لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە تور سەھىپىسىنىڭ توختۇتۇلغانلىقى ھەققىدە

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەنداشلار! 

 

مەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈن پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسىغا ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە مەزكۈر ئانسامبىل نامىدىن ئېچىلغان تور سەھىپىسىنىڭ 2021- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ ئۆزنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرىمەن. 

 

بۈگۈنكى كۈندىن دەل 16 يىللار بۇرۇن يەنى 2004- يىلى ماي ئېيىدا بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى بېرىتانىيە خەلقىگە يەتكۈزۇش ۋە خەلقلەر ئارا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش، مىللىتىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل مەدەنىيەت – سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش، ھەم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى بېيىتىش، ئىناق ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سورۇش ئىستەكلىرى بىلەن كەمىنە يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغان ئىدى. مانا شۇ قەلبىمىزگە پۈككەن مەقسەتلەرنى ئاۋال سەھنىدە، ئاندىن زاماننىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا تور تاراتقۇلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئەھلىگە بىلدۈرۈشنى نىشان قىلىپ، 2007- يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئىنگىلىز يېزىقلىرىدىكى رەسمى تور سەھىپىسىنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 

 

 

 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يوقنى بار قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەممىمىزگە مەلۇم ئايان بولغىنىدەك ئۇ قەدەر ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۇچۇن خالىس  پىداكارلىق روھ، جاسارەت، پاراسەت ۋە ئەقىل – ئىدرەكلىك تەدبىرلەر شۇ ياشىغان ئەلنىڭ ئەپكارىغا يارىشا پۇرسەتلىرىنى قىزىپ چىقىش دېمەكتۇر. ۋاھالەنكى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن خىزمەتلەر خالىس پىداكارلىق بىلەن مۇۋپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان بولسىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەرنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. قىسقىسى بۇ يىللاردىكى بېسىپ ئۆتكەن سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى يېقىندىن قوللىغان دوستلارغا، قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەلۋەتتە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇچۇن ئورۇنلۇق، ئىلمىي تەكلىپ ۋە تەنقىدلەرنى بېرىپ بىزگە ھەمدەم بولغان، ئۆز ئىمكانىيىتىدىن كەلگەن ياردەم ۋە مەنىۋىي مەدەتلەرنى ئايىماي بېرىپ كەلگەن دوستلىرىمىزغا ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە خوشلىشىش سالامىمىزنى يوللايمىز. 

 

كەمىنە ئۇشبۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تور سەھىپىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلارنى سەمىڭلەرگە سېلىشنى ئىستىدىم. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى 2007- يىلى 31- ماي رەسمى قۇرۇلغاندىن بۇيان 13 يىللىق مۇساپىنى غەلىبىلىك بېسىپ ئۆتتى. ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ بۇ يىللاردىكى مۇساپىسىنى قىسقىغىنە ئەسلەپ ئۆتسەك، ئانسامبىلى تور سەھىپىسى كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ يىللارچە خالىس ئەمگىكى ۋە پىداكارلىقلىرى ھېسابىغا قۇرۇلۇپ چىققان بولۇپ، ئانسامبىل پەقەت ئانسامبىلىنىڭ تۈرلۈك كونسېرت قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا بىلدۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئاساسلىقى ئېنگلىز يېزىقىدا، قوشۇمچە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئەت تەتقىقاتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ۋە تۈرلۈك ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تېمىلىرىدە دۇنيا خەلقىگە ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى تەقدىم قىلىپ كەلگەن ئىدى. 

 

مانا بۇ خىزمەتلەر شەرىپىگە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى 2010- يىلى رەسمى بۈيۈك بېرىتانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇپ قوغدىلىدىغان تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە شەرەپ بىلەن كىرگۈزۈلدى. دېمەك دۇنيادا تۈنجى قېتىم يەنى 1909-يىلى بۈيۈك بېرىتانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى قەشقەردە ئاۋازغا ئېلىنغان ئۇيغۇر -ناخشا مۇزىكىسىنى ئۆز ئارخىپىغا قويۇپ، 101 يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيەدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ قوغدىلىدىغان مەدەنىيىتى قاتارىدا مەزكۇر كۇتۇپخانىنىڭ تور ئارخىپ ئامبىرىغا قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلتۇرۇلگەن ئۇتۇقلار كەلگۈسىدە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ مەدەنىي مىراسلار بولۇپ قالغۇسى!   

 

سىز بۈيۈك بېرىتانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ تور ئارخىپىدىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى كۆرەلەيسىز ۋە پايدىلىنالايسىز:   

 

ئېنگلزچە: 

https://www.webarchive.org.uk/wayback/archive/20120312230240/http://www.uyghurensemble.co.uk

https://www.webarchive.org.uk/wayback/en/archive/20120312230337/http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/events.html

https://www.webarchive.org.uk/wayback/en/archive/20130425234530/http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/about.html

 

ئۇيغۇرچە:

http://www.webarchive.org.uk/wayback/archive/20120312230414/http://www.uyghurensemble.co.uk/Uyghurche-ar.html

https://www.webarchive.org.uk/wayback/en/archive/20150828063029/http://uyghurensemble.co.uk/uy/?cat=1

https://www.webarchive.org.uk/wayback/en/archive/20150828063226/http://uyghurensemble.co.uk/uy/?cat=97

 

سەمىڭلەرگە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە تور سەھىپىسىنىڭ خىزمەتتىن توختىتىشنىڭ سەۋەبىنى شۇنداق چۈشەندۇرمىزكى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل تور سەھىپىمىزنىڭ تېخنىكىلىق ۋە ئىجتىمائى مەسىلىسىدۇر. بۇ سەۋەبلەر بولسا، بىرىنچىدىن، ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ تور دېتال پروگراممىسى 10 يىل ئالدىدا لاھىيىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تور باشقۇرۇش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلدى ۋە ئۇنى باشقا تور باشقۇرۇش سىستېمىسىغا يۆتكەش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە مېھنەت تەلەپ قىلىندىغان بولغاچقا؛ .ئىككىنچىدىن، ئانسامبىل تور سەھىپىسىدە 3000 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە ئائىت تېمىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مېدىيا مەنبەلىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ توردا نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن پۈتكۈل قويۇش دېتاللىرىنى قايتىدىن بىردىن بىر تەكشۈرۈپ يېڭىلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق؛ ئۈچىنچىدىن، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى كەسىپ خادىملارنىڭ يەنى ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلارنڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۆز پائالىيىتىنى توختۇتۇشقا مەجبۇر بولدى؛ تۆتىنچىدىن، كەمىنە بۇ خىزمەتنى 16 يىلدىن بۇيان خالىسانە قىلىپ قىلىپ كەلگەچكە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېشىۋاتقان خىزمەت مەسئۇلىيىتىم سەۋەپلىك داۋاملىق خالىس داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتلىرى بولمىدى؛ بەشىنچىدىن، ئانسامبىلنىڭ ئىجتىمائىي تارتقۇ سەھىپىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ بېرىتانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى تور سەھىپىمىزنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىغانلىقى ئۇچۇن، تور سەھىپىمىزنىڭ رولى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجلار تۆۋەنلىدى.  

 

خۇسۇسەن بۇ ئىزاھاتنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، بۈگۈنكى ياشلارنىڭ ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بىز زامانلار كەلگەندە «لوندون دېگەن نامى ئۇلۇق بۇ شەھەردە ‘لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى’ دەپ بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئەت دەرگاھى قۇرۇلۇپتىكە ھە …» دەپ ئېسىگە ئېلىشىنى،ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان مېھنەتلىرىنى بىلەن تونۇشىشىنى ئۈمىد قىلدىم. سىز تۆۋەندە ئانسامبىلنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە تەۋە بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىىئوسىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا بەرگەن مەخسۇس خەۋەرلىرىدىن ۋاقىپ بولغايسىز: 

 

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_09082007.mp3

 

2007-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_dublin15102007.mp3

 

2008-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_hyde_park_1272008.mp3

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/london-naxsha-usul-omigi-07182008074234.html

 

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_20102010.mp3

 

2011-يىلى 06-ئاينىڭ 07-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_turin_itlay0706011.mp3

 

2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_26102012.mp3

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/london-heyt-10262012162429.html

 

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_06102016.mp3

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/london-uyghur-10072016221746.html

 

2017-يىلى 09-ئاينىڭ 20-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/rfa_lue_20092017.mp3

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/london-uyghur-ansambili-konserti-09222017210936.html

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە باشقا مەنبەلەرنىڭ مەتبۇئات ۋە رادىىئولىرىدا بەرگەن بىر قىسىم خەۋەرلىرى:

 

BBC ئۆزبېك مۇلازىمەت سەھىپىسى 2007- يىلى 18-دېكابىر

https://www.bbc.com/uzbek/news/story/2007/12/071218_britan_uyghurs_ar

 

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

http://www.azizisa.org/lue/resonance_london_fm_radio.mp3

 

گەرچە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە ئۇنىڭ تور سەھىپىسى خىزمەتتىن توختىغان بولسىمۇ ئەمما سىز يەنىلا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ Youtube ۋە Face Book، مۇنبەر، تور ئارخىپلىرى قاتارلىق تۈرلۇۈك مەنبە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تارتقۇ سەھىپىلىرىدىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە ئائىت مەنبەلەردىن، تۈرلۈك ئۇيغۇر مەدەنىيەت- سەنئەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز. 

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىجتىمائىي ئالاقە تارتقۇ سەھىپىلىرىنىڭ ئادرېسلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى Youtube قانىلى

https://www.youtube.com/user/uyghurway

 

ئەلكۈن Youtube قانىلى

https://www.youtube.com/c/AzizIsaLUE/videos

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى Face Book سەھىپىسى

https://www.facebook.com/London-Uyghur-Ensemble-67307769255

 

يەنە شۇنى ئېسىڭىزگە سالىمىزكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسىنىڭ  مۇنبىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق ئۆچۇق. مۇنبەر قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. مۇنبەر ئادرېسلىرى تۆۋەندىكىچە: 

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئېنگلىزچە مۇنبىرى: 

http://london-uyghur-ensemble-forum.18010.n3.nabble.com

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇرچە مۇنبىرى: 

http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com

 

گەرچە مۇندىن كېيىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى توختىتىلسىمۇ ئەمما سىز يەنىلا ئانسامبىلنىڭ بىرقىسىم مەزمۇنلىرىنى دۇنيا تور ئارخىپىدىنمۇ كۆرەلەيسىز. ئادېرىسى:

 

ئېنگلىزچە:

https://www.webarchive.org.uk/wayback/archive/20120312230240/http://www.uyghurensemble.co.uk

 

ئۇيغۇرچە: 

http://www.webarchive.org.uk/wayback/archive/20120312230414/http://www.uyghurensemble.co.uk/Uyghurche-ar.html

 

https://www.webarchive.org.uk/wayback/en/archive/20150828063029/http://uyghurensemble.co.uk/uy/?cat=1

 

https://www.webarchive.org.uk/wayback/en/archive/20150828063226/http://uyghurensemble.co.uk/uy/?cat=97

 

سىز لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ قەلىمىدىكى بارلىق ئىلمىي، ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى» دىن كۆرەلەيسىز. 

 

سىز يەنە 2019-يىلى سېنتەبىردە مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر مەشرەپ پروجېكتى» تورىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ناخشا- مۇزىكىسىغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى مەزكۇر پروجېكىتنىڭ تۆۋەندىكى تور بېكىتىدىن كۆرەلەيسىز: 

 

http://www.meshrep.uk/uy

 

http://www.meshrep.uk

 

خەلقىمىزگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىگە بولغان چىن مۇھەببەت بىلەن چىن يۈرەكتىن تۆكۈلگەن مېھنەتلەر بەدىلىگە يارىتىلغان ئەمگەكلەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولمىسۇن قەدىرلىنىدۇ ۋە ئۆز قىممىتىنى ئەبەدىي ساقلايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ تارىخىدىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالغان بولسا، ئەقىللىق، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەت سۆيەر ياشلىرىمىز بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدە بۇ شەرەپلىك ئورنىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللەت ئۇچۇن خىزمەت قىلىشتەك پىداكارلىقلىرى بەدىلىگە تولدۇرغۇسى ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەملىگۈسى. كەمىنە ئەلكۈن ئىمكان ۋە ئىقتىدارى بەدىلىگە ئۇيغۇر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ھىممىتىدىن كېلىدىغان تەرلەرنى ئاقتۇردى ۋە داۋاملىق ئاقتۇرغۇسى. 

 

كەمىنە ئەلكۈن مۇنداق دەيدۇ: «مۆھلىتى ئېنىقسىز سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بۇ ھاياتتا ھەر بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋەتىنىنى سۆيۈش، زەبۇن ۋە خارلىققا مۇپتىلا بولغان ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىمكانىدىن كەلگەن خىزمەتلەرنى قىلىشتىنمۇ ئارتۇق شەرەپ ۋە لەززەت بولمايدۇ!». 

 

ئاخىرىدا يىللاردىن بۇيان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قوللاپ كەلگەن بارىلىق دوستلارغا، ئانسامبىل تور سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. 

 

ئەگەردە سىز لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە ئەتراپلىق مالۇماتقا ئېرىشىشنى ئىستىسىڭىز دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى يازغان «نەتىنجىلىك ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتاپتىكى «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تېمىسىدىكى ماقالە بىلەن قازاقىستان «ئۇيغۇر ئاۋازى» دا نەشىر قىلىنغان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’»  ئوقۇشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

 

http://www.meripet.com/2016/Erkin_Sidiqning_6-kitabi.pdf

 

http://www.azizisa.org/uyghur_milliy_kimlikini_saqlash

 

 

 


مەزكۇر يازمىنىڭ رەسىملىك تولۇق نۇسخۇسىنى بۇ ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆرەلەيسىز:

 

http://www.azizisa.org/LondonUyghurAnsambil_Xeyri_Xosh.pdf

 

 

ھۆرمەت ۋە ئېھتېرام بىلەن 

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

2021- يىلى يانىۋار، لوندون. 

 

 

_______________________________________________________________

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى: 

http://www.azizisa.org

http://www.azizisa.org/en 

 

 



باھا يېزىش چەكلەندى!