دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  (سىياسىي ئوبزور)

 

بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى
لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6-ماي

 

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن.

 

مەن، خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرمەن.

 

بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، يادىمغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى، ئاچارچىلىق ۋە ئاتوم – يادرو قوراللىرى سىناقلىرىدىن كېلىپ چىققان قۇم-بورانلىق چاڭ-توزانلار كېلىدۇ.

 

مەن 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشقا كىرىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشتۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن 1990-يىللىرىدىكى مىليونلىغان ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مەنزىللىرى خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولدى. مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرى ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، 20 يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.

 

ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەندەك 16 ياشلىق بىر بالىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشى تولىمۇ مەنتىقسىزلىق ئىدى. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر جىنايىتىم يوق ئىدى. مەن پەقەت 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12- دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، ئۆزۈم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئىشلەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەقە بۈگۈندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە يىپ يېڭى تۇرۇپتۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مېنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەقىقىي «ئۆكتىچى» قىلدى ۋە مەن بۈگۈنگە قەدەر مۇساپىرچىلىقتا سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.

مېنىڭ “قىزىل سىزىقىم”

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_qizil_siziqim.mp3

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پۈتكۈل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دۇنياسىدا “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” نىڭ باياناتنامىسى ھەققىدە بولۇنغان مۇنازىرە، تەنقىدلەرنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئاڭلىدىم. كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلىپى بىلەن مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مەن تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرىمەن:

 

مىلادى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان، 2016- يىلى قۇرۇلغان “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” نى “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” غا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى باياناتنى مەن يازمىدىم ۋە بۇ باياناتنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئاكا ئۆزىنىڭ يازغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە رەسمى بايانات بەردى. (بايانات: www.ilhamtohtiinstitute.org/?p=587). شۇڭا مېنىڭ بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىغىم ۋە مەسئۇلىيىتىم يوق. يەنىمۇ ئېنىقراق ئېيتسام، ئەنۋەرجان ئاكا ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە مەزكۇر باياناتنىڭ 2016- يىلى “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” قۇرۇلغاندا، ياۋروپالىق بىر قانچە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە يازغانلىقىنى ۋە شۇ باياناتنامىنى نەشىر قىلىشقا ماڭا ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇق چۈشەنچە بەردى.

 

“ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئاكا يازغان ئېنگلىزچە باياناتقا مېنىڭ ئىسمىمنى قوشۇپ ئېلان قىلىشنى سورىغان ئىدى ۋە مەن ئۇشبۇ ئىنستىتۇتنىڭ كاتىپى ۋە تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى بولغانلىقىم ئۇچۇن ئىسمىم قوشۇلۇپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەنۋەرجان ئاكا بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۇستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئەنۋەرجان ئاكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەن ئىسمىنى ئۇشبۇ باياناتتىن ئېلىپ تاشلىدىم.

 

بۇ مەسىلە سەۋەبلىك ھەقىقى ئەھۋالنى بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، جۈملىدىن مېنىڭ شەخسىيىتىمگە ھۇجۇم قىلغان، ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتلىرى سالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتىمەن، خاتىرلەۋاتىمەن، تەكشۈرۋاتىمەن ۋە شۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا شىكايەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرىمى: نورۇز

“Noruz_Elkun.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ناخشىنى ئاڭلاش: Noruz_naxshisi.mp3

 
نورۇز – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش مىللىي بايرىمىدۇر. نورۇز – ئۇ يىلنىڭ بېشى، زىمىستان قىشنىڭ قوغلىنىپ، يېڭى بىر پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى، ۋەتەنگە، ئانا تۇپراققا بولغان مۇھەببەتنىڭ، يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مۇقەددەم باشلىنىش كۈنىدۇر. نورۇز بايرىمى كۈنى قەدىمكى شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرىش كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەنكۈنگە توغرا كېلىدۇ.

 
ئۇيغۇر مىللىتى نورۇز بايرىمىنى مەزمۇنى مول بولغان ھەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تەبرىكلەيدىغان بولۇپ ئاساسلىقى تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئائىلىلەردە نورۇزنىڭ خاسىيىتى سۈپىتىدە نورۇز مايسىسى ئۆستۈرۈش، دالا -تۈزلەردە نورۇز ئېشى ئېتىش، نورۇز ناغرىسى چېلىش، مەھەللىلەردە قاپاق كۆيدۈرۈپ ئايلىنىپ، سوغۇق قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ئۆز-ئارا يوقلاش، نورۇز سەيلىسى قىلىش ۋە نورۇزلۇق ئارزۇ- تىلەكلەرنى بايان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نورۇز» دېگەن سۆز ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، «نەۋ» (يېڭى) سۆزىگە «زور» (كۈن) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ «يېڭى كۈن»، «يىل بېشى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز «قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. «نورۇز» قەدىمكى تۈركىيە تۈرۈكچىسىدە ئاينىڭ ئېتى بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ مۆچەك ھېسابىدىمۇ يىلنىڭ بېشى ھەمەل (نورۇز) ئېيى بىلەن باشلانغان. نورۇز بايرىمى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزى، جەنۇبى ۋە غەربىدە ياشايدىغان ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارغىچە، ئىرانلىقلار، كۇردلار ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بايرىمىدۇر.

 
بۇ بايرام يەنە كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىكى گىروزىيەدىن تارتىپ بالقان ئاراللىرىدىكى ئالبانىيەگىچە بولغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىللىي ۋە ئاممىۋىي بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى 2009- يىلى 2-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى رەسمى «قوغدىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دەپ ئەنگە ئالىدۇ ۋە 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى مەجلىسى تەرپىدىن «نورۇز بايرىمى خەلىقئارالىق بايرام» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1

ئېنگلىس ياشىغان كوچىدا 

“Englis_House_London.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Englis_yashighan_kochida.mp3

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى

 

تۆنۈگۈن كەچ بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەپلىك لوندون شەھىرىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك كوچىلىرىدىن بىرى بولغان، كەمدىن (Camden) بىلەن رېجېنت باغچىسى (Regent’s park) ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان Primrose Hill كوچىسىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەققەت بولدۇم. گەرچە مەن بۇرۇن بۇ كوچىدىن رېجېنت باغچىسىغا بېرىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئۆتكەن بولساممۇ، ئەمما كوچا بويلىرىدىكى ھەشەمەتلىك ۋىكتورىئان ئۇسلۇبىدىكى ئوي-ئىمارەتلەرنىڭ ئىشىك ۋە ۋىۋىسكىلىرىغا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمىدىن لوندونغا كېلىپ تۇرىدىغان زىيارەتچىلەر، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار بۇ كوچىدا سەيلە قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى. بۇ كوچىدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شەخسىلەر ۋە پۇلدار بايلار ياشاپ كەلگەن بولۇپ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ يەر بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنىڭ شۆھرىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى.مەن كەمدىن يەر ئاستى پويىزى (Tube) بېكىتىدىن چىقىپ، كوچىلارنى ئارلاپ، دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن Primrose Hil بۆلگىسىدىكى بىر كەفىيخانىغا  بېرىش ئۈچۈن كوچىلارنى ئارلاپ، تېلېفونۇم خەرىتىسىگە قاراپ كېتىۋاتسام، كۆزۈمگە كوچا تەرەپكە قاراپ تۇرغان بىر ھەشەمەتلىك ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىغلىق تۇرغان كىچىك بىر تاختىغا يېزىلغان ئىسىم دىققىتىمنى تارتتى. 

 

ئۇ تاختىغا مۇنداق خەت يېزىلغان ئىدى: «سىياسىي پەلسەپىچى فرېدرىخ ئېنگلىس بۇ ئۆيدە 1870ـ يىلىدىن 1894ـ يىلىغىچە ياشىغان»…. توغرا، مەن بۇ ئىسىمنى بىر زامانلاردا ئەقلىمنى ئېسىمگە ئالغان، بىر بۈدرە نانغا زار بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كەنتتىكى مەكتەپنىڭ ئورۇلۇپ چوشۇپ كېتەي دەپ قالغان زەي تېمىغا ئېسىلغان ماركىس ۋە ئېنگلىس قاتارلىق ئۇزۇن ساقاللىق دۇنيا كوممۇنىزمنىڭ داھىيلىرى، كالتە ساقال لېنىن ۋە خىتاينىڭ ماۋزېدۇڭ قاتارلىق كۆسەي «داھىيلار» نىڭ رەسىملىرى قاتارىدا كۆرگۈنۈم ئېسىمگە كەچتى….. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئىسىمنى بۇ يەردە قايتا بىر كۆرۈپ ئىختىيارسىز خىياللارغا پاتتىم . توۋا، بىز ياشاۋاتقان بۇ زامان ھازىر قەيەردە؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى، ھەتتا ھايۋانلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغان بۇ بېرىتانىيە جەمئىيىتىدە ئۆزىنىڭ ساختىلىقى بىلەن ئاللىبۇرۇن تارىخنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن «ئادەم زەھەرلەيدىغان قۇرۇق پەلسەپە» لەرنىڭ ئىجات كارى بولغان، ئەمما سوۋېت، خىتاي، كۇبا قاتارلىق ھوقۇق زوراۋانلىقى يۈرگۈزگەن ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر» ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى خۇدا قىلىۋالغان بۇ ماركىس ۋە ئېنگلىسلارنىڭ ھىچ بىر ئېتىبارى يوق ئىدى.

 

20- ئەسىردە دۇنيانى تىترەتكەن، يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ پىلتىسى بولغان، مىليونلىغان بىگۇناھ جانلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جۈملىدىن دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن خېلە بۇرۇنلا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىغىمۇ سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقاتى كىرىپ، قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ۋە كېيىكى يىللاردا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تەقدىردە ھەل قىلغۇچلۇق رول ئوينىغان، ۋە ھەتتا تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەملىكە ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتىنى پەردازلاشقا داۋاملىق ئەس قېتىۋاتقان بۇ سەپسەتەنىڭ ياراتقۇچى داھىيسى بولغان كارل ماركىسنىڭ قەبرىسى لوندون شەھىرىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئېگىز دەرۋازا (Highgate Cemetery) قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، گەرچە مېنىڭ ئۆيۈم كارل ماركىسنىڭ قەبرىسى بار قەبرىستانلىقتىن ماشىنا بىلەن يېرىم سائەتلىك يول بولسىمۇ ئەمما بالىلىقىمدا ئۇنى تولا كۆرۈپ زېرىككەنلىكىم، ھەم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇنىڭغا خۇدادەك چوقۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە بارماي قويغان ئىدىم.

داخاودىكى ناۋايخانا

“Elkun_dachau.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Dachaodiki_Nawayxana.mp3

 

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى پەرىزات ئۇيغۇر ئوقۇدى

مەن مىيۇنخىنگە  كەلگەندىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ قىينالدىم، گەرچە بۇ چىرايلىق شەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، رەتلىك كوچىلىرى مېنڭ كۆزۈمگە يورۇق تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمدىكى كۆرۇنىشى بولسا قاراڭغۇ ئىدى. شۇڭا ياشاش كۈرىشىدىن كېيىنكى بوش ۋاقتىم بولسا گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى مەن ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلار 1970-يىللاردىن باشلاپلا كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان، پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسىغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان بۇ شەھەر مىيۇنخىن ھەققىدە كۆپىرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم. گەرچە بۇ ۋاقىتلاردا ۋەتەندىكى ماكانىم تور بېكىتى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تورى قاتارلىق بىر قانچىلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بېكىتىدىن باشقا تور ئارقىلىق ئۈگەنگىدەك مەلۇماتلارمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى. مەن ئۆز ئېھتىياجىمدىن چىقالايدىغان روسچە ۋە خىتايچىدىن باشقا بىر ياۋروپا تىللىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆپىنچە، بولۇپمۇ يەكشەنبە كۈنلىرى مىيۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى ھوببانوۋ ۋوگزالىنىڭ (Hauptbahnhof) ئالدىدىكى ئىنتېرنېت قەھۋەخانىلىرىغا كىرىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، روسچە ۋە خىتايچە مەنبەلەردىن گېرمانىيە ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆرەتتىم. ھەم بۇ دۆلەتتە قانداق ياشاش ھەققىدە ئۆگىنەتتىم، ئىزدىنەتتىم. دۇنيا، ياۋروپا ۋە خىتاي ھەققىدىكى سىياسىي ئېقىم خەۋەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتۇم. ۋەتەن سېغىنىشنىڭ ھەسرەتلىرىگە ئاز-تولا روھىي ئوزۇق تېپىش ئۈچۈن ماكانىم تور بېكىتىنىڭ «چايخانىسى» غا كىرىپ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ئۇ زامانلاردا خىتايدا تور تەقىپلىرى ئاساسەن يوق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تۈرلۈك ئىجتىمائىي تارتۇقلارمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. 

 

گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن تۈرك ۋە باشقا مىللەت كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. بۇ كۆچمەنلەر گېرمانىيىنىڭ نېگىزلىك بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەمگەك كۈچلىرى ھېسابلىناتتى. 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يېڭىدىن گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىشكە باشلىدى. پۈتۈن گېرمانىيە تەۋەسىدە 3-4 مىلىيونغا قەدەر تۈرك نوپۇسى بار بولۇپ، مىيۇنخىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن تۈرك كۆچمەنلىرىنىڭ ياردىمىدە زاۋۇت ۋە كارخانىلاردا، بولۇپمۇ تۈركلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى رېستوران، باققال ۋە ناۋايخانىلاردا ئىش تېپىپ ئىشلەش پۈرسەتلىرىگە ئېرىشەتتى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ مىيۇنخىندە قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتىم بولمىغان بولسىمۇ ئەمما گېرمانىيىگە كېلىشم ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ۋاقتىمدا مىيۇنخىندىكى قېرىنداشلىرىمدىن ئالغان بىر قانچە مىڭ دوللار قەرىز مېنى قانداقلا ئىش بولسا بولسۇن، بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلەپ، بۇنى ۋاقتىدا قايتۇرۋېتىش ۋەسۋەسى ئالدىرتاتتى. مۇشۇ مەقسەتتە مەن ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ، تۈركلەرنىڭ شىركەتلىرىدە «قاچاق» ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس ياردىمىدە  ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغان ئىدىم. دەسلەپتە قەغەز زاۋۇتىدا بىر يىلغا ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمدە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىدىن روھىي جەھەتتىن چارچاشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقانلىغىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئادەم ئۈچۈن كېچىسى ئۇخلىماي ئىشلەش ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئۇنىڭ سالامەتلىككە، روھىي ساغلاملىققا تەسىرى كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى زاۋۇتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شاۋقۇنلار بىلەن توپا-چاڭلارغا مىلىنىپ ئىشلەش تەبىئىيكى، ئەگەر بىر كىشى ئۇ قەدەر موھتاجلىققا مەھكۇم بولمىسا، بۇ ئىش گېرمانىيىنىڭ شارائىتىدادائىم قىلىپ جان باقىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇقۇشۇپ يۇرۇپ، بىر قانچە ئاي بىر تۈرك تازلىق شىركىتىدە ئىشلىدىم، كېيىن تاماقتىن كۆپ قىيلىنىشقا باشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل بولسىمۇ  قورساقنىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر رېستۇراندا ئىشلەشكە يۆتكەلدىم.