ئۈمىد گۈللىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەلكۈننىڭ ئۆيى ئالدىدا ھەمىشە ئۇنىڭ غۇربەتلىك دەقىقىلىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغان كىچىكنە بىر خاس باغچا بار. تۆت پەسلىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بۇ مېھرى ئىسسىق باغچا، ئانا تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئەلكۈننىڭ كۈنلىرىگە ھەر كۈنى ھەمراھ، بولۇپمۇ بۇ ۋابا كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئايرىلماس ھەمراھ. ئەلكۈننىڭ «كۈز ھىجران ئەمەس»، «مەن شېئىر يېزىۋاتىمەن»، «قانداق كۈتەي سېنى يېڭى يىل» قاتارلىق يۈزلىگەن گۈزەل لىرىكىلىرى مانا مۇشۇ باغچىنىڭ ئىچىدە، لوندون ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان ئەرىك قۇشلىرىنىڭ مۇڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلغان ھايات مارشىغا ئۆز پىغانلىرىنى، قەلبىدە لاۋا كەبى تېنىمسىز كۆيۈۋاتقان ئاتەشلىرىنى قوشۇپ يېزىپ چىققان ئىدى… 

 

ئەلكۈن – ئۇ، پەلەكنىڭ ئاتا قىلغان ناھەق قىسمىتىنى ھىچ قوبۇل قىلمىغان ۋە قىلـمىدى، ئەكسىچە ناھەق قىسمەتنى ھەقكە ئايلاندۇرۇ ئۇچۇن ناھەق كۈچلەرگە قارشى ئىسيان قىلدى. شۇ رەھىمسىز رېئاللىق كاشكى، ئۇنىڭ گەردىشى ھىجران بالاسىدىن باغرى قان – قان بولغان كۈنلىرى سان – ساناقسىز… 

 

ئۇ بۇ خىلۋەت باغچىنىڭ ئىچىدە زەخمىلەنگەن قەلبىگە ئاز-تولا تەسەللى تاپاتتى. ئۇ مۇشۇ باغچىنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرۇم» ۋە «ۋەتەن» دېگەن بۇ ئىككى مۇبارەك ئىسىمنى تەكرار – تەكرار زىكىر قىلاتتى. ئۇ گاھىدا كۈلدى، گاھىدا يىغلىدى، گاھىدا ئاشىق بولسا، گاھىدا جاھان كېزەر دەرۋىش بولدى، ئۇ گاھىدا ئالىم بولسا، گاھىدا نادان بولدى… ئۇ گاھىدا شاھ مەشرەپنىڭ ئەركىنلىك، مۇھەببەت، ھەق ۋە ئادالەت ئۇچۇن شاھقا باش ئەگمەس روھىنى سېغىنسا، گاھىدا سېيىت نوچىدەك تۆشنى كېرىپ، نامەرد، خۇمسى دۇشمەن ئالدىدا مەرتلەرچە شەرەپلىك ئۆلۈمنى تەسەۋۋۇر قىلدى. گاھىدا سادىر پەلۋاندەك، تاغ ئۇستىدە تۇرۇپ، دۇشمەننىڭ باشلىرىغا قورام تاشلارنى ئېتىپ، دەرد ۋە خورلۇق بىلەن لىق، لىق تولۇپ كەتكەن كۆڭۈل كۆكسىنى بوشتىۋالغۇسى كېلەتتى… نە ئامال، ھەر قېتىم ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن چىقىپ بولغۇچە نەچچە ئونلىغان يوقىرى تېخنىكىلىق كۈزىتىش ئاپاراتلىرىڭ نازارىتىدە ياساۋاتقىنىنى سەمىگە ئالغان ئەلكۈن، تەقىب ۋە نازارەت قاپلىغان بۇ رەقەم دەۋرىدىن بىزار بولاتتى. ئەشۇ بىغۇبار بالىلىق ۋە ياشلىقىغا چەكسىز ۋە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنىنى، تەكلىماكاننىڭ بوستانلىق بويلىرىنى سېغىناتتى، بۇ سېغىنىشلىرى گاھىدا تېلقىيتتى، ئۇنداق كۈنلەردە ئەلكۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر ساراڭ بولاتتى …. دېمىسىمۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئەمەسلەر ئۇيغۇرنى «ساراڭ» دىسە بىر نورمال ئىپادىدەك تۇيۇلاتتى. شۇڭا ئەلكۈن بەزىدە ئۆز – ئۆزىگە «گەرچە مەن ئالىممۇ بۇرۇن يالغان ساراڭ بولۇپ بولغان بولساممۇ، راست ساراڭ بولۇپ قالمىغىنىمغا مىڭ شۈكۈرلەر بولسۇن» دەپ تەسەللى بېرەتتى. 

 

ئەلكۈن تالاي يىللارنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ يىل يازنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ باغچىسىدىكى گۈللەر يەنە پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇ ھاياتلىقنىڭ، كېلەچەككە بولغان ئۈمىدنىڭ نىشانى ئىدى. بۇرۇن بۇ يەردە گۈل ئۆسمەيتى، ئۇ 20 نەچچە يىللاردىن بۇيان بۇ گۈللەرنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن ئىدى. ئۇ – «يىراقتىكى ۋەتىنىمنىڭ ھىدىنى كۈندە پۇراپ تۇرىمەن… »  دەپ، گۈللەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ۋەتىنىدىن كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ لەيلىگۈلنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنى ۋەتىنىنىڭ سىمۋولى قىلاتتى، ئۇ ھەتتا بىر قىزىنىڭ ئىسىنى «لەيلىگۈل » دەپ قويغان ئىدى. ئۇيغۇر ئۇچۇن «ئۇيغۇرىستان» قۇرۇلغان كۈنى «لەيلىگۈلنى دۆلەت گۈلى قىلىشنى  ئىلتىماس قىلىمەن…» دەيتتى مەيۇس سەھەرلەردە قارامتۇل قىپ- قىزىل پورەكلەپ ئېچىلغان لەيلىگۈلگە ھەۋەس بىلەن زوقلىنىپ قاراپ تۇرۇپ. لەيلىگۈل ئەلكۈننىڭ قەلبىدە ۋەتەننىڭ گۈلى ئىدى،  شۇنىڭ ئۇچۇندۇر ئۇ لەيلىگۈلنى باغچىسىنىڭ ھەممە يېرىگە تېرىۋەتكەن ئىدى ….لەيلىگۈل بۇ يەرنىڭ نەم ۋە ئىللىق كىلىماتىغا ئاخىرى كۆندى، لەيلىگۈللەر ياز ۋاقتى پورەكلەپ ئېچىلسا، قىش ۋاقتى ياپيېشىل ياشىرىپ كۆكلەيتتى. 

 

ئەلكۈننىڭ قەلبى قايناق، ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە نەپىرىتى تاشقىن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ بولغىنىغا، پەسىلنىڭ ئەللكىنچى باھارىنى ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەيلا كۈتۈۋالغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ باغچىسىدا ۋەتەنىدىكى ۋاقتىدا ئىسمىنى بىلىدىغان، تاكى ھازىرغىچە ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالمىغان گۈللەردىن قوغۇنگۈل، ياسىمەن، قۇشۇق گۈللەر …. يەنە ئۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغان، ئەنگىلىيىنىڭ يەرلىك گۈللىرىمۇ نۇرغۇن ئىدى …. ئەمما بۇ گۈللەرنىڭ ھەممىسى ئەلكۈنگە بىرلا ھېكايىنى ئېيتقان ۋە ئۇنى داۋاملىق ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى: «ئادەم ھاياتىنىڭ قىممىتى بولسا، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۇچۇن ياشاش بىلەن ئەمەس، ئۆز خەلقى بەختسىز بولغاندا، خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۇچۇن خىزمەت قىلىش بىلەن، خەلقى ئىستىقبالىنى يوقاتقاندا، ئىستىقبالىنى قايتىدىن تىكلەش ئۇچۇن تۇرغۇزغان غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئاقتۇرىدىغان تېنىمسىز مېھنەت ۋە ھىممەتلەر بەدەللىرى بىلەن، جۈملىدىن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىشتەك گۈزەل ئىش ۋە ھەركەت مىزانلىرى بىلەن ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ».

 

ئەلكۈن -ئۇ مانا بۇ توغرا يول ئۇچۇن سەپ تارتقان ھارماس كارۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئاددىي كارۋان ئىدى، ئۇ ئەتىنىڭ ھامان بۈگۈندىن ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئۇ بۇ ئىشەنچ، بۇ ئۈمىدنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ياشايتتى ۋە ياشاۋاتاتتى.  

 

ئەلكۈن. 2020-يىلى 25-ماي، لوندون . 

 



باھا يېزىش چەكلەندى!