ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: Wisal_marishi.mp3
سۆيىمەن چىن دىلدىن سېنى جان ئانا،
كۆپ يەتتىم قەدرىڭگە ۋەسلىڭىسىز مانا.
سەن ئۈچۈن پەرۋانە، بولدۇم كېچە – تۇن،
كۆيۈشكە تەييارمەن بىر ئۆمۈر يانا !
ئايرىلىپ سېنىڭدىن مەن يېتىم ئانا ،
چۈشۇم ۋە ئوڭۇمدا بىرلا سەن ئانا.
ياشايدۇ سەن بىلەن كۈرەشچان ئوغلۇڭ،
تاپىدۇ بىر ۋىسال ئەتەڭگە ئانا !
نە مەيلىم ياشاشقا سەنسىز يىگانە،
يوقتۇر بۇ ھاياتىم سەنسىز ھېچ مەنە.
بۇرچدۇر قۇتقۇزۇش سېنى جان ئانا.
تەسسەددۇق بۇ جېنىم ساڭا پىدانە !
بىز كۈتكەن شۇ كۈننى ئۇنتۇما ئانا،
كېلىدۇ ئاز كۈندە بۇ كۈنمۇ ئانا.
بولىدۇ ۋەتەن ھۆر، كۈلىمىز ئانا!
قۇچىمىز بىز ۋىسال ئەبەدىي ئانا!
___________________________
شېئىر ھەققىدە ئىزاھات:
ئۇشبۇ شېئىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىي» نىڭ نەشر ئەپكارى بولغان “شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 1- سانىنىڭ 34- بېتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى مەۋزۇسى «بولىدۇ ۋەتەن ھۆر، كۈلىمىز ئانا!» بولۇپ، «ئۇيغۇر ئەزىزى» قەلەم نامىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە سىز ئوقۇۋاتقان بۇ شېئىر ئەينى يىللاردا يېزىلغان شۇ ئەسلى نۇسخىسى ئاسسىدا شېئىرنىڭ تېمىسى «ۋىسال مارىشى» غا ئۆزگەرتىلىپ، مەزمۇنى قىسمەن تەھرىرلىنىپ، ئەلكۈن تورىدا قايتا نەشر قىلىندى.
2018-يىلى، 19-ئاپرېل، لوندون . مەنبە «ئەلكۈن تورى».
ئۇيغۇر ئەزىزى (ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن)
ئاۋاز ئۈلنىشى: Bolsangmu_sen_tulke.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
قۇتۇلارمىز قاچان زۇلمەت – كىشەندىن،
يېسە تويماس بالا قورساق بىشەمدىن.
يېشىم ئاقتى، قېنىم ئاقتى، چىقماس جېنىم،
كۆرمەي ۋەتەن ھۆر كۈنىنى “ئۆلمەس” تېنىم!
ئىسمىم بار نامىم “ئۇيغۇر”، ئەمەس مەن خىتاي،
ئىگىلمەس ھەرگىز بېشىم “ئۇيغۇر” ھۆر بولماي!
ئوخشىماس بەرىبىر ساڭا ھىچ يېرىم،
ئاتساڭمۇ، چاپساڭمۇ يەنە شۇ دىلىم!
بولساڭمۇ سەن تۈلكە ياكى باشقىسى …
ئەزەلدىن بىز ئوۋچى، سەندىن ئاشقۇسى.
قىلما غەم بېشىڭ قاشلاپ، بىزنى كۆپ ئويلاپ،
بېرىدۇ ئاز كۈندە “ئۇيغۇر” ساڭا خوپ جاۋاپ!
1999-يىلى 24- ئاۋغۇست، بىشكېك
“شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 1- سانى، 50-بەتتىن ئېلىندى.
ﻧﯘﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﻰ
ﻧﻪﺩﻩ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭ,
ﻳﯜﺭ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ ﭼﯚﻝ – ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎ,
ﺋﻪﺭﯨﻚ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﯞﭼﯩﺪﯗﺭ,
ﻣﻪﯞﺟﻰ ﺋﯘﺭﺍﺭ ﺭﻭﮪ ﮬﻪﻡ ﻗﯧﻨﯩﯖﺪﺍ.
ﭼﯚﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﻗﯘﻣﯘﺷﻼﺭ,
ﺋﺎﺗﻼﺭ ﻛﯩﺸﻨﻪﺭ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﭼﯧﺘﯩﺪﻩ,
ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﻝ,
ﻳﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﻨﭻ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ.
ﺋﺎﻱ ﺋﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺰ,
ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﭼﻪﻙ,
ﺋﺎﮪ, ﻻﯞﯨﻠﺪﺍﭖ ﻛﯚﻳﻪﺭ ﻗﯘﻣﯘﺷﺰﺍﺭ,
ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻙ.
ﺑﯩﺰ ﺗﯩﯖﺸﺎﻳﻤﯩﺰ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ,
ﻗﯘﻻﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﺩﻩ,
ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻤﺎﻗﺘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ,
ﻗﯘﻡ ﺑﻮﺭﺍﻧﺘﯘﻕ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ.
ﻳﯜﺭ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ ﭼﯚﻝ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎ,
ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﺎﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺋﺎﻱ,
ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﺎﻣﯘﺱ,
ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻻﻱ.
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ,
ﺋﻪﺭﯨﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ,
ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ,
ﭼﯚﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ.
——————————————————
شېئىرنىڭ ئېنگىلىسچە تەرجىمىسى: www.azizisa.org/en/the-call-of-nuzugum
مەلىكە زىياۋۇدۇن
شېئىرنى ئاڭلاش: Bulbullar_sayrisa_M_Ziyawudun.mp3
شېئىرنى كۈندۈزئاي ھامۇت ئوقۇدى
ئىلاۋە:
«سېنى ئەسلەيمەن!» – بۇ بۈگۈنكى كۈنىمىزدىن 55 يىل بۇرۇن يېزىلغان، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» زامانلىرىدا ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ، ئەشۇ يىللاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالغان، ئۇيغۇر خەلقىگە ئەڭ كۆپ تونۇلغان شېئىردۇر. ئۈرۈمچىدە 1981-يىلى نەشر قىلىنغان «بىزنىڭ تىلەك» ناملىق شېئىرى كىتاپتىن ئېلىندى.
بۇلبۇللار سايرىسا گۈلشەنلەر ئارا،
جاراڭلىق ناخشامدا سېنى ئەسلەيمەن.
ئامرىقىم، ئىشقىڭدا كۆيگەن گۈلۇڭمەن،
سېغىنىپ ھەر تاڭدا سېنى ئەسلەيمەن.
شاماللار ئويناتسا سۇمبۇل ساچىڭنى،
كەلدىمۇ يارىم دەپ سېنى سورايمەن.
يۈرىكىم رىشتىسى سەندە بولغاچقا،
ھەر تاڭدا يولۇڭغا تەشنا قارايمەن.
بۇلۇتلار ئوينىشار ئاينى قوغلۇشۇپ،
يۇلتۇزلار كۈلىشەر كۆزنى قىسىشىپ،
كېلىدۇ ئالدىمغا مەغرۇر قامىتىڭ،
ئەسلىسەم ئامرىقىم سېنى سېغىنىپ.
1963-يىلى، مارت
ئەلكۈن نەشرگە تەييارلىدى.
مەنبە «ئەلكۈن» تورى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى ئاڭلاش: Chechekligen_tuyghu_Elkun.mp3
شېئىرنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئوقۇدى
شېئىرنى ئاڭلاش: Chechekligen_tuyghu_Elkun.mp3
شېئىرنى كۈندۈزئاي ھامۇت ئوقۇدى
چېچەك تولغان ھۆسنىگە سەھەر، بىراق كەمىنە كۆڭلى غەش،
كەمدۇر بىرى بۇ دۇنيانىڭ، بارمۇ ئۇيغۇر دەردىگە دىلكەش؟!
سوغۇقدۇر مۇساپىرغا، ھەر بىر كوچىسى گۆركار بۇ شەھەر،
بوزلىيالماس ئۇيغۇرلۇقۇم، بولۇپ تىلىم ئۆزگىگە ئەبجەش.
مۈشكۈلدۇر يەشمەك پەسلىنى، خازان بىلەن چېچەكتىن باشقا،
تەنھا كېچەم مۇڭلۇق ماڭا، كۆڭلۈمگە چولپان بولمىسا دىلكەش.
لوندون ئاسمىنى قەسىر، ئاستىدا بىر كوچا بار ئۇ- قەشقەر،
كەتتى پۈرسەت ئۇيغۇردىن، بولۇپ ئابىدە يۈرەكتە دىلغەش!
بەيگىدە ھايات يورغىسى، نېچۈن جانان سەندىن خەۋەر يوق،
تاقىتىم- تاق، پەيلىم يامان، ئۆتەرمۇ بولۇپ ئۆمۇر غەمكەش؟!
چىقسا بوران، ياغسا يامغۇر، مېنى ھىچ قورقۇتۇپ بولالماس،
يىلتىزىم بار تارىمدا چوڭقۇر، ئۇ كۆكلەر بولۇپ مېھنەتكەش!
ئادىمىيلىك زىننىتىدۇر، باھار -ئۇ شاھقا يارىشىم تون كەبى،
كۈلەر يۈزلەر، بولسا ھەمرا دىلى ئۈششۈككە مېھرى ئاتەش!
تۆكۈپتۇ چېچەك بۈگۈن، قەلبىڭ قېتىغا تۇيغۇلار قوشۇپ،
مۇڭغا پاتما سەن ئەلكۈن، كېلۇر باھار، گۈل سىرنى ئەمدى يەش!
8- ئاپرېل 2018-يىلى. لوندون
———————————————
بۇ شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى:
www.azizisa.org/en/a-blossoming-thought
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Qandaq_kutey_yengi_yil_A_Salam.mp3
شېئىرنى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر ئوقۇدى
Qandaq_kutey_yengi_yil_Kunduzay.mp3
شېئىرنى كۈندۇزئاي ھامۇت ئوقۇدى
يىل –
سەندىن بىرى يەنە كەتتى،
يېڭىنى كۈتۈۋېلىشقا يوق مەيلىم ئەمدى
زۇلۇمى زاماننىڭ خەلقىمگە زەپ يەتتى
تالاي دوست – يارەنلىرىم غايىب بوپ كەتتى …
خورلۇقى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چەككە يەتتى
ئەرك سۆيگەن ئەزىمەتلەر زىنداندا ياتتى
مىللەتنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئاقتى
زالىمغا دۇنيا چاپانلار ياپتى …
ئىنسانلىق مەنپەئەتكە ۋىژدانىنى ساتتى!
تەقدىم قىلغىنىڭ شۇ بولسا ماڭا-
قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Deyuzluk_exlaqi.mp3
ئىنسانلارنىڭ پەرۋازى زېمىن، ھاۋا ۋە سۇلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسماننىڭ يىراق بۇرجىدىكى يۇلتۇزلار….سۈنئىي ھەمراھلار يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىرىنى چارلاپ، يەر يۈزىنىڭ ئەلپازىنى نىشانلىدى.
ئەسۋابلار شۇ قەدەر نازۇك، يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى، ئىچ-باغرىمدىكى ئاينىشلار، قان تىپلىرىمىز، گېن تۈزۈلۈشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا، ھەر – بىر بوسۇغا، ھەر – بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ. بارغانسېرى كارتىلارغا ئايلاندىم، كارتىلار مېنى توشۇماقتا.
تېلېفون…….تېلېفونلاردا پارغا ئايلاندىم، كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە، لېكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.
يالغۇزلۇق، ھېچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمگە قېپقالدى.
مەنپەئەت مۇرەسسەلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. يەتتە ئىقلىمدىن كەلگەن بىر توپ ئادەم بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشتى، ئاندىن پاي چېكى، مۇھىت كىرىزىسى، تېرۇرىزىم ھەققىدە گەپ قىلىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوقۇش يېشىدىكى گېزىتچى بالىلار تېرۇرىزىمنى باش ماقالە قىلغان گېزىتنى توۋلاپ سېتىشىۋاتاتتى. دەل شۇ كۈنى بىر مايلامچى بالا قۇياشنى دوقمۇشتا كۈتۇۋېلىپ، يەنە شۇ دوقمۇشتا ئۇزىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆرۈپ يېتەلىگىنى ئاياغلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ، چەملەرنىڭ ئاستىدىكى يوللارنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Uyghurluq_we_Tepriqichilik.mp3
ئۇيغۇرلۇق – كۆك تۈرك قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدا «ئون ئۇيغۇر»، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «ئىتتىپاقلىشىش»، «ئۇيۇشۇش» ۋە «مەدەنىيەت ئىلغارلىقى» دېگەندەك بىر سىياسىي ۋە ئىرقىي ئاتالغۇدۇر. ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىكى دەپ بىلىدىغان، بۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ۋە كېلىچەك مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆڭۈل بولىدىغا بارلىق مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا ئىگە مۇشۇ قەۋىمگە تەۋە كىشىلەر توپلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
تەپرىقىچىلىك كەلىمىسى – بىز ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن تىلىمىزغا كىرىپ كەلگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى لۇغەت مەنىسى بولسا «بۆلۈنۈش»، «پارچىلىنىش»، «ئىتتىپاقسىزلىق» ، «ئاداۋەت»، «مەزھەپچىلىك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.
دېمەك بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت تارىختا سىياسى سەھنىسىگە چىققاندىن بۇيانقى كەلگۈسى ئۈچۈن داۋاملىق بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى بىلەن مەجبۇرى خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەسىدە يوقاپ كېتىشتەك ئەڭ خەتەرلىك بىر باسقۇچتا يەنى مۇشۇ «ئۇيغۇرلۇق» بىلەن «تەپرىقىچىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم شەكىللەندۇرگەن كۈچ ئوتتۇرسىدا ھالسىرماقتا. ئەپسۇس، ئۆزىمىز بىلپ -بىلمەي دېگەندەك، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، ۋەتەن ئىچىدىن كۆرە ۋەتەن سىرتىدا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەن، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مەنىۋىي كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان، مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈلپەتلەرگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئارسىدا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي مەپكۇرىنى مەركەز قىلىشتىن كۆرە جەمىيئەت، تەبىقە، دىن ۋە ئىلىملەر بويىچە تەپرىقىچىلىك ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەكتە.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ناخشىنى ئاڭلاش: Noruz_naxshisi.mp3
نورۇز – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش مىللىي بايرىمىدۇر. نورۇز – ئۇ يىلنىڭ بېشى، زىمىستان قىشنىڭ قوغلىنىپ، يېڭى بىر پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى، ۋەتەنگە، ئانا تۇپراققا بولغان مۇھەببەتنىڭ، يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مۇقەددەم باشلىنىش كۈنىدۇر. نورۇز بايرىمى كۈنى قەدىمكى شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرىش كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەنكۈنگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى نورۇز بايرىمىنى مەزمۇنى مول بولغان ھەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تەبرىكلەيدىغان بولۇپ ئاساسلىقى تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئائىلىلەردە نورۇزنىڭ خاسىيىتى سۈپىتىدە نورۇز مايسىسى ئۆستۈرۈش، دالا -تۈزلەردە نورۇز ئېشى ئېتىش، نورۇز ناغرىسى چېلىش، مەھەللىلەردە قاپاق كۆيدۈرۈپ ئايلىنىپ، سوغۇق قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ئۆز-ئارا يوقلاش، نورۇز سەيلىسى قىلىش ۋە نورۇزلۇق ئارزۇ- تىلەكلەرنى بايان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نورۇز» دېگەن سۆز ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، «نەۋ» (يېڭى) سۆزىگە «زور» (كۈن) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ «يېڭى كۈن»، «يىل بېشى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز «قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. «نورۇز» قەدىمكى تۈركىيە تۈرۈكچىسىدە ئاينىڭ ئېتى بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ مۆچەك ھېسابىدىمۇ يىلنىڭ بېشى ھەمەل (نورۇز) ئېيى بىلەن باشلانغان. نورۇز بايرىمى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزى، جەنۇبى ۋە غەربىدە ياشايدىغان ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارغىچە، ئىرانلىقلار، كۇردلار ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بايرىمىدۇر.
بۇ بايرام يەنە كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىكى گىروزىيەدىن تارتىپ بالقان ئاراللىرىدىكى ئالبانىيەگىچە بولغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىللىي ۋە ئاممىۋىي بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى 2009- يىلى 2-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى رەسمى «قوغدىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دەپ ئەنگە ئالىدۇ ۋە 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى مەجلىسى تەرپىدىن «نورۇز بايرىمى خەلىقئارالىق بايرام» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1
ھېيتاخۇن مەمتىمىن
نورۇز، پارىسچە سۆز بولۇپ يېڭى كۈن دېگەن مەنىدە. نورۇز 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بايرام بولۇپ شەرقى تۈركىستان، غەربى تۈركىستان، ئىران، ئافغانستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە قۇتلۇقلىنىپ كېلىنگەن بىر ئەنئەنىۋى بايرام. بۇ كۈندە كۈن تۈنگە تەڭلەشكەن، باھار باشلانغان كۈندۇر. بۇ بايرامنى تۈركى ۋە پارىس تىللىق مىللەتلەر ئورتاق تەنتەنە بىلەن كۈتۈپ كەلگەن بولۇپ كېيىنچە ئوسمانىيە خاندانلىقىدىمۇ ئالاھىدە كۈن ئېلان قىلىنىپ پادىشاھلارنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپكە ئاتايدىغان،سوغا تەقدىم قىلىدىغان كۈن بولۇپ داۋاملاشقان ئىكەن. نورۇزنىڭ ھارام ياكى چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا قۇرئاندىمۇ، ھەدىستىمۇ ھېچقانداق ئېنىق نەس(ئېنىق پاكىت) بولمىغان تۇرۇقلۇق قىسمەن دىنى ئۆلىمالاردىن قىياس يولى ئارقىلىق نورۇز ئۆتكۈزۈش بىدئەت دېگەنلەر بولغان.
مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچ دانە دىنى بايرىمى بار؛ ئۇ بولسىمۇ رامىزان بايرىم،قۇربان بايرىمى ۋە جۈمە كۈنى. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقاندان دىنى بايرام پەيدا قىلىش دىنغا بىرەر ھۆكۈمنى ئىلاۋە قىلغانلىق بولۇپ ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدا بىدئەتتۇر.