باكۈدىكى كىتاپخانىدا
-
سەھىپە:Elkun xatirisi، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
25-07-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(Visiting a book shop in Baku)
بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى «ئاكادېمىيە كىتاپ مەركىزى» كىتاپخانىسىغا كىردىم. بۇ كىتاپخانىنىڭ ئادەملەر بىلەن تولغان قايناق شەھەر مەركىزىگە جايلاشقىنىغا، كىلاسسىك سوۋېت ئوسۇلىبىدا ھەشەمتلىك سېلىنغان، مىللىي نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ۋە كۆلىمىنىڭ زۆر بۇلىشىغا قارماي، مەن كىتاپخانە ئىچىگە كىرگىنىمدە ئىچىدە كىتاپ ساتىدىغان بىر قىز ۋە بىر ياش بالىدىن باشقا ھىچ بىر كىشى كۆرۈنمەيتتى. دەسلەپتە سەل شۆھبىلىنىپ «مەن كىرگەن بۇ يەر كىتاپخانىمۇ ياكى باشقا بىر يەرمۇ؟» دەپ ئۆزۈمدىن سورىغاچ كتاپخانە ئىچىدىكى كىتاپلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم …. بۇ يەردىكى كىتاپلارنىڭ تەڭدىن كۆپى روسچە ، قالغىنى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئەزەرچە، يەنە بىر قىسمى ئەزەر لاتىن يېزىقىدىكى كىتاپلار، قالغانلىرى ، بولۇپمۇ تىببى ۋە پەن تېخنىكا ھەققىدىكى كىتاپلار بولسا تۈرۈكچە ئىدى. كىتاپخانىنىڭ تارىخ يايمىسىدىن ئەزەر ياكى تۈركى خەلىقلەر ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئەزەر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان بىر تارىخ كىتاپىنى تاپتىم. ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ كىتاپخانىدا بىر سائەتتەك تۇردۇم ئەمما كىتاپخانا ئىچىدە مەن يالغۇز ئىدىم، كىتاپخانە ئىچىگە ھىچ بىر كىشى كىرمىدى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۈرۈمچىدىكى، لوندوندىكى ئادەملەر بىلەن لىق ـ لىق تولۇپ تۇردىغان ئاۋات كىتاپخانىلار ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئاجايىپ خىياللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە بىر قانچە يىللار بۇرۇن تۈركى مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان غەرىبلىك جەمىيەتشۇناس ئاكادېمىكنىڭ بىر ماقالىسىدا مۇنداق دېگىنى ئېسىمگە كەلدى «پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى دۆلەت ۋە خەلىقلىرى ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلار ئەڭ كىتاپ ئوقۇيدىغان خەلىق بۇلۇپ، جۈمىلىدىن ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا ئۆتكەنكى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاپ نەشىر قىلىنغان».
مەن كىتاپخانە ئىچىدە روسچە ۋە ئەزەرىچە كىتاپلار ئىچىدىن تاللاپ يۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا تىزىپ قويۇلغان بىر قىسىم ئېنگىلىزچە كىتاپلار ئىچىدىن ئەزەر ھازىرقى زامان يازغۇچىسى جالالنىڭ «تاللانغان ھېكايىلەر» ناملىق ھېكايىلەر كىتاپىنى 8 ماناتقا سېتىپ ئېلىپ ئويلارغا غەرىق بىر تۇيغۇ بىلەن كىتاپخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئارقسىغا جايلاشقان چىرايلىق بىر باغچىغا كىردىم دە، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بىر بوش ئورۇندۇققا كېلىپ ھېلىقى سېتىپ ئالغان كىتاپنىڭ بەتلىرىنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم …..
ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ياش قۇرامى 18 ـ20 لەر ئەتىراپىدىكى بىر توپ ياشلار كېلىپ مېنىڭ قارشى تەرپىمدىكى بىر ئورۇندۇقتا، بەزىلىرى ئۇدۇللا يەردە ئۆلتۇرۇپ ھەممىسى تەڭلا ئىس چىقىرىشىپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىن قوللىرىدا گىتتار تۇتقان ئىككى ياش ئاممىۋىباب ناخشا ـ مۈزىكىللارنى ياڭرىتىشقا باشلىدى. بۇ نەغمە بىلەن تەڭ ناھايىتى تىزلىكتە بۇ يەرگە ئادەملەر توپلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ يەرگە قويۇپ قويغان شەپكىسىگە ئاندا ـ ساندا ئۇششاق تەڭگە پۇللار تاراقشىپ چۈشىۋاتاتتى.
« ـ توۋا تېخى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا نىيويورۇك شەھرنىڭ ئاتاغلىق 5 ـ كوچىسىدا گاگا خېنىمنىڭ مەستانىللىرى بىلەن دۇقۇرشۇپ قېلىپ، بىز ئەسلى ناخشا ـ مۈزىكا مىللىتى ئەمەسكەنمىز، چۈنكى بىز ئۇيغۇرلاردا گاگا ئەمەس، ھەتتا ئۆزبېكلەرنىڭ يۇلتۇز خېنىمچىلىكمۇ دۇنيا شۆھرىتىگە ئېرىشكەن، ئادەملەر ئۆلگۈدەك چوقۇنىدىغان چولپانلىرىمىز يوقكەن …» دەپ بىر نەرسىلەرنى يازغىنىم ئېسىمگە كەچتى.
2017 ـ يىلى 16 ـ ئىيۇل، باكۈ.