ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئىلاۋە:
ئەنگلىيىنىڭ لوندون كارمېلىت نەشرىياتى تەرىپىدىن 1908-يىلى نەشىر قىلىنغان «ھارمسۋورت دۇنيا تارىخى» قامۇسىنىڭ 2-تومىدا بايان قىلىنغان “ئۇيغۇرىئانلار” ھەققىدىكى ئىزاھاتلار
بۇ قامۇس جەمئى 8 توملۇق دۇنيا تارىخى بولۇپ، مەزكۇر قامۇسنىڭ 2- تومىدا ئۇيغۇرىئانلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىك ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن بولۇپ، بۇ تارىخ قامۇسى دۇنيادىكى ئاكادېمىكلار ۋە تارىخچىلار تەرىپىدىن ئەڭ كوپ ئوقۇلغان كىتابلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قامۇسنىڭ 2- تومى جەمئى 1552 بەت بولۇپ، كىتابنىڭ 1437- بېتىدىن 1472- بېتىگىچە بولغان سەھىپىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بۇ جۇغراپىيىلىك بۆلىگىنىڭ ئەڭ مۇھىم خوجايىنلىرى دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرىئانلار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ كىتابتا بايان قىلىنغا «ئۇيغۇرىئان» دېگەن مىللەت دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، بەزى كىشىلەر تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقاندەك مۇبارەك «ئۇيغۇر» مىللەت نامىمىز قانداقتۇر 1922- يىلى تاشكەنتتە سوۋېتلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولماستىن شۇ ۋاقىتتىكى «كۈن پاتماس ئىمپېرىيە» نىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئىنگلىزلار تەرىپىدىن 18 ۋە 19 -ئەسىرلەردىمۇ «ئۇيغۇرىئان» ۋە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكى تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى 21- ئەسىردىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ مىللەت كىملىكىدىن مەھرۇم بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقان بۇ ھايات-ماماتلىق كۈنىمىزدە، ئۇشبۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللەت كىملىكىمىزنى بىلىش، ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش، ئۇنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشتە، بولۇپمۇ تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە تەجىربە -ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتە ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بولغان تارىخي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە بۇ كىتابتىن ئۆزۈم ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىككى ئابزاسنى تەرجىمە قىلىپ ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
كۈتۈش – ئۇ نازۈك قەلىبنىڭ ئىنتىزارى، سەبىرنىڭ ئىمتىھانى، ھاياتىنىڭ ئۈمىد ئىچىدىكى ئىمكانى، ئۇنىڭ تەمى ھەم شىرىن ھەم ئازابلىق!
كۈتۈش – ئۇ، ئەگەر سىز تىپ-تىنىچ كېچىدە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىگىز قۇم بارخانى ئۈستىگە چىقىپ، ئاۋال ئادېمىزاتتىن خالى بۇ ماكاننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئېلىپ، كارنىيىڭىز يېرىلغۇچە، ئاۋازىڭىزنىڭ بارىچە «ئەركىنلىك!!!» دەپ توۋلىسىڭىز، چەكسىز بوشلۇق ئىچىگە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئەكىس سادالار ئىچىدە ئاستا- ئاستا قۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاۋازىڭىزڭىزغا سەبىرچانلىق بىلەن قۇلاق سالسىڭىز، ئاندىن تىمتاسلىق ئىچىدىكى قاراڭغۇ كېچىگە غۇلىچىڭىزنى بولۇشىغىچە ئېچىپ، كېچىنى باغاشلاپ تۇرۇپ، بېشىڭىز ئۈستىڭىزدىكى گۈمبەزگە ئۆخشايدىغان خۇددى قاراڭغۇلۇققا يورۇقلۇق ئاتا قلىىش ئۇچۇن شاملاردەك پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان سان-ساناقسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا باقسىڭىز، روھىڭىز ھاياجاندىن خۇددى تېنىڭىزدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، شۇ چەكسىز يۇلتۇزلار تامان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك بىرشېرىن تۇيغۇ ھۇجۇدىڭىزنى چىرمىغان ۋاقىتتكى چەكسىز بىر لەززەتتۇر.
