جامىلە: 1944

‎شېئىر ئاپتۇرى:  جامىلە

 

ئېنگىلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى

 

بىۋاستە ئاڭلاش: Jamala_1944_Eurovision.mp3

 

(‎بۇ ناخشنى ئۇكرائىنىيەلىك قىرىم تاتار قىزى جەمىلە 2016 ـ يىللىق «ياۋروپا نەزىرى» سەنئەت كۆرىكىدەئورۇنلاپ چىمپىيون بولغان Jamala – Eurovision Song Contest 2016)

 

ياتلار كېلىۋاتىدۇ ….

‎ئۇلار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلدى، 

‎ئۇلار سېنى ئۆلتۈرىدۇ 

‎ئۇلار ئاندىن كېيىن

‎بىز گۇناھكار ئەمەس 

‎بىزدە گۇناھ يوق دەيدۇ. 

 

‎ئەقلىڭ سېنىڭ قەيەردە؟ 

‎ئىنسانلىق ياش تۆكۈۋاتىدۇ. 

‎سەن ئۆزۈڭنى ئىلاھ دەپ ئويلامسەن 

‎بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆلۈۋاتسا. 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى يۇتىۋەتمىگىن 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى

 

‎ياشلىغىمغا تويالـمادىم 

‎مەن بۇ يەردە ياشىيالـمادىم

‎ياشلىغىمغا تويالـمادىم 

‎مەن بۇ يەردە ياشىيالـمادىم

 

‎بىز كېلەچىكىمىزنى قۇرالايمىز

‎ئۇ يەردە ئادەملەر

‎شادلىققا تولۇپ  

‎مېھرى- مۇھەببەت بىلەن ئەركىن ياشايدۇ. 

 

‎ئەقلىڭ سېنىڭ نەدە؟ 

‎ئىنسانلىق ياش تۆكۈۋاتىدۇ. 

‎سەن ئۆزۈڭنى ئىلاھ دەپ ئويلامسەن 

‎بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆلۈۋاتسا. 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى يۇتىۋەتمىگىن 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى

 

‎ياشلىغىمغا تويالـمادىم 

‎مەن بۇ يەردە ياشىيالـمادىم

‎ياشلىغىمغا تويالـمادىم 

‎مەن بۇ يەردە ياشىيالـمادىم

ۋەتىنىمگە تويالمادىم …

 

ھازىر ئۇكىرائىنيە دۆلەت تەۋەلىدىكى تاتار قىزى سۇسەنا جامالىدىنۋا  (Susana Jamaladinova) قىرغىسىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىدا تۇغۇلغان. ئۇ تۆنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن «2016 ـ يىللىق ياۋروپا نەزىرى ناخشا فىستىۋالى» سەنئەت كۆرىكىدە ئورۇنلىغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ 1944 ـ يىلى سىتالىن تەرپىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىنغان تىراگېدىيەسىگە بېغىشلىغان «1944» ناملىق ناخشىسى بىلەن ياۋروپانىڭ بۇ يىللىق ناخشا چولپىنى بولدى!  تاتار خەلقىنىڭ ئۆتكەنكى ۋە بۈگۈنكى ئېچنىشلىق قىسمەتلىرىنى دۇنياغا بۇ گۈزەل ناخشىسى ئارقىلىق تونۇتتى.

 
 

LYRICS

 

1944

 

When strangers are coming…

They come to your house,

They kill you all

and say,

We’re not guilty

 

not guilty.

Where is your mind?

Humanity cries.

But everyone dies.

Don’t swallow my soul.

Our souls

 

Yaşlığıma toyalmadım

Men bu yerde yaşalmadım

Yaşlığıma toyalmadım

Men bu yerde yaşalmadım

 

We could build a future

Where people are free

to live and love.

The happiest time.

 

Where is your heart?

Humanity rise.

You think you are gods

But everyone dies.

Don’t swallow my soul.

Our souls

 

Yaşlığıma toyalmadım

Men bu yerde yaşalmadım

Yaşlığıma toyalmadım

Men bu yerde yaşalmadım

Vatanima toyalmadim …

 
 
 

مەنبە ئۈندىدار سالونلىرى ۋە «تىلىمىز» تورى مۇنبىرى:

http://www.tilimiz.com/thread-3375-1-1.html

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !