ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك بىر ئىش بولدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان « قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز بولۇپ ئۈچ مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 2017- يىلىدىن بىرى لاگىرلاغا قامالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم .
مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزۈم ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن 20 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم « جاۋابسىز قالغان تىلىفۇن» نى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدىم :« مەن ئىتون ئىنىستىتۇتىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى. مانا بۈگۈن مەن چارىسىز، ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجاسىنى سۆزلەشكە پۇرسەت بولۇپتۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا، ئىنسانىيلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئادالەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان جاسارەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئىتون ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۆيىنىمەن. مەن يەنە كاتتا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم. مەسىلەن، سابىق باش مىنىستىر دەۋىد كامىرون ۋە نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر بورىن جونسون قاتارلىقلار.
دىمەكچى بولغۇنۇم، بۇ مەكتەپتىن نۇرغۇنۇڭلار كەلگۈسىدە باش مىنىستىر ۋە سىياسىيون بولۇشۇڭلار مۇمكىن. كەلگۈسىدە نەقەدەر كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، مەن بۈگۈن ئىيىتقان سۆزلەرنى ئۇنۇتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! ئەگەر بۇ دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلمايدىكەن، بۇ ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا چۈشكەن داغ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتكە ئوخشاش ياشاش ھوقۇقى بار، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى تىك تۇرۇڭ!».
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاچچىق قەھۋەگە ئارلىشىپ كەلگەن سەھەردىكى كەچ كۈزنىڭ تۇيغۇلىرىمۇ ئۆزگىچە …. تەبئىەت ئەزەلدىن رەھىمسىز، ئۇ ھىچ ۋاقىت سىزنىڭ كۆڭۇل رايىڭىزغا باقمايدۇ. ھەممىمىزنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇ شەپقەتسىز تەبئىەت بىلەن مۇرەسسەسىز داۋالىشىپ، ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا تىز ئۆتۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ھەقىقەت بىزگە شۇنى ئېنىق ئېيتىدكى ئادەمنىڭ ئۆز يوقاتقان نەرسىسىگە قايتىدىن ئېرىشىش يولىدا ئاقتۇرغان مېھنىتى ۋە قىلغان ئەجىرىدىنمۇ ئارتۇق بۇ ھايات قىممتىنى ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئىنسان قەلبىدىنمۇ نازۈك، بۈيۈك ۋە مۇقەددەس ئېتىقاد، مۇھەببەت ۋە نەپىرەت تېخى ئادېمىزات دۇنياسىدىن باشقا بىر دۇنياغا تەئەللۇق بولۇپ باقمىدى.
مەن بۈگۈن سەھەردە، مەن بىر قانچە يىل بۇرۇن «كۈز ھىجران ئەمەس» دەپ لىرىكا يازغان ۋىسالدىن ئۇزاق، ھىجرانغا يېقن بۇ غېرىبانە چارىبېغىمغا قەدەملىرىمنى ئېغىر ئېىلپ كىرىپ كەلدىم… بۈگۈن بۇ چارىباغ كۈزنىڭ ھەسىرەتلىك ياشلىرىغا لىق تولۇپتۇ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ھىجراننىڭ مۇدھىش زەنجىرلىرى نەچچە يىلدىن بۇيان كېچە ۋە كۈندۇز توختىماي ئېقىۋاتقان ئاچچىق، ئازابلىق ۋە نەپىرەتكە تولغان ياش تەپتىدىن چاك -چېكىدىن داتلىشىپ، ئۇزۇلۇپ، رەھىمسىز زۇلـمەتنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرى پارە -پارە بولۇپ كېتىشكە ساناقلىق كۈنلەر قالغاندەكلا بىلىندى.
مۇشۇ دەملەردەك ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ مېھرىبان ھەم ۋاپالىق ،ئەقىللىق ھەم سەبىرلىك خەلىقىمىزنىڭ بىشىغا قاباھەتلىك ئېغىر كۈنلەر كەلگەن يىللاردا ئېيتقان چارىسىزلىق بىلەن نەپرەت ،كېلەچەككە بولغان ئارزۇ ۋە ئۈمۈدى گىرەلەشكەن ئۇشبۇ قوشىغى يادىمغا كەلدى:
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى!
ئەي جانان، سەن چىدام ۋە غەيرەتنىڭ مىڭ كىشلىك يۇكلىرىنى سەبىرنىڭ يېڭىلـمەس كارۋان يولىدا كۆتۇرۇپ ماڭدىڭ ۋە مېڭىۋاتىسەن، ئۆمۈرۈڭدە توغۇلۇپ كۆرۇپ باقمىغان ھەممە خورلۇقلارغا چىدىدىڭ ئەمما ھىچ بىر ۋاقىت ئىنسانلىققا بولغان ئېتقادىڭنى، مېھىر – مۇھەببىتىڭنى يوقاتمىدىڭ، ھەققانىيەنىڭ ھامان رەزىللىك ئۇستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندىڭ ۋە ئىشىنىپ ياشىدىڭ. شۇڭا مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن گەرچە سېنى يېنىڭدا تۇرۇپ قوغداش ماڭا نېسىب بولـمىغان بولسىمۇ ئەمما سېنىڭ ئامانلىقىڭ ئۈچۈن مەن ۋە مەندەك تېنچلىق ۋە ئادالەتنى سۆيىدىغان پۈتكۈل ئىنسانلار ساڭا قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ھەدىيە قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ ھايات ئۆلۇش ئەمەس ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈندۇر، مۇھەببەت سۆيۈش ئۈچۈنلا ئەمەس سۆيۇلۇش ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇركى مۇھببەت ئادەملەر ئارسىدىكى جىمىكى نەپىرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى يوقىتىغان ھاياتنىڭ مەلھىمىدۇر.
ئەلكۈن. 2019-يىلى 5-ئۆكتەبىر.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
Omur_Baharim.mp3
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
سابا چولپىنى تەبەسسۇم ئىچرە كۈلگەندە، باھارىم ئەللىك پەسلىدىن چېچەك تۆككەندە، مۇھەببەتكە بۇ ئۆمۈر ھىچ قانماي ئۆتكەندە، دۇنيا بەندىگە گۈزەلكەن، ئەسلى گۈزەلكەن!
بولمىسا ئاشىق، بۇلبۇل گۈل شېخىغا قونماس، بولمىسا يىگىت چوڭ، ۋىسال ئىمكانى قۇچماس، گەر بولسا ئەر، قىلغان ئەھدىدىن ئەسلا يانماس، مېھنەتتىن چىن ئىنسان مەنزىل تامان ئۇزاركەن.
يۇلتۇزم كۆز قىسار بولۇپ تۈننىڭ جۇلاسى، تولۇنئايمۇ بولدى ماڭا ھەمراھ شولىسى، كۈلۈپ چىقار ھەم قۇياشىم مېھرى – ئاتىشى، سالمىساڭ يۈگەن، ئۆمۈرۇڭ شۇنداق ئۆتەركەن!
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيەم ئوقۇدى
Taglargha_nida.mp3
دانادۇر دانە ئاققىنى قان كۆزدىن ياش، ساقايماس غەمگە مۇپتىلا بولدى بۇ باش، تاغلارغا نىدا ۋەتەن سېنى سورايمەن؟! سۆزلەيدۇ كەچمىش ئاتا پۈتكەن قىياتاش.
ئەجەبمۇ مېھرىڭ ئىللىق سېنىڭ ئىسسىق كۆل، تۆمۈر چوقا ئەكسى بار، تۇرار يالتىراپ. نەپسىمگە قوشۇلۇپ كېلەر سېنىڭ ھىدىڭ، نە تاقەت كۆرمەسكە ۋەتەن سېنى شۇتاپ؟!
ۋەتىنىم ھالىڭ نەدۇر سېنى بىلمەيمەن، تەڭرىتاغ گىياھىنى سېغىنىپ پۇرايمەن، ئاق باش چوقىلىرىڭغا تويماي قارايمەن، سېنى سۆيگەن بۇلۇتتىن سالام يوللايمەن.
بۇ يەردىمۇ ئۆرۈك بار كۇچارغا يەتمەس، ھاي-ھاي قوغۇن تەمى پەيزىۋاتقا يەتمەس، لەغمەنمۇ بار لەززىتى قەشقەرگە يەتمەس، ھەممە بار ئەمما ۋەتىنىم ساڭا يەتمەس…
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيەم ئوقۇدى Wapadar_shamallar.mp3
شاماللار مېنى سۆيەتتى چۈنكى ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش بېشىدىن كۆپ مۇشەققەتلەرنى ئۆتكۈزۇپ ئۇزاق-ئۇزاق ماكانلاردىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىشكەن ئىدى.
مەن ئۆيۈمنى سېغىنغان سانسىز غېرىب كېچىلەردە تونۇش يۇلتۇزلار ماڭا كۆز قىسىشاتتى چۈنكى ئۇلار بالىلىقىمدىكى مېنىڭ سەبى ئاسمىنىمنى بىلىشەتتى…
مەن ئۇلارنى سانىغان ئىدىم ئۇلار مەن بىلەن ئوينىغان ئىدى ئۇلار مەن بىلەن تەڭ چوڭ بولغان ئىدى…
BBC Uzbek May 8, 2019
VIDEO
«Онам тирикми, ўлик – билмайман» – Уйғур фильми Хитой лагерларида сақланаётган юз минглаб уйғурлар ҳақида «Онам тирикми, ўлик – билмайман» – Уйғур фильми Хитой лагерларида сақланаётган юз минглаб уйғурлар ҳақида Хитой уйғурларнинг маданияти, тили ва динини йўқ қилиш учун уларни мунтазам равишда махсус лагерларга жойлаштирмоқда. Бу каби маълумотни Бирлашган Миллатлар Ташкилоти билан биргаликда қатор матбуот ва ҳуқуқ ташкилотлари, ҳамда Шинжондаги ўз қариндош-уруғлари билан алоқани йўқотган хориждаги уйғурлар тарқатишмоқда. Лондонда яшовчи уйғур ёзувчи Азиз Иса Элкун ҳам камида уч йилдирки онасининг овозини эшита олгани йўқ. «У тирикми, ўлганми, билмайман. Қўнғироқларим жавобсиз,» – дейди у. Азиз Иса Элкун айни воқеликни, ҳамда уйғурларга Хитой ҳукумати томонидан бўлаётган босимларни ўзи яратган «Жавобсиз қўнғироқ» фильмида акс эттиришга уринган. Азиз Иса Элкуннинг таассуф билан билдиришича, уйғурларга қардош Марказий Осиёдаги давлатлар ҳукуматлари ҳам бу борада жимлар.