قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇر سەندىن سورۇشۇم.
يوقالسا گەر بۇ مىللەت،
كىم قۇرىدۇ ئۇلۇسۇم؟!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
قۇرۇق گەپ سۆز قۇرىسۇن،
ئەقىل تاپقاي بۇ مىللەت،
ئۇيغۇر ياشىسۇن ئۆلمىسۇن!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ساڭا ئېيتاي چىن سۆزۇم.
قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس،
قىلىپ كۈرەش، بولۇپ ئوم.

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇر ئۇلۇس بىر تۇتېم.
ئاتلىنايلى جەڭگە بىز،
بىزگە ئۆلۈم يا كۆرۈم!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇردا دەھشەت زۇلۇم.
مىللەتنى قۇتقۇزايلى،
دۈشمەننى قىلىپ كۈكۈم!

 

2020- يىلى 27-ئىيۇن

 



باھا يېزىش چەكلەندى!