
تىكىلگەن كۆز
تاسادىپ ئۆتىدۇ ئۆمرىمىز بىزنىڭ،
ئۇنىڭغا كار قىلماس ئۇلۇغۋار سۆزلەر.
تۇغۇلۇپ ئۆلۈمگە يېتىپ بارغۇچە،
تۇيۇقسىز پۇرسەتتە تىكىلەر كۆزلەر.
ئۆزىگە تەئەللۇق مۇھەببەت دېگەن،
تىكىلگەن شۇ كۆزلەر ياتقا خاس ئەمەس.
بەرمىدىم ساڭىمۇ باشقا نەرسىنى،
قىسىندىم ئازغىنا بېقىشنىمۇ تەس.
دۇنيانى پاتقۇزۇپ بولالماس باغرىم،
ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن سانسىز يىقىلىش.
بىر-بىرلەپ جەملىدىم تەنە گېپىڭنى،
ئويلاپ باق، ئەرزىمدۇ ماڭا تىكىلىش!؟
* * * * *
دەريادىكى ئەسلىمە
بىز چۈشكەن قېيىقلار باغلاغلىق بۈگۈن،
شولىلار بېرەلمەس چالغىتىلغان سۇ.
ئاققۇلار ئۆتىدۇ يىغلاپ، بوغۇلۇپ،
يىراقنى كۆزلىمەس، ئاھ دەرتلىك ئاشۇ.

بۈيۈك لەڭگەر
گۈل ئىكەن بېشىمغا سانجىلغان تەقدىر
كۆزۈمدىن ئاققىنى ئۆرتەنگەن تىكەن
چاقىردى مېنى: ئەي، ئازاب تۇغقان شىر!
كېسىلگەن بېشىمنى كوتەرگەن لىگەن
ئۇرۇلدى تېنىمغا نۇر ئويغانغان دەم
قۇياش دەپ ئاتالغان شۇ بۈيۈك لەڭگەر
قېنىمغا ئەلمىساق بولغان ئىدى جەم
بىلمىدىم، يوقالدى مەندە ئەڭگۈشتەر
ئۈنۈمگە تەڭرىقۇت چۆككەندىن بۇيان
كۆكسۈمدە گۈپۈلدەر پارلىغان زۇلمەت
ماڭلايدا ساداقتەك سۇنمايدۇ گۇمان
گۈللەردىن تۇماندەك ئۆرلەيدۇ ھەسرەت
ئاھ! دېسەم، گېلىمدا يىقىلار ئاھۇ
ياق! دېسەم، چېقىلار قەلبىمدە ياقۇت
يېشىمدا نەملەنگەن قايسى ئىلاھ ئۇ؟
بۇ قۇتلۇق زېمىننى ئەيلىگەن تاۋۇت؟

كۈتۈش
ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس.
سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم,
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياس.
كىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭ,
مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان.
ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم,
ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان.
تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن,
بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن.
يەنىلا سەن ئامان قالىسەن جېنىم,
تۇيۇقسىز زېمىندا يۈزبەرسە قىرغىن.
مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن,
سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ.
مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە,
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ !
كۆيۈۋاتقان بۇغداي
مەن ئاشۇ قۇيرۇغلۇق يۇلتۇز ھەممىڭلار قاغىغان ،
قاراڭغۇ كائىناتتا نىشانسىز ، قارارسىز سەرگەردان .
سۆيگىن مېنى قىساسكارنىڭ قولىدىن بېرىپ قويغان ،
ئەڭ ئاخىرقى قىساس پۇرسىتىدەك .
مەن ئاشۇ كىشىمەن دەرەختىكى سايەم ئويۇپ ئېلىنغان،
ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆلدى دەپ قارالغان.
سۆيگىن مېنى قىزىپ كەتكەن مېڭىسىدە تەلۋە قاتىلنىڭ،
پەيدا بولغان قالايمىقان خام خىيالىدەك.
مەن ئاشۇ بۇغدايمەن جەننەتمۇ ئوت بىلەن داغلاپ كۆيدۈرگەن،
تومۇزدىكى قوياش نۇرىمۇ مۇزلىتىپ تىترەتكەن.
سۆيگىن مېنى خارلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك.
غەيرى ئەقلىي كىشىلەرنىڭ قورشاۋىدا ئەقىلگە مەپتۇن بولغاندەك.
مەن ئاشۇ بۆرىمەن سۇغۇق يالتىرار ئۇستىخانلىرىم داخان ئايال قولىدا…..

ئادىل تۇنىياز
سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش،
سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ،
قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە.
يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە،
پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە،
بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە.
بۇ يەردىكى ئادەملەر،
پەرۋاز قىلار يۈرەكلەردە.
ئات قۇشۇلغان،
قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن،
جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى.
سېۋىتىنى قۇيۇپ بېشىغا
گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن….

ئا. س . پۇشكىن
قۇربان بارات تەرجىمىسى
قىش ئاخشىمى
بوران، قارلىق قۇيۇن ئاسماننى
تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.
دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر،
دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.
دەم گۆركىرەپ كونا ئۆگزىدىن،
شاراقشىتىپ تارتىدۇ پاخال.
دەم كەچ قالغان يولۇچى كەبى،
دېرىزىنى قاقىدۇ دەرھال.
كىچىككىنە كونا ئۆيىمىز،
ھەم زۇلمەتتە ھەم سۇغۇق، غەمكىن،
دېرىزىنىڭ ئالدىدا مۇما،
تۇرۇپسەنغۇ ئۈنسىز ۋە تەمكىن؟

قۇربان بارات
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﻳﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯜﻡ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻠﯩﺪﻯ ﺩﺍﻻ .
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ،
ﻗﯘﺵ ﺋﺎﺗﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻻ .
ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻛﺘﻪﻡ ، ﻳﯜﮔﻪﻧﺴﯩﺰ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﺩﻯ ﺋﯘ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻣﻪﻟﯩﺪﻩ .
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﻗﯘﺯﻏﯩﺪﻯ ﻏﻪﺯﻩﭖ ،
ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﭘﺎﻙ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﮬﻠﯩﺪﻩ .
ﺋﺎﯕﺎ ﻛﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﺗﻪﻧﺒﯩﮭ ﺋﻪﻳﻪﯨﭙﻠﻪﺵ ،
ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ .
ﺑﺎﻏﻼﺭﻏﺎ، ﻗﻮﺭﻭﻏﺎ ﺑﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺗﯜﻛﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻥ …..

قۇربان بارات
كۈمۈشتەك يالتىرايدۇ قارلىق تاغلار ،
يېشىللىق دۇنياسىدۇر ئېتەكلىرى .
ئېدىرلار نار تۆگىنىڭ ئۆركىشىدەك …
باغرىدا يەلپۈنىدۇ چېچەكلىرى .
قاپتال ۋە جىرالىرى يېشىل جاڭگال ،
قارىغايلار ساما بىلەن بوي تالاشقان .
ئېدىرلار ئارىلىقى قۇيۇق چاتقال ،
ياپيېشىل توقايلىقلار قۇچاقلاشقان .
تاغ سۈيى ئېقىپ ئۆتۈپ توقايلىقتىن ،
تاشتىن -تاشقا ئۇرىلىدۇ، شارقىرايدۇ .
بىپايان جىرالىقلار يىشىل يايلاق ،
كۆزۈڭنى قاماشتۇرۇپ پارقىرايدۇ ….