ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun shi’éri: Musapir.mp3
مۇساپىرنىڭ ھەر كۈنى
مۇساپىرچە داۋام ئېتىدۇ
تەقدىرى قىسمەتكە باقمايدۇ
ھايات ئۆز قاياشىدا ئاقمايدۇ
ئالدىراڭغۇ ۋاقتىنىڭ
ئۆتۈشىدىن
ماكاننىڭ كۆچۈشىدىن
ئۆز ئەلىدىن يىراق ئەلدە
سېغنىشتىن پۇچىلانغان يۈرەك
بىرەر قېتىممۇ
بېشى ئاستىدىكى مامۇق ياستۇقنىڭ
يۇمشاقلىقىنى سەزمەيدۇ!
مەن كەزگەن بۇ يولىدا
تەلەيگۇلى گۈلى ئاسان ئېچىلمايدۇ
لەڭگەردە چارچىغان چۆل كارۋىنى
كېچىنىڭ يېرىمىنى
مۇساپىرنىڭ چۈشىدە تۈنەيدۇ!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Men_Shi’er_Yazmidim_Elkun.mp3
“ئەگەر سىز بىر ئادەمگە چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىسىڭىز، قىلغان گېپىڭىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بارىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئادەمگە ئۇنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ گېپىڭىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە بارىدۇ.”
– نېلسىن ماندىلا
“بىز چەتئەلگە بارغاندا ئاندىن ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.”
– جېئورج بېنارد شوۋ
بۈگۈن قۇتلۇق 21 – فېۋرال “دۇنيا ئانا تىل كۈنى” دۇر!
بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئانا تىلىنىڭ دەردىنى تارتقان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى سۆيۈش كۈنىدۇر!
بۈگۈن مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانام ماڭا ئۆگەتكەن ئانام تىلنىڭ قۇتلۇق بايرام كۈنىدۇر!
بۈگۈن 10 ئەسىر ئىلگىرى ئۇلۇغ بوۋام مەھمۇد قەشقەرى“دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك” قامۇسىنى پۈتكەن ئانا تىلىمنىڭ بايرام كۈنىدۇر!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Bahar_qushi.mp3
سەھەردىكى ساپ تۇيغۇمغا قوشۇلۇپ،
باھارنىڭ قۇشلىرى مۇڭلۇق سايرايدۇ.
باغچىدا ئاق-قىزغۇچ ئۇرۇك چېچىكى،
سېغىنغان يۈرەكتىن يارنى سورايدۇ!
ئاق چېچەك ئۇستىدە ناتىۋان قۇشلار،
شادلىقتىن ھايات ناخشىسى توۋلايدۇ.
ئاتەش قۇياش ھەر بەرگىدە جىلۋىسى،
شوخ شامال باھارلىق سالام يوللايدۇ! ……
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغۇسىز ئاجايىپ بىر كاتتا پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ بولسا ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت ساھەسىدە بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزغان، ئۆزلىرىنىڭ ناخشا – مۇزىكا تالانتى، ئىجادىيىتى بەدىلىگە خەلقىمىز قەلب تۈرىدىن ئىززەت ۋە ئېكرام بىلەن ئورۇن ئالغان پېشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇستازلاردىن مەرھۇم ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، بۈگۈن بىز بىلەن بىللە تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مۇساجان رۇزى، پاشا ئىشان، ياسىن مۇخپۇل ۋە تۇرسۇن ئىسمايىل قاتارلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئەنگلىيە كېلىپ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىدىن بىر قانچە نۆۋەت كونسېرت بېرىپ، سەھنىدە ۋە ببك قاتارلىق ئەنگلىيىنىڭ مەتبۇئات ۋە مېدىيالىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان 10 نەچچە كۈنلۈك سەنئەت پائالىيىتىدۇر.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharni_seghindim.mp3
چۈشۈمدە قەلبىم يەنە باھارنى سېغىنىپ نالە قىلىپتۇ ….. ئوڭۇمدا، قىشنىڭ ئادەم كۆڭلىنى غەملىك قىلىدىغان مۇشۇ سەھەردىكى دەملەردە لاي ـ لاتقىلار، غازاڭلارنى ئۇستىگە يېپىنچە قىلىپ توڭلاپ ياتقان مۇشۇ ئالقاندەك تۇپراقتىن تېخى بىر قانچە ئايلار ئىلگىرىلا ئەلكۈن ئۆز قولى بىلەن ئىللىق باھارنىڭ چىرايلىق گۈللىرىنى ئۆستۈرگەن ئەمەسمىدى؟! خۇددى ئادەم ھاياتىدا خوشاللىق بىلەن غەم قايغۇ دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىدەك تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق رېتىمىمۇ بۇ تەبئىي دەۋرىيلىكنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن. ئىنسانلارنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق بۇلىقى تەبىئەت بولغىنى ئۇچۇن ئادەملەر ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچۇرغاندا، ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا، تۈرلۈك نائىلاجلىقلارغا مەجبۇرى قىلىنغاندا «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق»، «دۇنيادا كۈن پاتمايدىغان قۇياش يوق» دېگەندەك تەبىئەتكە بېغىشلانغان ئەقلىيە سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئادالەت، ھەققانىيەت، ئىنسانلىق ۋە مەدەت تىلەش ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدە بولىدىكەن …….