ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ھەققىدە

    سەھىپە: باھا:0 دانە 20-01-2016

4

شائىر، يازغۇچى، ئاكادېىمىك ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1970- يىلى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بويلىرىغا جايلاشقان قەدىمىي بوستانلىق يۇرتلارنىڭ بىرى شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاقسۇ، ئۇرۇمچى, ئالمۇتا، بىشكېك ۋە لوندوندىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا يورۇق كۆرگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننڭ ئەدەبىي ئەمگىكىنىڭ بىرى ”دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە“ ناملىق كىتابى 2011- يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا «خەلقئارا قەلەمكەشلە ئۇيغۇر مەركىزى» تەرپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرۇشكەن.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن نىڭ ئەڭ يېڭى شېئىر، ئەدەبىي، تەرجىمە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ئەنگلىيىدە ئېنگلىزچە ۋە دۇنيانىڭ باشقا دولەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا، تور سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئەنگلىيىدە يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپىسى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى (London Uyghur Ensemble)

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللۇنۇپ قالماستىن يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 2011-يىلىدىن بۇيان بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردېمىگە ئېرىشكەن «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز »(Sounding Islam China) ئىلمىي تەتقىقات ئىش تۈرىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇنىڭ بىر قانچە نادىر ئىملىي تەتقىقات ئەمگەكلىرى ئەنگىلىيىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا نەشر قىلىندۇ.

 

ئۇ 2018- يىلى سېنتەبىردىن 2020- يىلى سېنتەبىرگىچە بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردېمىگە ئېرىشكەن «مەشرەپ» تەتقىقات تۈرى بويىچە لوندون ئۇنۋېرسىتېتى ئافىرقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2011-يىلىدىن بۇيان خەلقىئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ 2017 – يىلى سېنتەبىردىن 2020-يىلى سېنتەبىرگىچە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى“ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 2021- يىلى يانۋاردىن باشلاپ باش شىتابى لوندوندىكى خەلقىئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئىش تۈرى بويىچە «خەلقىئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى» نىڭ پروجېكىت مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

 
 
 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ تۇرلۇك ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى «ئەلكۈن تورى» ئارقىلىق ئوقۇيالايسىز:

www.azizisa.org | www.azizisa.org/en

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمھالىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار: 

يىراق قىرلاردا مېھنەتلىك ئۆتكەن ھايات – سەنئەتكار، يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ھەققىدە
www.azizisa.org/mehnetlik_otken_hayat_elkun_heqqide

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: ‘مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە باغلىق’
www.azizisa.org/uyghur_milliy_kimlikini_saqlash

 


ئۇيغۇر ۋىكىپېدىيە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

https://ug.wikipedia.org/wiki/ئەزىز_ئەيسا_ئەلكۈن