مەن بۈگۈن قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى كاتتا بىر خوش خەۋەرنى ئورتاقلىشىمەن.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى ئېغىر كىرىزىسكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك تارىخىي مىراسلارنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ھەم دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇش مەقسىتىدە كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ 40 يىلدىن بۇيان ۋەتەن ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېنىمسىز ئەجىر قىلىپ يىغقان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى» – (Aziz Isa Elkun Collection) رەسمى ھالدا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسى (Princeton University Library) بىلەن 3 يىللىق جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە، بۇ ئىش تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇۋپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، سالمىقى كوپ، سۈپىتى يوقىرى ۋە قىممىتى ئالاھىدە بولغان كىتابلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مەخسۇس “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نامىدا ئايرىم كۈتۈپخانا بۆلۈمى ئېچىلىپ ئەبەدىيلىك ساقلاشقا قويۇلدى. نۆۋەتتە “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نى كۈتۈپخانا ئۆلچەملىرى بويىچە رەتلەش، كاتالوگلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر كۈتۈپخانا ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر سلاۋىيان يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، 3 يىلدىن يوقىرى ۋەياكى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان، بۇ ساھەدە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بىر ئاكادېمىك كۈتۈپخانا خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ.
«ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى» نى كەلگۈسىدىكى 3 يىل ئىچىدە كاتالوگلاشتۇرۇش ۋە رەتلەش چىقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخىنى ئۆگىنىدىغان ئاكادېمىكلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم مەنبەلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ تور سەھىپىسىگە قويۇلىدۇ ۋە كىتابلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتە ئەبەدىي ساقلىنىدۇ.
شۇڭا ئاكادېمىك بولغان ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسىدا “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى” نى كاتالوگلاشتۇرۇش ۋە رەتلەشنى خىزمىتىنى ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئىشقا تور ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ھۆرمەت ۋە ئېھتىراملار بىلەن،
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
2024-يىلى 13-ئىيۇل، لوندون
بۇ ئىشقا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:
Uyghur Language Cataloging Specialist
https://main-princeton.icims.com/jobs/19465/uyghur-language-cataloging-specialist/job
ئامىنە سەدەف
خەۋەر مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022- يىلى 17- دېكابىر
ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئاكادېمىك، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە بمەسئۇل تەھرىرى بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 7- نويابىر كۈنى بۈيۈك بىرتانىيە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە كانادادا نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
Uyghur Poems Book by EVERYMAN’S LIBRARY POCKET POETS
Published on 7th November by Penguins Random House
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى بۈگۈنكىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى جازالاش، كىتابخانا، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق رەزىل مەدەنىيەت يوقۇتۇش سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشى خىتاينىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن بىر ياخشى جاۋاب ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ قارايمەن. شېئىر بىر تىلنىڭ جەۋھىرى، ئەدەبىياتنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابقا كىرگۇزۇلگەن شېئىرلار قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلاردىن تارتىپ، ھازىرقى زامان شېئىرلىرغىچە بولۇپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 2000 يىللىق تارىخى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن بىر ئانسولوگىىيىلىك – قوللانما كىتاپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەم بۇ كىتاپ كېلىجەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا كەڭ
دائىرىدە تونۇتۇشتۇرىدىغان ئېنگلىزچە نەشىر قىلىنغان بىردىن بىر مۇكەممەل كىتاپ بولۇپ قالغۇسى.» دېدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىنگۋىن نەشرىياتى ئەنگلىيىدە برىتانىيە ئىمپېريىسى دەۋرىدىن باشلاپ كىتاب نەشىر قىلىپ كەلگەن دۇنيادىكى چوڭ تىپتىكى نەشرىيات بولۇپ، بۇ نەشىرياتتا نەشىر قىلىنغان كىتابنىڭ تىراژى ئەڭ ئاز بولغاندا بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولىدىكەن ۋە ھازىرغىچە تۈركىيە ياكى باشقا ئۇتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىددىن بىرەرمۇ شېئىر كىتاپ نەشىر قىلىپ باقمىغان بولۇپ، «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق بۇ كىتاپ ئۇشبۇ نەشىرىياتتا نەشىر قىلىنغان تۇنجى تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
«ئەتىرگۈللەر» ناملىق ئۇشبۇ شېئىر 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى.
قۇياشلىق بىر سەھەر
يەنە بىر يېڭى كۈن باشلانغان
مەن ھەممىسى بولۇپ يىگىرمە ئۇچ كۈزنى سانىدىم
قىش پەسللىرىمۇ سۈرگۈندە ئۆتۈپ كەتتى
يەنە قانچە يىلنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن
ئۆزۈمگە تەۋە ماكانىغا
ئاتا-بوۋىلىرىم مۇقەددەس ۋەتەن دەپ بىلگەن
ئەشۇ تۇتىيا زېمىنغا قايتىشقا.
مەن ۋۇجۇدۇمدىكى قايغۇنى ھېس قىلالايمەن
تىترەيدۇ جېنىم سوغۇقتا
بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا دادامدىن مىراس قالغان،
غايىب بولۇپ كەتكەن ۋەتىنىنىڭ ئەسلىمىسى
قاچانكى ئەقلىمنى ئەسىرگە ئالغاندا.
قىسمىتىم مېنى
ئىنسانلىقىم بىلەن ئىززەتلىنىشكە ئۈندەيدۇ،
پۈتۈن دۇنيادىن
يوقالغان شۇ ۋەتەننىڭ ھايات قالغان شاھىدتلىرىغا،
تەكرار ۋە تەكرار –
بىر قەترە مۇھەببەت
مېھرى- شەپقەت تىلەيدۇ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
چۈنكى تەقدىر بىزلەرگە توزاق.
ئەمما سەبىر تۇرماس سۈكۈتتە،
ھايات كۈرەشكەن ئەسلى شۇنداق.
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
يانار يۈرەكتە سېغنىش بىراق.
سۆيۈش ئىكەن بۇ ئۆمۈر ئەسلى،
ياشاش بىزگە زۇلۇمدىن يىراق.
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
قالدى قەدەم ھىجراندا ئاقساپ.
تىلەيمەن ۋىسال ئەيلە قىسمەت،
بولغاي ھىممەت بىزلەرگە ساۋاپ.
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
تاپالماس شىپا كۆيسە پىراق.
مۇھەببەت مەلھەم ھەر يۈرەككە،
ئىنسانلىققا قويۇلسا سوراق؟!
شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
شېئىر پۈتمەس ۋەتەنگە ئاتاق.
ھەر مىسىرادىن تۆكۇلەر ئىسمىڭ،
ياشىساقمۇ سۈرگۈندە يىراق.
2021-يىلى، 1-ئىيۇل، لوندون.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى
بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر بۈيۈك بىرتانىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.
بۈگۈن، يەنى مىلادى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ دۆلەت گېزىتى دەپ ئاتىلىدىغان “Daily Telegraph” (تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى) نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنلۇك سانى “The Sunday Telegraph” گېزىتىنىڭ 13-بەت “دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسى” گە تۆۋەندىكىدەك تېمىدا مەزكۇر گېزىتتا كەم ئۇچىرايدىغان بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىدۇ – “بېيجىڭ ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭ ئانامغا تېلېفون قىلىشىمنى چەكلىدى”.
گەرچە بۇ گېزىتنىڭ ئالدىنقى بەتلىرى بىرتانىيە شاھزادىسى ھارري بىلەن مەلىكە مەغاننىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقىغا بېغىشلانغا ئالاھىدە خەۋەر ۋە رەسىملەر بىلەن تولغان بولسىمۇ، 30 بەتلىك بۇ گېزىتنىڭ 13 بەتىگە مۇخبىرنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى بېسىلغان بۇلۇپ، بىرتانىيە پۇقراسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولغانلىقىنى، جۇملىدىن 2 يىلدىن بۇيان يالغۇز ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقى، 2017-يىلى ئاتىسى ئۆلۇپ كەتكەندە بارالمىغانلىق ئەھۋاللىرى، ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي، دىنىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرتانىيە ھوكۇمىتىدىن ئانىسىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىشقا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي جىنايەتلىرىگە سۈكۇتتە تۇرماسلىققا، ئەقەللىسى بىرتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە -تاۋابەتلىرى ھوقوقىنى قوغداشتا قىلىشقا تېگىشلىك مەسۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان. مۇخبىر يەنە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە فاكىس ئارقىلىق يازما شەكىلدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئانىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يوللىغان.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (سىياسىي ئوبزور)
بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى
لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6-ماي
ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن.
مەن، خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرمەن.
بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، يادىمغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى، ئاچارچىلىق ۋە ئاتوم – يادرو قوراللىرى سىناقلىرىدىن كېلىپ چىققان قۇم-بورانلىق چاڭ-توزانلار كېلىدۇ.
مەن 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشقا كىرىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشتۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن 1990-يىللىرىدىكى مىليونلىغان ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مەنزىللىرى خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولدى. مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرى ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، 20 يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەندەك 16 ياشلىق بىر بالىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشى تولىمۇ مەنتىقسىزلىق ئىدى. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر جىنايىتىم يوق ئىدى. مەن پەقەت 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12- دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، ئۆزۈم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئىشلەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەقە بۈگۈندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە يىپ يېڭى تۇرۇپتۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مېنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەقىقىي «ئۆكتىچى» قىلدى ۋە مەن بۈگۈنگە قەدەر مۇساپىرچىلىقتا سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شۇنداق قىلىپ، مىلادىيەنىڭ 2017- يىلى ئاۋغۇستتا دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ نىداسى ”جاۋابسىز قالغان تېلېفون“ قوڭغۇرقىدىن ئاڭلىنىپ، 2021 – يىلى 22-ئاپرېل تارىختا ”كۈن پاتماس“ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك تۇغى – كۆك بايراق ئەلكۈننىڭ قولىدا غازىيانە لەپىلدىگەن كۈنى، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ”خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزدى“ دەپ دۇنياغا جاكارلىدى!
ۋادەرىخا، ئەلكۈن بۇ مەملىكەتكە 20 يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى قەدىمىنى باسقاندا ”مەن ئۇيغۇر، خىتاي مېنىڭ ۋەتىنىمنى قانۇنسىز مۇستەملىكە قىلىۋالدى. مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ… مەن ئۆزۈمگە ۋە ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە ئادالەت ئىزدەپ سېنىڭ بۈيۈك ئېلىڭگە پاناھ تارتىپ كەلدىم…“ دېمىگەن ئەمەسمىدى؟!
20 يىل، ئارىدىن بىر ئەرنىڭ بۇ قاباھەتلىك 20 يىلى ئۆتۈپ كەتتى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
«ئادەمنىڭ ماھىيىتى سىياسى ھايۋاندۇر»- ئارىستوتېل
غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە بىر مىللەت ياكى مەلۇم ئورتاق تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەت توپلۇملىرى نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي سالاھىيىتىنى ۋە سىياسىي نوپۇزىنى بەلگىلەيدۇ. دېموكراتىك ئەللەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنى بىردەك قانۇن ئارقىلىق قوغدايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىرقىي كېلىپ چىقىشىڭىز ياكى رەڭىگىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، سىزنىڭ بارلىق پۇقرالىق ھوقۇقلىرىڭىز قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. سىزنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە، تەشكىلات ۋە پارتىيلەرگە قاتنىشىش، بىرەر سىياسىي پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرىش، جۈملىدىن سايلاش ۋە سايلىنىش قاتارلىق پۇقرالىق سىياسىي ھوقوقلىرىڭىز تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولدۇ.
تېخىمۇ تەپسىلىرەك ئېيتساق، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى دىكتاتورلۇق تۇزۇم، مۇقىمسىز ھاكىمىيەت ياكى ھاكىمىيەتتىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقلىرى، نامراتلىق، تۈرلۈك ئىنسان ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك غەرب ئەللىرىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ياكى كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن مىللەتلەر سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنىڭ ۋەكىللىك قىلىنىشىغا، مەنپئەتىنىڭ ئۆزلىرى كۆچمەن بولغان دۆلەتتە ۋە كۆچۈپ كەلگەن ئەسلى دۆلەتلىرىدە ئوخشاشلا قوغدىلىنىشىغا روشەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بۈگۈن سەھەردە، بالىلىرىم مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن، مەن بىر ئىش بىلەن ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ قالدىم ۋە چوڭ قىزىمنىڭ شىرەسى ئۇستىدىكى كىتاب ۋە قەغەز دوۋىلىرىنىڭ ئۇستىدە تۇرغان بۇ ئۆگنىش كونسىپىكى دىققىتىمنى تارتتى… بۇ ئەنگلىيە مائارىپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنى دەرىسلىكىدىن بىر ئوقۇشلۇق ئىدى.