نىمشېھىت Nimshehit
Translated by Aziz Isa Elkun
ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا
ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا
بىرگۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا
تا زىيارەت قىلـمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا
يۈزلۈرۈم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا
I need nothing except only the love of my beloved
You are the greatest hope of my soul and body
You are the finest rose in a land of gardens
I would visit you if only I had the chance
Let my face be shamed before the glory of the dawn
* * * * * * * * * * * * *
دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تاشىنى
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ باشىنى
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىپلەر ياشىنى
مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قاشىنى
قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىىدا
Nothing in this world compares to the stones of your mountains
For you I would pile up your enemies’ heads on those stones
For you I would make their tears flow like rivers
If I could only meet with her moon-like eyebrows
Then my dark fate would become bright before gracious God
ئاپتورى پېتېر فلېمىڭ Peter Fleming *
ئېنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان
6-باب: چۆل يولى
3- بۆلۈم
رۇس ئالدامچىلىرى
رۇسلارنىڭ سىنكاڭدا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرى مەقسەتلىرى قاراڭغۇ ئىدى ھەم ئۇلار مېنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھازىر ساختىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەقسىتى بولسا بۇ ئۆلكە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق بېرتانىيەنىڭ بۇ يەردىكى مەنپىئەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىدى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق بېرتانىيەنىڭ ھىندىستان پۇقرالىرى ياشايتتى. ئەسىرلەردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر 18 مىڭ فۇت (تەخمىنەن 5000 مېتىر) ئېگىزلىكتىكى تاغ داۋانلىرىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە كېسىپ ئۆتۈپ سودا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. سودا ئالاقىلىرى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە روناق تېپىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر يىللىق سودا سوممىسى 10 مىليون رۇپىيىدىن كۆپرەك بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما روسىيە ئىنقىلابى يۈزبەرگەندىن باشلاپ بۇ خىلدىكى تىجارەت رىقابەت مۇناسىۋەتلەرىمىز پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 1935- يىلىغا كەلگەندە بىزنىڭ بۇ ئۆلكە بىلەن بولغان سودا تىجارىتىمىز بۇرۇنقىدىن %25 كېمىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇ تەبىئىيكى 1933-34 – يىللىرى ئۆلكىدە يۈزبەرگەن قالايمىقانچىلىقلار سەۋەپلىك بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ رۇسلارنىڭ سىنكاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىشىدىندۇر. 1931- يىلىدىن باشلاپ تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن داۋام قىلدۇرۇلغان بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بۇ ئۆلكىنىڭ چېگرىسىدىن بىر قانچە ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا ئىدى. تەبىئىيكى تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ سىنكاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالاھىدە ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ھازىرقى ئەھۋالدا ئارىلىقتىكى مۇساپە ۋە يول ئىمكانىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا قەشقەردىن موسكۋاغا تاش يول ۋە پويىز بىلەن 15 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىتىپ بارغىلى بولاتتى. ئەمما بۇ يەردىن ھىندىستانغا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يەردىكى تۆمۈر يولغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 5 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتەتتى. ئەگەر ھىمالايا تېغىدىن ئۆتۈپ بېرىش توغرا كەلسە ئادەتتە كەم بولغاندا يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى. جۇڭگونىڭ پېكىندىن ئۈرۈمچىگە كارۋانلار ئادەتتە 3 ئايدا ۋاقىت ئىچىدە بېرىپ بولالايتتى. (256-بەت) …..
شېئىر ئاپتۇرى: جامىلە
ئېنگىلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى
بىۋاستە ئاڭلاش: Jamala_1944_Eurovision.mp3
(بۇ ناخشنى ئۇكرائىنىيەلىك قىرىم تاتار قىزى جەمىلە 2016 ـ يىللىق «ياۋروپا نەزىرى» سەنئەت كۆرىكىدەئورۇنلاپ چىمپىيون بولغان Jamala – Eurovision Song Contest 2016)
ياتلار كېلىۋاتىدۇ ….
ئۇلار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلدى،
ئۇلار سېنى ئۆلتۈرىدۇ
ئۇلار ئاندىن كېيىن
بىز گۇناھكار ئەمەس
بىزدە گۇناھ يوق دەيدۇ.
ئەقلىڭ سېنىڭ قەيەردە؟
ئىنسانلىق ياش تۆكۈۋاتىدۇ.
سەن ئۆزۈڭنى ئىلاھ دەپ ئويلامسەن
بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆلۈۋاتسا.
بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى يۇتىۋەتمىگىن
بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى
ئاپتور Peter Fleming *
ئېنگلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان
6-باب: چۆل يولى
1- بۆلۈم: مەينەت خىزمەت
سىياسەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنى ناھايىتى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئاسىيانىڭ سىياسىتى كىشلەرگە تېتىقسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇلاردا ئۆز كېلىچىكىگە ئۆزنى باغلاش ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھالى شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكتىن كۆپ يىراق. گەرچە بىز ئىنسانلار ھەممىمىز قېرىنداش بولساقمۇ، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا بىر – بىرلىرىمىزگە توردەك باغلىنىپ ھېسداشلىق قىلساقمۇ، ئۆز – ئارا چۈشىنىشكە تىرىشساقمۇ ئەمما بىز يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىراي شەكلى پەرقلىنىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تېگى تەكتىدىن چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئامالسىزمىز.
خاسىيەت بەكمىرزايېۋا
ئۆزبېكچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
ئەدەبىياتشۇناس باتىرخان ۋەلىخوجايېۋ بابۇرنىڭ ئۆزى ناۋايىنىڭ تېرىما دىۋانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى “بابۇرنامە” ئاساسىدا ئېنىقلىغان. ناۋايىنىڭ كۈتكەن ھۆكۈمدارلىق ھەققىدىكى ئارزۇلىرى ھەم بابۇر پائالىيەتلىرىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدى. بابۇر ئۆزى تۈزىگەن “بۇيۈك ئىمپېرىيە” دە ئۆتكۈزگەن ئىسلاھاتلىرىنى قارار تاپتۇرۇش ۋە مەپكۈرەسىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن ھەركەت قىلغان. بۇنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى يارىتىش مەقسىتىدە دىنىي پەلسەپىۋى، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەسەرلەر يازغان. “مۇباييىن” ۋە ھەربىي مەسىلىلەر خۇسۇسىدىكى رىسالىلەر بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.
ئەلشىر نەۋايىغىچە ھەم ئۆزبېك يازما ئەدەبىي تىلى مۇئەييەن دەرىجىدە شەكىللەنگەن، شېئىرىيەتتە ھەم مۇئەييەن ئەنئەنىلەر مەۋجۇت ئىدى. ئەلشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ماۋزۇغا بېغىشلانغان شېئىرىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنى راۋاجلاندۇردى. ئۇ بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزبېك تىلى شىۋىللەرى ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلاندى، مەۋجۇت…..
ئاپتور: [Gustáv Murín [1
ئىنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى
تۇيغۇ – ئۇ ھېچقانداق بىر پاكىتنى ئاساس قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىچكى دۇنياسىدىكى بىلىشىدۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۆز خاھىشىغا يارىشا ھايات يوللىرىنى بەرپا قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھالىدىن كەتكۈچە تېپىرلايدۇ يەنى [2]eldorado نىڭ ئىنسان قەدىمى ئاياق باسمىغان يېڭى بىر قىتئەنى ياكى بىر جەننەتنى بايقىغانلىقىغا ئوخشاش.
گەرچە ھەر بىرىمىزنىڭ جەننەت توغرىسىدا ئۆزىمىزگە خاس قارىشىمىز بولسىمۇ (مېنىڭ چۈشەنچەمدە جەننەت دېمەك – ئۇ ناھايىتى كوپ مىقداردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ ) بىراق ھەممىمىزنىڭ بىر – بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان بولغان تۇيغۇلىرىمىز بار ئەلۋەتتە. ئەمما بىز شۇنداق قىلىپ كۆنگەن يەنى ھاياتىمىز ھەمىشە ھاياتنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى بولغان بىر تۈرلۈك مەئىشەتلىرى ئىچىدە بىزنى دائىم ھالسىرىتىدۇ ئەمما بىز ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ كۆندۈرۈۋالغان ئاچچىقجان، ئىشخۇمار خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ئاسانلىققىچە چۆرۈۋېتەلمەيمىز ۋە بىز ئوزىمىز بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىرخىل مۇرەككەپ تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىنى ئىزدەيمىز ئەمما بەزەنلەرگە ئوخشاش ھەمىشە بۇ دۇنيالىقتىكى ئۆز بەختىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىغا قاترايدىغان جاھانكەزدى پۇرسەت پەرەزلەردىن بىز دەسلىپىدە ئەنسىرىسەكمۇ لېكىن ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ خىل ئەندىشىلىرىمىز تىزلا ئۆزىمىزدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ……
ۋىلىئام شېكسپېر
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىسچىدىن تەرجىمە قىلدى
بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە ـ
پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللار رول ئالغان
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بۇ سەھنىنىڭ
كىرىش ۋە چىقىش ئىشىكلىرى ئېچىلغان.
بىر ئەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن روللارنى ئوينايدۇ
ئۇ ھازىر ھاياتنىڭ يەتتە مۇساپىلىق رولىنى ئالماقتا
ئۇ بىرىنچى مۇساپىسىدە بوۋاقنىڭ رولىنى ئالغان چاغدا ـ
بالا باققۇچىنىڭ قۇچىقىدا يىغلاپ،
بەرگەن سۈتنى قۇسىۋەتكەن ئىدى.
مۈرىسىگە سومكا ئېسىپ، مەكتەپكە بارىدىغان ـ
بىر چىرماش ئوغۇل بالا بولغان چاغدا –
سەھەردە يۈزىدىن نۇر چاقنايتتى ئەمما –
قۇلۇلىدەك ئارام تاپماي ئۆمىلەيتى،
بەزىدە مەكتەپكە بېرىشنى خالىمايتتى،
سۆيگىنىنى ئويلاپ خىيالغا پاتاتتى ………
ئاپتور Peter Fleming
ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)
تەرجىماندىن ئىزاھات:
مەن ئوقۇشۇڭلارغا تەقدىم قىلىۋاتقان مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر – بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى Peter Fleming تەرپىدىن يېزىلغان “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلك قىسىملىرى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئاپتورنىڭ 1935- يىلى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە خوتەن دىيارىنى بويلاپ قەشقەر ۋە كېيىن قونجىراپ ئېغزى ئارقىلىق بىرتانىيە باشقۇرىشىدىكى كەشمىرگە بېرىش سەپرى داۋامىدا ئۇيغۇرئېلىدە ئۆزى كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان بىر ساياھەت خاتىرىسىدۇر. بۇ كىتاپ 1933 – يىلىدىن 1935 – يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيىسى 36- دېۋىزىيىسىنىڭ تۇڭگان قوماندانى ما جوڭيىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەتكە “تۇڭگان يېغىلىقى” قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر – بازارلىرىنى ئۇرۇش ئاپەتلىرى قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قانلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن شېڭسەي ھەم بۈيۈك بىرتانىيە ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سىياسىي ئويۇنلار يەنى “بۈيۈك شاھمات تاختىسى” ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى ئوبرازلىق بايان قىلىندۇ. قىسقىسى بۇ كىتاپ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىى ۋە سىياسىي ھاياتىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تارىخي مەنبەدۇر . مەزكۇر كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان ……….