140 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئەزا بولۇپ قاتناشقان بىر خەلقئارالىق يازغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ ئەزاسىدۇر. بىز بۇ خەلقئارالىق ئائىلىدە ئوخشاش رايون جۇغراپىيىسىدىكى پەن كلۇب مەركەزلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنۇتۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇ خىزمەتلىرىمىز نەتىجىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ يىتەكچىلىكىدە «ئۇرال-ئالتاي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە ئەللەر يازغۇچىلىرى بىرلىكى» ناملىق رايونلۇق پەن بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىپ، قېرىنداش ۋە بىر تىل ئائىلىسىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئەدەبىيات، تىل ۋە باشقا مەۋجۇت مىللىي مەسىلىلەنى ھەل قىلىش بويىچە ھەمكالىق ئورنۇتۇپ، تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى پائالىيەتلىرىمىزنى 2011-يىلىدىن بۇيان قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ خزمەتلىرىمىزمۇ ئەلبەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلۇشىدا ئىجابىي رول ئويناۋاتىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىز يىتەرلىك بولسىمۇ بىز دۇنياۋىي ئۇيغۇر يازغۇچىلىنىڭ بىر كلۇبى بولۇش سالاھىتىمىز بىلەن خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ خىزمەتلىرىمىزنى داۋام قىلىۋاتىمىز. پرېزىدېنتىمىز خەمىد ھەمرايېۋ ۋە ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ قازاقىستاندىكى بارلىق ئەزلىرىنىڭ ئورتاق كۇچ چىقىرىش بىلەن كلۇبىمىزنىڭ ئىشلىرىنى كۈنسايىن ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەقسىدى ئۇيغۇرخەلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشدۇر. مەن 2017- يىلى شىۋىتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھەر مالمودا ئۆتكۇزۇلگەن يىغىندا ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ ئىجرائىيە كوممېتىت رەئىسى بولۇپ سايلاندىم ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر پەن كلۇبنىڭ خىزمەتلىرىنى جاللاندۇرۇش ئۈچۈن خەمىد ھەمرايېۋ بىلەن بىللە ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز.

 

7. ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ھەققىدە ئېيتىپ بەرسىڭىز؟

 

مەن ئۆزۈمنى تارىم ئوغلى دىسەممۇ بولىدۇ چۈنكى قەدىمىي تارىم ئۆزىنىڭ تىلسىم قوينىدا مېنى ئەللەي ئەتكەن بولسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۆلمەس روھلىرى ماڭا ئۆزىنىڭ شانلىق كەچمىشلىرىدىن رىۋايەتلەر ئېيتىپ بىرىپ مېنى چوڭ قىلغان ئىدى. مەن ئەشۇ تارىم بويىدىكى شاھلىق يۇرت شاھيار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى يېزىسى يېڭىچىمەن كەنتىدە 1970-يىلى توغۇلغان. مەن تاكى 18 ياشقا كىرگىچە بۇ ساپ ئۇيغۇر يۇرتىدا تەربىيەلىنىپ چوڭ بولدۇ. 1991- يىلى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى» نىڭ رۇس ۋە خىتاي تىللىرى كەسپىنى پۈتتۇردۇم. كېين ھۆكۈمەت خىزمىتگە تەقسىم قىلىندىم ۋە ئۇ يەردە يېرىم يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك خىزمىتىمدىن بوشتۇلدۇم. كېيىنكى يىللاردا ئۆز ۋەتىنىمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم . 1999- يىلى بىشكەكتە بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخىن شەھرىگە كۆچمەن بولۇپ كەلدىم. 2001-يىلى ئېنگىلىزچە ئۆگىنش مەقسىتىدە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھرىگە كەلدىم ۋە بىر قانچە يىلدىن كېيىن بۇ شەھەردە توي قىلىپ يەرلىشىپ قالدىم. مەن 2004- يىلى ئايالىم رەيچېل، (ئاپام قويۇپ قويغان ئۇيغۇرچە ئىسمى راھىلە) بىلەن توي قىلدىم. ئايالىم لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا پروففېسسور بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ نورمال خىزمەتتىن سىرىتقى بارلىق ۋاقتىمىز، زېھنىمىز ۋە كۈچىمىز ئۇيغۇر خەلقىگە خىزمەت قىلىشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى تەقىق قىلىشقا تەقدىم قىلىنغان. بىز مۇشۇ ئىرادە ۋە نىشانىمىز بىلەن ئۆتكەنكى 15 يىلدىن بىرگە ياشاپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۇچ قىز پەرزەنتىمىز بار، ئۇلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىمىسۇن، ئۆزنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىگە ئېلىپ ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇچ مەلىكىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ قويدۇق. چوڭ قىزىمىزنىڭ ئىسمى نەفىسە، ئۇ ھازىر ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئوتتۇانچى قىزىمىزنىڭ ئىسمى لەيلىگۈل، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئەڭ كىچىك قىزىمىزنىڭ ئىسمى سەنەمجان، ئۇ كېلەر يىل باشلانغۇچنى پۈتتۈرىدۇ. چوڭ قىزىم ۋەتەندە توغۇلغان، قالغان ئىككى قىزىلىرىم لوندوندا توغۇلۇپ چوڭ بولدى.

