ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى – يىپەك يولىدىكى سوپىلار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

 

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى بۈيۈك بىرتانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە پائال تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى (London Uyghur Ensemble) لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ (SOAS – School of Oriantal and African Studies, University of London) تەكلىپى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ برۇنېي تىياتىرخانىسىدا 2016- يىلى 21- يانۋار كەچ سائەت 7 دىن 8 يېرىمىغىچە داۋام قىلغان “ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى – يىپەك يولىدىكى سوپىلار” ( A Central Asian Reunion – Sufis on the Silk Road ) نامىدىكى مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ سەنئەت كېچىلىكى بۇرۇن ئۆتكۈزۇپ كەلگەن كېچىلىكلەردىن پەرقلىق بولۇپ، كونسېرتقا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بارلىق خالىس سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئۆزبېك مۇزىكانتلاردىن ساردور …….. مىرزاخوجايېۋ بىرلىكتە كونسېرت بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ناۋايى ۋە شاھ مەشرەپنىڭ غەزەللىرى ئېيتىلىدىغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۆزبېك شاش مۇقامى (6 مۇقام) لىرىنى سەھنىدە نامايان قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا سوپى مۇزىكا سەنئىتىنى تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىش بىلەن ئالاھىدە مەنىلەرگە ئىگە بولدۇ.

 

بۇ قېتىم ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتقا مەزكۇر ئىنستىتۇت ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتى تارمىقىدىكى ئىنستىتۇتلارنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر تاماشىبىنلىرى ئىشتىراك قىلدى.

 

بۇ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئېلان ۋە تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇچۇن كېچىلىككە ناھايىتى كۆپ تاماشىبىنلار كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى تىياتىرخانىنىڭ 350 كىشىلىك ئورنى تولۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن نۇرغۇن تاماشىبىنلار كونسېرتنى كۆرۈشكە ئامالسىز قېلىشتى.

 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كونسېرتنىڭ سەنئەت كېچىلىك نامى “ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى – يىپەك يولىدىكى سوپىلار” بولۇپ، مانا مۇشۇ نامنىڭ ئۆزىلا بۇ كونسېرتنىڭ ئەھمىيىتىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ سەنئەت كېچىلىكى تاماشىبىنلارغا گەرچە 20 – ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى خەلقلەر بۈيۈك ئىمپېرىيىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلەرنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان “بۈيۈك ئويۇن” لىرىنىڭ تراگېدىيىسى سۈپتىدە بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بىر – بىرلىرىدىن سۇنئىي ھالدا ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جۇغراپىيىلىك رايوندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ ئوخشاش تىل، مەدەنىيەتكە ئىگە، سوپى مۇزىكا سەنئەت ئەنئەنىلىرىگە تەڭ ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر – ئۆزبېك ناخشا -مۇزىكا سەنئەتلىرىنى سەھنىدە بىرلىكتە كۆرسىتىش ئارقىلىق نامايان قىلدى.

 

2016 – يىلى 22 – يانۋار، لوندون

 

 

 

كونسېرتتىن تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەر

 

 

 

 

 

 

 

مەنبە باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرى:

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-43909-1-1.html

 

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8678

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !