لوندون قەشقەر كوچىسىغا زىيارەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىز

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

لوندون شەھرى ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىلىم پەن، تەرەققىيات، كەشپىيات، قانۇن، دۆلەتچىلىك، دېڭىزچىلىق، پويىز، ئايروپىلان…. سودا، بانكا، ھەربىي سانائەت قاتارلىق تۈرلۈك زامانىۋى ئىجادىيەت مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ھەم «كۈن ئولتۇرماس» بۈيۈك بىرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى پۈتۈن دۇنياغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىر شەھەر بولسا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادىكى جەلىپكارلىقى، رەڭدارلىقى، دادىللىقى، ئىنسان پەرۋەرلىكلىكى، ئادەملىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، قانۇنىنىڭ ئادىل ۋە زىللىقى بىلەن دۇنيا كەڭ تونۇشلۇق بىر شەھەردۇر. مانا مۇشۇ شەھەرنىڭ شەرقىدە گىرنىۋىچ مېردىئان دۇنيا ۋاقىت نۇقتىسىنىڭ باشلىنىش قوڭغۇرقىدىن  ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر خىلۋەت كوچا بار. بۇ كوچا ئىككى ئەسىر ئىلگىرى دۇنيا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، مەغلۇب بولغان ئەللەر قاتارىغا قوشۇۋېتىلگەن بىر ئەلنىڭ پايتەختىنىڭ نامى بېرىلگەن، ئۇ كوچىنىڭ ئىسمى بولسا «قەشقەر كوچىسى» دۇر! …….

ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق سەنئەكارلىرىمىزدىن ئابدۇكېرىم ئابلىز ۋە ئارسىلان ئابدۇكېرىم ئاكىللىرىمىز بىلەن 2015- يىلى 18- دېكابىر كۈنى كەچ لوندوننىڭ Euston Square تىياتېرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا كىنو ـ فىلىم فېستىۋالى» دا بىرگە بولدۇق. بۇ كىنو ـ فىلىم فېستىۋالىغا ئاتاقلىق سېنارىست ئارسىلان ئابدۇكېرىم يازغان، ئاتاقلىق كومېدىيە ئارتىسىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز باش رول ئالغان،  2014- يىلى تەڭرىتاغ كىنو – سىتودېيىسى ئىشلىگەن «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ناملىق ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كومېدىيىلىك ھېكايە فىلىم 2015- يىللىق «7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا كىنو ـ فىلىم فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇشقا تاللانغان جۇڭگودا ئىشلەنگەن 60 ئەڭ نادىر كىنو – فىلىم قاتارىغا تاللىنىپ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە شەھرى لوندوندا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر كاتتا مۇراسىملاردا ئۇليغۇرنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىش كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر دىدارلىشىشتۇر!  

فېستىۋال پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، تونۇلغان ناخشىچى شەمسىيە ياسىن  (ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ساۋاقدىشى) ئىككىمىز بۇ ئەزىز مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈۋالدۇق.  ئۇچرىشىشىمىز داۋامىدا مېھمانلارغا لوندوننىڭ ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى تونۇشتۇردۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» نى زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. مېھمانلارنىڭمۇ لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» ھەققىدە بۇرۇن ئاڭلىغانلىقىنى ۋە زىيارەت قىلىش ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئىككىنچى كۈنى يەنى 19 ـ دېكابىر ئەتىگەندە مەن ماشىنا بىلەن مېھمانلارنى تۇرغان مېھمانخانىسىدىن ئېلپ، لوندون شەھەر مەركىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ 50 كىلو مېتىر يول يورۇپ، لوندوننىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئەزىزانە ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى لوندوندىكى تارىخىي ئىزناسى بولغان لوندون قەشقەر كوچىسىغا ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇشتەك بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئادا قىلدىم. كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئوخشاشلا 2007 ـ يىلى لوندون ئۇنۋېرسىتىتىگە يېرىم يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كەلگەن ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىمۇ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخنىڭ سىرلىرى كۆمۈلگەن ئۇشبۇ تەۋەرۈك كوچىغا ئېلىپ كېلىپ زىيارەت قىلدۇرغان ئىدىم.

ئاجىز ئەلنىڭ ئۆز تارىخىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى تارىخى قاچان ئادەملەرنىڭ خاتىرىسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدىكەن، ئۇ تارىخ كېيىنكىلەر ئۈچۈن تارىخ بولۇپ ھېسابلانمايدۇ بەلكى ھېكايە ۋە چۆچەكلەردىكى ئەپسانىلەرگە ئايلىنىپ تۈگەيدۇ. تەبىئىيكى لوندونغا ئوخشاش ئەجنەبىيلەرنىڭ كاتتا شەھەرلىرىدە ۋەتىنىمىز نامىدا قالدۇرۇلغان تارىخىي ئىزلىرىمىزنى بايقاش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگنىش، مەۋجۇت بولغان ماددىي ئىزلىرىمىزنى قىدىرىپ چىقىپ بۈگۈنكى مەنىۋىيىتىمىزگە باغلاپ چۈشىنىش بىزگە ئۆزىمىز ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنىڭ تارىخىي شاھىدلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەزىزانە قەشقەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆتكەن ۋە يېقىنقى زامان سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ يۈرىكىدۇر. مانا مۇشۇ ئەزىزانە قەشقەر شەھەردە «قەشقەرىيە» بەدۆلىتى  ـ ئاتلىق غازى ئەمىر ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن  1867- يىلى قۇرۇلغان ئىدى. 

ئەگەر سىز بەدۆلەت  ـ ئاتلىق غازى ئەمىر ياقۇپ بەگ زامانلىرىدىكى «قەشقەرىيە» دۆلىتى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر تارىخىنى ۋە بۈگۈنكى لوندون شەھىرىدىكى «قەشقەر كوچىسى» نامىنىڭ قانداق بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۇش ئاساسىدا قويۇلغانلىقى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قەلىمى بىلەن 2007 ـ يىلى يېزىلغان BBC ئۆزبېك تور سەھىپىسىدە ۋە «شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر» تور بېكىتى سەھىپىسى قاتارلىق تورلاردا ئېلان قىلىنغان «لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. 

ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبلىرىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە چولپانلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك مەشھۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ خورلۇق تارىخىدىن نامايەندە بولۇپ قالغان لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» غا زىيارەتكە كېلىشى كىشىنى ئۈمۈدلەندۇرىدۇ شۇنداقلا قەشقەردىن 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى لوندون دېگەن شەھەردە ئۆز شەھىرىنىڭ نامى – شەرىپىگە قويۇلغان بىر كوچىنىڭ بولۇشى خەلقىمىزنى سۆيۈدۇرىدۇ! 

ئەدىبىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ لوندوندا تۇرغان يېرىم يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىش ھاياتىدا كۆرگەن – بىلگەن  تۇيغۇلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012 – يىلى نەشىر قىلىنغان «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق كىتابىدا «لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ۋە «لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» دەپ بىر پارچە ساتىرىك شېئىر يازغانلىقىنى ئاڭلىغان. كېيىن مۇئەللىپتىن ئۇشبۇ كىتابنى ئىمزالىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئوقۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. 

ئارىدىن يىللا – كۈنلەر ئۆتۈپ ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك چولپانلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىم لوندونغا كېلىشى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان چولپىنىمىزنىڭ لوندوندىكى قەشقەر كوچىسىغا ئاياغ بېسىشى بىلەن تور ۋە سالۇنلاردا قايتا تارقىتىلىشقا باشلىغان «لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى» ناملىق بۇ ماقالىنى تورلاردا كۆرۈپ سۆيۈندۈم. مۇشۇ چولپانلىرىمىز سەۋەپلىك نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ـ قىسمىتى كېسىلگەن، قەشقەرنىڭ ئەجنەبىيلەرگە باغلىنىشلىق بولغان بۇ ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن تارىخ بەتلىرىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغان بولدى. مۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ چولپانلىرىمىزنىڭ تارىخىمىزىڭ يالدامىسى بولغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كوچىلىرىنى پۇرسەت ۋە ئىمكانلىرى يار بەرسە داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى، ياشلىرىمىز قەلبىگە قايتىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك نۇرلىرىنى چېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

تۆۋەندە «لوندون قەشقەر كوچىسى» ناملىق ماقالىنى «شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر» تورى بېكىتى، باغداش تور بېكىتى ۋە مىسرانىم تور بېكىتى قاتارلىق تور سەھىپىللىرىدىن ئوقۇيالايسىز.

شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر:  

http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2008-06/10/content_3172.htm

باغداش تورى: 

http://bbs.bagdax.cn/thread-14985-1-1.html

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى: 

www.azizisa.org/london_qwshqer_kochisi

مىسرانىم تورى: 

http://bbs.misranim.com/thread-77713-1-1.html

كۆزنەك سالونى:

كۆزنەك سالونى/http://mp.weixin.qq.com



3 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

  • ئۇيغۇربەگ | 11:06 | 2016.01.7 جاۋاب

    مەن بارغاندا مېنىمۇ ئاپىرىڭ ئەمدى.

    • Elkun | 23:00 | 2016.01.7 جاۋاب

      بولىدۇ ئۇيغۇربەگ! كەلسىڭىز قەشقەر كوچىسىدا مەشرەپ ئوينايمىز.

  • Elkun | 22:27 | 2016.01.7 جاۋاب

    ئەسكەرتىش:  (باغداش تورى مۇنبىرىدە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سورىغان سۇئالىغا قارىتا يېزىلغان جاۋاب)
    بۇ تېمىدا سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىللە «لوندون قەشقەر كوچىسىغا زىيارەت» قىلىنغان زىيارەتنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىغىم ئۇچۇن بۇ قېتىم لوندوندا بولۇپ ئۆتكەن «جۇڭگو – ياۋروپا كىنو فېستىۋالى» پائالىيىتى ۋە «ئۇيغۇر كىنوچىلىقى» ھەققىدە توختالمىدىم سەۋەبى بىرىنچىدىن كەمىنىنىڭ بۇ ساھەدە بىلىدىغىنى كەمچىل، ئىككىنچىدىن يەنە كېلىپ بۇ يەردە قانداقتۇر «ئۇيغۇر كىنوچىلىقى» دېگەندەك بىر ئاتالغۇنىنى شەخسەن مەن ئاڭلاپ باققىنىم يوق. بۇ قېتىمقى لوندون سەھنىسىدەىمۇ ئاڭلىمىدىم. ئاڭلىغىنىم «جۇڭگو كىنوچىلىقى» بولدى! بەزى ئىشلارنى زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى تۇپەيلىدىن بۇ يەردە ئەۋزەيلەپ ئۆلتۇرۇشۇم ئورۇنسىز، شۇڭا توغرا چۈشنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەمدى تورداشلار سورىغان لوندوندىكى قەشقەر كوچىسىنىڭ قانداق بىر تارىخىي شارائىتتا  «قەشقەر كوچىسى» دەپ ئاتىلىپ قالغانلىغى قاتارلىق سۇئاللىرىغا كەلسەك، مەن بۇ سۇئاللارغا مۇندىن 7 يىل ئىلگىرى ياغان «لوندون قەشقەر كوچىسى» نامىلىق ماقالەمدە ئېنىق جاۋاپ بېرىپ بولغان ئىدىم. شۇڭا مېنىڭ بېرىدىغان مەسلىھەتىم شۇ ماقالىنى قىممەتلىىك 5 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ ئوقۇپ چىقىڭ، جاۋاپنى ماقالىدىن ئۆزڭىز تاپالايسىز. «لوندون قەشقەر كوچىسى» ناملىق ماقالىنى «شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر» تورى بېكىتىدىن ئوقۇيالايسىز. ماقالە ئۇلنىش ئادرېسى: 

    http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2008-06/10/content_3172.htm

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !