ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاۋازنى بىۋاستە ئاڭلاش: Soygu_we_insanliq.mp3

«سىز ئىنسانلىققا بولغان ئېتىقادىڭىزنى يوقاتماڭ. ئىنسانلىق ئۇ بىر دىڭىزغا ئوخشايدۇ. گەرچە ئوكيانغا بىر قانچە تامچە مەينەت سۇ چۈشسىمۇ ئەمما پۈتۈن ئوكيان سۈيىنى مەينەت قىلالمايدۇ»
– ماھاتما گەندى (ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق داھىسى)
بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن كەلدۇق، سۆيگۈ بىلەن ياشايمىز ۋە ئاخىردا بىز بۇ دۇنيادىن بىزنى سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈ ياشلىرى بىلەن ۋىدالىشىمىز. بىز ئادەملەر ئادىمىيلىكنىڭ گۈل تاجى سۆيگۈدۇر. ئادەملەر باشقىلارغا سۆيگۈ ئاتا قىلىش بەدىلىگە ئۆزى سۆيۈلىدۇ ۋە ئىززەتلىنىدۇ. سۆيگۈ ئادەملەرگە ئۆز – ئارا مەدەت، ھۆرمەت، كۈچ قۇۋۋەت ۋە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان، ئادەم ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ساپلىقنىڭ كاپالىتىدۇر………
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا كىچىك بىر كەنتكە ئوخشايدۇ. بۇ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھاياتى ئۆزگىچە بولغىنىغا ئوخشاش، دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۈندىلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. سىز قەيىرىدە ياشىماڭ ئۆزىڭىزنى بۈگۈنكى بۇ بىر قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر كۈندىكى رەڭگارەڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن قاچۇرالمايسىز. بىز ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل ئەقىل-ئىدرىكى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىنسان ھاياتىنى قۇلايلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنغالىغى ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى ئاجايىپ تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلدۇق ۋە قىلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ ئىجاد قىلغان، بىز ئىنسان ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىسلىسىز ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجدىن خېلى يىراق.
بىز ئادەملەر يەنە كەلگۈسىدە نېمىلەرنى ئىجات قىلىدىغانلىقىمىزنى، قانداق ياشايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بىراق بىز چۈمۈلىگە ئوخشاش ياخشى ياشاشنىڭ كويىدا ياشاۋېرىمىز…. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى توختاۋسىز ئىجات قىلىمىز، ياق، بىر قېتىم ئىجات قىلغاندىن كېيىن ئۇنى تەكرار – تەكرارلاپ ئىستېمال ئېھتىياجى بويىچە، ياق ، تېخىمۇ كوپ پۇل تېپىشنىڭ ۋەسۋەسىدە يېڭىلايمىز ھەم تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بىلەلمەيلا بۇ ماددىي ئىستىمالنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىمىز……
سەھىپە:Media
باھا:0 دانە
29-11-2015

مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسى 1909 – يىلى بىرىتانىيە گىرامافون شىركىتى تەرپىدىن ئۈنگە ئېلىنغان بۇلۇپ، بۇ ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئۈنگە ئېلىنغا ۋە زامانىمىزغا قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن بىردىن – بىر ئۇيغۇر مۇزىكا ئۈن لېنتىسىدۇر. مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسى بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى ئۈن ئارخىۋى بولۇمىدىن كۆچۇرۇپ ئېلىندى.
ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/audio/Kashgarche_1909.mp3
:One of the first ever examples of recorded Uyghur music in modern time
Mushagaran Kashkarcha sung by Sadyk Mullo, Tokhta Akhun, Turdi Muazin
Recorded by Gramophone Company in 1909. Source: British Library Sound Archive
سەھىپە:Media
باھا:0 دانە
29-11-2015
ئاپتور: [Gustáv Murín [1
ئىنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى
تۇيغۇ – ئۇ ھېچقانداق بىر پاكىتنى ئاساس قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىچكى دۇنياسىدىكى بىلىشىدۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۆز خاھىشىغا يارىشا ھايات يوللىرىنى بەرپا قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھالىدىن كەتكۈچە تېپىرلايدۇ يەنى [2]eldorado نىڭ ئىنسان قەدىمى ئاياق باسمىغان يېڭى بىر قىتئەنى ياكى بىر جەننەتنى بايقىغانلىقىغا ئوخشاش.
گەرچە ھەر بىرىمىزنىڭ جەننەت توغرىسىدا ئۆزىمىزگە خاس قارىشىمىز بولسىمۇ (مېنىڭ چۈشەنچەمدە جەننەت دېمەك – ئۇ ناھايىتى كوپ مىقداردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ ) بىراق ھەممىمىزنىڭ بىر – بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان بولغان تۇيغۇلىرىمىز بار ئەلۋەتتە. ئەمما بىز شۇنداق قىلىپ كۆنگەن يەنى ھاياتىمىز ھەمىشە ھاياتنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى بولغان بىر تۈرلۈك مەئىشەتلىرى ئىچىدە بىزنى دائىم ھالسىرىتىدۇ ئەمما بىز ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ كۆندۈرۈۋالغان ئاچچىقجان، ئىشخۇمار خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ئاسانلىققىچە چۆرۈۋېتەلمەيمىز ۋە بىز ئوزىمىز بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىرخىل مۇرەككەپ تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىنى ئىزدەيمىز ئەمما بەزەنلەرگە ئوخشاش ھەمىشە بۇ دۇنيالىقتىكى ئۆز بەختىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىغا قاترايدىغان جاھانكەزدى پۇرسەت پەرەزلەردىن بىز دەسلىپىدە ئەنسىرىسەكمۇ لېكىن ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ خىل ئەندىشىلىرىمىز تىزلا ئۆزىمىزدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ……

ۋىلىئام شېكسپېر
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىسچىدىن تەرجىمە قىلدى
بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە ـ
پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللار رول ئالغان
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بۇ سەھنىنىڭ
كىرىش ۋە چىقىش ئىشىكلىرى ئېچىلغان.
بىر ئەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن روللارنى ئوينايدۇ
ئۇ ھازىر ھاياتنىڭ يەتتە مۇساپىلىق رولىنى ئالماقتا
ئۇ بىرىنچى مۇساپىسىدە بوۋاقنىڭ رولىنى ئالغان چاغدا ـ
بالا باققۇچىنىڭ قۇچىقىدا يىغلاپ،
بەرگەن سۈتنى قۇسىۋەتكەن ئىدى.
مۈرىسىگە سومكا ئېسىپ، مەكتەپكە بارىدىغان ـ
بىر چىرماش ئوغۇل بالا بولغان چاغدا –
سەھەردە يۈزىدىن نۇر چاقنايتتى ئەمما –
قۇلۇلىدەك ئارام تاپماي ئۆمىلەيتى،
بەزىدە مەكتەپكە بېرىشنى خالىمايتتى،
سۆيگىنىنى ئويلاپ خىيالغا پاتاتتى ………
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Derizemde_muhabbet.mp3
مەن ئويغانغان بۇ سەھەر
جاھان ئاشىقلىققا پېتىپتۇ …
ھۆكۇم سۈرگەن كۆك دېڭىزدا قىزىللىق
كۆز نۇرى يەتمەس ئۇپۇقتا توغۇلغان
شەپەق رەڭدە ئاسماننى بويىغان
خىجالەتتىن قىزارغان قۇياش –
ئۆز مەيلى بىلەن ئۆيۈم ئىچىگە
دېرىزەمدىن كىرىپتۇ….
ئاپتور Peter Fleming

ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)
تەرجىماندىن ئىزاھات:
مەن ئوقۇشۇڭلارغا تەقدىم قىلىۋاتقان مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر – بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى Peter Fleming تەرپىدىن يېزىلغان “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلك قىسىملىرى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئاپتورنىڭ 1935- يىلى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە خوتەن دىيارىنى بويلاپ قەشقەر ۋە كېيىن قونجىراپ ئېغزى ئارقىلىق بىرتانىيە باشقۇرىشىدىكى كەشمىرگە بېرىش سەپرى داۋامىدا ئۇيغۇرئېلىدە ئۆزى كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان بىر ساياھەت خاتىرىسىدۇر. بۇ كىتاپ 1933 – يىلىدىن 1935 – يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيىسى 36- دېۋىزىيىسىنىڭ تۇڭگان قوماندانى ما جوڭيىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەتكە “تۇڭگان يېغىلىقى” قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر – بازارلىرىنى ئۇرۇش ئاپەتلىرى قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قانلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن شېڭسەي ھەم بۈيۈك بىرتانىيە ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سىياسىي ئويۇنلار يەنى “بۈيۈك شاھمات تاختىسى” ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى ئوبرازلىق بايان قىلىندۇ. قىسقىسى بۇ كىتاپ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىى ۋە سىياسىي ھاياتىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تارىخي مەنبەدۇر . مەزكۇر كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان ……….
ئاپتور Peter Fleming

ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
“تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)
كىرىش سۆز
بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ئۈچۈن يېزىلىدىغان گەپلەر ئانچە كوپ بولمىسا كېرەك. ئەمما شۇنى قەتئىي قىلىپ ئېيتالايمەنكى بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ پېكىندىن قورۇقلۇق يولى ئارقىلىق 7 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 3500 مىل يول مېڭىپ ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە يىتىپ بېرىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر سەپەر جەريانى بايان قىلىنىدۇ.
بەلكىم بىز سەپىمىزدە بېسىپ ئۆتكەن بۇ يەرلەر قانداقتۇر بىر باغلىنىشلار ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق بۇلىشى ۋەياكى مېنىڭ بۇ سەپىرىمدە بايان قىلغان تەسۋىرلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بار بولغان بۇ يەرلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق ھالدا باشقىچە تەسۋىرلەنگەن بۆلىشى مۇمكىن. بۇ يەرلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرتقا ناھايىتى ئاز تونۇلغان، زامانىمىزنىڭ خەرىتىلىرىگە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتا ئاتالغۇلار بىلەن بىز كەزگەن بۇ يەرلەر تولۇق كۆرسىتىلىپ بېرەلمىگەن ئىدى……..