ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سۆزلىيەلمەيمەن
ئوقۇدۇڭمۇ يار تىلىمغا ئەپسۇن
ئاخىرقى قېتىم بىز سۆزلەشكەن ئاخشام.
يازالمايمەن
قەلىمىم سىياسى قۇرۇپ كېتىپتۇ
مەن جۆيلۈپ ئويغانغاندا
قۇتىسى ئۇنىڭ چېقىلغان…
قورقۇپ كېتىپتىمەن چۈشۇمدىن
ۋاقىتسىز ئۈنىم ئۆچۈپتۇ
ساڭا غىڭشىپ مەن ئېيتىدىغان –
تۈنۈگۈنكى مۇھەببەت ناخشام!
سېنى سېغنىپ ھەر كېچە –
قۇياش پاتقان مەغرىپكە باقتىم
يۈلتۇزلاغا دەردىمنى ئېيتىپ
يۈركىمدىن ساڭا شىئېر يازدىم.
بۈگۈن يەنە يازغۇم كېلىۋاتىدۇ –
بىزگە كەلگەن ئاچچىق -چۈچۈك
ھىجىراندىن ئېلىپ ئىلھام!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharim_seni_kel_didim.mp3
باھار گۈلى نارگىز ناز بىلەن ئېچىلغاندا،
باغچامغا بۇلبۇل كېلىپ بەزمىگە قونغاندا،
ئاق لىباسستىن ئۆرۈك چېچىكى رومال ياپقاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
قىراۋلىق پەلەك تەبەسسۇم قۇياش تۇغقاندا،
پەسىل تۇرنىللىرى باھار ئىزدەپ ئۇچقاندا.
زەينەپمۇ مۇڭغا پېتىپ يارنى سېغىنغاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
قۇياش نۇرى جىلۋە تۆكۈپ پارلىغان سەھەر،
ئەيلەر كۆڭۈلنى ئىنتىزار خەستە شۇ قەدەر؟!
مەن رازى باھارغا گىياھ بوپ كۆكلىسەم ئەگەر،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى ئاڭلاش: Elkunning_suriti.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
(ياشلىق قەدمىمنى بېسىشنىڭ ئالدىدا مۇڭلۇق خىياللار قاينىمىغا چوككەن بىر بالا ئىدىم… 1985-يىلى سېنتەبىر، شايار)
ياشلىققا قەدىمىم يىتىشتىن بۇرۇن،
خىيالچان بالىتىم مۇڭغا چۆككەن.
كېچە يۇلتۇزىدىن بەخىت ساناپ،
سەھەردە قۇياش بىلەن تەڭ ئۆسكەن.
شۇنداق بالىتىم ھەممىگە قىزغىن ،
”نېمىشقا؟“ دېگەن سۆز ماڭا ھەمراھ…
گاھىدا ئاتاجان تىرىكىپ كەتسە،
چۇشنەتتىم دۇنيانى تىلسىم جەڭگاھ…
چوڭ بولدۇم بوۋام ھېكايىسىدىن.
توت كۈندە يېشىم ياشلىققا يەتتى.
قەلبىمدە بىخ سۇرۇپ بولغۇچە تۇيغۇ،
سەبىي مەنزىلىم كەلمەسكە كەتتى…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Yurtumda_bir_kun.mp3
كېۋەز شادىسى يازنى ئەسكە سالار،
كانايدا ياڭراق دېھقاننىڭ ئىسمى.
ئايىقىمدا توپلۇق يول، مۇزلۇق ئېتىز،
تۆكۈلەر يامغۇر بوپ تارىمنىڭ قۇمى.
ئاتام تىككەن تېرەكلەر مۈكچەيگەن،
خۇددى ئاتامنىڭ ھالىغا ئوخشاش.
ئانام توخۇسىنى دانلاشقا چىللار،
تېلىققان ئاسماندا نۇرسىز قۇياش.
تۆت تۈپ تېرەك يول بويىدا قىيسىق،
قىزىل لوزۇنكا تۇغ بولۇپ تۇرار.
‘ئېلىپبە’ ئۆگەتكەن موللا ئۆلۈپتۇ،
مۇڭگۈز قەبرىسىگە بولۇپ يادىكار.
بۈگۈن بۇرچىنى ئۇنتۇپ خوراز،
كاتىكىدە چىن چۈشتە تاڭغا چىللار.
ئانام باققان ئەركە قوزىچاقلار،
كېلەر يىل بۇ كۈنى قۇربان بولار.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قەلبىمدە ھىجران مىڭ مەرتە ئۆلۇپ
مىڭ مەرتە قايتا تىرىلگەن
كەچ كۈزدىكى غېرىب باغچامدىن
دېڭىز سۇيىدە نەملىشىپ ـ
دات بېسىپ كەتكەن ئاھۇ ـ زارىمدىن
مەن ئاشىق ئالتۇن رەڭلىك ياپراقنى
ماڭا تەۋە ھەممىنى قوشۇپ ـ
كۈز «ھىجرا ئەمەسكەن!» دېدىم
سەھەردە تۆكۈلگەن شەبنەمگە باغلاپ ـ
ئۈچتۇم ئۇلاردىن گېلەم ياسساپ!
مەن توغلۇپ ئۆسكەن توپلۇق ماكان
سۈكۈتتە مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىدۇ …
ئاتام سەكراتتا خىيالغا چۆمگەن …
ئاپامنىڭ كۆزىدە تەشۋىشلىك دۇنيا
مەن بىر چاغ كۈيلىگەن ئاق ۋە قارا قاغىلار ـ
ئانام قەبرىسىنى مەن يوقلىغاندا تۆنۈگۈن
بۇ دەملەرگە پەقەت ئۇلارلا گۇۋاھ!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاۋازنى بىۋاستە ئاڭلاش: Kuz_sen_hijran_emes.mp3
ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان، ياز قۇياشنىڭ ئاتەش نۇرلىرىدىن ئەسىرمۇ يوق، كىشنىڭ كۆڭلىگە بوران – چاپقۇننى، ھايات – ماماتلىق تەبىئەتنىڭ تىراگېدىيىسىنى ئەسلىتىدىغان بىر چاغ. مەن مەيۇس سەھەردە باغچىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم. ئەييۇھەنناس! بۇ يەردىكى كۈز كۆز ئالدىمدا مەھبۇبىنىڭ مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتەلمىگەندىن كېيىنكى ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش درامىسىنى ئويناۋېتىپتۇ.
كۈز ياپراقلىرى شەبنەمدە تۆكۈلگەن يالتىراق ياشلىرىنى پاقىرتىشىپ، ھىجران ناخشىلىرىنى بولۇشىغىچە ئېيتىشىپ، دەرەخلەر بىلەن ۋىدالىشىۋېتىپتۇ، نىمجان جىسمى سوغۇق يەرنى، تۇپراقنى باغاشلاۋېتىپتۇ. باغچىنىڭ بۈگۈنكى كۆرۈنىشى ياپراقلارنىڭ مازارلىقنى ئەسلەتتى. قاغا – قۇزغۇنلار ۋە يەنە قانداقتۇر ماڭا نامى نامەلۇم بولغان، ئادەمگە بىر كېلىشمەسلىكنىڭ، بەختسىزلىكنىڭ، كۈلپەتنىڭ سېزىمىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ ۋەھشى ياۋا قۇشلار دەرەخ ئۇستىگە قونۇشۇپ، يازنى بوستان قىلغان ئەشۇ ياپ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ بەختسىزلىكىنى تاماشا قىلىشىپ بەھرى سۇرۋاتقىدەك…. ئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلاپ ”توۋا ! بىز ئادەملەرلا ئەمەس، ئەمدى بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ تەبئىتىدىنمۇ مۇھەببەت يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇلارنى كىملەر نېمە سەۋەبلەر بىلەر شۇ قەدەر رەھىمسىزلەشتۇۋەتكەندۇ؟ ياكى ئۇلارمۇ بۇ نائىنساپلىقنى ئادەملەردىن ئۆگەنگەنمىدۇ؟” دېگۈدەكمەن.
[تولۇق ئوقۇش]

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بۇ يەردە ئالتۇن رەڭلىك كۈن پارلىغان
ھاياتلىق گۈزەل كۆك ئاسمان ۋە قۇياش ئاستىدا
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشكارلىغاندا.
ئەمما مىنىڭ تەلەپچان بۇ يۈرىكىم
ھاياجاندىن ئۆرتىنىۋاتىدۇ …
ھاياتلىق سەپەرلىرى بەزىدە شۇنداق
ئاجايىپ ھېسلارغا تولغان.
يەنە قانداقتۇر مەۋھۇم ھېسلارغا تولىدىغىنى ئېنىق.
مەن ئالتۇن رەڭلىك ياپراقلارنى يېنىككىنە تۇتقىنىمدا
ئۇلار شاماللار بىلەن تەڭلا تىترەيدۇ…
مەن بۇ دەقىقىدە ئۇلاردىن ئاجايىپ تۇيغۇلارنى سېزىۋاتىمەن
ئۇلارغا قاراپ مىڭلىغان شېئىرلارنى ئوقۇۋاتىمەن.
بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۇچۇن
مۇھەببەت ئىلاھى تەرىپىدىن يېزىلغان.
22 – ئۆكتەبىر 2016- يىلى، لوندون

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Ottura_dengizda_izgu_tilekler.mp3
كۈن چۈشكەن بېشىغا يانار تاغلىرى،
مۇسسولىننىڭ پۇتى كۆيگەن دېڭىز.
يېمىشكە تولغان بوستان باغلىرى،
سوقۇلغان تاش قورغىنى ئەڭ ئېگىز.
بېلىجانلار سەييارە دېڭىزدا شوخ – شوخ،
شاراپ تەمى ئىدىشتىن كەتمىگەن يوقاپ.
بىر جۇپ گەۋدە ساھىلدا دۇنيادىن بىھۇش …
مۇھەببەت كۈيى ياڭراق دولقۇنلۇق شۇتاپ.
يالتىرار كۆمۈش رەڭدە بويالغان سۇلار،
قىزىرىپ كەتكەن ئۇپۇقتا سۆيگۈ يەلكىنى.
ئاھۇ ۋولقان باغرىدا بەختى يوق تاغلار،
تەۋرىتەر بۇ زېمىننى ھەر بىر سەلكىنى.
[تولۇق ئوقۇش]
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاڭلاش: Elixan_Tore_Qebrisi_Ziyaret.mp3
ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ۋەتەندىن ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بۇ يىللاردا دۇنيانىڭ قەيېرىگە بارماي ياكى قەيىرىدە ياشىماي، يۈرىكىم ئۆز كىملىكىمىزكگە، ۋۇجۇدۇم يەككە ئۇيغۇرلىقىمىزغا مۇجەسسەملىشىپ يانغىن بولۇپ ياناتتى. بولۇپمۇ كيىنكى يىللاردا ئۆزۈمنى دۇنيادا ئىپادىلەش تەس بولغان سىياسىي ۋە مىللىي كىملىك كىرزىسى بىلەن بىللە ۋەتىنىمىزدە، خەلقىمىز بېشىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇم مېنى ماڭا تېگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەقەززاسى بىلەن مۇساپىرلىق ھايات رېتىمىنى قايسى نىشانلارغىدۇر ئالدىرىتاتتى، گاڭگىرىتاتتى ۋە ئۇيغۇرلۇق غورۇر، نومۇس تۇيغۇلىرىم بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئازابلايتتى. چارىسىزلىق ۋە كۈچسىزلىكىم ۋە ۋەتىنىمگە بولغان مۇقەددەس مۇھەببىتىمنىڭ ھارارىتىدىن قەلبىمنىڭ قات – قېتىدىن ئوخچۇپ كۆيۈۋاتقان بۇ ئوت گۈلخان بولۇپ يېنىشقا باشلىدىكى ئۆزۈمنى خۇددى ئۆزىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيۈشكە ھازىر بولغان بىر پەرۋانىدەك ھېس قىلاتتىم.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(تارىمنىڭ چۆل گۈللىرىنى سېغىنىپ)
چۆل گۈلى ـ
يۇلغۇن قىز قىزىرىپ
باھار ھۆسنىگە ھۆسىن قاتتى.
يانتاقجانغا كۈن بىلەن تەڭ
ئالەمگە كۈلۈپ باقتى.
تېرەك بوۋاي
باھار ئاپتىپىدا بېشىنى قاشلاپ
پوتلىسىنى يېنىغا تاشلاپ
يېشىل يوپۇرماققا ئاستا يۆگىنىپ ـ
چۈشلۈك ئۇيقۇسىغا پاتتى!
[تولۇق ئوقۇش]