قاقىرتوق (Qaqortoq)

Qaqortoqئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

قېنى بۈگۈن جۇغراپىيەدىن بىر دەرىس ئۆگۈنەيلى. قاقىرتو Qaqortoq – دانىيە پادىشاھلىقىغا قاراشلىق گىرلانىديە ئاپتونۇم كېنەزلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەر.

 
بۈگۈنكى گىرلانىديە ئاپتونۇم كېنەزلىكىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئىنۇيت Inuit مىللىتى 4000 يىل بۇرۇن سىبېرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن گىرلانىديە كۆچۇپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئۇلارنىڭ نوپۇسى 148 مىڭ. گىرلانىديەدىكى نوپۇسى (2017) 50,787 گىرلانىديە ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %88 نى تەشكىل قىلىدۇ. گىرلانىديە ئاھالىسىنىڭ %90 بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىنۇيت Inuit – ئىنۇيت مىللىتىنىڭ (ياكى ئۆزلىىنى ئىنۇيت مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ ئاتايدىغان) خەلىقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى سىبېرىيە، گىرلانىديە، كانادا، ئامېركىنىڭ ئالاسكا قاتارلىق شىمالىي قۇتۇپ مۇزلۇق بەلباغلىرىغا يېقىن قۇرۇقلۇق ۋە ئاراللاردا ياشايدۇ.

 
مەن بۈگۈن BBC ئاگېنتىلىغى تورىدىن خىتاينىڭ گىرلانىديەدە ئىككى ئايرىدۇرۇم قۇرۇش ۋە بۇ ئىش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، گىرلانىديە ھەققىدە ئازىراق مەلۇمات بىلىش ئىستىكى بىلەن ئاۋال Google خەرىتىسىدىن گىرلانىديەنى كۆردۇم. ئۇنىڭ ئالقانغا ئوخشايدىغان يەر شەكلىدىن جەنۇبىدىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسمىگە كۆزۈم چۈشتى. ب شەھەر ئىىسمىنىڭ «قاقىرتوق» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە نېمە كەچىتى ؟ – قۇرۇقتاغ – قاقىرتاغ … دىگەندەك ئۇيغۇرنىڭ يەر-ناملىرى.

 
‍ئەلۋەتتە، بۈگۈن ئەڭ شەرىقتە سېرىق ئۇيغۇردىن تارتىپ ئەڭ غەرىبتە بۇلغارىيە ۋە ۋېنگىرىيەگىچە ئۇيغۇر قاتارلىك تۈركى مىللەت – قەبىلىلەر بىلەن قانداش، تىلداش بولغان ئىرقىي ئورتاقلىقلىرى كۆپ نۇرغۇن خەلىقلەر بار، جۈملىدىن بۇ چوڭ توپلۇقلار ئىچىدىن ئەڭ يىراقتا ياشايدىغان سانى ئاز بولغان سېبىريەدىكى ياقۇتلار (ساكا) قاتارلىق تۈركىي تىللىق – ئىرىقلىق مىللەتلەرمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

 
جۇغراپىيىلىك نوقتدىن قارىساق، سېبىريەنى يەنى شىمالىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىنى بېرىڭ يېرىم ئارىلى (Bering Strait) ئارىلى ئايرىپ تۇرۇدۇ. نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇ بۇ قۇرۇقلۇقلار تۇتاش بولغان بولۇشى، قار – مۇزلۇق مۇھىتتا ئادەملەرنىڭ ئوۋ -ئوۋلاپ نىشانسىز كۆچۈشى ياكى تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك ناھايىتى كۆوپ ساندىكى خەلىقلەرنىڭ كۆچكەن بولىشى ئېنىق. ئوۋ ئوۋلاش ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغان خەلىقلەرنىڭ بۇ خىلدىكى كۆچۈپ ھايات كەچۈرۈشى تەبئىي بولغان ئىنسانىيەت تەرەقىياتىنىڭ بېسىپ ئۆ‍كتكەن جەريانىدۇر. مېنى ھەممىدىن قىزىقتۇرغىنى ئىنۇيت Inuit مىللىتى تىلىنىڭ ئۇيغۇر ياكى تۈركى ۋەياكى ئالتاي تىللىرىغا يېقىن ئىكەنلىكىدۇر. مانا قاقىرتو (Qaqortoq) شەھەر نامى بۇ قاراشلىرىمىزنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

 
قەدىمكى مۇ قىتئەسىگە ئۆخشاش بىز تېخى بىلمىگەن تارىخنىڭ سىرلىرى كۆپ بولسا كېرەك.

 
2018-يىلى 19-دېكابىر.

ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

Ottura Asiyagha leghmen bilen tonulghan Uyghurlarئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(مەزكۇر ماقالە « ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ 2017 – يىلىلىق 1- سان نەشىرى ئاساسدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى قايتا نەشىر قىلدى)

 
[ The Uyghurs are known in Central Asia for their leghmen ]

 
كىرىش سۆز

 
بىر مىللەتنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن مول ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرى ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىدۇر. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى بارلىق ھايات پائالىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىك ھايات كەچمىشىنى، ھايات كۆچۈرۈشتىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي ساھەلىرىنى ئۆگىنىش، ئەنئەنىۋىي ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۇنى زامانغا يارىشا كەسىپلەشتۈرۈش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ مەدەنىيەتكە ئىلمىي ۋە جانلىق ئۇسۇلدا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز تائاملىرىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يېمەك-ـ ئىچمەكلىرىنى قوشنا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن قىتئە ھالقىپ چىقىپ، بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق كۈچى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرۇش ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قۇتۇپلىشىشى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگىدۇر.

«شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنىتى» ژۇرنلى 1951 ـ يىلى

شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنىتى ژۇرنلى 1951 ـ يىلى


«شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنىتى» ژۇرنلى 1951 ـ يىلى 4 ـ 5 سان ژورنالنىڭ ئەلكىتاپ PDF نۇسخۇسىى. تۆۋەندىكى مۇقىم تور ئادرېسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز:

 

 

www.azizisa.org/e_kitap/XJ_Edebiyat_Senet1951_4_5.pdf

 

 

مۇقام ئۇستازى مەرھۇم تۇرداخۇن تەۋەككۇل ئۆغلى بىلەن سۆھبەت 1953 – يىلى

Turdi akhun aka bien sorbet 1953

زامانىمىزنىڭ بۈيۈك مۇقام ئۇستازى مەرھۇم تۇرداخۇن تەۋەككۇل ئۆغلى بىلەن 1953 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى «ئۇيغۇر مۇقامى» ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ ئەينەن يېزىپ قالدۇرۇلغان خاتىرىسى. مەزكۈر قول يازمىدا بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ قەيەردە ۋە كىملەر تەرپىدىن ئلېىپ بېرىلغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىملىگەن. بۇ تەۋەرۈك قول يازمىلارنى قازاقىستاندا ياشاپ ئۆتكەن ژۇرنالىست مەرھۇم تۇرسۇن قاھارىي ئاكىمىز يىغىپ ساقلىغان ۋە كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ياركەنتتىكى ئوقۇمۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر كىشىللىرىمىز ئاقىلىق 2015 – يىلى 2- ئاۋغۇست تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ گۇللىنىشى – ئىسلاموۋ ئابدۇكېرىم قول يازمىسى

ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ گۇللىنىشى – ئىسلاموۋ ئابدۇكېرىم قول يازمىسى 1961- يىلى 

1946-48- يىللىرى يېزىلغان شېئىرلار

1946-48- يىللىرى يېزىلغان بىرقانچە پارچە شېئىر قول يازمىللىرى (شېئىرلارنىڭ ئاپتورى نامەلۇم)
 

ئىسلاموۋ ئابدۇكېرىم قول يازمىللىرى 1955- يىلى

ئىسلاموۋ ئابدۇكېرىم قول يازمىللىرى 1955- يىلى
 

“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق كىتاپ ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

“ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلمىگەنلەر شۇ تارىخىي كەچمىشلىرىنى يەنە تەكرارلىىشى مۇمكىن”    – Edmund Burke 

Peter_Fleming

 

ئاپتور Peter Fleming  ھەققىدە:

 

“تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق بۇ ساياھەت كىتابىنىڭ ئاپتورى Peter Fleming بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ 1930- يىللىرىدىكى ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ “بىرازىلىيەگە تەۋەككۈلچىلىك” (Brazilian Adventure) ناملىق ساياھەت كىتابى 1933- يىلى نەشر قىلىنىشى بىلەن كىتابخانلارغا تونۇلغان. “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر’ ناملىق بۇ كىتاب 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى Peter Fleming ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە يېقىن Wallingford يېزىسىدا 1907 – يىلى 31- ماي شوتلاندىيىلىك باي بانكىر Valentine Fleming (ۋىنستىن چېرچېل Winston Churchill نىڭ يېقىن دوستى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. Peter Fleming نىڭ ئىنىسى Ian Fleming بىرتانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن “James Bond” ھېكايىسىنى 1953- يىلى يېزىپ نام قازانغان. Peter Fleming ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935- يىلى ئاتاقلىق ئارتىس Celia Johnson بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇچ پەرزەنتلىك بولغان. Peter Fleming 1971 – يىلى 18- ئاۋغۇست يۈرەك كېسىلى بىلەن شوتلاندىيىنىڭ Argyll شەھىرىدە ۋاپات بولغان……

يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 1960- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپ ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 1960- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپ


”تىل بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدىكى شەرت ھېساپلانسا، يېزىق شۇ تىلنىڭ راۋاجلىنىش كاپالىتىدۇر.“

 
مەن يېقىندا باغداش تور سەھىپىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ”ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ “ دېگەن تېمىدىكى سۇئال ۋە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنى كۆردۇم. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇزەمدە بۇ ھەقتە كونا كىتاپلارنىڭ بارلىغىنى ئېسىمگە ئېلىپ، شۇ كىتاپلاردىكى مەزمۇنلارنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۇرۇشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ قويغان ئىدىم ئەمما بۇ ئىشنى قىلىش ئۆتكەنكى 2 – 3 ئايلاردىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا نېسىپ بولمىدى. بۇ تەرپىى سىلەرگىمۇ ئايان ئەلبەتتە، ھەمىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى كوپ، ۋەزىپىمىز ئېغىر، بىر كىشلك خىزمەت ئالۋىڭىنى ئادا قىلىپ ئائىلىمىزنى باقمىساق بولمايدۇ، بالىللىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۇل بولمىسەك ھەم بولمايدۇ. خەلقىمىز كوڭۇل بۆلىدىغان مەسىلىلىرگەقۇلاق سالمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ….“قىلمىساق بولمايدۇ…“ لار بىز ئۇچۇن كۆپ، ۋاقىت بىر- بىرىگە ئۇلاشماي ئادىراشچانلىقتا ئۆتۇپ كېتىۋېرىدۇ………..

‘جاللات خېنىم’ رومانىدىن تەسىراتلار

ياركەنت كېچىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

”دۇنيادىكى ھەممە ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرلا ياخشىلىق بولىدۇ: ئۇ ئىلىم-مەرىپەتتۇر. ھەممە ياۋۇزلۇقلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرلا ياۋۇزلۇق بولىدۇ: ئۇ نادانلىقتۇر!   —  سۇقرات“ 

 

بۇ كۈنلەردە مەن ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش ۋە قايتىش يولۇمدا يەر ئۇستى ۋە يەر ئاستى پويىزدا ئولتۇرۇپ، پويىز ئالمىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك سەرپ قىلىدىغان جەمئىي 3 سائەت ۋاقتىمنى بوش ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك پەيمانىم بويىچە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ ‘جاللات خېنىم’ ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ۋە بىر ئايدىن بۇيان ئاڭلاپ يورۇپ ئاخىر بۈگۈن تۈگەتتىم. ئەقىل ھوشۇمدا چاقماق چاقنىدى، خىيال تەپەككۇرۇم مۇندىن مۇئەككەل 300 يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بولۇپ ئوتكەن قانلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا غەرق بولدى.

 

“ 17- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار تاجاۋۇزچىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى ئاپئاق غوجا باشچىلىقىدىكى ”ئاقتاغلىق“ فېئودال غوجىلارنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمى ۋە سىنىپىي زۇلۇمدىن ئىبارەت قوش قەۋەتلىك، قوش زەنجىرلىك ئاسارىتىگە دۇچار بولدى. تاجاۋۇزچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى ئوز بۇرچى دەپ بىلگەن ئاپاق غوجا باشچىلىقىدىكى بىر توپ نائىنساب غوجىلار ئەلنى نادانلىق پاتقىقىغا پاتۇردى. شۇ چاغلاردا ئەلدە تەۋپىق-ئادالەت كۆتۈرۈلگەن، ھاياسىزلىق، ئىنساپسىزلىق كۈچەيگەن، مېھىر-شەپقەت تۈگىگەنىدى! ئېشەكتىنمۇ بەتتەر نادان بولغان بىر توپ ئەخلاقسىز پاسىق، قەبىھ گۇناھكار، كالتە قۇيرۇق يالغانچى، بىئەجەل ئۆلىدىغان غالجىر ھەسەتخور، ئەشەددىي قارا قورساق ۋە ئىچى تار غوجا ئىشانلار، كۆكەرمە سوپى، تېجىمەل دەرۋىش، يۇندىخور ئاشىقلار ……