ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى 2000-يىلى لوندوندا
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri، Süretler، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
03-02-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغۇسىز ئاجايىپ بىر كاتتا پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ بولسا ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت ساھەسىدە بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزغان، ئۆزلىرىنىڭ ناخشا – مۇزىكا تالانتى، ئىجادىيىتى بەدىلىگە خەلقىمىز قەلب تۈرىدىن ئىززەت ۋە ئېكرام بىلەن ئورۇن ئالغان پېشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇستازلاردىن مەرھۇم ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، بۈگۈن بىز بىلەن بىللە تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مۇساجان رۇزى، پاشا ئىشان، ياسىن مۇخپۇل ۋە تۇرسۇن ئىسمايىل قاتارلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئەنگلىيە كېلىپ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىدىن بىر قانچە نۆۋەت كونسېرت بېرىپ، سەھنىدە ۋە ببك قاتارلىق ئەنگلىيىنىڭ مەتبۇئات ۋە مېدىيالىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان 10 نەچچە كۈنلۈك سەنئەت پائالىيىتىدۇر.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تونۇلغان پېشقەدەم مۇزىكانت ۋە ناخشچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ بىر گۈرۈپ سەنئەتكارلىرىمىزنى ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناس دوكتۇرى رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ تەكلىپ قىلىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن لوندوندا خەلقئارالىق سەنئەت كۆرسىتىش بويىچە كەسپىي مۇلازىمەت قىلىدىغان Asian Music Circuit – ئاسىيا سەنئەت سىركۈت” ناملىق سەنئەت شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىلەن ئىككى يىل تەييارلىق كۆرۈش ھېسابىغا ئەمەلگە ئاشقان ۋە ياراتقان ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر قېتىملىق سەنئەت سەپىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ سەپەر داۋامىدا پېشقەدەم سەنئەتكارلىرىمىز ئەنگىلىيىنىڭ لوندون، Lake District ، Devon قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلىرىدا 10 كۈندىن ئارتۇق زىيارەتتە بولۇپ 4 قېتىم ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنىڭ دۇردانىلىرىدىن كونسېرت بېرىدۇ. لوندوندا BBC (بېرتانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى) غا تەكلىپ قىلىدۇ. مېھمانلار BBC دە مەخسۇس زىيارەتتە بولىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئۈن ۋە سىنگە ئېلىنىشى ئۇچۇن ئورۇندايدۇ. 22- ۋە 23 ماي كۈنلىرى لوندوندىكى Globe Style ئۈن- سىن نەشىرياتىدا بىر كد پلاستىنكىسى ئىشلەش مەقسىتىدە مەخسۇس بىر يورۇش تاللانغان ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكا ئۆرنەكلىرىنى ئورۇندايدۇ. شۇ يىلى نويابىر ئېيىدا Globe Style ئۈن- سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇزىكانتلار» ناملىق ئۈن پلاستىنكىسى نەشىر قىلىنىپ دۇنيا مۇزىكا بازىرىدا سېتىلىشقا باشلايدۇ. گەرچە ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ كد پلاستىنكىسى بازاردىن قالماي دۇنيادىكى داڭلىق ئۈن – سىن نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تور ئارقىلىق ساتىدىغان ئامازۇن، ئەبەي، ئىتۇنە قاتارلىق تور بازارلىرىدا داۋاملىق سېتىلىپ كېلىدۇ.
مانا شۇ قېتىم لوندونغا كەلگەن مۇزىكا ئۇستازلىرىمىزدىن ھۆسەنجان جامى ۋە غىياسىدىن بارات ئاكىلىرىمىز بىزدىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقاندىن كېيىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە قەلبىمىزنى ھېلى ھەم مۇسىبەت تۇيغۇلىرى بىلەن ئۆرتەپ تۇرۇپتۇ. بۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە بولغان مېھرى – مۇھەببىتىمىز، سېغنىشىمىز يىللار ئۆتكەنسېرى قەلبىمىزدە ئاۋۇپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم ھاياتنىڭ مەنىسى شۇ بولسا كېرەك، ئۆز ئېلى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۇرگەنلەرنى، ئەلىنى، خەلقىنى سۆيگەنلەرنى خەلق مەڭگۈ سۆيىدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا ياراتقان ئىجادىيەتلىرى خەلق قەلبىدە مىللىي روھنىڭ يەنە بىر ئۆچمەس مەشئىلى بولۇپ يالقۇنجايدۇ.
مەن ئەلكۈن مەن ياشايدىغان بۇ شەھەردە بولۇپ ئۆتكەن، ھازىر تارىخقا ئايلىنىپ، خاتىرىمىزدىن يىراقلاردا قالغان مۇشۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئەسلىمىنى قىسقىچە بايان قىلىش ئارقىلىق بىزدىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان ئەشۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت ۋە سېغىنىشىمنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۇ مەلۇماتنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە سۇندۇم.
تۆۋەندە شۇ قېتىمقى پائالىيەتلەر داۋامىدا تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن خاتىرە سۈپتىدە ئورتاقلاشماقچىمەن:
مەنبە باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-44357-1-1.html
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8735