 

8. سۆھبىتىمىزنى قايتىدىن سەنئەتكە يۆتكىسەك- «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

 

– «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە، مەھەللە ۋە چەت -ياقا يۇرتلاردىكى شەرت -شارائىتلىرى يىتەرلىك بولمىغان ياكى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر چالغۇ -ئەسۋابلىرىنى چېلىپ ئۆگنىشتىن مەھرۇم قېلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىنش پۇرسەتلەرنى يارتىپ بېرىشدۇر. بۇ ئارقىلىق شۇ يۇرتلاردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى قەدىرلەيدىغان، كېلىجەكتە ئۇيغۇر مەدەنىيە-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلالايدىغان تانلاتلىق ئەۋلاتلارنىىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوششدۇر. بىز 2016-يىلى مەكتپىمىزنىڭ تۇنجى قارارلىق كۇرسىنى بايسېيىتتا ئاچقاندىن كېيىن، شۇ يۇرتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋتلىشىگە ئېرىشتۇق. بىز بايسېيىتتا بىر مەۋسۇم مۇزىكا ۋە ئۇسۇل بويىچە 50 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىدۇق. 2017-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ مەكتەپنىڭ قازاقىستاندىكى مەسئۇلى دىلمۇرات تۇردىيېۋنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، شۇنداقلا غەيرەت ئوتتۇرا مەكىپىنىڭ مۇدىرى ھەزىمجان، ۋە ھاكىملارنىڭ تەكلىپى ھەم قىزغىن قوللىشى بىلەن غەيرەت يېزىسىدا «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا» مەكتىپىنىڭ 2- قارارلىق كۇرسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك باشلىدۇق ۋە ئۇنى نەتىجىلىك تاماملاپ، مانا ھازىر  2018-يىللىق ئوقۇشىنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتىمىز. غەيرەت مەكتىپىدىكى مۇزىكا كۇرسىدا ھازىر 30 نەپەر ئۇيغۇر، 10 نەپەر قازاق ۋە باشقا مىللەت ئۆسمۈرلىرى ئوقۇيدۇ. بۇ كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بېرىش ئۈچۈن ئالمۇتىدىكى «نۇر ئانسامبىلى» نىڭ تالانتلىق 2 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنى، ۋە يەرلىك بىر قازاق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلدۇق. ھازىر كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلار تەمبۇر، دۇتار، ساتار ۋە دۇمبۇرا قاتارلىق 4 گۇرۇپپىغا بۆلۇنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يوقۇرى. مەن ئۆتكەن يىل نويابىردا غەيرەت يېزىسىغا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۇردۇم. غەيرەت يېزىسى چەت-ياقا يېزا بولىشىغا قارىماي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقى كۈچلۇك ئىكەن. مېنىڭ شۇ قېتىم غەيرەت يېزىسىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىم ھەققىدە ئەركن ئاسىيا رادئىوسى 2017-يلى 20 -نويابىر كۈنى «’يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى’ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز مۇزىكا مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلىنىشىگە ئاساس سالماقتا» دېگەن تېمىدا خەۋەر بېرىدۇ.

www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/yettisu-muzika-mektipi20-11-2017


ئەلبەتتە، مەن «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ مەسئۇلى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، بىز بارلىق ئىمكانىمىز بىلەن غەيرت يېزا مەكتىپىدىكى بۇ سەنئەت كۇرسىنى بىر قانچە يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. غەيرەت يېزىسىدىكى ئۆسمۇرلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ھەممىدىن كۆپ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى مەن شۇ قېتىمقى سەپرىمدە تونۇپ يەتتىم. مەن بۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئۆتكەن يىل مېنى غەيرەتتە قىزغىن كۈتۇۋالغان، بىز بىلەن ئۈنۇملۇك ھەمكارلىشىپ، خىزمەتلىرىمىزنى قوللاپ بەرگەن غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھەزىمجانغا، مەن بىلەن بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بارغان ئىنىمىز سىزگە (ئابدۇلجان ئازانبقىيېۋ) ۋە مەكتەپتىكى بارلىق ئۇستاسلارغا مىننەتدارلىغىمنى بىلدۇرىمەن. 

 

مەن ئوقۇغۇچىلارنڭ تىرىشچانلىقىدىن، ھەم مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇستازلارنىڭ سىڭدۇرگەن مېھنەتلىرىدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم. غەيرەت يېزا مەكتىپىدە تىرىشچانلىقىمىز بەدىلىگە ئېچىلغان بۇ مۇزىكا كۇرسىنىڭ مەزكۇر يېزىدىكى بالىلارغا خوشاللىق، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد ئاتا قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ باي ۋە گۈزەل مىللىي مەدەنىيەت -سەنئىتىگە بولغان مېھرى-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ ئۆسىشىنى تىلەيمەن.

 

 9. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئۆزىنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە سىز قانداق پىكىرلەرنى بېرىسىز؟

 

بۈگۈن پەن-تېخنىكا ۋە ئۈچۈر ئالاقلىلىرىنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ئارلىقى كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ خۇددى بىر مەھەللىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. دۇنيادا مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارسىدكى مەدەنىيە ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۇنيا يېڭىدىن بىر بىرگەۋدىلىشىش (Globolization) دەۋرىگە كىرىۋاتىدۇ. ئەلبەتتە، مۇنداق بىر دەۋىر- مۇستەقىل دۆلىتى يوق مىللەتلەر ئۈچۈن كۆپلىگەن پايدىسىز ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىتلارنى يارتىپ قويىدۇ. ھازىر يۇقۇرى پەن-تېخنىكا، يوقۇرى ئۈنۈملىك مائارىپ ۋە ئەقىل كۈچلىرى بىلەن بىر دۆلەتنىڭ ساپاسى ئۆلچىلىنىدۇ.

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارسىدا پەرىقلەر تىزدىن يوقۇلۇۋاتقان بۇ رەقەم دەۋرىدە بىر مىللەت ئۆزنىڭ ئانا تىلى، مىللىي كىملىكى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق ئۆزلىرى ياراتقان ۋە  ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن تەۋە بولغان مىللىي ۋە ئىرقىي ئالاھىدىلىكلىرىگەۋارىسلىق قىلىش  بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتا تەھدىتكە ئۇچىرسا، ئۇ مىللەت توپلۇقى چوقۇم مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشنى شەرت قىلغان ھالدا، ھەر ۋاقىت زامان ۋە ماكانغا ماس كېلىدىغا يول تۇتۇپ، ئۆزىنى ئۆزلۇكسىز ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇشى، ياشاش رىقابىتىگە دادىللىق بىلەن چۈشىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزنى كۈچلەندۇرۇپ، ھاياتلىقىنىڭ مۇستەھكەم يوللىرىن ئېچىشى زۆرۇر.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىز مىللەت دەۋىر رىقابىتىدىن شاللىنىش خەۋپىگە يۈزلىنىش ئېھتىماللىقىنى سەزگەن ھامان ئۆزىنىنىڭ مەۋجۇت مىللىي مىراسلىرىغا، ھاياتىنىڭ قېلىپلىشىپ كەتكەن ئەنئەنە ئەندىزىلىرىگە توغرا ۋە ئىملىي ئۇسۇلدا دئاگىنوز قويىشى، زامانغا يارىشا ۋارىسلىق قىلاىشنى بىلىشى، بولۇپمۇ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك تەركىۋى بولغان مىللىي مائارىپىنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىشى شەرتتدۇر.


