كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Dilnur oqughan: Keldingmu_baharim1.mp3

 

Baburkhan oqughan: Keldingmu_baharim2.mp3

 

Sahibqiran oqughan: Keldingmu_baharim3.mp3

 

باھار قۇشى غەزەل ئېيتقان سەھەردىن،
خۇش پۇراقلىق چېچەك تولغان بېغىمدىن،
مەڭزىم سۆيۈپ ئۇچۇپ قاچقان شامالدىن،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 


ئەلكۈننىڭ خىيالى يىراق كەچمىشتە،
سېغىنار ھەر باھارنى ئۇزاق كۈتۇشتە،
ئۈندەر قارا قىشنى بالدۇر كېتىشكە،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 

دەرتمەننىڭ يېشىدەك يامغۇر ياغسىمۇ،
گاھى بوران – چاپقۇن چىقىپ تۇرسىمۇ،
گۈللەرگە شەبنەم يا قىرو چۈشسىمۇ،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 

تۇرنىلار قاتار – قاتار سەپ تارتسىمۇ،
قارلىغاچلار كېلىپ ئۆيىنى تاپسىمۇ،
قوزىچاق ئەگىز سۇ ئىچىپ قانسىمۇ،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 

تېرەكلەر پوتلىسى يەرگە چۈشسىمۇ،
كاككۇك ئاۋازى زەينەپكە يەتسىمۇ،
ئېتىزدىن قىزلىرىمىز ئوسما تەرسىمۇ،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 

دېھقانلار ئارزۇسى يەر بىلەن ئاتار،
باھار كۈيلەپ نوۋرۇز نەزمىسى قاتار،
بالىلار نەزىرى كۆك دالاغا باقار،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 

كەلگەندە باھارنىڭ ئەركەك سۇلىرى،
تۆككەندە گۈل- چېچەك ئۆرۈك- تاللىرى،
ئۆسكەندە مومامنىڭ قاپاق مايسىسى،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

 

كۈلەلمەس ئەلكۈننىڭ يۈرىكى قېتىدىن،
كەتمىسە قىش تېخى دېھقان ئۆيىدىن،
چىللايدۇ پەسىلگە ئاتەش مېھىردىن،
كەلگىن ئەي باھارىم سېنى سورايمەن؟!

 
2016 – يىلى 12 – فېۋرال، لوندون

 
 

بۇ شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى، مەنبە:

http://www.azizisa.org/en/i-ask-if-my-spring-has-arrived

 

بۇ شېئىر باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان، مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-44937-1-1.html

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8841

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !