بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر ھۆكۈمەتتىن غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى

بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر بۈيۈك بىرتانىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

 

بۈگۈن، يەنى مىلادى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ دۆلەت گېزىتى دەپ ئاتىلىدىغان “Daily Telegraph” (تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى) نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنلۇك سانى “The Sunday Telegraph” گېزىتىنىڭ 13-بەت “دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسى” گە تۆۋەندىكىدەك تېمىدا مەزكۇر گېزىتتا كەم ئۇچىرايدىغان بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىدۇ – “بېيجىڭ ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭ ئانامغا تېلېفون قىلىشىمنى چەكلىدى”.

 

گەرچە بۇ گېزىتنىڭ ئالدىنقى بەتلىرى بىرتانىيە شاھزادىسى ھارري بىلەن مەلىكە مەغاننىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقىغا بېغىشلانغا ئالاھىدە خەۋەر ۋە رەسىملەر بىلەن تولغان بولسىمۇ، 30 بەتلىك بۇ گېزىتنىڭ 13 بەتىگە مۇخبىرنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى بېسىلغان بۇلۇپ، بىرتانىيە پۇقراسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولغانلىقىنى، جۇملىدىن 2 يىلدىن بۇيان يالغۇز ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقى، 2017-يىلى ئاتىسى ئۆلۇپ كەتكەندە بارالمىغانلىق ئەھۋاللىرى، ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي، دىنىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرتانىيە ھوكۇمىتىدىن ئانىسىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىشقا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي جىنايەتلىرىگە سۈكۇتتە تۇرماسلىققا، ئەقەللىسى بىرتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە -تاۋابەتلىرى ھوقوقىنى قوغداشتا قىلىشقا تېگىشلىك مەسۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان. مۇخبىر يەنە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە فاكىس ئارقىلىق يازما شەكىلدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئانىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يوللىغان.

دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  (سىياسىي ئوبزور)

 

بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى
لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6-ماي

 

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن.

 

مەن، خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرمەن.

 

بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، يادىمغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى، ئاچارچىلىق ۋە ئاتوم – يادرو قوراللىرى سىناقلىرىدىن كېلىپ چىققان قۇم-بورانلىق چاڭ-توزانلار كېلىدۇ.

 

مەن 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشقا كىرىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشتۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن 1990-يىللىرىدىكى مىليونلىغان ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مەنزىللىرى خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولدى. مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرى ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، 20 يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.

 

ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەندەك 16 ياشلىق بىر بالىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشى تولىمۇ مەنتىقسىزلىق ئىدى. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر جىنايىتىم يوق ئىدى. مەن پەقەت 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12- دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، ئۆزۈم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئىشلەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەقە بۈگۈندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە يىپ يېڭى تۇرۇپتۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مېنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەقىقىي «ئۆكتىچى» قىلدى ۋە مەن بۈگۈنگە قەدەر مۇساپىرچىلىقتا سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.

قاباھەتكە گۇۋاھلىق

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شۇنداق قىلىپ، مىلادىيەنىڭ 2017- يىلى ئاۋغۇستتا دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ نىداسى ”جاۋابسىز قالغان تېلېفون“ قوڭغۇرقىدىن ئاڭلىنىپ، 2021 – يىلى 22-ئاپرېل تارىختا ”كۈن پاتماس“ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك تۇغى – كۆك بايراق ئەلكۈننىڭ قولىدا غازىيانە لەپىلدىگەن كۈنى، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ”خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزدى“ دەپ دۇنياغا جاكارلىدى!

 

ۋادەرىخا، ئەلكۈن بۇ مەملىكەتكە 20 يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى قەدىمىنى باسقاندا ”مەن ئۇيغۇر، خىتاي مېنىڭ ۋەتىنىمنى قانۇنسىز مۇستەملىكە قىلىۋالدى. مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ… مەن ئۆزۈمگە ۋە ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە ئادالەت ئىزدەپ سېنىڭ بۈيۈك ئېلىڭگە پاناھ تارتىپ كەلدىم…“ دېمىگەن ئەمەسمىدى؟!

 

20 يىل، ئارىدىن بىر ئەرنىڭ بۇ قاباھەتلىك 20 يىلى ئۆتۈپ كەتتى.

پەرەڭلەرنىڭ دىنىي دەرسلىكىدىن ئۆزىمىزنىڭ جاھالىتىگە نەزەر

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

بۈگۈن سەھەردە، بالىلىرىم مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن، مەن بىر ئىش بىلەن ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ قالدىم ۋە چوڭ قىزىمنىڭ شىرەسى ئۇستىدىكى كىتاب ۋە قەغەز دوۋىلىرىنىڭ ئۇستىدە تۇرغان بۇ ئۆگنىش كونسىپىكى دىققىتىمنى تارتتى… بۇ ئەنگلىيە مائارىپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنى دەرىسلىكىدىن بىر ئوقۇشلۇق ئىدى.

تېمىسى: Theme C : The existence of God and revelation تېما س: ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى

ئەنگىلىيە مائارىپىدا باشلانغۇچ 3- يىللىقتىن باشلاپ، مۇقىم ھالدا «دىنىي مائارىپ» دەرسلىكى بىر پەن سۈپىتىدە رەسمى ئۆتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىنساىيەنىڭ ھەممە دىنلىرىنى ئۆگىنىدۇ.

 

خىرەلەشكەن تارىخ: قىشلىق تەتىلدە، قارا قش كۈنلىرىدە، ئۈچامدا كېيىدىغان تۈزىكىرەك چاپانمۇ يوق، مايلىشىپ قارداپ، پاقىراپ كەتكەن ئاق تۇماقنى پېشانەمگىچە چۆكۈرۈپ كېيىپ، بېلىمگە ئاپام بەرگەن بىر پارچە زاغرا ناننى ئوراپ، يانلىرى چىرىپ يېرىلىپ كەتكەن ۋە پايتىمامنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چۇرۇقۇم بىلەن قار باسقان ئېتىزلاردا غىچىر – غىچىر يول مېڭىپ، ئارقامدا يىلاندەك ئەگىر – بۈگۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ھەپتىيەك ئۆگنىش ئۇچۇن، «ئېلىپ ۋە لام…» لارنى ھەجىلەپ، توغرا ئوقۇيالمىسام، تەلىتى مۇزدىنمۇ سوغۇق، سەللىسى بېشىدىن ئىككى ھەسسە يوغان، موللامنىڭ «ساۋب» تايىقىنى يېيىش ئۇچۇن كېتىپ بارغان ئەشۇ يىللارنىڭ غۇۋا بىر كۆرۈنىشى خىيالىمدىن ئۆتتى.

خاسىيەتلىك بىر چۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

گەرچە بۈگۈن شەنبە كۈنى بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئىشقا بارىدىغان كۈنىدىكىگە ئوخشاش قاق سەھەردە خاسىيەتلىك بىر چۈش كۆرۈش بىلەن تەڭلا ئويغۇنۇپ كەتتىم ئەمما بىر جۇپ غەمگۈزار كۆزۈم نەملەشكەن ئىدى.

 

چۈشۈمدە مەن ئالدىراش ئاشخانا ئۆيدە ئىشقا كېچىكىپ قالماي دەپ ناشتىلىق قىلىۋاتقىدەكمەن. قارىسام مېھمانخانا ئۆيگە كىرىدىغان تەرەپتىكى كارىدورنىڭ ئېشىكى ئوپ-ئوچۇق تۇرۇپتۇ. شۇئان بىر كىشىنىڭ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!“ دەپ سالام بەرگەن بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. تۇيۇقسىزلا ئېشىكىنىڭ بوسۇغىسىدا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى قاملاشتۇرۇپ كىيگەن، ساقال بۇرۇتلىرى چىرايلىق ياسالغان، قولىدا بىر سومكا تۇتۇپ تۇغان ھالەتتىكى مەرھۇم ئاتامنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان تۇرقى كۆرۈندى. مەن ”جېنىم ئاتا !“ دېگىنىمچە قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغان قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىختىيارسىز يەرگە تاشلاپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتىمەن. ئەيتاۋۇر ئاتامنىڭ ئارقىدا يەنە ئىككى كىشى تۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ گەۋدسىدىن باشقا چىراي- تۇرقى مەۋھۇم ئىدى.

 

مەن ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگىنىمچە، ئاتامنىڭ ئالدىغا يېقىلىپتىمەن ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپتىمەن…. ئاتا، جېنىم ئاتا، سىز ھايات ئىكەنسىز …“ دېگىنىمچە ئاتامنى قۇچاقلاپتىمەن. قەدىردان ئاتاجاننى باغرىمغا چىڭ بېسىپتىمەن…

«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» فىلىمى تور ئارقىلىق قويۇلىدۇ

 

كېلىۋاتقان مۇبارەك «12- نويابىر مۇبارەك جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش ۋە ۋەتىنىمىزدە يۈزبىرىۋاتقان تراگېدىيە سەۋەبلىك يۈرەكلىرى پارە بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرى توپلاملىرىغا خىتاينىڭ ئىسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تىزپۈكمەس ئىرادە ۋە جاسارەت روھىنى تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىچىكىگە، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قاباھەتلىك تەقدىر – قىسمەتلىرى روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تۈجى قېتىم ئاممىۋى شەكىلدە 2020- يىلى 12-نويابىر كۈنى لوندون گىرنىۋىچ ۋاقتى 17:15 دە يۇتۇب قانىلى ئالاھىدە مۇلازىمىتى ئارقىلىق قويۇلىدۇ.

 

فىلىمنى كۆرۈش ئادرېسى:  https://youtu.be/vxmLTGlRZp4

 

فىلىم ئىشلىگۈچى:  ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

فىلىم تىلى: ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا 

فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقىت ئۇزۇنلىقى: 20 مىنۇت. 

 

مەزكۇر «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم ئاۋازسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ نىداسى بولغان، ئىشغالىيەتچى خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان ئىنسانلىققا يات دەرد – ئەلەملىرى، جۈملىدىن ئاۋازى بوغۇلغان سان – ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ چەككەن ئاھۇ – پىغانلىرى ئىنسانلىق مەۋقەسىدىن بايان قىلىنغان. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنى غەرب ئەللىرى خەلقلىرىگە كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىژدانىنى، ئادىمىيلىك يۈرەك تارلىرىنى ئىنسانلىقنىڭ تارازىغا سېلىشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان كۈرىشى ئۇچۇن ھېسداشلىقىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.  

 

ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  

 

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق  ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان  ئەنگىلىيە ئىتون  ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش  مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك  بىر ئىش بولدى.  

 

  ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايلارنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان « قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى،  لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز بولۇپ ئۈچ مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 2017- يىلىدىن بىرى لاگىرلاغا قامالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم .

 

مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزۈم ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن 20 مىنۇتلۇق  ھۆججەتلىك فىلىم « جاۋابسىز قالغان تىلىفۇن» نى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن،  ئۇلارغا مۇنداق دېدىم :«   مەن ئىتون ئىنىستىتۇتىنىڭ  شۆھرىتىنى ئاڭلىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى.  مانا بۈگۈن مەن چارىسىز، ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجاسىنى سۆزلەشكە پۇرسەت بولۇپتۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا، ئىنسانىيلىققا كۆڭۈل  بۆلىدىغان، ئادالەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان  جاسارەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئىتون ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۆيىنىمەن.  مەن يەنە كاتتا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ  بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى  بىلدىم.  مەسىلەن، سابىق باش مىنىستىر  دەۋىد كامىرون ۋە  نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر بورىن جونسون  قاتارلىقلار.   

 

دىمەكچى بولغۇنۇم،  بۇ مەكتەپتىن نۇرغۇنۇڭلار كەلگۈسىدە  باش مىنىستىر ۋە سىياسىيون بولۇشۇڭلار مۇمكىن.    كەلگۈسىدە نەقەدەر كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر،  مەن بۈگۈن ئىيىتقان سۆزلەرنى ئۇنۇتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!    ئەگەر بۇ  دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلمايدىكەن،  بۇ ئىنسانىيەت  ۋىجدانىغا چۈشكەن داغ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە  دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتكە ئوخشاش ياشاش ھوقۇقى بار،  ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىڭ،  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى  تىك تۇرۇڭ!».

كۈتۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

كۈتۈش – ئۇ نازۈك قەلىبنىڭ ئىنتىزارى، سەبىرنىڭ ئىمتىھانى، ھاياتىنىڭ ئۈمىد ئىچىدىكى ئىمكانى، ئۇنىڭ تەمى ھەم شىرىن ھەم ئازابلىق! 

 

كۈتۈش – ئۇ، ئەگەر سىز تىپ-تىنىچ كېچىدە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىگىز قۇم بارخانى ئۈستىگە چىقىپ، ئاۋال ئادېمىزاتتىن خالى بۇ ماكاننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئېلىپ، كارنىيىڭىز يېرىلغۇچە، ئاۋازىڭىزنىڭ بارىچە «ئەركىنلىك!!!»  دەپ توۋلىسىڭىز، چەكسىز بوشلۇق ئىچىگە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئەكىس سادالار ئىچىدە ئاستا- ئاستا قۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاۋازىڭىزڭىزغا سەبىرچانلىق بىلەن قۇلاق سالسىڭىز، ئاندىن تىمتاسلىق ئىچىدىكى قاراڭغۇ كېچىگە غۇلىچىڭىزنى بولۇشىغىچە ئېچىپ، كېچىنى باغاشلاپ تۇرۇپ، بېشىڭىز ئۈستىڭىزدىكى گۈمبەزگە ئۆخشايدىغان خۇددى قاراڭغۇلۇققا يورۇقلۇق ئاتا قلىىش ئۇچۇن شاملاردەك پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان سان-ساناقسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا باقسىڭىز، روھىڭىز ھاياجاندىن خۇددى تېنىڭىزدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، شۇ چەكسىز يۇلتۇزلار تامان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك بىرشېرىن تۇيغۇ ھۇجۇدىڭىزنى چىرمىغان ۋاقىتتكى چەكسىز بىر لەززەتتۇر. 

قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇر سەندىن سورۇشۇم.
يوقالسا گەر بۇ مىللەت،
كىم قۇرىدۇ ئۇلۇسۇم؟!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
قۇرۇق گەپ سۆز قۇرىسۇن،
ئەقىل تاپقاي بۇ مىللەت،
ئۇيغۇر ياشىسۇن ئۆلمىسۇن!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ساڭا ئېيتاي چىن سۆزۇم.
قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس،
قىلىپ كۈرەش، بولۇپ ئوم.

 

ئۈمىد گۈللىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەلكۈننىڭ ئۆيى ئالدىدا ھەمىشە ئۇنىڭ غۇربەتلىك دەقىقىلىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغان كىچىكنە بىر خاس باغچا بار. تۆت پەسلىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بۇ مېھرى ئىسسىق باغچا، ئانا تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئەلكۈننىڭ كۈنلىرىگە ھەر كۈنى ھەمراھ، بولۇپمۇ بۇ ۋابا كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئايرىلماس ھەمراھ. ئەلكۈننىڭ «كۈز ھىجران ئەمەس»، «مەن شېئىر يېزىۋاتىمەن»، «قانداق كۈتەي سېنى يېڭى يىل» قاتارلىق يۈزلىگەن گۈزەل لىرىكىلىرى مانا مۇشۇ باغچىنىڭ ئىچىدە، لوندون ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان ئەرىك قۇشلىرىنىڭ مۇڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلغان ھايات مارشىغا ئۆز پىغانلىرىنى، قەلبىدە لاۋا كەبى تېنىمسىز كۆيۈۋاتقان ئاتەشلىرىنى قوشۇپ يېزىپ چىققان ئىدى… 

 

ئەلكۈن – ئۇ، پەلەكنىڭ ئاتا قىلغان ناھەق قىسمىتىنى ھىچ قوبۇل قىلمىغان ۋە قىلـمىدى، ئەكسىچە ناھەق قىسمەتنى ھەقكە ئايلاندۇرۇ ئۇچۇن ناھەق كۈچلەرگە قارشى ئىسيان قىلدى. شۇ رەھىمسىز رېئاللىق كاشكى، ئۇنىڭ گەردىشى ھىجران بالاسىدىن باغرى قان – قان بولغان كۈنلىرى سان – ساناقسىز…