مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: نوپۇس ۋە نوپۇز

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: نوپۇس ۋە نوپۇز

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

«ئادەمنىڭ ماھىيىتى سىياسى ھايۋاندۇر»- ئارىستوتېل

 

غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە بىر مىللەت ياكى مەلۇم ئورتاق تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەت توپلۇملىرى نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي سالاھىيىتىنى ۋە سىياسىي نوپۇزىنى بەلگىلەيدۇ. دېموكراتىك ئەللەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنى بىردەك قانۇن ئارقىلىق قوغدايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىرقىي كېلىپ چىقىشىڭىز ياكى رەڭىگىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، سىزنىڭ بارلىق پۇقرالىق ھوقۇقلىرىڭىز قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. سىزنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە، تەشكىلات ۋە پارتىيلەرگە قاتنىشىش، بىرەر سىياسىي پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرىش، جۈملىدىن سايلاش ۋە سايلىنىش قاتارلىق پۇقرالىق سىياسىي ھوقوقلىرىڭىز تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولدۇ.

 

تېخىمۇ تەپسىلىرەك  ئېيتساق، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى دىكتاتورلۇق تۇزۇم، مۇقىمسىز ھاكىمىيەت ياكى ھاكىمىيەتتىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقلىرى، نامراتلىق، تۈرلۈك ئىنسان ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك غەرب ئەللىرىگە كېلىپ  پاناھلىق تىلىگەن ياكى كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن مىللەتلەر سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنىڭ ۋەكىللىك قىلىنىشىغا، مەنپئەتىنىڭ ئۆزلىرى كۆچمەن بولغان دۆلەتتە ۋە كۆچۈپ كەلگەن ئەسلى دۆلەتلىرىدە ئوخشاشلا قوغدىلىنىشىغا روشەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەت ۋە ئسلام

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

تۈركى خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېتۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يارىتىشقا مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى روھ بولسا، باي ۋە گۈزەل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەن بولۇپ، مىڭ يىلدىن بۇيان مۇجەسسەملەنگەن ھالدا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ جان تومۇرىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكنى خۇددى روھنى تىرىك تەندىن ئايرىغىلى بولمىغانغا ئوخشاش ئايرىۋېتىشقا ئۇرۇنۇش، ياكى بىر – بىرلىرىگە قارامۇ – قارشى قويۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولغىنىغا ئوخشاشلا، مۇشۇنداق بىر خاھىش ۋە نىيەتلەردە بولۇش، «ئىسلام دىنى» نى ئېتىقادىمىزدىكى ناتوغرا چۈشەنچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ قوۋمنىڭ خاس مىللەت ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە، زۇلۇم ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىش، جاھىللارچە ھۇجۇم قىلىش، نائەھلىلىكنىڭ، نامۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە نائىنسانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 

ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئتى جۇملىدىن ناخشا – مۇزىكا بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق ئىلىمگە جۈملىدىن سەنئىتىگە شۇ قەدەر ماھىر بولغان، ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەر بىر دەۋر ۋە زامانغا يارىشا ئۆز سەنئىتىنى بېيىتىپ كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مەدەنىيەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئوخشاشلا مىللەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىر بىلەن بىرىكتۇرۇپ ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان خاس مىللىي كىملىك ئوبرازىنى شەكىللەندۇردى.

 

مەنىۋىيەتتىكى ئېستېتىك گۈزەللىك باشقا گۈزەللىكلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تاجىسىدۇر. ناخشا ئۇ يۇرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن سۆزدۇر. كۇي ئۇ ئىنسان قەلبنىڭ لىرىك ئاھاڭلار ئارقىلىق نامايان قىلغان بايانىدۇر. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ئۇيغۇرلار مۇردا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلايدىغان زىرەك قولىقى، سېزەلەيدىغان سەزگۈر يۇركى بار، ئۇيغۇرنىڭ باشقا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تائىپەلەرگە ئوخشاشلا كۈلكىسى، قايغۇسى ھەم نەپرىتى بار بىر خەلق. ئۇيغۇر كۇلەلەيدۇ، يىغلىيالايدۇ ۋە غەزەپلىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر بۇ ھېسىياتلىرىنى ”گاھىدا داپ بىلەن ئۇسۇل، گاھىدا ئاللاھ بىلەن رەسول“ دېگەن ماقال – تەمسىللەردە ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار 10 – ئەسىردە ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورۇپ – ئادەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى.

ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى

Suretئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  

 

بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قېلىپى شەكىللىنىپ بولغىلى بىر ئەسىردىن ئاشتى. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى ھازىر بىز ياشاۋاتقان دەۋر ئاتوم دەۋرى ئەمەس بەلكى ئۈجۈر ۋە رەقەم دەۋرى. مانا مۇشۇ تېخنىكىلىق قولايلىقلار بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش، دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن بولسا ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ ئالتۇندەك پۇرسەتلىرىنى ياراتتى. مانا بۇ پۇرسەتتىن ھىلىگەرلىك بىلەن پايدىلانغان خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

 

دۇنياۋى تورغا ئايلانغان ئۇچۇر ئالاقە ۋە نازارەت قىلىش تېىخنىكىلىرىنىڭ كۈنسايىن ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەت ۋە خۇسۇسىي ھوقۇق ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى مىسلىسىز تارىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بىز قايسى بىر دۆلەتتە ياشىمايلى، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز شۇ دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتىدۇ. بىز بىر كۈننىمۇ تېلېفونسىز، ئېلخەتسىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارسىز، بانكا كارتىسىز، قىسقىسى ئۈجۈر تېخنىكىسىز، ھاياتنىڭ رەقەم بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بارلىق مەشىئەتلىرىسىز ياشىيالمايمىز.

 

ھەر ساھەلەردىكى كەسىپلەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان يوقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتلىرى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى ئۆزلىرى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، يېڭى بىر نازارەت قېلىپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىنىپ بۇلۇندى. بىز غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېلىپلار ئىچىدىكى قانۇن ۋە ئىمكانىيەتلەر يول قويغان دائىر ئىچىدە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، ئىنسانلىق ئىززىتىدىن مەھرۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى بىزنىڭ توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا بىز مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق قانۇن تەرتىپلەر رامكىسى ئىچىدە، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ۋە بىزگە ھازىرچە باشقىچە تاللاش يوللىرىمىز يوق ياكى زۇلۇمغا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە پايدىسى بولىدىغان باشقا يوللار يارتىلمىدى.

 

ئابدۇرەھىم ھېيت ئۆلمىدى !

Abdurehim_Heyitئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Abdurehim_Heyit_olmidi.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
«ئابدۇرەھىم ھېيت ئۆلمىدى!» – بۇ ھەقىقەتەنمۇ خوش خەۋەركەن. بۇ خەۋەرنى خىتاي خەلىقئارا رادىئوسىنىڭ تۈركچە ئاڭلىتىشى 2019-يىلى 10-فېۋرال سائەت 22:31 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتتى. بىز ھەممىمىز پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۇك سەنئەتكارى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ھايات بولۇشىنى تىلەيمىز. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن خىتاي ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ قىسقا بىر سىن كۆرۈنىشىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. ئۇ سىن كۆرۈنۈشىدە ئابدۇرەھىم ھېيت سۆز قىلىپ «مېنىڭ ئىسىمىم ئابدۇرەھىم ھېيت، بۈگۈن 2019-يلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، قانۇن تەرپىدىن مېنى گۇمانلىق دەپ قارىغىنى ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە تەكشۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى. مەجبۇرلاش، زورلاش بولمىدى» دېدى. بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ چىقىشى بىلەن، ئۇنىڭ ساختا سىن كۆرۇنىشى ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ راست ۋە ياغقانلىقىنى تەكشۇرۋاتقانلىغى ھەققىدىكى ھەر خىل گۇمانى قاراشلار ئوتتۇرغا چىقتى.

ئۇيغۇرلۇق ۋە تەپرىقىچىلىك

“Uyghurluq_tepriqichilik"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Uyghurluq_we_Tepriqichilik.mp3

 

ئۇيغۇرلۇق – كۆك تۈرك قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدا «ئون ئۇيغۇر»، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «ئىتتىپاقلىشىش»، «ئۇيۇشۇش» ۋە «مەدەنىيەت ئىلغارلىقى» دېگەندەك بىر سىياسىي ۋە ئىرقىي ئاتالغۇدۇر. ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىكى دەپ بىلىدىغان، بۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ۋە كېلىچەك مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆڭۈل بولىدىغا بارلىق مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا ئىگە مۇشۇ قەۋىمگە تەۋە كىشىلەر توپلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

تەپرىقىچىلىك كەلىمىسى – بىز ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن تىلىمىزغا كىرىپ كەلگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى لۇغەت مەنىسى بولسا «بۆلۈنۈش»، «پارچىلىنىش»، «ئىتتىپاقسىزلىق» ، «ئاداۋەت»، «مەزھەپچىلىك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.

 

دېمەك بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت تارىختا سىياسى سەھنىسىگە چىققاندىن بۇيانقى كەلگۈسى ئۈچۈن داۋاملىق بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى بىلەن مەجبۇرى خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەسىدە يوقاپ كېتىشتەك ئەڭ خەتەرلىك بىر باسقۇچتا يەنى مۇشۇ «ئۇيغۇرلۇق» بىلەن «تەپرىقىچىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم شەكىللەندۇرگەن كۈچ ئوتتۇرسىدا ھالسىرماقتا. ئەپسۇس، ئۆزىمىز بىلپ -بىلمەي دېگەندەك، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، ۋەتەن ئىچىدىن كۆرە ۋەتەن سىرتىدا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەن، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مەنىۋىي كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان، مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈلپەتلەرگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئارسىدا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي مەپكۇرىنى مەركەز قىلىشتىن كۆرە جەمىيئەت، تەبىقە، دىن ۋە ئىلىملەر بويىچە تەپرىقىچىلىك ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەكتە.

ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

Ottura Asiyagha leghmen bilen tonulghan Uyghurlarئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(مەزكۇر ماقالە « ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ 2017 – يىلىلىق 1- سان نەشىرى ئاساسدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى قايتا نەشىر قىلدى)

 
[ The Uyghurs are known in Central Asia for their leghmen ]

 
كىرىش سۆز

 
بىر مىللەتنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن مول ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرى ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىدۇر. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى بارلىق ھايات پائالىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىك ھايات كەچمىشىنى، ھايات كۆچۈرۈشتىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي ساھەلىرىنى ئۆگىنىش، ئەنئەنىۋىي ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۇنى زامانغا يارىشا كەسىپلەشتۈرۈش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ مەدەنىيەتكە ئىلمىي ۋە جانلىق ئۇسۇلدا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز تائاملىرىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يېمەك-ـ ئىچمەكلىرىنى قوشنا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن قىتئە ھالقىپ چىقىپ، بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق كۈچى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرۇش ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قۇتۇپلىشىشى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگىدۇر.

قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن

قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس، ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر.

 

خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرى ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە تۈركىيىدە يېقىندا نەشردىن چىقتى. مەن ئاۋۋال بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنى ئۇتۇقلىرى بىلەن تەبرىكلەيمەن.

 

سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئەت يەنى ناخشا – مۇزىكا مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ…..

«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار

Zaman shairliriئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Zaman_shairliri1.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
(تۇرغۇن ئالماسنىڭ 1951- يىلى يازغان ”ستالىنغا بېغىشلاپ“ ناملىق شېئىرسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)

 
تارىخنىڭ چىنلىقى ئۇنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى كېيىنكىلەرنىڭ قانداق باھا بېرىشى بىلەن ئۆلچەنگىنىگە ئوخشاش ئەدەبىياتمۇ جۈملىدىن شېئىرىيەت ژىئانېرىمۇ بۇ مەنتىقىدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى مىللىي مەنپەئەت مەپكۈرەسىدە چىڭ تۇرالمىغان مىللەت زىيالىسىنىڭ ئۆز خەلقىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ياتلارنىڭ ئاتقان توپ – زەمبىرىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئەجەللىك بولىدۇ.

 
ئادەم بالىسى خام سۇت ئىچىپ چوڭ بولغانلىغى ئۇچۇن مۇكەممەللىككە ئىگە بولالمايدۇ ۋە بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە ئادەمنى مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىغىلى ھەم بولمايدۇ. مەرھۇم ئالىمىمىز، شائىرىمىز، تارىخچىمىز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلغان ئالەمشۇمۇل نادىر ئەمگەكلىرى ئالدىدا ياشلىق قىرانلىرىدا بىلىپ – بىلمەي زامانغا مەدىھيە توقۇپ يازغان بىر قانچە پارچە شېئىرىسىنى قارىماققا چوڭ مەسىلە بولۇپ كەتمەيدۇ. بىراق شېئىرىنى بىتەرەپ ھالدا ئەدەبىيات ئىلىمنىڭ مەۋقەسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرە تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچىسەك خۇددى ھايات ئەمەلىيىتىمىز كۆڭۈل ئارزۇيىمىزنى، كۆڭۈل ئارزۇيىمىز بولسا بۈگۈنكى ئەمەلىيىتىمىزنى ئۆز – ئارا قوبۇل قىلىپ بولالمايۋاتقانلىغىغا ئوخشاش يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھاكىمىيەت ئۇچۇن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق “زامان شائىرلىرى” نىڭ  شېئىرسىنى ئەينى ۋاقىتتىن ھالقىپ بۈگۈنكى مەۋقەدە تۇرۇپ توغرا چۈشىنىش ئۇچۇن ئەستايىدىللىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ……

ئادەملەر، ئۇرۇشماڭلار!

Make love not warئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 (! Adam’s children, stop fighting )

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Ademler_urushmanglar.mp3

ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم، ھېلىمۇ ئېسىمدە، 2003- يىلى 16- فېۋرال بۇ شەھەردە ئۇرۇشقا قارشى تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئادەملەر قاتناشقان ناھايىتى داغدۇغۇلۇق بىر يۈرۈش بولغان ئىدى. بۇ يۈرۈشكە بۇ جەمىيەتتىكى ئادەملەر توپىنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى كىشىلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ھەتتا جىنسىي مۇلازىمەت خىزمىتى قىلىدىغان خانىملارمۇ سەپلەر توزۇپ “ئۇرۇش قىلماي، ئىشقىۋازلىق قىلايلى” دېگەن تاختايلارنى كۆتۇرۇشۇپ كوچىلاردا يۈرگەن ئىدى. ئۇ چاغدا مۇنداق ئىشلارنى تۇنجى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ئاز- تولا غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۇرۇش بولدى، بولغاندىمۇ قانلىق بولدى… ئۇرۇش رەھىمسىز، يۇز مىڭلىغان ئىنسانلار،  بىگۇناھ ئادەملەر، جۈملىدىن ئاياللار، ياشانغانلار، سەبىي بالىلار بۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى كۆرمەي ياساش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاز ساندىكى مەلۇم ئادەملەرنىڭ قىلغان بۇ ئۇرۇشى سەۋەپلىك بىگۇناھ ئادەملەر ئۇرۇش قۇربانلىرى بولغان ئىدى…….

سۆيگۈ ۋە ئىنسانلىق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاۋازنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Soygu_we_insanliq.mp3

 

Mahatma Gandhi quote

«سىز ئىنسانلىققا بولغان ئېتىقادىڭىزنى يوقاتماڭ. ئىنسانلىق ئۇ بىر دىڭىزغا ئوخشايدۇ. گەرچە ئوكيانغا بىر قانچە تامچە مەينەت سۇ چۈشسىمۇ ئەمما پۈتۈن ئوكيان سۈيىنى مەينەت قىلالمايدۇ»

 

ماھاتما گەندى (ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق داھىسى)

 

بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن كەلدۇق، سۆيگۈ بىلەن ياشايمىز ۋە ئاخىردا بىز بۇ دۇنيادىن بىزنى سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈ ياشلىرى بىلەن ۋىدالىشىمىز. بىز ئادەملەر ئادىمىيلىكنىڭ گۈل تاجى سۆيگۈدۇر. ئادەملەر باشقىلارغا سۆيگۈ ئاتا قىلىش بەدىلىگە ئۆزى سۆيۈلىدۇ ۋە ئىززەتلىنىدۇ. سۆيگۈ ئادەملەرگە ئۆز – ئارا  مەدەت، ھۆرمەت، كۈچ قۇۋۋەت ۋە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان، ئادەم ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ساپلىقنىڭ كاپالىتىدۇر………