غەرىبتىكى ئىنسانلىق سۆيگۈسىدىن تۇغۇلغان ئويلار (1)

London_canarywharf

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

مەن بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتسام مەن ئىشلەيدىغان بىنانىڭ ئالدىدىكى مەيداندا خالىس سەنئەتكارلار نەچچە يۇزلىگەن كۇنلىكلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ كۈنلۈكتىن ئۆي ياساپتۇ. ئۆينىڭ تۇرىسىنى رەڭسىز پلاستىك كۈنلۈك بىلەن پۈتتۈرۈپتۇ. مۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى دۇنيادىكى نامرات بالىلار ئۇچۇن ئىئانە يىغىش ئىكەن. 


مەن ھەر كۇنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يەر ئاستى تۆمۈر يولىغا كىرسەم مۇزىكانتلارنىڭ ۋاگزال ئىچىدە يولۇچىلارغا مۇڭلۇق مۇزىكا چېلىۋاتقىنىنى كۆرمەن. ئۇلارنى برىتانىيەلىكلەر «busking» دەپ ئاتايدۇ (مەنىسى كوچا ۋە يوللاردا مۇزىكا چالىدىغان ئادەملەر دىگەننى بىلدۈرىدۇ). ئۇلارنىڭ مەقسىدى شۇ ئۆزلىرى ياخشى كۆردىغان مۇزىكىسىنى يولۇچىلارغا ئاڭلىتىشنى ئارزۇ قىلغان بولسا ۋە بۇ ئارقىلىق كىشلەر تەرپىدىن بېرىلگەن ئاز تولا سەدىقە پۇللارغا تاينىپ تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ھەم بۇ ئارقىلىق ھاياتىغا تەسەللى تېپىش بولسا كېرەك. ئەمما ئۇلار بۇ ھاياتىدا ئۆزلىرى ياخشى كورگەن كەسپىنى قىلالىغانلىغىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان، كۆڭۈلگە، ئىنسانلىققا باي كىشىلەردۇر….. 

 

بۇ غەرىپ ھايات مەنتىقىسىنىڭ جۇملىدىن شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كىشلەر خالىس ھالدا نامراتلارنى، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى قىيىن كۈنلەرگە قالغان ئىنسانلارنى يۆلەش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارا ئىنسانلىق مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن… 


مەن بۇ خىلدىكى پىداكار (volunteer)  كىشىلەرنىڭ ئۆز قولىدىن كېلىدىغان تالانتى ۋەياكى سەنئەت ئارقىلىق باشقىلارغا بەخت يەتكۈزۈشتەك بۇ روھىغا قايىلمەن. بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئاتا سۆزى بار «بىكار يۈرگىچە بىكارغا ئىشلە».

 

بەلكىم لوندون شەھىرىدە بۇ خىلدىكى خالىس پىداكارلار ھەمىشە سىزگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار بۇ خالىس خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە روھى ئوزۇق ۋە مەدەت تاپىدۇ، باشقىلارغا بولسا بەخت يەتكۈزىدۇ….. بىرىتانىيەلىكلەر بىرىتانىيە خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا  (UK Charities and Voluntary Organisations)  پۈتۈن 3- دۇنيا ئەللىرىدىكى نامرات بالىلار، مۇساپىرلار، ئاپەتكە ئۇچۇرغانلار ۋە ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن خەلق تەرىپىدىن (دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان رەقەمنى ئوز ئىچىگە ئالمايدۇ) 2010 – 2011 يىلىدىكى بىر يىل ئىچىدە 11 مىليارد پوند ستېرلىڭ (17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئىئانە قىلىنغان. جۈملىدىن كىچىككىنە بىر مىسال ئېيتسام- ئەنگىلىيەنىڭ ساۋە تھە چىلدرەن (ئەنگلىيە بالىلارنى قوغداش جەمئىيىتى) ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قاراماي (جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي رۇخسىتى بويىچە) قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرغىچە ھەر يىلى نەچچە يۇز مىڭ پوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىدۇ. بۇ ياردەمنىڭ يېرىمدىن كۆپرىكىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئېرىشىدۇ. «تاما-تاما كۆل بولار» دېگەن مانا شۇ. بۇ بىرىتانىيە جەمئىيىتىدىكى خەلق ئىچىدىكى خالىس ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ئىشىلىگەن نەچچە يۈزلىگەن خالىس پىداكارلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىنسانلىق سۆيگۈدۇر. 


غەربىنىڭ ھەممە نەرسىسى ئىلغار ۋە ھەممە نەرسىسى قالاقمۇ ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار غەرب ئەللىرىدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرمۇ ناھايىتى كوپ. ئەڭ ئەقەللىسى دىيانەتلىك بولۇش، راستچىللىق، ۋەدىدە تۇرۇش، كىشىنىڭ رىزقىگە قول سالماسلىق، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ۋە شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش، ھەرقانداق كىشىنىڭ ياشاش يولىدىكى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش…… قاتارلىقلاردىن تارتىپ يەنە نۇرغۇن ئىنسانلىقنىڭ زۆرۈر بولغان خىسلەتلىرىگىچە… 


ئەگەر بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن، دۇرۇس ئادەملىك نىيەت بىلەن ئەتراپىمىزغا باقساق بۇ دۇنيا ئەسلى گۈزەل دۇنيا ! ئىشىنىمەن، بۇ دۇنيا ئۇيغۇرغىمۇ چوقۇم كۈلۈپ باقىدۇ!

 

2013- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۇنى. لوندون

 

 

مەنبە باغداش تورى مۇنبىرى:

http://bbs.bagdax.cn/thread-20723-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !