ئەكبەر قەھىرمان ناخشىللىرىدىن تاللانما (1)
-
سەھىپە:Ün، Uyghur muzikisi
باھا:0 دانە
25-01-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharni_seghindim.mp3
چۈشۈمدە قەلبىم يەنە باھارنى سېغىنىپ نالە قىلىپتۇ ….. ئوڭۇمدا، قىشنىڭ ئادەم كۆڭلىنى غەملىك قىلىدىغان مۇشۇ سەھەردىكى دەملەردە لاي ـ لاتقىلار، غازاڭلارنى ئۇستىگە يېپىنچە قىلىپ توڭلاپ ياتقان مۇشۇ ئالقاندەك تۇپراقتىن تېخى بىر قانچە ئايلار ئىلگىرىلا ئەلكۈن ئۆز قولى بىلەن ئىللىق باھارنىڭ چىرايلىق گۈللىرىنى ئۆستۈرگەن ئەمەسمىدى؟! خۇددى ئادەم ھاياتىدا خوشاللىق بىلەن غەم قايغۇ دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىدەك تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق رېتىمىمۇ بۇ تەبئىي دەۋرىيلىكنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن. ئىنسانلارنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق بۇلىقى تەبىئەت بولغىنى ئۇچۇن ئادەملەر ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچۇرغاندا، ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا، تۈرلۈك نائىلاجلىقلارغا مەجبۇرى قىلىنغاندا «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق»، «دۇنيادا كۈن پاتمايدىغان قۇياش يوق» دېگەندەك تەبىئەتكە بېغىشلانغان ئەقلىيە سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئادالەت، ھەققانىيەت، ئىنسانلىق ۋە مەدەت تىلەش ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدە بولىدىكەن …….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى بۈيۈك بىرتانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە پائال تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى (London Uyghur Ensemble) لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ (SOAS – School of Oriantal and African Studies, University of London) تەكلىپى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ برۇنېي تىياتىرخانىسىدا 2016- يىلى 21- يانۋار كەچ سائەت 7 دىن 8 يېرىمىغىچە داۋام قىلغان “ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى – يىپەك يولىدىكى سوپىلار” ( A Central Asian Reunion – Sufis on the Silk Road ) نامىدىكى مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ سەنئەت كېچىلىكى بۇرۇن ئۆتكۈزۇپ كەلگەن كېچىلىكلەردىن پەرقلىق بولۇپ، كونسېرتقا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بارلىق خالىس سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئۆزبېك مۇزىكانتلاردىن ساردور ……..
خاسىيەت بەكمىرزايېۋا
ئۆزبېكچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
ئەدەبىياتشۇناس باتىرخان ۋەلىخوجايېۋ بابۇرنىڭ ئۆزى ناۋايىنىڭ تېرىما دىۋانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى “بابۇرنامە” ئاساسىدا ئېنىقلىغان. ناۋايىنىڭ كۈتكەن ھۆكۈمدارلىق ھەققىدىكى ئارزۇلىرى ھەم بابۇر پائالىيەتلىرىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدى. بابۇر ئۆزى تۈزىگەن “بۇيۈك ئىمپېرىيە” دە ئۆتكۈزگەن ئىسلاھاتلىرىنى قارار تاپتۇرۇش ۋە مەپكۈرەسىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن ھەركەت قىلغان. بۇنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى يارىتىش مەقسىتىدە دىنىي پەلسەپىۋى، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەسەرلەر يازغان. “مۇباييىن” ۋە ھەربىي مەسىلىلەر خۇسۇسىدىكى رىسالىلەر بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.
ئەلشىر نەۋايىغىچە ھەم ئۆزبېك يازما ئەدەبىي تىلى مۇئەييەن دەرىجىدە شەكىللەنگەن، شېئىرىيەتتە ھەم مۇئەييەن ئەنئەنىلەر مەۋجۇت ئىدى. ئەلشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ماۋزۇغا بېغىشلانغان شېئىرىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنى راۋاجلاندۇردى. ئۇ بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزبېك تىلى شىۋىللەرى ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلاندى، مەۋجۇت…..
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس، ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر.
خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرى ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە تۈركىيىدە يېقىندا نەشردىن چىقتى. مەن ئاۋۋال بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنى ئۇتۇقلىرى بىلەن تەبرىكلەيمەن.
سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئەت يەنى ناخشا – مۇزىكا مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ…..
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Chin_muhabbetning_bayani.mp3
(ياشلىق خاتىرەمدىكى شىېئىرلاردىن)
بىز بۇرۇن ناتونۇش، بىز يوچۇن ئىدۇق،
مۇھەببەت بېغىغا تەڭ كېلىپ قوندۇق.
تەقدىرنىڭ قىسمىتى يولىمىزغا نېسىپ –
مۇقەددەم شۇ كۈنى بىر جۈپلەر بولدۇق…
سىڭىپلا كەتتىڭ سەن قەلبىم قېتىغا،
قۇم ئۇستىگە ياققان سەھەر يامغۇردەك.
بوران ئۇچۇرسىمۇ يوقالمىدىڭ ھىچ،
كۆكلىگەن تاش ئۇستىدە قىزىل گۈلدەك.
قامغاق ئىدىم سۆيگۈ چۆلىدە يىگانە،
جانان ئىزدەپ جاھان كەزگەن بىر دىۋانە.
پەيدا بولدۇڭ قەلبىمدە يېڭى باھاردەك،
تۇيۇلدى دۇنيا بولۇپ ماڭا غەمخانە…..
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Derex_heqqide_epsane.mp3
بۇ كوچىنىڭ دەرەخلىرىدە ئۇزۇلـمەس
نەۋ باھارنىڭ ئىزلىرى قالغان
قىشتىمۇ سۈكۈتتە ھاياتلىق ئۇنىڭدا كۆكلەيدۇ
ھېلىمۇ شاخلىرى كېسىلگىنىگە پەرۋاسىز
قاغا ـ قوزغۇنلا ئەمەس
گاھى كۈندۇزى كۆك ئاسمان ـ
گاھى كېچىدە ئاي يۇلتۇزلار پارلايدۇ …….
زامانىمىزنىڭ بۈيۈك مۇقام ئۇستازى مەرھۇم تۇرداخۇن تەۋەككۇل ئۆغلى بىلەن 1953 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى «ئۇيغۇر مۇقامى» ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ ئەينەن يېزىپ قالدۇرۇلغان خاتىرىسى. مەزكۈر قول يازمىدا بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ قەيەردە ۋە كىملەر تەرپىدىن ئلېىپ بېرىلغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىملىگەن. بۇ تەۋەرۈك قول يازمىلارنى قازاقىستاندا ياشاپ ئۆتكەن ژۇرنالىست مەرھۇم تۇرسۇن قاھارىي ئاكىمىز يىغىپ ساقلىغان ۋە كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ياركەنتتىكى ئوقۇمۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر كىشىللىرىمىز ئاقىلىق 2015 – يىلى 2- ئاۋغۇست تاپشۇرۇپ ئالغان.
ئۈمۈد يالقۇنى 1948 – يىلى سىنگە ئېلىنغان (تاھىر – زۆھرە داستانىدىن ئارىيە)