ئەگەر ئۇنداق قىلامىساق كەلگۇسىنىڭ شەپقەتسىز رىقابەتلىرى ئۇ مىللەت خەلقلىرىنى ئۆزلىرى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، باشقا بىر مىللەتنڭ تىلىدا سۆزلىشىگە، باشقا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە ياشاشىغا، قىسقىسى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقۇتىشتەك ئۆزىنى تىرىك ئۆلتۇرۇشنىڭ تىراگىدىيەلىك كومېدىيىسىنى ئويناشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئىنسانلار دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە تارىخ سەھنىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىراگېدىيەلىك ئويۇنلارنىڭ كۆپ ئوينالغانلىقى ھەققىدە مىساللار باردۇر. شۇڭا تارىخ ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۆتمۇشتىن ئىبرەت ئېلىش ۋە بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى قايتا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈندۇر. تارىخ بىزگە شۇنى بىلدۇرىدىكى، مەدەنىيىتى كۈچلۇك مىللەتلەر مەۋجۇت بولۇپ ياشىيالايدۇ، مەدەنىيىتى ئاجىز مىللەتلەر بولسا دەۋىرنىڭ رىقابەتلىرىدىن ئاستا-ئاستا شاللىنىپ چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نامى كەلگۈسىنىڭ يېزىلىدىغان بۈيۈك قامۇسلىرىدا «يوقاپ كەتكەن خەلق» لەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن ئىزاھلىنىدۇ. 

 

شۇڭا تارىخنىڭ ئادالەتسىز شاپائىتى سەۋەبلىك دۆلەت ساھىبى بولۇشتىن مەھرۇم بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىجەكتە بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ تەربىيەسىگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلۇشى كېرەك. پەرزەنت دېمەك مىللەتنىڭ ئەتە ياشايدىغان كىشىلىرى دېمەكدۇر. بىز بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ چوڭ قىلالىساق ئاندىن مىللەتكە قوشىدىغان بىر كىشلىك ئۆز ھەسسىمىزنى ئادا قىلالىغان بولىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمىز چوقۇم ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرىس بېرىدىغان مەكتەپتە ئوقۇشى، بۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاۋال پەرزەنتلەرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىنىبارەت بىرىنچى قەدەمنى نەتىجىلىك بېسىشىقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئاندىن كېيىنكى قەدەمد بولسا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يوقۇرى بىلىم يۇرتلىرىدا نېگىزلىك كەسىپلەردە ئوقۇتۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزنى كەلگۈسىدە ئاۋال ئۈزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن، ئاندىن ئاتا-ئانىسى، ئاندىن كېيىن شۇ ياشىغان دۆلەت ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. 

 

قىسقىسى، بىز تېنىچلىق سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى قەيەردە ياشىمايلى، بىز شۇ ياشىغان دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ياشاشىمىز، شۇ دۆلەت سېستىمىسغا ئاكتىپلىق بىلەن سىڭىپ كىرىشىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەنداشلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز زۆرۇر.  بىز شۇنداق قىلالىساق قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھوقوقلىرىمىزنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە بوللايمىز. بىز بىر -بىرلىرىمىز بىلەن ئوم-ئىناق ياشىساق، مەۋجۇت تەشكىلات، مەكتەپ ۋە جامائەت سورۇنلىرىمىزنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىغىنى قوغدىساق، بىز ھىچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ شۇ دۆلەت قانۇنى تەرپىدىن بېرىلگەن گراژدانلىق ھوقوقلىرىمىزنى ۋە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئانا تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قاتارلىق بارلىق ھوقوقلىرىمىزنى قوغدىيالايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنالايمىز. بۇمۇ بۈگۈنكى مەدەنىي جەمىيەتتە بىر بۆلگىدە توپلۇشۇپ ياشيدىغان ئۇيغۇر توپلۇقلىرىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى قوغداپ قېلىشنىڭ پايدىلىق چارىللىرىدىن بىرلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ دەپ قارايمەن.

 

بۇ مەزمۇنلۇق سۆھبىتىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر! ئىلاھىم، دۇنىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېرىق دانلىرىدەك چېچىلغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا بەخىت-سائادەت، ئامان-ئېسەنلىك ۋە ئامەت يار بولغاي، جۈملىدىن، سىزگىمۇ ئۇتۇق-مۇۋاپپىقىيەتلەر تىلەيمىز. رەھمەت!

 

(سۆھبەت بېرىلگەن ۋاقىت: 2018-يىلى 26-يانۋار)

 
 

مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى ئېلكىتاپ PDF  نۇسخۇسى:

http://www.azizisa.org/elkun_uyghur_milliy_kimlikini_saqlash.pdf

 
___________________________________

 

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2018-يىللىق 1-مارت كۈنىدىكى نەشىرى:

http://uyguravazi.kazgazeta.kz/?p=33726

 

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تولۇق نۇسخۇسى «ئىزلىرىمىز» تورىدا ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقىدا نەشىر قىلىندى:
Әзиз Әйса Әлкүн: “Миллий кимликимизни сақлаш өзимизгә бағлиқ‬”
http://izlirimiz.org/?p=1111

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !