ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەلكۈننىڭ ئۆيى ئالدىدا ھەمىشە ئۇنىڭ غۇربەتلىك دەقىقىلىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغان كىچىكنە بىر خاس باغچا بار. تۆت پەسلىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بۇ مېھرى ئىسسىق باغچا، ئانا تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئەلكۈننىڭ كۈنلىرىگە ھەر كۈنى ھەمراھ، بولۇپمۇ بۇ ۋابا كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئايرىلماس ھەمراھ. ئەلكۈننىڭ «كۈز ھىجران ئەمەس»، «مەن شېئىر يېزىۋاتىمەن»، «قانداق كۈتەي سېنى يېڭى يىل» قاتارلىق يۈزلىگەن گۈزەل لىرىكىلىرى مانا مۇشۇ باغچىنىڭ ئىچىدە، لوندون ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان ئەرىك قۇشلىرىنىڭ مۇڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلغان ھايات مارشىغا ئۆز پىغانلىرىنى، قەلبىدە لاۋا كەبى تېنىمسىز كۆيۈۋاتقان ئاتەشلىرىنى قوشۇپ يېزىپ چىققان ئىدى…
ئەلكۈن – ئۇ، پەلەكنىڭ ئاتا قىلغان ناھەق قىسمىتىنى ھىچ قوبۇل قىلمىغان ۋە قىلـمىدى، ئەكسىچە ناھەق قىسمەتنى ھەقكە ئايلاندۇرۇ ئۇچۇن ناھەق كۈچلەرگە قارشى ئىسيان قىلدى. شۇ رەھىمسىز رېئاللىق كاشكى، ئۇنىڭ گەردىشى ھىجران بالاسىدىن باغرى قان – قان بولغان كۈنلىرى سان – ساناقسىز…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
Omur_Baharim.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
سابا چولپىنى تەبەسسۇم ئىچرە كۈلگەندە، باھارىم ئەللىك پەسلىدىن چېچەك تۆككەندە، مۇھەببەتكە بۇ ئۆمۈر ھىچ قانماي ئۆتكەندە، دۇنيا بەندىگە گۈزەلكەن، ئەسلى گۈزەلكەن!
بولمىسا ئاشىق، بۇلبۇل گۈل شېخىغا قونماس، بولمىسا يىگىت چوڭ، ۋىسال ئىمكانى قۇچماس، گەر بولسا ئەر، قىلغان ئەھدىدىن ئەسلا يانماس، مېھنەتتىن چىن ئىنسان مەنزىل تامان ئۇزاركەن.
يۇلتۇزم كۆز قىسار بولۇپ تۈننىڭ جۇلاسى، تولۇنئايمۇ بولدى ماڭا ھەمراھ شولىسى، كۈلۈپ چىقار ھەم قۇياشىم مېھرى – ئاتىشى، سالمىساڭ يۈگەن، ئۆمۈرۇڭ شۇنداق ئۆتەركەن!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: Insanliq_Uyghurgha_Ogey.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
زارىم بىلەن ياشىم قان بولۇپ ئاقسا مەيلىمۇ، قەدرىمنى ئەبگار مەلئۇن يەكسەن قىلسا مەيلىمۇ، قەيەردە ئېيتىڭچۇ بىز كۈتكەن ئىنسانلىق بۈگۈن، ئەھلى جاھان بىزنى كۆرۈپ جىم ياتسا مەيلىمۇ؟!
ئۇيغۇر جازا لاگېردا ئۆلۇپ كەتسە مەيلىمۇ، بىر تۇققۇنۇم ئۆزبېگىم بىلمەي يۈرسە مەيلىمۇ، قازاق-قىرغىز دۆلىتى ھالى نېچۈن پەرۋاسىز، پايدىغا تۈركىيەم سۈكۈتتە تۇرسا مەيلىمۇ؟
ھەر جاننى فاشىستلار قىيناپ خۇن قىلسا مەيلىمۇ، ئىپپىتى قىزلىرىمىز زەبۇن بولسا مەيلىمۇ، نارسىدە بالىلار كوچىدا ئانىسىز يىتىم، بۇ ئىنسانلىق ئۇيغۇرغا ئۆگەي بولسا مەيلىمۇ؟
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيەم ئوقۇدى
Taglargha_nida.mp3
دانادۇر دانە ئاققىنى قان كۆزدىن ياش، ساقايماس غەمگە مۇپتىلا بولدى بۇ باش، تاغلارغا نىدا ۋەتەن سېنى سورايمەن؟! سۆزلەيدۇ كەچمىش ئاتا پۈتكەن قىياتاش.
ئەجەبمۇ مېھرىڭ ئىللىق سېنىڭ ئىسسىق كۆل، تۆمۈر چوقا ئەكسى بار، تۇرار يالتىراپ. نەپسىمگە قوشۇلۇپ كېلەر سېنىڭ ھىدىڭ، نە تاقەت كۆرمەسكە ۋەتەن سېنى شۇتاپ؟!
ۋەتىنىم ھالىڭ نەدۇر سېنى بىلمەيمەن، تەڭرىتاغ گىياھىنى سېغىنىپ پۇرايمەن، ئاق باش چوقىلىرىڭغا تويماي قارايمەن، سېنى سۆيگەن بۇلۇتتىن سالام يوللايمەن.
بۇ يەردىمۇ ئۆرۈك بار كۇچارغا يەتمەس، ھاي-ھاي قوغۇن تەمى پەيزىۋاتقا يەتمەس، لەغمەنمۇ بار لەززىتى قەشقەرگە يەتمەس، ھەممە بار ئەمما ۋەتىنىم ساڭا يەتمەس…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيەم ئوقۇدى Wapadar_shamallar.mp3
شاماللار مېنى سۆيەتتى چۈنكى ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش بېشىدىن كۆپ مۇشەققەتلەرنى ئۆتكۈزۇپ ئۇزاق-ئۇزاق ماكانلاردىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىشكەن ئىدى.
مەن ئۆيۈمنى سېغىنغان سانسىز غېرىب كېچىلەردە تونۇش يۇلتۇزلار ماڭا كۆز قىسىشاتتى چۈنكى ئۇلار بالىلىقىمدىكى مېنىڭ سەبى ئاسمىنىمنى بىلىشەتتى…
مەن ئۇلارنى سانىغان ئىدىم ئۇلار مەن بىلەن ئوينىغان ئىدى ئۇلار مەن بىلەن تەڭ چوڭ بولغان ئىدى…
BBC Uzbek May 8, 2019
VIDEO
«Онам тирикми, ўлик – билмайман» – Уйғур фильми Хитой лагерларида сақланаётган юз минглаб уйғурлар ҳақида «Онам тирикми, ўлик – билмайман» – Уйғур фильми Хитой лагерларида сақланаётган юз минглаб уйғурлар ҳақида Хитой уйғурларнинг маданияти, тили ва динини йўқ қилиш учун уларни мунтазам равишда махсус лагерларга жойлаштирмоқда. Бу каби маълумотни Бирлашган Миллатлар Ташкилоти билан биргаликда қатор матбуот ва ҳуқуқ ташкилотлари, ҳамда Шинжондаги ўз қариндош-уруғлари билан алоқани йўқотган хориждаги уйғурлар тарқатишмоқда. Лондонда яшовчи уйғур ёзувчи Азиз Иса Элкун ҳам камида уч йилдирки онасининг овозини эшита олгани йўқ. «У тирикми, ўлганми, билмайман. Қўнғироқларим жавобсиз,» – дейди у. Азиз Иса Элкун айни воқеликни, ҳамда уйғурларга Хитой ҳукумати томонидан бўлаётган босимларни ўзи яратган «Жавобсиз қўнғироқ» фильмида акс эттиришга уринган. Азиз Иса Элкуннинг таассуф билан билдиришича, уйғурларга қардош Марказий Осиёдаги давлатлар ҳукуматлари ҳам бу борада жимлар.
ئاپتور: غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
(مەزكۇر ماقالە خەلق تورىدا 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى نەشىر قىلىنغان)
شائىر ئوسمانجان ساۋۇت
لىرىك شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961- يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا كۆپلىگەن تۈركۈم شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» (1984- يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)، «تاڭ لىرىكىلىرى» (1989- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى)، «تەڭرىتاغ شاماللىرى» (1996- يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى)، «تۈن تىۋىشلىرى» (2000- يىلى، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشرى)، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش» (2000- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى)، »گۈللەر سۆزلەيدۇ» (2007- يىلى يىلى شىنجفڭ خەلق نەشرىياتى)، «زېمىن قەسىدىسى» (2008- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. شائىرنى شائىرلىق ماقامىغا يەتكۈزگىنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ 1000 پارچىدىن ئاشقان سانى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي شېئىر خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىغان ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى. مەن بۇ ماقالەمدە تالانتلىق شائىر، يېتۈك تىل ئۇستىسى ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىمنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئاساسىي قائىدىلىرى نۇقتىسىدىنلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن
لوندون قەشقەر كوچىسىنىڭ كۆرۈنىشى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىمۇ تەرەققىي قىلمىغان. ئەنگلىيىگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000 – يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە يەرلىشىشىدەك سۈرئەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە.
ئەنگلىيىدە، يەنى بۈيۈك بىرتانىيەدە 2016-يىلىغىچە 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىش تارىخى ئۇستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- 1990- يىللار ئارىلىقىدا ئەنگلىيىگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.
ئەنگلىيىگە تۇنجى قېتىم ۋەتەندىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1999 – يىلى كەلگەن ئەنۋەر توختىنى، 2001 – يىلى كەلگەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز.
قىرغىزىستان، ئىسسىق كۆل، بارسقۇن مەھەللىسى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: ikki_chelek_oruk_Elkun.mp3
يول ياقىسىدا سارغايغان ئىككى چېلەك ئۆرۈك قىرغىز قىزى خېرىدار كۈتۈپ تۇرار ئەسىرلەرگە گۇۋاھ قېرى سېدە دەرىخى ئاستىدا.
سېتىۋېلىشنى كۈتەر يولۇچىدىن ھەممىسى تويۇن ئۆرۈكلەر قۇمۇلنىڭ ياكى كۇچانىڭ سورتىدىن. پىشقان، مەي بولغان سەھەردە خورازنىڭ چىللىشى بىلەن تەڭ ئۇزۈلگەن ئۆرۈكلەر سېپىدىن نەپەس ئېلىپ قىز خانتەڭرىنىڭ مەيىن شامىلىدىن.
قىز تۆنۈگۈن مەكتەپتە ئىدى بۈگۈن ئۆرۈك سېتىپ ئولتۇرار يالغۇز يول ياقىسىدا. ئۇنىڭغا بىر كىتاپ ھەمرا يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارغا قىلماس پەرۋا قىز باغلىنىپ قالغان كىتابقا كىتاب ھەم باغلانغان قىزغا…
ئۆرۈك ساتقۇچى قىز ئىسمى جامىلەمدۇر ياكى گۈلسارە بېشىدىكى گۈللۈك ياغلىقى تۇغ كەبى شامالدا لەپىلدەپ تۇرار.
(“ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتىنىڭ ئەكرەم ئىسىملىك بىر چالا تەرجىمان تەرىپىدىن قەستەنلىك بىلەن خاتا تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە)
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتىگىمۇ پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر سۈرگۈن توپلۇقلىرى ئارىسىدا پىتنە-پاساتلار ئەڭ يوقىرى پەللىگە يەتتى ۋە بۇ پەللە داۋاملىق يوقىرى سەۋىيەلەر بىلەن كۈندىن- كۈنگە ئۆرلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان، دىنىي ئەپكارىمىز ۋە كىشىلىك ئەخلاقىمىزغا زىت بولغان تېتىقسىز مۇنازىرىلەر نېمە ئۇچۇن بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە يۈزبېرىدۇ؟ يەنە كېلىپ بولۇنغان مۇنازىرىلەر شۇ قەدەر خۈنىكلەشكەن ۋە خۇمسىلاشقان بولۇپ، ئادەمىي ئەخلاقىنىڭ ئەڭ رەزىللىك سەۋىيىسىگە يەتكەن ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان ئىدىكى، ھازىرغا قەدەر بىر قانچە تور “ماڭقۇرتلىرى” يۈزبېتىك (Face book) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەمىنە بىلەن بىللە 71 ياشقا كىرگەن، ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر ئۇچۇن، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكى ئۇچۇن خىزمەت قىلغان بوۋىمىز يوللۇق سەپدىشىم ئەنۋەرجان ئاكىنىڭ رەسىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ، ئۆلۇم تەھدىتلىرى سېلىپ ئۇچۇر يوللىغان ۋە ئۇ كىرىشتۈرۈلگەن رەسىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرەپسىزلەرچە تارقىتىپ، سازايى قىلىشقا ئۈلگۈرۇشكەن ئىدى.
خوش، ئۇنداقتا ئاتىسى قويغان ئىسمىنىمۇ ئوچۇق -ئاشكارە ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىسمى يوق، تام ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھاقارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تىللىق «ماڭقۇرتلار» نىڭ بۇ قەدەر ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزغا زادى قانداق ئىش سەۋەب بولدى؟
ئەپسۇسلىنارلىق ئىش- بۇ يەردە ھىچ كىمنىڭ گۇناھى يوقتۇر. ئەگەر بار دېيىلسە، ئۇ كىشى ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ناھەق “گۇناھكار” قىلىنغان، خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى ئىلھام توختى ئەپەندىدۇر! بۇ كۆڭۈلسىز ماجىرالارغا تۈتۈن بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قىسقا قىلىپ چۈشەندۈرسەك، «ئىلھام توختى ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى 2016- يىلى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر بايانات تۆت يىلىدىن بۇيان توردا تۇرغان بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى چەكمەي، ھازىرقى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، 2020-يىلى 27-ئاپرىل شۇ تۆت يىل تۇرغان بايانات ئەنۋەر ئاكا تەرپىدىن كۆچۈرۈپ چاپلانغانلىقتىن كېلىپ چىققان بىر خاتالىق ئىدى