مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Media، Ün
باھا:0 دانە
23-04-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى باتۇرخان ئوقۇدى
Men_mangghan_bu_kocha.mp3
شېئىرنى مېھرىگۈل ئوقۇدى
Men_mangghan_bu_kochida2019.mp3
مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
ھەر كۈنى ھىجران ناخشىسى ئېيتىلىۋەرمەيدۇ
ھايات ئۈمىدى بىخلىغان
يالىڭاچ دەرەخلەر كۆكەرگەن
باھارنىڭ ئەلچىسى لالە – رەيھان
قىز يۈزىدەك ئېچىلغان.
* * * * * *
مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
ھەر كۈنى ھىجران ناخشىسى ئېيتىلىۋەرمەيدۇ
ئەنە بىر پىكاپ ئاۋۇ دوقمۇشتا توختىدى
ئىچىدىن بىر جانان چىقتى
قولىدا يۈرەكنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش
قىپ – قىزىل بىر دەستە ئەتىرگۈل تۇتقان يىگىت
ۋىسال تاپتى …
يارىنى چىڭ قۇچاقلىدى…
مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
ھەر كۈنى ھىجران ناخشىسى ئېيتىلىۋەرمەيدۇ
سەھەردە ئاپىسىدىن ئايرىلغان ئوماق قىزچاق
يەسلىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كەچتە
يۈگرەپ كېلىپ دادىسىنى قۇچاقلىدى
بىر جۇپ قەلىبلەر كېپىنەك ناخشىسىنى تەڭ ئېيتىشىپ
ئۆيىگە بۇ كوچا بىلەن قايتتى.
مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
ھەر كۈنى ھىجران ناخشىسى ئېيتىلىۋەرمەيدۇ
ھايات غېرىبلىقتا ئۆتىۋەرمەيدۇ
ئەنە مىسكىن ئاۋۇ قەلەندەر
بىر جۇپ ياشانغان بوۋاي – موماينىڭ
بۇ سەھەر ئۆزىگە بەرگەن تەبەسسۇملۇق سالمىدىن
يۈرىكى قات – قېتىدىن شادلاندى ….
ئۇ تۈگىمەس مۇھەببەتلىك مېھرى بىلەن
ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق ھەمراھى –
ئىتىنى قۇچاقلىدى!
* * * * * *
مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
ھەر كۈنى ھىجران ناخشىسى ئېيتىلىۋەرمەيدۇ
ھاياتنىڭ گۈلدەك پورەكلەپ تۇرىدىغان ھېكايىلىرى –
ھەر دەقىقە ۋىسال ناخشىسى ئېيتىپ تۇرىدۇ.
ھەر قەدەم مۇھەببەتكە تولغان
تۆت پەسىل ئۇنىڭغا تەڭ قوشۇلغان
ھايات ئۇنىڭ ئىچىدە چۆرگىلەيدۇ
ھايات ئۇنىڭ بىلەن كۆكلەيدۇ!
مەن ماڭغان بۇ كوچىدا
ھەر كۈنى ھىجران ناخشىسى ئېيتىلىۋەرمەيدۇ
ۋىسالىمنى ئىزدەپ ھەر نۆۋەت –
باھارىمنى سېغىنىپ شېئىرى يازساممۇ
يارىمنى سېغىنىپ كۈيلەر قاتساممۇ
ئەمما ئەلكۈن قەلبىدىن –
ھايات مۇڭلىرىنى ئۆزىگە يوشۇرغان
بارلىقىمنىڭ شاھىدى
باھارىمنىڭ كىندىك ماكانى
بۈگۈن چۆچەككە ئايلانغان تەسەۋرۇمدا
مەندىن ئۇزاقتىكى ۋەتىنىمنىڭ
تار كوچىسى زادى كەتمەيدۇ!
12- ئاپرىل، 2016 – يىلى. لوندون