ئۆمۈر باھارىم

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

Omur_Baharim.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

سابا چولپىنى تەبەسسۇم ئىچرە كۈلگەندە،
باھارىم ئەللىك پەسلىدىن چېچەك تۆككەندە،
مۇھەببەتكە بۇ ئۆمۈر ھىچ قانماي ئۆتكەندە،
دۇنيا بەندىگە گۈزەلكەن، ئەسلى گۈزەلكەن!

 

بولمىسا ئاشىق، بۇلبۇل گۈل شېخىغا قونماس،
بولمىسا يىگىت چوڭ، ۋىسال ئىمكانى قۇچماس،
گەر بولسا ئەر، قىلغان ئەھدىدىن ئەسلا يانماس،
مېھنەتتىن چىن ئىنسان مەنزىل تامان ئۇزاركەن.

 

يۇلتۇزم كۆز قىسار بولۇپ تۈننىڭ جۇلاسى،
تولۇنئايمۇ بولدى ماڭا ھەمراھ شولىسى،
كۈلۈپ چىقار ھەم قۇياشىم مېھرى – ئاتىشى،
سالمىساڭ يۈگەن، ئۆمۈرۇڭ شۇنداق ئۆتەركەن!

 

ئۆتەركەن بۇ ھايات، ئاققان سۇدەك ئۆتەركەن،
يانماي ئاتقان تاڭ ئالدىغا قاراپ كېتەركەن،
پۇت- قولۇڭدىن ماغدۇر كۈندىن-كۈنگە يۇتەركەن،
بەندە ھامان ھەقنى بىر كۈن چوقۇم بىلەركەن.

 

كەلسە كىشى دۇنياغا ئۆز كۆز يېشى بىلەن،
كېتەر ئىكەن سۆيگەنلەرنىڭ كۆز يېشى بىلەن،
قالاركەن ياخشى نام ياخشىلىق قىلغان بىلەن،
شۇنداق سوئاللار ھەركىمدىن سورىلار ئىكەن.

 

سۈرگەندە بىر مەھەل ياشاش مۇساپىسىنى،
سورايسەن تەبئىي ھاياتنىڭ مۇددىئاسىنى.
يېشەلمەيسەن بۇ ئۆمۈنىڭ تىلسىماتىنى،
مۈكچەيتىپ سېنى يىللار شۇنداق كېتەر ئىكەن.

 

قويىمەن ئۆزۈمگە شۇنداق قاتتىق بىر سوراق،
كەلگىنىم مېنىڭ ياشاش ئۇچۇنمىدى بىراق؟
ياشاي قانداق كۆيۈپ تۇرسا ئەلەملىك پىراق،
يەر قاتتىق، ئاسمان ئېگىزدە تۇيۇلار ئىكەن.

 

يۈزنىڭ يېرىمى ئۆمۈردىن كەتكەندە بۈگۈن،
ئۇيغۇر ئالىمى سەكراتقا چۈشكەندە بۈگۈن،
ئۇيغۇردىن ئادالەت ھەم ياتلاشقاندا بۈگۈن،
مۇسىبەتتىن ئەلكۈن يۈرىكى قانار ئىكەن!

 

روھىم مەدەتكارى، تىمتاس كېچىگە باقتىم،
شۇڭغىغان يۇلتۇزۇم بىلەن ئۇپۇققا ئاقتىم،
تەڭرىمگە ئىلتىجا قىلىپ ئۈمىدلىك باقتىم،
كەلمىشى سادا نۇسرەت ئۇيغۇرغا بار ئىكەن!

 

كۆك بۆرىنىڭ ھۇۋلاشلىرى ئۇزاق- ئۇزاقتىن،
ئاڭلاندى زەپەر مارىشى قۇلاق-قۇلاقتىن،
قىساس چۇقانلىرى تاشتى بۇلاق-بۇلاقتىن،
بولدى بەس دەپ ئۇيغۇرۇم ئەمدى تۇرار ئىكەن!

 

2020-يىلى 22-ئىيۇن، لوندون

شېئىرنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى:
http://www.azizisa.org/en/the-spring-of-my-life

شېئىرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى:
http://www.azizisa.org/en/hayatimin-bahari



باھا يېزىش چەكلەندى!