ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
«ئەتىرگۈللەر» ناملىق ئۇشبۇ شېئىر 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى.
قۇياشلىق بىر سەھەر
يەنە بىر يېڭى كۈن باشلانغان
مەن ھەممىسى بولۇپ يىگىرمە ئۇچ كۈزنى سانىدىم
قىش پەسللىرىمۇ سۈرگۈندە ئۆتۈپ كەتتى
يەنە قانچە يىلنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن
ئۆزۈمگە تەۋە ماكانىغا
ئاتا-بوۋىلىرىم مۇقەددەس ۋەتەن دەپ بىلگەن
ئەشۇ تۇتىيا زېمىنغا قايتىشقا.
مەن ۋۇجۇدۇمدىكى قايغۇنى ھېس قىلالايمەن
تىترەيدۇ جېنىم سوغۇقتا
بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا دادامدىن مىراس قالغان،
غايىب بولۇپ كەتكەن ۋەتىنىنىڭ ئەسلىمىسى
قاچانكى ئەقلىمنى ئەسىرگە ئالغاندا.
قىسمىتىم مېنى
ئىنسانلىقىم بىلەن ئىززەتلىنىشكە ئۈندەيدۇ،
پۈتۈن دۇنيادىن
يوقالغان شۇ ۋەتەننىڭ ھايات قالغان شاھىدتلىرىغا،
تەكرار ۋە تەكرار –
بىر قەترە مۇھەببەت
مېھرى- شەپقەت تىلەيدۇ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئادەمسىز كوچا
قەلىبسىز ئادەملەر
مېنى ئەسلەپ تۇرغان يىراقتىكى چۈش
ئالغا ماڭ غېرىبسىنغان قەدەم …
غەمسىزدۇر ئاسمان
يېڭىلمەسدۇر غايەم.
بالدۇر چىققان نازلىق يۇلتۇز
جانانىممۇ سەن؟
يۈركى قارداپ كەتكەن كېچە
زالىممۇ سەن؟
ھاياتتىن نېمىنى ئىزدەي
نېمىنى مەن قىلاي ئارمان
ئۆزۈمگە ئۆزۈم ناتونۇش
ئۆزلۈكىم ساراڭ بىلەن دوست
ياق، سايەم بىلەن سىرداش
ھايات ئىزگۈلۈكتە ئېچىرقار
سۈرگۈنىدىكى ھەردەم.
20-ئىيۇل، 2021- يىلى. لوندون
پەسىل ھالقىپ، پەرۋىشىگە چىۋەر بارماق، گۈزەلگىنە باغچا بولدى.
ئاسمىنى لوندون ئۆچۇق، كۆرمەككە كېچىنى روشەن يۇلتۇزۇم بولدى.
سېغىنىپ تۇرسام ھەر دەمدە، قەلبىدىكى ئابىدەم – تۇتىيا ۋەتەننى،
كەچسىمۇ ئۆزگە ئەلدە، ئەلكۈن ئۆمۈرى ساڭا ئاشىقى قۇل بولدى!
ئەلكۈن. 25-سېنتەبىر، 2021-يىلى، لوندون.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
چۈنكى تەقدىر بىزلەرگە توزاق.
ئەمما سەبىر تۇرماس سۈكۈتتە،
ھايات كۈرەشكەن ئەسلى شۇنداق.
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
يانار يۈرەكتە سېغنىش بىراق.
سۆيۈش ئىكەن بۇ ئۆمۈر ئەسلى،
ياشاش بىزگە زۇلۇمدىن يىراق.
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
قالدى قەدەم ھىجراندا ئاقساپ.
تىلەيمەن ۋىسال ئەيلە قىسمەت،
بولغاي ھىممەت بىزلەرگە ساۋاپ.
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
تاپالماس شىپا كۆيسە پىراق.
مۇھەببەت مەلھەم ھەر يۈرەككە،
ئىنسانلىققا قويۇلسا سوراق؟!
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
شېئىر پۈتمەس ۋەتەنگە ئاتاق.
ھەر مىسىرادىن تۆكۇلەر ئىسمىڭ،
ياشىساقمۇ سۈرگۈندە يىراق.
2021-يىلى، 1-ئىيۇل، لوندون.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئىلاۋە: ئۇشبۇ شېئىر 2000-يىلى 6-ئايدا باش ئىدارە ئورگىنى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىگە جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان)» مىللى قۇرۇلتىينىڭ نەشىر ئەپكارى «ئىستىقىلال» گېزىتىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئەمەسمەن مەجنۇن، تاقلايدىغان شاخچە قۇش,
بولساڭ گۈزەل سويدۇم دەپلا ئەگىيدىغان.
تەس مېنىڭ سۆيمەكلىگىم ئۇيغۇر قىزى،
ئىشقى-پىراق دەپلا يۈرسەڭ ئېرىيدىغان.
ئەگەر بولساڭ سەنمۇ جەڭچى ئۇيغۇر ئۈچۈن،
كىرىپ كەلسەڭ كۈرەشلەرگە ”نۇزۇگۇم“ بولۇپ.
بولسا ئازاد ”ئۇيغۇرىستان“ خەلقىمىز ھور،
سۆيەر ئىدىم سېنى جاندىن ئەزىز بىلىپ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مەن ئەسكە ئالمايدىغان
ياكى ئەسكە ئېلىشنى مەن خالىمايدىغان
قورقۇنۇشلۇق چۇشۇمدىن
ئازابقا چىلانغان قەدىرسىز كېچە
ئاستا – ئاستا
گۇناھلار ئىچىدە ھالسىراۋاتاتتى.
ئۇ
قاراڭغۇ ئۆلۇۋاتقان
يورۇق توغۇلۇۋاتقان
سۈبھىنىڭ گىرۋىكىدە
ئەزرائىلنى كۈتكەچ
ئۆتكەن كۈنگە ئايلىنىۋاتاتتى.
مەن
قايتىدىن توغۇلۇۋاتاتتىم
ئادەملەرنى
ئالەمنى
ھەممىنى چۇشۇنۇپ بولغاندىن كېيىن.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇر سەندىن سورۇشۇم.
يوقالسا گەر بۇ مىللەت،
كىم قۇرىدۇ ئۇلۇسۇم؟!
ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
قۇرۇق گەپ سۆز قۇرىسۇن،
ئەقىل تاپقاي بۇ مىللەت،
ئۇيغۇر ياشىسۇن ئۆلمىسۇن!
ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ساڭا ئېيتاي چىن سۆزۇم.
قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس،
قىلىپ كۈرەش، بولۇپ ئوم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
Omur_Baharim.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
سابا چولپىنى تەبەسسۇم ئىچرە كۈلگەندە،
باھارىم ئەللىك پەسلىدىن چېچەك تۆككەندە،
مۇھەببەتكە بۇ ئۆمۈر ھىچ قانماي ئۆتكەندە،
دۇنيا بەندىگە گۈزەلكەن، ئەسلى گۈزەلكەن!
بولمىسا ئاشىق، بۇلبۇل گۈل شېخىغا قونماس،
بولمىسا يىگىت چوڭ، ۋىسال ئىمكانى قۇچماس،
گەر بولسا ئەر، قىلغان ئەھدىدىن ئەسلا يانماس،
مېھنەتتىن چىن ئىنسان مەنزىل تامان ئۇزاركەن.
يۇلتۇزم كۆز قىسار بولۇپ تۈننىڭ جۇلاسى،
تولۇنئايمۇ بولدى ماڭا ھەمراھ شولىسى،
كۈلۈپ چىقار ھەم قۇياشىم مېھرى – ئاتىشى،
سالمىساڭ يۈگەن، ئۆمۈرۇڭ شۇنداق ئۆتەركەن!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: Insanliq_Uyghurgha_Ogey.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
زارىم بىلەن ياشىم قان بولۇپ ئاقسا مەيلىمۇ،
قەدرىمنى ئەبگار مەلئۇن يەكسەن قىلسا مەيلىمۇ،
قەيەردە ئېيتىڭچۇ بىز كۈتكەن ئىنسانلىق بۈگۈن،
ئەھلى جاھان بىزنى كۆرۈپ جىم ياتسا مەيلىمۇ؟!
ئۇيغۇر جازا لاگېردا ئۆلۇپ كەتسە مەيلىمۇ،
بىر تۇققۇنۇم ئۆزبېگىم بىلمەي يۈرسە مەيلىمۇ،
قازاق-قىرغىز دۆلىتى ھالى نېچۈن پەرۋاسىز،
پايدىغا تۈركىيەم سۈكۈتتە تۇرسا مەيلىمۇ؟
ھەر جاننى فاشىستلار قىيناپ خۇن قىلسا مەيلىمۇ،
ئىپپىتى قىزلىرىمىز زەبۇن بولسا مەيلىمۇ،
نارسىدە بالىلار كوچىدا ئانىسىز يىتىم،
بۇ ئىنسانلىق ئۇيغۇرغا ئۆگەي بولسا مەيلىمۇ؟
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيەم ئوقۇدى
Taglargha_nida.mp3
دانادۇر دانە ئاققىنى قان كۆزدىن ياش،
ساقايماس غەمگە مۇپتىلا بولدى بۇ باش،
تاغلارغا نىدا ۋەتەن سېنى سورايمەن؟!
سۆزلەيدۇ كەچمىش ئاتا پۈتكەن قىياتاش.
ئەجەبمۇ مېھرىڭ ئىللىق سېنىڭ ئىسسىق كۆل،
تۆمۈر چوقا ئەكسى بار، تۇرار يالتىراپ.
نەپسىمگە قوشۇلۇپ كېلەر سېنىڭ ھىدىڭ،
نە تاقەت كۆرمەسكە ۋەتەن سېنى شۇتاپ؟!
ۋەتىنىم ھالىڭ نەدۇر سېنى بىلمەيمەن،
تەڭرىتاغ گىياھىنى سېغىنىپ پۇرايمەن،
ئاق باش چوقىلىرىڭغا تويماي قارايمەن،
سېنى سۆيگەن بۇلۇتتىن سالام يوللايمەن.
بۇ يەردىمۇ ئۆرۈك بار كۇچارغا يەتمەس،
ھاي-ھاي قوغۇن تەمى پەيزىۋاتقا يەتمەس،
لەغمەنمۇ بار لەززىتى قەشقەرگە يەتمەس،
ھەممە بار ئەمما ۋەتىنىم ساڭا يەتمەس…