تېمىسى: Theme C : The existence of God and revelation
تېما س: ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى
ئەنگىلىيە مائارىپىدا باشلانغۇچ 3- يىللىقتىن باشلاپ، مۇقىم ھالدا «دىنىي مائارىپ» دەرسلىكى بىر پەن سۈپىتىدە رەسمى ئۆتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىنساىيەنىڭ ھەممە دىنلىرىنى ئۆگىنىدۇ.
خىرەلەشكەن تارىخ: قىشلىق تەتىلدە، قارا قش كۈنلىرىدە، ئۈچامدا كېيىدىغان تۈزىكىرەك چاپانمۇ يوق، مايلىشىپ قارداپ، پاقىراپ كەتكەن ئاق تۇماقنى پېشانەمگىچە چۆكۈرۈپ كېيىپ، بېلىمگە ئاپام بەرگەن بىر پارچە زاغرا ناننى ئوراپ، يانلىرى چىرىپ يېرىلىپ كەتكەن ۋە پايتىمامنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چۇرۇقۇم بىلەن قار باسقان ئېتىزلاردا غىچىر – غىچىر يول مېڭىپ، ئارقامدا يىلاندەك ئەگىر – بۈگۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ھەپتىيەك ئۆگنىش ئۇچۇن، «ئېلىپ ۋە لام…» لارنى ھەجىلەپ، توغرا ئوقۇيالمىسام، تەلىتى مۇزدىنمۇ سوغۇق، سەللىسى بېشىدىن ئىككى ھەسسە يوغان، موللامنىڭ «ساۋب» تايىقىنى يېيىش ئۇچۇن كېتىپ بارغان ئەشۇ يىللارنىڭ غۇۋا بىر كۆرۈنىشى خىيالىمدىن ئۆتتى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
تۈركى خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېتۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يارىتىشقا مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى روھ بولسا، باي ۋە گۈزەل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەن بولۇپ، مىڭ يىلدىن بۇيان مۇجەسسەملەنگەن ھالدا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ جان تومۇرىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكنى خۇددى روھنى تىرىك تەندىن ئايرىغىلى بولمىغانغا ئوخشاش ئايرىۋېتىشقا ئۇرۇنۇش، ياكى بىر – بىرلىرىگە قارامۇ – قارشى قويۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولغىنىغا ئوخشاشلا، مۇشۇنداق بىر خاھىش ۋە نىيەتلەردە بولۇش، «ئىسلام دىنى» نى ئېتىقادىمىزدىكى ناتوغرا چۈشەنچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ قوۋمنىڭ خاس مىللەت ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە، زۇلۇم ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىش، جاھىللارچە ھۇجۇم قىلىش، نائەھلىلىكنىڭ، نامۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە نائىنسانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئتى جۇملىدىن ناخشا – مۇزىكا بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق ئىلىمگە جۈملىدىن سەنئىتىگە شۇ قەدەر ماھىر بولغان، ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەر بىر دەۋر ۋە زامانغا يارىشا ئۆز سەنئىتىنى بېيىتىپ كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مەدەنىيەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئوخشاشلا مىللەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىر بىلەن بىرىكتۇرۇپ ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان خاس مىللىي كىملىك ئوبرازىنى شەكىللەندۇردى.
مەنىۋىيەتتىكى ئېستېتىك گۈزەللىك باشقا گۈزەللىكلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تاجىسىدۇر. ناخشا ئۇ يۇرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن سۆزدۇر. كۇي ئۇ ئىنسان قەلبنىڭ لىرىك ئاھاڭلار ئارقىلىق نامايان قىلغان بايانىدۇر. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ئۇيغۇرلار مۇردا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلايدىغان زىرەك قولىقى، سېزەلەيدىغان سەزگۈر يۇركى بار، ئۇيغۇرنىڭ باشقا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تائىپەلەرگە ئوخشاشلا كۈلكىسى، قايغۇسى ھەم نەپرىتى بار بىر خەلق. ئۇيغۇر كۇلەلەيدۇ، يىغلىيالايدۇ ۋە غەزەپلىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر بۇ ھېسىياتلىرىنى «گاھىدا داپ بىلەن ئۇسۇل، گاھىدا ئاللاھ بىلەن رەسول» دېگەن ماقال – تەمسىللەردە ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار 10 – ئەسىردە ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورۇپ – ئادەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى.