«قاماقتىكى روھلار: خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ شېئىرلىرى»

مەرھابا دۇنيانىڭ يەتتە ئىقلىمدىكى قېرىنداشلىرىم!

مېنىڭ بەش يىلدىن ئارتۇق تېنىمسىز سىڭدۈرگەن مېھنەتلىرىم بەدىلىگە، چوڭ ھەجىمدىكى ئىككىنچى ئۇيغۇر شېئىرلىرى توپلىمىم – «قاماقتىكى روھلار: خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق كىتابىم ئىنگلىز تىلىدا 2025-يىلى 9-نويابىر كۈنى ئەنگلىيىدىكى Hertfordshire Press نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانلىق خەۋرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئۇشبۇ كىتابقا 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇرسىتاندا قايتىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغاندىن باشلاپ، تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە قامىلىپ ئۈزۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە مەجبۇرى يوقتىۋېتىلگەن 25 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە شېئىرلىرىدىن تەرىپ تاپقان بولۇپ، بۇ بىگۇناھ ئۇيغۇر مەھبۇس شائىرلار ئىچىدىن 21 نەپىرى ئەر، 4 نەپىرى ئايال. مەن بۇ كىتابنى تەييارلاش ۋە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، تالاي تۈنلەرنى بۇ قەدىردان شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆتكۈزدۈم. شەخسەن، مىڭلىغان مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاشلا مېنىڭ كەچمىشىم بولۇپ ئۆتكەن ۋە ئۆتۈۋاتقان بۇ ئېغىر كۈنلەردە، ئۇشبۇ كىتابتىكى ھەر بىر شائىرنىڭ مىسرالىرى قەلبىم بېغىشلىرىغا مەھكەم باغلىنىپ، ۋەتەندىن ئۇزاقتىكى غېرىبانە كۈنلىرىمدە ئۇلارنىڭ نەزمىلىرى سۇلغۇن دىلىمغا دىلكەش بولۇپ كەلدى. ئەشۇ كىشى قەلبىگە چەكسىز روھ ۋە جاسارەت بېغىشلايدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ زالىم ۋە قەبىھ ھۆكۈمرانغا باش ئەگمەيدىغان، مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى كۈيلىگەن، ئۇيغۇرغا ھۆر ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان سۆيۈملۈك قەھىرمانلىرىمىزنىڭ نەزمىلىرىنى ئەمدى سىز ئوقۇڭ، پۈتۈن دۇنيا ئوقۇسۇن!

ھەر قانداق بىر مەدەنىي جەمئىيەت- ئۆز دۆلىتىدە شائىرلارنى شېئىر يازغىنى ئۈچۈن جازالىمايدۇ. ئەمما خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇرىستاننى ئۆزىنىڭ ئەبەدىي مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ بارلىق قائىدە- قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە بارلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقلىرىنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە تۈرلۈك قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار جۈملىدىن مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتىدۇ. ئاتالمىش خىتاي پۇقراسى بولغان بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سوغۇق زىندانلىرىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.

بۇ كىتاب جەمئى 280 بەت بولۇپ، قاتتىق مۇقاۋا بىلەن نەشر قىلىندى. ئەشۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان بۇ قەدىردان شائىرلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن بولسۇن ياكى پەرزەنتلىرىڭىزگە ئۆز خەلقى ھەققىدە يېزىلغان يېڭى كىتابلارنى ئوقۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش بولسۇن ۋەياكى ئىنگلىز تىلى بىلىدىغان غەربلىك دوستلىرىڭىزغا ھەدىيە قىلىش مەقسەتلىرىدە بولسۇن، قېنى، بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ، تۈرمىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھىغا ئاھ، زارىغا زار بولۇڭ! كىتابنى توردىن سېتىۋېلىش ئادرېسى: https://amzn.eu/d/32x4ksy . كىتابنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭلارنى ۋە تونۇش- بىلىشلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.

2025-يىلى 17-نويابىر، لوندون

ياڭاق ھەققىدە ھېكايە

ياڭاق دەرىخى ئۇيغۇرلار ياشاپ كېلىۋاتقان بوستانلىقلارنىڭ ھۆسنىدۇر. ياڭاق دەرىخى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان تەبىئىتى قۇرغاق بوستانلىق كىلىماتتا ئۆسۈشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرسىتاننىڭ جەنۇبلىرى بولۇپمۇ خوتەن دىيارى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل سورتلۇق ياڭاق ئۆسىدىغان ماكان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ياڭاق تەكلىماكان بويلىرىدىكى چۆل – بوستانلىقلاردا ئۆزىنىڭ ياپ- يېشىل يوپۇرماقلىرى، سېىى سايىلىرى، گىگانىت سۈپەت ئاسمانغا بوي تارتىدىغان كۆركەم قامىتى بىلەنلا تەرىپلىنىپ قېلىنماستىن يەنە ئۇنىڭ ئۆزۈقلۇق قىممىتى يوقۇرى بولغان مىۋىسى بىلەن، ئۇنىڭدىن يارتىۋاتقان ئىقتىسادى قىممەتلەر بىلەنمۇ ئۇيغۇر ھايتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياڭاقنىڭ ئەھمىيىتى ئۇيغۇر ئىجتىمائى  ھاياتىدا مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. ئەگەر ياخشى دوستلار ھاياتنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىنى بىر- بىرلىرگە يۆلەك بولۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ياخشى كۈنلەر كەلگەندە شۇ دوستلار بىر-  بىرلىرىدىن ئۇزاقلاشسا ياكى ئۈنتۇپ كېتىشكەن بولسا، «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەن ئاتا سۆزنى قالدۇرغان ئىكەن. 

ياڭاق مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ھېكايىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۆتكەنكى 20 نەچچە يىللىق لوندوندىكى سۈرگۈن ھاياتىم ئەلبەتتە ھىچ بىر ۋاقىت ياڭاقتىن ئايرىلمىدى، ھەتتا مەن پۈتۈن ئائىلەمگە ئۇيغۇر يىمەك – ئىچمىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان لەغمەن ۋە پولودىن باشقا ياڭاق، ئەنجۇ، قوغۇن ۋە ئانار يېيىشنى ئۈگەتتىم. تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھەر ئىككى – ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم لوندوننىڭ شىمالىغا جايلاشقان پالمىس گرىن بۆلگىسىدىكى ياشار ھالىم تۈرك مىۋە- چىۋە بازىرىدىن بۇ مىۋىلەرنى ئېلىپ كېلىپ تۇرمەن، چۈنكى ئادەتتىكى يىمەك – ئىچمەك ماگزېنلىرىدا مۇنداق مىۋىلەر سېتىلمايدۇ. 

ئۇنداقتا ياڭا ھەققىدىكى بۇ ھېكايىلەرنى بالىلىقىمدىن باشلاي. مەرھۇم ئاتام  ياڭاققا بەك ئامراق كىشى ئىدى. بىز ھەر كۈنى دېگۈدە ئەتىگەندە توقاچ نان، ياڭا مېغىزى ۋە ئەنجۇر مۇرابباسى بىلەن ناشتىلىق قىلاتتۇق. گاھى چاغلاردا ناشتىلىققا ئۇماچ، لەغمەن ۋە پولومۇ يەيتۇق. بىزنىڭ باغدا مەھەللە بويىچە ياڭا دەرەخلىرى ئەڭ كۆپ ئىدى. كۈز پەسلىدە ئائىلە بويىچە ھەتتا خۇلۇم – خوشنىلارنىڭ ياردىمىدە تاغار- تاغارلاپ ياڭا ۋە ئالما يىغىش بىزنىڭ مەھەللە ئۈچۈن مول ھوسۇل بايرىمى ھېسابلىناتتى. مىۋىلەرنى يىغىشقا ياردەملەشكەن ھەر بىر ئائىلە ئاخىرىدا ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ قايتىشاتتى.

مەن ھەر ۋاقىت ياڭاق يېگىنىمدە، ئاتامنىڭ ماڭا شۇ بالىلىقىمدا ئېيقان سۆزى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئېھتىمالىم، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغان يىللار بولسا كېرەك، بىر كۈنى  ئەتىگىنى بىز دەستۇرخان ئۇستىدە ناشتىلىق قىلىۋاتقاندا ئاتام ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى:

– ئوغلۇم، سەن ھەر كۈنى ناشتىلقتا ئىككى-ئۇچ تال ياڭاق يەپ بەر، ياڭاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بەك مول، بولۇپمۇ مېڭىنىڭ ساغلام  ئۆسۇشىگە كۆپ پايدىسى بالام …» 

ئاتام ئۇيغۇر تىبابىتىدە تونۇلغان دوختۇر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ  يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئۆز مەھەللىمىز ۋە خوشنا مەھەلىلىلەردىكى ھەممى كىشى تونۇيتتى. مەھەللىدە بالىلار بىلەن توپا يوللاردا چاڭ -تۇزان چىقىرىپ ئويناپ يۈرگىنىمدە، چوڭلار كېلىپ مەندىن «كىمنى بالىسى سەن؟» دەپ سورىسا، مەن ھىچ تەمتىرمەستىن «- ئەيسا دوختۇرنىڭ ئوغلى» دەپ جاۋاپ قايتۇراتتىم. 

ھەي بالىلىقىمنىڭ ئۈنتۇلماس پارچىسى بولغان ياڭاق، سېنى ھەر يەردە كۆرسەم، ئەسلىمەمدىن خىرەلىشىشكە باشلىغان تالاي ھېكايىلەر تۆكۇلىدۇ. شۇنداق ھېكايىلەردىن بىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي:

بۇ ۋەقىئە 1980-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە مەن شاھيار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى يېزىسى يېڭىچىمەن كەنتى ئوتتۇرا مەكتىپىدە 4- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈزبەرگەن ئىدى. بۇ بىر سەككىز يىللىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، يېڭىچىمەن، تاللىقبۇلۇڭ، لەڭگەر قاتارلىق ئۇچ مەھەللە ۋە تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىشلەپچىقىرىش (تۈرمە) 4- ئەترىتىدىكى بالىلار كېلىپ ئوقۇيتتى. كېيىن بىز باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتەرگەندىن كېيىن بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،  ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپنى چېقىۋەتكەن، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىمۇ يوق. مەن 12 يېشىمدىن باشلاپ تويبولدى بازىرىدا ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇغان ئىدىم. 

بىزنىڭ ھېپىزخان ئىسىملىك ناھايىتى قاپىقى يامان بىر سىنىپ مەسئۇلىمىز بولغان. بۇ خانىم يەنە بىزنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئىدى. ئۇ ھىچ بىر ۋاقىت بالىلارغا كۈلۈپ گەپ قىلمايتتى،. بىز ھەممىمىز بۇ مۇئەللىمىمىزنى كۆرسەك ئالدىدا قورقۇپ تىترەپ تۇراتتۇق. 

ئۇ كۈنلەردە مەن ياڭاق ئويناش ئويۇنىغا كۆپ بېرىلىپ كەتكەن ئىدىم. ھەر كۈنى ناشتىلىقتا ياڭاق يېگەندىن باشقا يەنە مەكتەپتە قورسىقىم ئاچسا يەيمەن دەپ بىر – ئىككى پارچە نان، ئالما ۋە بەش- ئون تال ياڭاقنى سومكامغا سېلىۋالاتتىم. ياڭاق ئېلىۋېلىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم مۇددىئالاردىن بىرى مەكتەپتىكى بالىلار بىلەن ياڭاق ئويناش ئىدى. چۈشلۈك تەنەپپۇس ۋاقتىدا بالىلار بىلەن ياڭاق ئوينايتتىم. بەزى كۈنلىرى مەن كۆپ ياڭاق ئۇتۇۋالاتتىم، ئۇ چاغدا مېنىڭ مەكتەپ سومكام ياڭاق بىلەن يوغىناپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە، مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىش ئارىلىقىدا يولدا ئاداشلىرىم بىلەن ياڭاق ئويناپ ئۆيگە كەچ كېلەتتىم. كېيىن ئاپام ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم مېنىڭ ياڭاق ئويناشقا بېرىلىپ كەتكىنىمنى بىلىگەن بولسا كېرەك، مەن يۈزبېرىشنى كۈتمىگەن بىر ئىش ماتېماتىكا دەرسى ۋاقتىدا يۈزبەردى.

شۇ كۈنىدىكى دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇئەللىمنىڭ ئەلپازى ناھايىتى خاپا كۆرۈنەتتى. 

ئۇ ئىنچىكە يۇلغۇن چىۋىقىنى قارا دوسكا ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچى شىرەسىگە قاتتىق بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن، كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ، ۋارقىراشقا باشلىدى:

– سىلەر مەھەللىدىكى ئەيسا دوختۇرنى بىردىن بىر تومۇرچى دېمەڭلار، مەن ئۇنىڭدىن ئۆتەر ئۇستا تومۇرچىمەن، ھەرقانداق ئادەمنى، بولۇپمۇ بۇ سىنىپتىكى سىلەرنىڭ تومۇرىڭلارنى ئەڭ ياخشى تۇتىمەن، سىلەرنىڭ كېسىلىڭلەرگە توغرا دىئاگنۇز قويۇپ، ۋاقتىدا داۋالايمەن، شۇڭا مېنىڭ ۋەزىپەم ئوقۇتقۇچى، سىلەرنى ئوقۇتۇش، ياخشى تەربىيىلەش، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق، پايدىلىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش مېنىڭ ۋەزىپەم. بىلىشىمچە يېقىندىن بۇيان مەكتەپ ۋە مەھەللىدە ياڭاق ئويىنى ئويناش ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇل بالىلار بۇ ئويۇننى ئەڭ كۆپ ئوينايدىكەن. سىنىپتىكى تومۇرچى ئەيسا دوختۇرنىڭ ئوغلى سومكاڭنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا چىق!     

مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىمىكىن، پۇت- قوللىرىم ئۇشتۇمتۇت تىترەشكە باشلىدى. مەن پۈتۈن جۇرئتىمنى ۋۇجۇدۇمغا يىغىپ، ئەڭ قەيسەر روھ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سومكامنى كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم. سومكىنىڭ ئىچى ياڭاق بىلەن لىق تولغاچقا خۇددى ساپايىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدەك شىلدىرلاپ، سىنىپ ئىچىدىكى قورقۇنۇچلۇق تىمتاس سۈكۈتنى تۇيۇقسىز بۇزۇشقا باشلىدى.

مۇئەللىم قولۇمدىكى سومكىنى قوپاللىق بىلەن تارتىپ ئالدى دە، سومكىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە كىتاپ-دەپتەر، قەلەم ۋە ياڭاقلارنى شىرە ئۈستىگە شاراقلىتىپ تۆكۈشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا سىنىپ ئىچى شىرە ئۇستىگە تاراسلاپ چۈشىۋاتقان ۋە ئۇ يەردىن يەرگە چۈشۈپ ئەتراپقا چېچىلىۋاتقان ياڭاقلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى خۇددى ئاسماندا ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك، ياكى سىنىپنىڭ ئۆگزىسى شۇئان ئۆرۈلۈپ بېشىمىزغا چۈشىدىغاندەك ۋەھىمىلىك ئاڭلىناتتى. بۇ دەقىقىدە مەن قورقۇنچتىن ئالدىمدىكى تامغا تىكىلىپ قارىدىم، چۈنكى مۇئەللىم  شىرە ئاستىدىكى كىچىككىنە بىر تومۇر بولقىنى ئېلىپ، ياڭاقلارنى ئۇرۇپ- چېقىشقا باشلىدى. مەن شۇ دەقىقىلەردە خۇددى ئۇ بولقا كېلىپ مېنىڭ بېشىمغا تېگىدىغاندەك قورقۇنچ ئىچىدە ئىككى پۇتۇم بىلەن يەرنى كۈچسىز دەسسەپ تۇراتتىم. مەن  قېتىپ قالغان ھەيكەلدەك تامغا قارىدىم، ئەمما ئۇ يەرگە قاتارسىغا ئېسىغلىق تۇرغان ماركس، ئېنگلىس، لېنىن قاتارلىق ساقاللىق ۋە ماۋ، جۇ قاتارلىق ساقالسىز كوممۇنىست داھىيلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن يوغان كۆرىنىدىغان كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ كەتكەندەك، بۇ ئالەمنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ بولغان تۇرۇپمۇ ئۇلار ياڭاقنىڭ قارسىلداپ بولقا بىلەن چېقىلىشىدىن قورقۇپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى. سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يەرگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىشقىلىپ بۇ ئەسنالاردا مېنىڭ ئەتراپىمدا قورقمىغان ھىچ كىشى قالمىغان ئىدى.  

سىنىپنىڭ ئىچىدە مۇئەللىمنىڭ بولقا بىلەن ھەر بىر قېتىم ياڭاقنى ئۇرغىنىدا، ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق ھەرىكىتىدىن بېرىلىۋاتقان سىگنال ئاللىقاچان يۈرەكلىرىمىزنى پۇچىلىغان ئىدى.

مۇئەللىم غەزەپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ياڭاقنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ چاققاندىن كېيىن، بولقىنى ئوڭ قولىدا ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ، بىزگە ۋارقىرىدى:

– مەكتىمپىمىزدە، سىنىپىمىزدا ياڭاق ئويىنى ئوينايدىغان ئوغۇللار بىلىپ قويۇش، مۇندىن كېيىن قايسى بىرىڭ مەكتەپ ئىچىدە ياكى مەھەللە كويلاردا ياڭاق ئويىنى ئوينىغىنىڭنى بىلىپ قالسام، مۇشۇ ياڭاقنى بولقا بىلەن يەنچىگىنىمدەك ھەممىڭنىڭ شۇ قەلەم تۇتماي ياڭاق ئوينىغان قوللىرىنى يەنچىيمەن. بۈگۈندىن باشلاپ سەنلەرگە مەكتەپتە ياڭاق ئويناشقا رۇخسەت يوق!

«ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر»  دېگەندەك، بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ھېپىزىخان مۇئەللىم (روھى شاد بولسۇن) مېنى ياڭاق ئويناپ، دەرسنى ياخشى ئۆگەنمىگىنىم ئۈچۈن جازالىمىغان بولسا، كېيىن ياخشى ئوقۇپ پۈتۈن يېزا بويىچە بىردىن بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى بولالماس ئىدىم دەپ ئويلايمەن (كېيىنكى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمنى دېمەيلا قوياي). شۇ قورقۇچلۇق ۋەقەدىن كېيىن مەن بالىلار بىلەن ياڭاق ئويناشنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم. قولۇم ئاستا -ئاستا ياڭاق ئويناشقا ئەمەس، كىتاپ ئوقۇشقا كۆنۈۇشكە باشلىدى. 

سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، مىلادى 2024-يىلى، لوندون، مەن تۆنۈگۈن ئەتىگەندە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزىمنى ماشىنا بىلەن مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويدۇم. بىز ئۆيدىن چىقىپ، يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قىزىمدىن سورۇدۇم:

– قىزىم، مەن ياشار ئالىم تۈرك دۇكىنىدىن سىز ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىككى كىلو ياڭاقنى چامدىنىڭىزغا سالدىڭىزمۇ؟

– ھەئە، ئەلۋەتتە، مەنمۇ سىزدەك ئەتىگەندە ناشتىلقتا ياڭا مېغىزى يېيىشكە ئامراق، دېدى قىزىم جاۋابەن مەمنۇنىيەت بىلەن. 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

3024-يىلى 15- ئۆكتەبىر، لوندوندا يېزىلدى.

________________________________________________

مەنبە:
ياڭاق ھەققىدە ھېكايە
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

قازاقىستان جۈمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى 2024-يىلى 7- نويابىر نەشىرى
https://uyguravazi.kazgazeta.kz/news/51883






پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسىدا «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى» بۆلۇمى ئېچىلىدۇ

Suret  

مەن بۈگۈن قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى كاتتا بىر خوش خەۋەرنى ئورتاقلىشىمەن.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى ئېغىر كىرىزىسكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك تارىخىي مىراسلارنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ھەم دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇش مەقسىتىدە كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ 40 يىلدىن بۇيان ۋەتەن ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېنىمسىز ئەجىر قىلىپ يىغقان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى» – (Aziz Isa Elkun Collection) رەسمى ھالدا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسى (Princeton University Library) بىلەن 3 يىللىق جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە، بۇ ئىش تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇۋپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، سالمىقى كوپ، سۈپىتى يوقىرى ۋە قىممىتى ئالاھىدە بولغان كىتابلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مەخسۇس “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نامىدا ئايرىم كۈتۈپخانا بۆلۈمى ئېچىلىپ ئەبەدىيلىك ساقلاشقا قويۇلدى. نۆۋەتتە “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نى كۈتۈپخانا ئۆلچەملىرى بويىچە رەتلەش، كاتالوگلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر كۈتۈپخانا ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر سلاۋىيان يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، 3 يىلدىن يوقىرى ۋەياكى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان، بۇ ساھەدە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بىر ئاكادېمىك كۈتۈپخانا خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ.

«ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى» نى كەلگۈسىدىكى 3 يىل ئىچىدە كاتالوگلاشتۇرۇش ۋە رەتلەش چىقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخىنى ئۆگىنىدىغان ئاكادېمىكلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم مەنبەلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ تور سەھىپىسىگە قويۇلىدۇ ۋە كىتابلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتە ئەبەدىي ساقلىنىدۇ.

شۇڭا ئاكادېمىك بولغان ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسىدا “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن توپلانمىلىرى” نى كاتالوگلاشتۇرۇش ۋە رەتلەشنى خىزمىتىنى ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئىشقا تور ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ھۆرمەت ۋە ئېھتىراملار بىلەن،
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
2024-يىلى 13-ئىيۇل، لوندون

بۇ ئىشقا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:
Uyghur Language Cataloging Specialist
https://main-princeton.icims.com/jobs/19465/uyghur-language-cataloging-specialist/job

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنماقچى

ئامىنە سەدەف

 

خەۋەر مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022- يىلى 17- دېكابىر

 

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئاكادېمىك، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە بمەسئۇل تەھرىرى بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى»  ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 7- نويابىر كۈنى بۈيۈك بىرتانىيە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە كانادادا نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

 

Uyghur Poems Book by EVERYMAN’S LIBRARY POCKET POETS

Published on 7th November by Penguins Random House

 

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى بۈگۈنكىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى جازالاش، كىتابخانا، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق رەزىل مەدەنىيەت يوقۇتۇش سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشى خىتاينىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن بىر ياخشى جاۋاب ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ قارايمەن. شېئىر بىر تىلنىڭ جەۋھىرى، ئەدەبىياتنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابقا كىرگۇزۇلگەن شېئىرلار قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلاردىن تارتىپ، ھازىرقى زامان شېئىرلىرغىچە بولۇپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 2000 يىللىق تارىخى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن بىر ئانسولوگىىيىلىك – قوللانما كىتاپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەم بۇ كىتاپ كېلىجەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا كەڭ دائىرىدە تونۇتۇشتۇرىدىغان ئېنگلىزچە نەشىر قىلىنغان بىردىن بىر مۇكەممەل كىتاپ بولۇپ قالغۇسى.» دېدى.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىنگۋىن نەشرىياتى ئەنگلىيىدە برىتانىيە ئىمپېريىسى دەۋرىدىن باشلاپ كىتاب نەشىر قىلىپ كەلگەن دۇنيادىكى چوڭ تىپتىكى نەشرىيات بولۇپ، بۇ نەشىرياتتا نەشىر قىلىنغان كىتابنىڭ تىراژى ئەڭ ئاز بولغاندا بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولىدىكەن ۋە ھازىرغىچە تۈركىيە ياكى باشقا ئۇتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىددىن بىرەرمۇ شېئىر كىتاپ نەشىر قىلىپ باقمىغان بولۇپ، «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق بۇ كىتاپ ئۇشبۇ نەشىرىياتتا نەشىر قىلىنغان تۇنجى تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

ئەتىرگۈللەر

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
«ئەتىرگۈللەر» ناملىق ئۇشبۇ شېئىر 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى.
 
قۇياشلىق بىر سەھەر
يەنە بىر يېڭى كۈن باشلانغان
مەن ھەممىسى بولۇپ يىگىرمە ئۇچ كۈزنى سانىدىم
قىش پەسللىرىمۇ سۈرگۈندە ئۆتۈپ كەتتى
يەنە قانچە يىلنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن
ئۆزۈمگە تەۋە ماكانىغا
ئاتا-بوۋىلىرىم مۇقەددەس ۋەتەن دەپ بىلگەن
ئەشۇ تۇتىيا زېمىنغا قايتىشقا.
 
مەن ۋۇجۇدۇمدىكى قايغۇنى ھېس قىلالايمەن
تىترەيدۇ جېنىم سوغۇقتا
بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا دادامدىن مىراس قالغان،
غايىب بولۇپ كەتكەن ۋەتىنىنىڭ ئەسلىمىسى
قاچانكى ئەقلىمنى ئەسىرگە ئالغاندا.
 
قىسمىتىم مېنى
ئىنسانلىقىم بىلەن ئىززەتلىنىشكە ئۈندەيدۇ،
پۈتۈن دۇنيادىن
يوقالغان شۇ ۋەتەننىڭ ھايات قالغان شاھىدتلىرىغا،
 تەكرار ۋە تەكرار –
بىر قەترە مۇھەببەت
مېھرى- شەپقەت تىلەيدۇ.

ئادەمسىز كوچا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئادەمسىز كوچا
قەلىبسىز ئادەملەر
مېنى ئەسلەپ تۇرغان يىراقتىكى چۈش
ئالغا ماڭ غېرىبسىنغان قەدەم …
غەمسىزدۇر ئاسمان
يېڭىلمەسدۇر غايەم.

 

بالدۇر چىققان نازلىق يۇلتۇز
جانانىممۇ سەن؟
يۈركى قارداپ كەتكەن كېچە
زالىممۇ سەن؟

 

ھاياتتىن نېمىنى ئىزدەي
نېمىنى مەن قىلاي ئارمان
ئۆزۈمگە ئۆزۈم ناتونۇش
ئۆزلۈكىم ساراڭ بىلەن دوست
ياق، سايەم بىلەن سىرداش
ھايات ئىزگۈلۈكتە ئېچىرقار
سۈرگۈنىدىكى ھەردەم.

 

20-ئىيۇل، 2021- يىلى. لوندون

 

 

«ئىندىجېنىس پىپول» لار: ئايقىز ۋە جەك

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(Indigenous people: Aykiz and Jack)

 

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ھايات ۋە مامات ھەلقۇمىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ چەتئەلدىكى ئىككى توك-توك قاچقۇنلىرى ئارىسىدا يېقىندا ئەينى يىللاردىكى دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان سوۋېتلەرنىڭ ھىدىروت بومبىسىدىنمۇ كۈچۈك «ئىندىجېنۇس» بومبىسى تۇيۇقسىز پارتلاپ، پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى ۋەھىمە ۋە ساراسىمگە ساپتىمىش ….

 

بۇ «ئۇيغۇر» -دۇنيا قوۋملىرى ئارىسىدا كەمدىن كەم تېپىلىدىغان بىر ئەزىز مىللەت، ياق، تەكلىماكاننى ئەبەدىي ۋە ئەبەدىي ئۆزىنىڭ ئاتا ماكانى قىلىپ، ئىمپېرىيە ۋە سۇلالىلەرنى قۇرۇپ ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەت.

«ئەمدى تىلىڭ قۇرۇسۇن، ئۇيغۇر يەرلىك خەلق ئەمەس»
«ئۇيغۇرلار ئىندىجېنۇس پېپول ئەمەس»
«بىز ئىندىئانلار ئەمەس…»
«ھۇ ۋەتەن خائىن، تىلىڭنى تارت! »
«ئۇيغۇرنى ئىندىجېنۇس پېپول قىلىپ، پالنى، پۇستانى سېتىۋەتتى… ئۇلارنى يوقىتايلى ھۇررا …ھۇررا …!!!»

 

ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ۋابادىنمۇ يامان «ئىندىجېنۇس پېپول» پىس-پاس بومبىسى مىلادىيە 2021-يىلى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇبارەك مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقنىڭ 88-يىللىق خاتىرە كۈنىدە دەھشەتلىك پارتلىغان ئىدىكى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىىڭ ئەڭ غەربىدىكى شوتلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭمۇ كېچە-كۈندۈز ئارامىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى.

 

ئەلكۈن باغچىسى

 

 

پەسىل ھالقىپ، پەرۋىشىگە چىۋەر بارماق، گۈزەلگىنە باغچا بولدى.

ئاسمىنى لوندون ئۆچۇق، كۆرمەككە كېچىنى روشەن يۇلتۇزۇم بولدى.


سېغىنىپ تۇرسام ھەر دەمدە، قەلبىدىكى ئابىدەم – تۇتىيا ۋەتەننى،


كەچسىمۇ ئۆزگە ئەلدە، ئەلكۈن ئۆمۈرى ساڭا ئاشىقى قۇل بولدى!

 
 

ئەلكۈن. 25-سېنتەبىر، 2021-يىلى، لوندون.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
چۈنكى تەقدىر بىزلەرگە توزاق.
ئەمما سەبىر تۇرماس سۈكۈتتە،
ھايات كۈرەشكەن ئەسلى شۇنداق.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
يانار يۈرەكتە سېغنىش بىراق.
سۆيۈش ئىكەن بۇ ئۆمۈر ئەسلى،
ياشاش بىزگە زۇلۇمدىن يىراق.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
قالدى قەدەم ھىجراندا ئاقساپ.
تىلەيمەن ۋىسال ئەيلە قىسمەت،
بولغاي ھىممەت بىزلەرگە ساۋاپ.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
تاپالماس شىپا كۆيسە پىراق.
مۇھەببەت مەلھەم ھەر يۈرەككە،
ئىنسانلىققا قويۇلسا سوراق؟!

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
شېئىر پۈتمەس ۋەتەنگە ئاتاق.
ھەر مىسىرادىن تۆكۇلەر ئىسمىڭ،
ياشىساقمۇ سۈرگۈندە يىراق.

2021-يىلى، 1-ئىيۇل، لوندون.

 

رىزىق

ئادىل تۇنياز

 

ئە. ئە گە ئاتاپ

 

ئۇچىراشتۇق بىز
ئاۋال تېلېفوندا –
ئاندىن زاۋالنىڭ سۈرىتىدىن تىز
توختىغان قىزىل تاكسى يېنىمىزدا
قالدۇرمىدى غېرىبلىقتىن ئىز،
قالدى بىر تىكەن تىلىمىزدا.

 

سېنىڭ رىزقىڭ يات تىلدا ئىكەن
ئىككى قىزىڭ ئاق پىشماق، بىغەم
ئېنگىلىز تىلىدا ئۇچتى بىر دەم
يېرىم سۈزۈك قانىتى بىلەن.