
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharni_seghnish.mp3
يەنە شۇ تونۇش سەھەر، تونۇش بۇ باغچا،
ئوخشاش مۇڭدا غەزەلچى قۇشنىڭ سايرىشى.
قاغا قاقىلدىشىمۇ تۆنۈگۈنگە ئوخشاش،
قايتمىغان مۇدھىش سوغۇق بىزدىن تېخى!
كۆك ئاسمان، قۇياش نۇرى پارلىغان سەھەر،
مەن كېزەرمەن دۇنيانى ئۆزۈمدە يۈدۈپ.
زارىقىپ كۈتكەن دىلخۇمار تېخى كەلمىگەچ،
يارالغانمۇ ياشاشقا مەن سېنى كۈتۈپ؟!
ياشايمەنمۇ كەلمەس يار يولۇڭغا قاراپ،
سېغىنىشتا ئۇپۇق چېتىدىن سېنى ئىزدەپ.
ئاي تولۇندىن سالام يوللاپ ھەر كېچىدە،
مىسرا قىلىپ ھەر شېئرىمغا سېنى كۈيلەپ….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Yengi_yilgha_sual.mp3
يىڭى يىل كەلدى، كونىسى كەتتى،
ئۆمۈردىن بىر بەت يىرتىلدى، ئۆچتى.
سورايمەن غەمكىن ئوزۇمدىن سۇئال,
قىممىتى بۇ ھايات نەلەرگە كەتتى؟!
گەر يېشىم ئاشسىمۇ قىرىقتىن بۈگۈن،
ئاشالمىدىم ئارزۇيۇم چېكىدىن ھالقىپ.
ياشايمەن قول سۈزۈپ ئۈمىدكە ھامان,
خەلقىمنىڭ دەردىگە ئۆزۈمنى زارىقىپ.
يامغۇرلۇق بۇ كېچە، مەن مۇڭغا پاتتىم،
ئۇزىتىپ يىللارنى ئارقامغا ئاتتىم.
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا بولۇپ مۇساپىر،
چۆللەردە نىجاتلىق كارۋىنى تارتتىم…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Yawayiliq.mp3
چەكسىز ئورمان
كۆزگە ھەسىرەتتىن تولغان ياش
ئاپىسىغا ئۆگەيلەنگەن
شاماللىق يېشىل دالا –
چىغىر يوللار سۆيۈشۈش ئۈچۈن كېسىشكەن
بىزنى باشلايدىغىنى شۇ بىرلا نۇقتا.
تەلۋە بۇلۇتلار ئالدىراش
شاماللارغا ئۇسۇل ئوينايدۇ
ھەممىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بىر
قۇياشنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن
يۇشۇرۇن سۇيقەست قىلـماقتا.
تەبىئەت ناخشىسىنى توختىماي ئېيتىدۇ
مەنمۇ تەڭكەش قىلىپ ئېيتىمەن
مېنىڭ مۇھەببىتىمۇ بۇ ناخشىلاردىن قېلىشمايدۇ
ئۇ قۇمدا، باغدا، تاغلاردا تاۋلانغان
مۇڭلىنىپ قان ـ قېنىمدا كۆيىدۇ …

سېنى قۇملۇق قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن
قارا، قەھۋە چەينىكى تاراقلاپ ناخشا ئېيىتماقتا
ئۆرۈك ئوتۇنىنىڭ خۇش پۇرىقى
ئارچا دەرىخىنىڭ يۇمران شېخى
كۈتۈشۈمگە بولماقتا ھەمراھ
تۆت ئەتىراپ قۇم
توغراق يوپۇرمىقىدا قۇياش نۇرى
سېنى ساقلايمەن قەھۋەخانىدا
ئىشىك ئالدىدىكى كاۋابداندا
تۈتەپ تۇرار جىگدە ئوتۇنى
مېنىڭ يۈرىكىم جىمجىت ھالدا
ئايرىلىش ناخشىسى ئېيتىدۇ
كۆزۈمگە ياش تولغان
ئەگەر كەلسەڭلا
قۇملار ئارىسىغا كىرىپ كېتىمىز
تاغلار ئارىسىغا سىڭىپ كېتىمىز
* * * * * *
قۇمدا ئۈزۈش
قۇم ئېغىر ھەمدە سىرلىق پېتى
ئۈسسۈپ كىرەر مېنىڭ قەلبىمگە
چىنە-قاچىلارنى سۈرتىۋاتقىنىمدا ….

بۈيۈك لەڭگەر
گۈل ئىكەن بېشىمغا سانجىلغان تەقدىر
كۆزۈمدىن ئاققىنى ئۆرتەنگەن تىكەن
چاقىردى مېنى: ئەي، ئازاب تۇغقان شىر!
كېسىلگەن بېشىمنى كوتەرگەن لىگەن
ئۇرۇلدى تېنىمغا نۇر ئويغانغان دەم
قۇياش دەپ ئاتالغان شۇ بۈيۈك لەڭگەر
قېنىمغا ئەلمىساق بولغان ئىدى جەم
بىلمىدىم، يوقالدى مەندە ئەڭگۈشتەر
ئۈنۈمگە تەڭرىقۇت چۆككەندىن بۇيان
كۆكسۈمدە گۈپۈلدەر پارلىغان زۇلمەت
ماڭلايدا ساداقتەك سۇنمايدۇ گۇمان
گۈللەردىن تۇماندەك ئۆرلەيدۇ ھەسرەت
ئاھ! دېسەم، گېلىمدا يىقىلار ئاھۇ
ياق! دېسەم، چېقىلار قەلبىمدە ياقۇت
يېشىمدا نەملەنگەن قايسى ئىلاھ ئۇ؟
بۇ قۇتلۇق زېمىننى ئەيلىگەن تاۋۇت؟

كۈتۈش
ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس.
سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم,
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياس.
كىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭ,
مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان.
ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم,
ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان.
تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن,
بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن.
يەنىلا سەن ئامان قالىسەن جېنىم,
تۇيۇقسىز زېمىندا يۈزبەرسە قىرغىن.
مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن,
سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ.
مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە,
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ !
كۆيۈۋاتقان بۇغداي
مەن ئاشۇ قۇيرۇغلۇق يۇلتۇز ھەممىڭلار قاغىغان ،
قاراڭغۇ كائىناتتا نىشانسىز ، قارارسىز سەرگەردان .
سۆيگىن مېنى قىساسكارنىڭ قولىدىن بېرىپ قويغان ،
ئەڭ ئاخىرقى قىساس پۇرسىتىدەك .
مەن ئاشۇ كىشىمەن دەرەختىكى سايەم ئويۇپ ئېلىنغان،
ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆلدى دەپ قارالغان.
سۆيگىن مېنى قىزىپ كەتكەن مېڭىسىدە تەلۋە قاتىلنىڭ،
پەيدا بولغان قالايمىقان خام خىيالىدەك.
مەن ئاشۇ بۇغدايمەن جەننەتمۇ ئوت بىلەن داغلاپ كۆيدۈرگەن،
تومۇزدىكى قوياش نۇرىمۇ مۇزلىتىپ تىترەتكەن.
سۆيگىن مېنى خارلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك.
غەيرى ئەقلىي كىشىلەرنىڭ قورشاۋىدا ئەقىلگە مەپتۇن بولغاندەك.
مەن ئاشۇ بۆرىمەن سۇغۇق يالتىرار ئۇستىخانلىرىم داخان ئايال قولىدا…..