ۋاپادار شاماللار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى رابىيەم ئوقۇدى
Wapadar_shamallar.mp3

 

شاماللار مېنى سۆيەتتى
چۈنكى ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش
بېشىدىن كۆپ مۇشەققەتلەرنى ئۆتكۈزۇپ
ئۇزاق-ئۇزاق ماكانلاردىن بۇ يەرگە
ئۇچۇپ كېلىشكەن ئىدى.

 

مەن ئۆيۈمنى سېغىنغان
سانسىز غېرىب كېچىلەردە
تونۇش يۇلتۇزلار ماڭا كۆز قىسىشاتتى
چۈنكى ئۇلار بالىلىقىمدىكى
مېنىڭ سەبى ئاسمىنىمنى بىلىشەتتى…

 

مەن ئۇلارنى سانىغان ئىدىم
ئۇلار مەن بىلەن ئوينىغان ئىدى
ئۇلار مەن بىلەن تەڭ چوڭ بولغان ئىدى…

 

ئاۋۇ بۇك – باراقسان تېرەكلەر
ئۇلار ئاتام تىككەن تېرەكلەرنىڭ
يىلتىزلىرىدىن ئۆسۈشكەن ئىدى.

 

مەن ۋەتىنى يوق ئازابلىرىمنى
پاناھلىق كوچىسىدا سۆرەپ ماڭغىنىمدا
ئۇ غايىبانە تېرەكلەر ماڭا سايە بولاتتى
ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىشىمغا
نەملەنگەن كۆز چاناقلىرىمغا
دىققەت قىلاتتى

 

ئېھ، قارغىشى كەتكەن مۇساپىرلىق
ئېھ ۋاپاسى يوق مۇساپىرلىق
مەن شۇنچە ئۇزۇن ياشىساممۇ –
ئۆزگە يۇرت ماڭا ناتونۇش ئىدى
ئۆز يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىن بۇيان
كۆزۈم يۇرت تونۇماس بولۇپ قالغان ئىدى.

 

مەن ھەر كۈنى
خاتىرەمدىن خىرەلىشىۋاتقان
ھاياتىمدىن يوقىلىۋاتقان
ئاتام مۇنقەرز قىلغان ۋەتىنىمنى سېغىنغاندا
يۈركىم سەكپارە بولاتتى…

 

ئەمما
ۋاپادار شاماللار
ئەركە بۇلۇتلار
شوخ -شوخ يۇلتۇزلار
ماڭا ھەمراھ سايىۋەن دەرەخلەر
مۇڭلىرىمغا ھەمدەم خۇشئاۋاز قۇشلار…
بۇ دۇنيانىڭ جىمىكى دەرتمەنلىرى
مەن بىلەن ئاداش بولاتتى.

 

8- يانۋار 2020، لوندون.

 



باھا يېزىش چەكلەندى!