مومام قەسىدىسى

Momam qesidisiئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى
باغ ئىچىدە مۈكچەيگەن –
مەسىدەخان مومام سېۋىتىگە لىق ئالما تېرىدۇ 
قىزىل ئالمىلار
سېرىق ئالمىلار 
كۆك ئالمىلار …
ھەممىسى مەي بولغان
ھەممىسى بىر – بىرلىرىدىن چىرايلىق 
كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

 
ئالمىلار خۇش پۇراق چاچىدۇ 
چۈنكى ھەممىسى ئىچىدىن قۇرتلاپ كەتكەن   
ئەمما ئانا بۇ ئالمىلار بىلەن
يەيدىغانغا زاغرا نان يوق  
ئۇچىغا كىيىدىغانغا كىيىمى يوق – 
يېتىم قالغان بەش بالىسىنى باقىدۇ.

 
مومام قولىدا بىر سېۋەت قىزىل ئالما 
بەدۆلەتنىڭ ياغسىرىغان ئىشىكى –
غىچىلداپ ئاستا ئېچىلىدۇ.
مومام ئۆزى بىلەن تەڭ مۈكچەيگەن 
غېرىبلىققا چۆككەن ئۆيىگە كىرىدۇ
شۇئان نۇرسىز كۆزى ئالدىدا
خۇش – خۇي بوۋامنىڭ –  
خىزىر سۈپەت سىماسى كۆرىنىدۇ…. 

 
* * * * * * * *
 

ھايات ھالىنى ھالسىراتقان مومام –
قەدەملىرىنى ئاستا بېسىپ –
ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ يەنە ئۆيىدىن چىقىدۇ.
ئۇزاق – ئۇزاقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان –
جەڭگاھتىكى تۇغدەك ھەيۋەت كۆرۈنگەن –
ئاق باش مۇز ئاتىغا قاراپ –
«كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» دەپ –
ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى تاپىدۇ!

 
غايىپ بولغان چاڭ – توزاندەك
گۈگۈمدىن ئاۋال –
خۇددى مومامنىڭ ئاققان يېشىدەك
ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ …
جاھان يەنە بىردەملىك 
كەچ قاراڭغۇسىدىن بۇرۇنقى سېھىرلىك –
ئېزىتقۇ يورۇقلۇققا پاتىدۇ!

 
تونۇش پاقا، ئىت، ئات – ئېشەكلەرنىڭ –
يەنە قانداقتۇر غەيرى ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ كېلىپ
ئاتامنىڭ غايىپ مەھەللىسى – 
مومامنىڭ سۈكۈتتە چۆلدەرىگەن ئالمىلىق بېغى –
يان – يانلىرىدىن شورىلار ئېچىلغان
سۇغا زار بولۇپ قۇرۇپ چىرىگەن –
ھەممىسى زاۋاللىقنىڭ ھەلقۇمىدا
يۇلتۇزسىز كېچىلەر 
قايتىلاپ كەلگەندەك كۆرۈنىدۇ!

 
* * * * * * * *
 

دوقمۇشتىكى توپا يولدا
بوۋامنىڭ بوۋىسى تىككەن 
قاتار – قاتار ئۈجمە دەرەخلىرى – 
ھوسۇلى كۆپ جىگدە – ياڭاقلىرى
خۇددى مومامغا ئوخشاشلا مۈكچەيگەن….
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىتى –
ئەزرائىل زىياپىتىدە راھەت سۈرۈۋاتقان
غەمسىز بەگزادىلەرنى ئەسكە سالىدۇ! 

 
تۇڭگان يېغىلىقىدىن باشلاپ 
پاقىلار ماكان تۇتقان چوڭ كۆلدىن –
مومام چېلىكىگە سۇ ئالىدۇ –
«چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دولقۇنىدا 
ئۇنىڭ ئاستىغا پېتىپ كەتكەن تاش – تۆمۈرلەر
خۇددى ئۇلۇغ يۈرۈشتە دۇشمەننىڭ –
پاچاقلانغان توپ ئوقلىرىدەك  
دات باسقان، چىرىغان، سېسىغان – 
ئۆكلۈكلەر جىلغىسىنى ئەسكە سالىدۇ.

 
مومامنىڭ ئېيتقان – 
ئېيتمىغان چۆچەكلىرى كۆپ…
مومامنىڭ ئەسلىمىسى چېگىش-
يۈرىكى ئەلەم بىلەن بېغىش!

 
ئەنە ئاۋۇ قۇرۇشقا باشلىغان 
ئاق تېرەك قوۋزىقىغا بىر چاغدا
مەھەللىنىڭ قىزىل يىگىتى پىچاق بىلەن
بولقا ۋە ئورغاق رەسىمىنى ئويغان…
ئارىدىن ئانچە كۆپ ئۆتمەي 
مومامنىڭ بوۋىيى – 
ئابدۇل ئىمام پومېشچىك دەپ ئاتىلىپ
دەل مۇشۇ تېرەكنىڭ بىر شېخىغا
بوينىدىن سىرتماق سېلىنغان…
نەچچە كۈن كەمبەغەللەر 
ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تاش ئېتىپ –
پۇخادىن چىققۇچە تاماشا قىلغان!

 
بۇ ئۇلۇغ مومامنىڭ –
ئېيتسا پۈتمەس ئەلەملىرى كۆپ بولغان…
يۈرىكىنىڭ تەڭ يېرىمى كۆيۈپ كۈل بولغان… 
بىر جۇپ كۆزى بالىلىرى ئۇچۇن
نىدا ئىزدەپ ئۇزاقلارغا يول سالغان!

 
مومامنىڭ مېھرى قۇياش – 
ئۇ مۇھەببەت ترىلوگىيەسىنى پۈتتۈرۈپ – 
قۇياش كەتكەن ئۇپۇقلار تامان كېتىپ قالغان 
ئاتىسىز بەش بالىنىڭ چۇقانلىرى ….
بۇ ئەرسىز، پاناھسىز، غېرىبلىققا ئەسىر ئۆينى
بۇ بۈيۈك ئۇلۇغ ئانا روھىنى 
ماماتلىقنىڭ 
ھاياتلىقنىڭ قىسمەتلىررى
پۈتمەس كۇەش قاينىمىغا سالغان! 

 
* * * * * * * *
 

بۇ ھەممىسى مومامنىڭ قىسسىسى 
مەن مومامنى چۈشەپ باقمىغان.
پەقەت ئېسىمدە قالغان 
بالىلىقىمنىڭ تۈنجى خاتىرىسى –
مەھەللىدە پادا باققىنىم بولغان.

 
كېيىن ئاتامدىن مەن ئاڭلىغان  
مومىمىز بەش بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلغان – 
بىر توشقاننى تويلۇق تارتىپ …
ئاتام بېشىنى ئوڭشاپ قويغان! 

 
ئاتام ھايات قىسسەسىمۇ ئۆزگىچە –
  ئۇ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا – 
«شەرىق قىزاردى» ناخشىسى ئېيتقانمىش
مومام دۇنيادىن يانغاندا –
ئۆيى، ئالمىلىق باغلىرى، زېمىنى…
يېڭى كەلگەن قوشنىسىغا تارتۇق قىلىنىپ –  
دۆڭلۈك يېنىدىكى بوزلۇققا –
ئۆزى يالغۇز بىر يىل كېسەك قۇيۇپ
ئۆزى بالداقتا ئېشەك بىلەن توشۇپ – 
ھازىر ئىزىمۇ قالمىغان 
مەن تۇغۇلغان كېسەك ئۆينى سالغانمىش!

 
2015 – يىلى، 10 – سېنتەبىر، لوندون
 

* رەسىمنى ئەسلى چوڭلىقىدا كۆرۇش: www.azizisa.org/img/Momam_1967_w.jpeg
 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !