ھاياتلىق
-
سەھىپە:Elkun xatirisi
باھا:0 دانە
07-06-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Hayatliq.mp3
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ھاياتلىقنىڭ سىرلىرى كۆپ، بۇ سىرلار ئىچىدىكى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مەخلۇق بولغان ئادەملەر ھەر يەردە بولـمىسۇن ياشاش ئۇچۇن توختاۋسىز كۈرەش قىلىدۇ، ھاياتنى رىقابەت ئىچىدە داۋام ئەتكۈزىدۇ …. بۇ خىل ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاڭ قۇرۇلـما ئادەتلىرى ئادەملەرنىڭ ئېرسىيىتى بولغان شەخسىيەتچىلىك تەبئىيتىدىن كەلگەن. ئادەملەر بىلەن باشقا جانلىقلار ئارسىدىكى بىر روشەن پەرىق ئادەملەردە مۇھەببەت ۋە نەپىرەتنىڭ بولغانلىغىدا ھەم ئادەملەر بۇ بىر ـ بىرلىرى بىلەن چىقىشالـمايدىغان مۇھەببەت ۋە نەپىرەتنى مىراس قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كېيىنىكى ئەۋلاتلىرىغا ھەر خىل شەكىلدە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىغىدا ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇ ھالەت بۈگۈنكى ئادەملەر دۇنياسىنى زىدىيەتلەر ئىچىدە سورەپ ماڭماقتا. ئۆز دۇنياسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆت يېقىپ كۆيدۇرمەكتە….
ھەتتا بەزى پەيلاسوپلار ئادەملەرنىڭ بۇ ياۋايىلىقنى ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەدىرجى تەرەقىياتى دەپ چۈشەندۇرۇشكە ئۇرنىدۇ. مەن دەيمەن، ئادەملەر تېخى ئادەم بولـۇشنى ئۆگۈنۇپ بولالـمىدى. قاچان ئادەملەردىكى مۇھەببەت نەپىرەت ئۇستىدىن غالىپ كەلگەندە، ئادەملەر بىر بىرلىرى بىلەن مېھرى مۇھەببەتلىك ئىناق ياشاشنى ئۆگەنگەندە ئاندىن بۇ ئىنسانلار دۇنياسى ئادەملەر تەسەۋۇرىدىكى باقى جەننەتكە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئەكسىچە بولسا بۈگۈندىن ئانچە يىراق ئەمەس كەلگۇسىدە ئۆزلىرى ئۇچۇن سۇنئىي دوزاق ياساپ چىقىدۇ. بۇ كۈننى بۈگۈنىمىزدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەجدادلىرىمىز قولى بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىدىلا بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ بولغان.