ئەنگىلىيەدە ئوقۇش ھەەققىدە

Study_in_the_UK

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

سالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار! مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەمما بۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يوللىرىنى تېپىشتا قىيلىنىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ مەندىن بۇ ھەقتە ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خەت تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. مانا شۇ ئىلىمخۇمار، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار، ئۆزلىرىگە تەلەپكار ياشلىرىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە مەن بۇ ھەقتە ئەنگلىيىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلىرىمىزغا ئەمەلىي بىر ياردىمى بولىدىغان مەلۇمات خاراكتېرلىك بىر تېما يېزىشنى نىيەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ خىزمەت ۋە ھاياتتىكى تۈرلۈك – تۈمەن ھەلەكچىلىكلەر سەۋەپلىك ۋاقىتدا ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىپ بولالماي كەلگەن ئىدىم. مانا يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاز – تولا ۋاقتىم بولۇپ مەن خالىس ئۈستۈمگە ئالغان بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئىستەكلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇپتىمەن.

خوش، ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك مەن بۇ يازما ئارقىلىق ئەگەر ھەر بىر ئىلىم سۆيەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىمكانى يار بەرسە قايسى ئەلدە ياخشى بىلىم بولسا شۇ ئەلگە بېرىپ ئوقۇشى، ئەمما تۈركىيە ياكى مىسىر، ياپونىيە ياكى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى، يېقىنقى زامان دۇنيا ئىلىم – پەن ۋە مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئەنگلىيىگىمۇ كېلىپ ئوقۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ياشلىرىمىزغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنى توغرا بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلدىم.