قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

Qandaq_kutey_yengi_yil_A_Salam.mp3

شېئىرنى ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر ئوقۇدى

 

Qandaq_kutey_yengi_yil_Kunduzay.mp3

شېئىرنى كۈندۇزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 
يىل –
سەندىن بىرى يەنە كەتتى،
يېڭىنى كۈتۈۋېلىشقا يوق مەيلىم ئەمدى
زۇلۇمى زاماننىڭ خەلقىمگە زەپ يەتتى
تالاي دوست – يارەنلىرىم غايىب بوپ كەتتى …
خورلۇقى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چەككە يەتتى
ئەرك سۆيگەن ئەزىمەتلەر زىنداندا ياتتى
مىللەتنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئاقتى
زالىمغا دۇنيا چاپانلار ياپتى …
ئىنسانلىق مەنپەئەتكە ۋىژدانىنى ساتتى!
تەقدىم قىلغىنىڭ شۇ بولسا ماڭا-
قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

 

يىل –
ئۆمۈر ئوغرىسى سەن ئەلمىساقتىن،
جاۋاب يازغان لۇتۇن ساڭا قورۇقماستىن
دۈشمەن قىلىچى كېسىپ تۈگىتەلمىگەن-
ئەمما ئۇيغۇر تاۋلانغان،
كۈرەش جەڭگاھىدا باھادىر بولۇپ،
پۈكۈلمەستىن!

 

يىل –
ئوتنىڭ تېشىدا مەن مىسلى پەرۋانە –
كۈچسىزلىكىمگە تەن ئالماستىن …
تەقدىم قىلغىنىڭ ئەگەر ماڭا شۇ بولسا –
سېنى قانداق ئۇزىتاي –
سېنى قانداق كۈتەي بۈگۈن يېڭى يىل؟

 

يىل –
سەندىن تامغا بولۇپ ئىز قالدى،
قىساسنىڭ ئۆچمەس ئوتى يۈرەكتە ياندى
بۈيۈك كارۋان سەپەر ئۈچۈن ئاتلاندى …
مەنزىلى بارسا كەلمەس يول ئالدى.
ئەييۇھانناس!
دۆلىتى يوق ئۇيغۇرغا جاھان تار بولدى !
ھەر ئىقلىمغا سۈرگۈن بولۇپ خەلقىم پالاندى!
ئىنسانلىققا ئىلتىجا بىغۇبار جانلار-
ياشاشمۇ ئۇيغۇر بولۇپ گۇناھ سانالدى!؟
تەقدىم قىلغىنىڭ شۇ بولسا ماڭا –
قانداق كۈتەي سېنى بۈگۈن يېڭى يىل؟

 

يىل –
غەزەپتىن تۈگۈلدى مۇشى، ئادالەت تاپالمىغان ئەل،
يوق سەبىرىگە چىدامى، ئىستىقلالغا ھازىر بەدەل!
ئۆكسىدى جانلار، بولمىدى ھايات بىزگە لەئەل،
ساقايمىدى ئۇيغۇر بېشى، ئەسىر ھالقىپ زارى ھەل،
تاۋلىدى بىزنى يىللار، باغلىدۇق كۈرەشكە مەھكەم بەل.
توختىسۇن كۆز ياش، قىلايلى ئەمدى بىر ئەمەل ؟!
ئەگەر سوغىتىنڭ ئۇيغۇرغا شۇ بولسا،
زەپەر بىلەن كۈتەي سېنى يېڭى يىل!

 

30- دېكابىر، 2017- يىلى، لوندون

 

شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى:

www.azizisa.org/en/new-year-how-can-i-salute-you-today/

 

شېئىرنى رەسىم شەكلىدە ئوقۇش:

www.azizisa.org/img/Qandaq_kutey_seni_yengi_yil_w.jpg

 
———————————————————————
ئۇيغۇر نىداسى يېڭى يىللىق ئالاھىدە پروگراممىسى (31-12-2017)
www.untr.org/uyghur_nidasi_yengi_yilliq_alahide_programmisi

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !