دۇنيا كۆيۈۋاتىدۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


سائەت يەتتىدە سەھەردە
ياستۇقۇم بېشىدىكى رادىئو سۆزلەيدۇ:
«شىئە بىلەن سۈننىيلەر يەمەندە
ئىسلام دۆلىتى سەئۇدى
دوستى ئامېرىكا بىلەن
بومباردىماننى باشلايدۇ…
ئىراق
ئۇكرائىن 
سۇمالى
……….
قارمايدىكى ئۇيغۇرنىڭ كەپىسى
ئاخشام چىققان 10 بال شامالدا
تېخىچە كۆيۈۋاتىدۇ…»

 

ئىنسانلىقتىن 
مىڭ قېتىم ھەر كۈنى مەھرۇم  دۇنيا 
ئانا سۈتىگە زار بوۋاقتەك تېلىقىپ
تېلىقىپ يىغلايدۇ!
ھەر كىم ھەر ئاھاڭدا كارنىيى يىرتىلغۇچە 
ئۆز مۇقامىغا توۋلايدۇ!

 

نەپسانىيەتتە
ئادەملەر ھەممىدىن ئۈستۈن
بىرى يەنە بىرسىنىڭ تىلىنى 
دىلىنى چۈشىنىشكە ۋاقتى يەتمەيدۇ
ياكى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ!
ئىنسانلىق ئۇزاق بولدى ھالاكەت گىرداۋىدا
ئاچچىق تولغىنىۋاتىدۇ
دۇنيا ئ‍ۆز ئوقىدا كۆيۈۋاتىدۇ! 

 

ئادەملەر ياشىغىنىغا ئىنسان بولۇپ
كۈلكە ئۆلگەن چىرايىدىن
تالاي – تالاي پۇشايمانلار تۆكىۋاتىدۇ.
توختىمايدۇ
كۆزلەردىن يوقالغان ھايات نىشانى
غايىبانە قەيەردىدۇر زارلايدۇ…
زاماننىڭ زۇلمەت قامچىسى
مېھرىبان يۈرەكلەرنى پارا – پارە تىلغايدۇ!
شۇ بالا تۇغقان بىچارە ئانىلار ھەر كۈنى
سۈرىيەدە
تۈركىيەدە
ئافىغانىستاندا
يەنە دۇنيا بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىر يەردە
جەڭگاھتىكى بالىلىرىغا ئامانلىق تىلەپ
يىغىسى بىلەن دۇئا قىلىۋاتىدۇ!

 

ھىچ كىم بىلمەيدۇ
سەۋەبى ھىچ بىر رەت سورىلىپ باقمايدۇ
پۇرسەت ھەم بېرىلمەيدۇ
بوغۇلغان تىللار
خورلانغان دىللار
كېسىلىپ تۇرىدىغان قەدىرسىز باشلار
بومبىدەك پارتلاپ تۇرىغان جانلار …
سۇ بولۇپ قانلار …
نەپىرەتلەر يامغۇردەك
كىملەرنىڭدۇر بېشىغا ياغىدۇ!
ئاجىزلەر يولىنى
تار يولدا كۈچلۈكلەر ھەر كۈنى قىستايدۇ
 ئۇلارنى دەسسەپ ئۆتىدۇ
دۇنيا نەپرەتتە بۈگۈن تاشقىن
ئىنسانلىق ھالكەتنىڭ
بارسا كەلمەس يولىدا دۇم ياتىدۇ!

 

ھەممىمىزگە ئوخىشاش
ياشاشقا كەلگەن نۇرغۇن گۇناھسىز ئادەملەر
بىركىملەر تەرپىدىن
ھەر كۈنى گۇناھكارغا ئايلىنىۋاتىدۇ
ئ‍ادەملەر ئۈچۈن ھەسرىتى كۆپ بۇ دۇنيا
ئۆز ئوقىدا كۆيىۋاتىدۇ!

 

2015 – يىلى 26 – مارت, لوندون.

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !