باھارنى سېغىندىم

Elkun baghchisi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Baharni_seghindim.mp3

 

چۈشۈمدە قەلبىم يەنە باھارنى سېغىنىپ نالە قىلىپتۇ ….. ئوڭۇمدا، قىشنىڭ ئادەم كۆڭلىنى غەملىك قىلىدىغان مۇشۇ سەھەردىكى دەملەردە لاي ـ لاتقىلار، غازاڭلارنى ئۇستىگە يېپىنچە قىلىپ توڭلاپ ياتقان مۇشۇ ئالقاندەك تۇپراقتىن تېخى بىر قانچە ئايلار ئىلگىرىلا ئەلكۈن ئۆز قولى بىلەن ئىللىق باھارنىڭ چىرايلىق گۈللىرىنى ئۆستۈرگەن ئەمەسمىدى؟! خۇددى ئادەم ھاياتىدا خوشاللىق بىلەن غەم قايغۇ دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىدەك تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق رېتىمىمۇ بۇ تەبئىي دەۋرىيلىكنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن. ئىنسانلارنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق بۇلىقى تەبىئەت بولغىنى ئۇچۇن ئادەملەر ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچۇرغاندا، ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا، تۈرلۈك نائىلاجلىقلارغا مەجبۇرى قىلىنغاندا «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق»، «دۇنيادا كۈن پاتمايدىغان قۇياش يوق» دېگەندەك تەبىئەتكە بېغىشلانغان ئەقلىيە سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئادالەت، ھەققانىيەت، ئىنسانلىق ۋە مەدەت تىلەش ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدە بولىدىكەن …….

 

ئەي مېنىڭ ھايات ماكانىم تەبىئەت، سېنىڭ ئادىللىقىڭدا شەك يوق، سېنىڭ قۇچىقىڭىنىڭ كەڭ، مېھرىبانلىقىڭدا شەك يوق، ئەمما ئىلتىماسىم، سەندىن ئۆتۈنەي، ئۆزۈڭنىڭ ئەشۇ شەپقەتلىك مېھرىبانلقلىرىڭنى بۇ دۇنيانىڭ يۈزىگە ئادالەتلىك بىلەن تەڭ تۆكسەڭ، مەن سېنىڭ باھارىڭغا سېغىنغان چۆل ئادىمى دوپپامنى ئاسمانغا ئېتىپ، تولا يىغلاپ كۆنۈپ كەتكەن كۆزلىرمدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ تەبەسسۇم كۈلكىللىرى جىلۋە قىلىپ تەنتەنە قىلسام بولـماسمىدى؟! تەبىئەت مەن سېنى مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۆيۈمچان ئانامغا ئوخشىتىمەن. سەنلا قەلبى قەھرىتان قىشتا مۇزلاپ كەتكەن ئوغلۇڭنىڭ زارىنى، ئىنتىزارىنى چۈشىنىسەن. شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ بۇ ئىلتىماسىنى ساڭا قىلدىم. قارا، ئەلـمىساقتىن سوغۇق چۈشمىگەن، ئالتۇن قۇملىرى توڭلاپ باقمىغان تەكلىماكانغا نەزەر سال…. تاغلارغا نەزەر سال…. تەڭرىتاغلىرىدا قارلەيلىسى باھار ئىللىقلىقنى سېزىپ كۆكلەپ باقمىغىلى نە ۋاق؟!

 

بۇ ھاياتىمدا مەن ساڭا مۇتلەق ئەقىدە بىلەن ياشاپ كېلىپتىمەن. ئەقىدە دېمەك مەن ئۇچۇن ھايات دېمەكتۇر. ئانا تەبىئەت سېنىڭ قۇدرىتىڭ چەكسىز، سېنىڭ مېنى قوينىدا ئۆستۈرگەن توغۇلغان ماكانمغا ئۆزۈڭنىڭ باھار نۇرىنى ھامان تۆكىدىغىنىڭغا ئىشەنچىم كامالەتلىكتۇر. بۇ قەھرىتان قارا قىشنىڭ سەھرى تۇمانلىق، ئاسماندىكى قۇياش نۇرى خۇددى ئۆلۈمنى كۈتۈپ سەكراتتا ياتقان ئادەمنىڭ كۆزىدەك گاھ كۆرۈنۈپ، گاھى كۈلرەڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا غايىپ بولـماقتا… مەن يەنە نېمىلا بولـمىسۇن سەھەردىكى قىشنىڭ سوغۇق ئەمما ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم. قەلبىمدىكى تىلەكلىرىمنى تەبىئەت ئىلاھىغا ئىزھار قىلىپ، باھاردا قىپپ ـ قىزىل گۈللەر ئۆسكەن ئانا يەرگە تەزىم قىلىپ، مەندىن ئۇزاقتىكى يۇرتۇمغا ئەركىن شاماللاردىن سېغىنىشلىق سالاملار يوللىدىم…

 

بۈگۈن گۈزەلدۇر، ئەتە تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى! بىز ياشىشىمىز كېرەك، ئۆز ئارمانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى بولۇپ ياشىشىمىز كېرەك دېگەندەك تومۇرلىرىمدا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئېقىپ كېلىۋاتقان ئىرادىللىرىمنى يەنە بىر رەت خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. شۇنداق، بۇ ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر كۈرەشتۇر، ئارزۇ، ئىرادە ۋە بۇ يولدىكى شىجائەت بىلەن ھايات داۋام ئېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەلكۈن ئۈچۈن يانۋار ئېيىدىكى قىشنىڭ يەنە بىر كۈنى باشلاندى.

 

2016 ـ يىلى 24 ـ يانۋار، لوندون

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !