نيۇيوركتىكى گاگا خېنىم مەستانىلىرى

نيۇيوركتىكى گاگا خېنىم مەستانىلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

نىيۇيوركتىكى ساياھىتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. 5 ـ كوچىدىن ئۆتۈپ مەركىزى باغچىنى بويلاپ كۆزلىگەن نىشانىمغا ئالدىراش كېتىپ باراتتىم. ئەمما توساتتىن ئالدىمدىكى مەن كېتىۋاتقان پىيادىلەر يولىنى توسۇۋالغان بىر توپ ئادەملەر توپى دىققىتىمنى تارتتى. نۇرغۇن ئادەملەر بىر مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچىرەت ياساپ توپلۇشۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ نېمىشقا بۇ يەرگە توپلىشىپ قالغانلىقىغا قىزىقىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئاق ئېرىقلىق ئامېركاندىن سورۇدۇم: «كەچۈرىسىز ئەپەندىم، مەن بىلسەم بولامدۇ، سىز بۇ يەردە نېمە سەۋەپتىن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتىسىز؟ دۆلىتىڭلارنىڭ باشلىقى ئوباما مۇشۇ مېھمانخانىدىمۇ يە ؟ » ـ دەپ سورۇدۇم تەئەججۇپ بىلەن. ئۇ ئادەم ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: «مەن ئىككى سائەت بولدى بۇ يەرگە ئائىلەم بىلەن كەلگىلى. بىز پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ناخشا چولپىنى گاگا خانىمنىڭ مەستانىلىرىمىز (Lady Gaga) . شۇڭا بۇ يەردە گاگا خېنىمنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن ھاياتىمىزدا بىر مەرتە كۆرۈۋېلىش ئۇچۇن بۇ ئىسسىقا چىداپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز…….». مەن بۇ ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىپ مىڭ تەستە پىيادىلەر يولىنى توسۇۋالغان ئادەملەر توپى ئارىسىدا قىسىلىپ يورۇپ، «كەچۈرۈڭ!» كەلىمىسىنى بولۇشىغا ئېيتىپ، ئاخىر ئۆز يولۇمغا يولۇمغا راۋان بولدۇم……..

 

بۇ دەقىقىلەردە گەرچە مەن نىيۇيوركنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى تاماشا قىلىپ كېتىپ بارغان بولساممۇ ئەمما پۈتۈن ئوي – پىكىرلىرىنى ئەشۇ مەن كۆرگەن گاگا خېنىم مەستانىلىرى ئۆزىگە تارتىۋالغان ئىدى… توغرا، مەنمۇ بىر چاغلاردا مۇشۇ گاگا خېنىمنىڭ نام شەرپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ناخشا سىن كۆرۈنىشىنى كۆرگەن ئىدىم.ئۇنىڭ سەھنىدە ئادەتتىكى نورماللىقتىن ھالقىپ كېتىدىغان ئۆزىنىڭ ئاياللىق بەدىنىنى ناخشىسى بىلەن تەڭ نامايان قىلىدىغان بۇ خىلدىكى ئۆزگىچىلىك سەھنە ماھارىتىدىن ئەجەبلەنمىگەن ئىدىم. مەن غەرب مۇھىتىدا ئۇزۇن ياشىغىنىم ئۇچۇنمۇ، گاگا خېنىمنىڭ ناخشىلىرى مەندە ھىچ بىر ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىيالمىغان ئىدى. غەرب ئايال ناخشا چولپانلىرىنىڭ يالىڭاچلىنىپ سەھنىگە چىقىپ، ئۆز بەدىنىنى سازايى قىلىش بەدىلىگە ئالا ـ تولا ئۆچكىدە چىرقىراپ توۋلاشلىرى، مېلودىيىلىك زوق بېرىشتىن مۇستەسنا بۇ خىلدىكى ناخشىلىرىغا مەن خېلە تۇيۇق ئىدىم.

 

ئەمما بىر چاغلاردا ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىدىن «بىز قاچاندىن باشلاپ ناخشا ـ ئۇسۇل مىللىتى دەپ ئاتىلىپ قالدۇق ؟ » ناملىق ماقالىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمگە كېچىپ قالدى. يەنە كېيىن ئاڭلىسام ئۇيغۇرنىڭ تونۇلغان مەشھۇر ئەدىبلىرى دائىم نيۇيورك شەھرىگە ساياھەتكە كېلىپ – كېتىپ يۈرەرمىش. بۇ ياخشى ئىش، ئۇيغۇر ئىلغارلىرى ئىمكان بار دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرگە پات – پات ساياھەتكە بېرىپ تۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئۆز ۋە ئۆزگىنى چۇشۇنۇپ، ئوخشىمىغان ئەل، جاي ۋە مەدەنىيەتلەرگە ئىگە خەلقلەر ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئوخشاشلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاندىن شۇ كۆرگەن ۋە بىلگەن تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئۆز خەلقىنى تەربىيىلىسە، بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ خاتالىقسىز ھالدا كۈتكەن نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئەگەر بۈگۈن ماڭا ئۇچۇرغان گاگا خېنىمنىڭ نەچەچە مىڭلىغان مەستانىلىر دۇنيا پەن تېخنىكا ۋە سانائىتىدە ئەڭ قۇدرەت تاپقان، دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئامېرىكا بىرلەشمە دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر شەھرى ھېسابلىنىدىغان مۇشۇ نيۇيورك شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ شۇ مەشھۇر ئەدىبلىرىگە ئۇچۇراپ قالسا ئۇلار قانداق ئويلاردە بولاركىن؟ ياكى يەنىلا «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشا ـ ئۇسۇل مىللىتى…» دېگەن قارىشىدا يانماي چىڭ تۇرامدىكىن؟ بۇ تەرىپى ئېنىقكى ماڭا نامەلۇم.

 

ئەسلىدىلا ئۆزگىچە چېگىش تۇيغۇلىرىمغا يۇقىرىقى خىياللار قوشۇلۇپ تەپەككۇرۇمنى غىدىقلىماقتا ئىدى…. مەن ئۇيغۇر دۇنياسىغا سېغىنىشلىق قەلبىمنى مەھكەم چېگىپ، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن بۇ بۈيۈك شەھەرگە يىغىلغان ئادەملەر دېڭىزىغا بىر غەۋۋاس كەبى نىشانىم ئۇچۇن يورۇپ كەتتىم.

 

2015 ـ يىلى، 20 ـ ئىيۇن، نيۇيورك.

 

 

مەنبەلەر:

 

باغداش تورى –
http://bbs.bagdax.cn/thread-31904-1-1.html

 

بوزقىر تورى – 
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=7663

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !