قارىچۇقۇمدا قاتقان دۇنيا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Qarchuqumda_qatqan_dunya

 

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا كىچىك بىر كەنتكە ئوخشايدۇ. بۇ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھاياتى ئۆزگىچە بولغىنىغا ئوخشاش، دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۈندىلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. سىز قەيىرىدە ياشىماڭ ئۆزىڭىزنى بۈگۈنكى بۇ بىر قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر كۈندىكى رەڭگارەڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن قاچۇرالمايسىز. بىز ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل ئەقىل-ئىدرىكى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىنسان ھاياتىنى قۇلايلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنغالىغى ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى ئاجايىپ تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلدۇق ۋە قىلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ ئىجاد قىلغان، بىز ئىنسان ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىسلىسىز ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجدىن خېلى يىراق.

 

بىز ئادەملەر يەنە كەلگۈسىدە نېمىلەرنى ئىجات قىلىدىغانلىقىمىزنى، قانداق ياشايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بىراق بىز چۈمۈلىگە ئوخشاش ياخشى ياشاشنىڭ كويىدا ياشاۋېرىمىز…. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى توختاۋسىز ئىجات قىلىمىز، ياق، بىر قېتىم ئىجات قىلغاندىن كېيىن ئۇنى تەكرار – تەكرارلاپ ئىستېمال ئېھتىياجى بويىچە، ياق ، تېخىمۇ كوپ پۇل تېپىشنىڭ ۋەسۋەسىدە يېڭىلايمىز ھەم تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بىلەلمەيلا بۇ ماددىي ئىستىمالنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىمىز……

 

بىز 50 يىلنىڭ ئالدىدا ئىجاد قىلغان ئەڭ ئىلغار ھېسابلىنىدىغان كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىزنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.5 كىلو گرام كېلىدىغان مېڭىمىزغا دۇنيانىڭ بولۇڭ پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ يۇلتۇزلارغىچە بولغان ھەممە ئۇچۇرلارنى كۆزىمىز ئارقىلىق، كۆزىمىز ئالدىراش بولسا قۇلىقىمىز ئارقىلىق بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا بىلدۇرۋېتىدۇ. بىز شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بۇ دۇنيادا ھېچ يالغۇز ھېس قىلمايمىز.

 

بىز كۈندە ئىشلەيمىز، ئىشقا بارمىز ئىشتىن كېلىمىز…. ئاخشىمىدا بەزىدە تېلېۋىزورىمۇ كۆرۈپ قويىمىز ياكى سەھەردە ئويغىنىشتىن بۇرۇن رادىئو ئاڭلايمىز….ھەتتا ناخشىمۇ ئاڭلايمىز… قىستا-قىستاڭ يەر ئاستى پويىزلىرىدا ياكى بىر تال ئالما چۈشسە ئادەملەرنىڭ زىچلىقىدىن يەرگە پوككىدە چۈشمەيدىغان ئاپتوبۇسلاردا كىتابمۇ ئوقۇيمىز… ۋاقىت بىز ئۈچۈن ئالتۇندەك قىممەت! بىز يەنە ھەر كۈنى ئەتىگىنىدە ئالدىراش بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىمىز…ئىشقا ماڭىمىز…ھايات مانا مۇشۇنداق چۆرگىلەيدۇ، چۆرگىلەۋېرىدۇ، ئاخىر بېرىپ بىز ماڭالماس بولۇپ قالغاندا ئاندىن ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپ ئۆلۈمىمىزنى كۈتىمىز….

 

بىز ھەممىمىز ناھايىتى ئالدىراش ئەمما شۇ ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوزىمىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلىشنى بىر كۈنمۇ قولدىن بېرىپ قويمايمىز.

 

مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمدە كارىۋىتىم بېشىدا ياپونىيەدە ئىشلەنگەن ئاپتوماتىك ئويغىتىش رادىئوسى بار. بۇ رادىئو شۇنداق ئەقىللىقكى خۇددى مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاپامنى ئەسلىتىدۇ. مەن بالا ۋاقتىمدا ئەتىگەنلىكى ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئۆرنۈمدىن ۋاقتىدا تۇرمىسام ئاپام كېلىپ مېنى ئويغاتقىنىغا ۋە ماڭا “بالام ئورنۇڭدىن تۇر، مەكتەپكە كەچ قالدىڭ…” دېگىنىگە ئوخشاش.

 

بۇ شۇنداق ئەقىللىق رادىئو، بۇ رادىئو تېخى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنىنى ھەتتا دۆلەتلىك بايرام كۈنلىرىنىمۇ بىلىدۇ. بۇ رادىئو دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:30 مېنى ئويغىتىدۇ. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا بۇ رادىئومۇ ماڭا ئوخشاش تەڭلا ئىشتىن توختايدۇ ۋە مەن بىلەن بىللە ئارام ئالىدۇ.

 

بۈگۈن يېڭى بىر كۈن تۇغۇلدى، ئۇنىڭ ئىسمى پەيشەنبە….سەھەرنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىدىكى كۆزۈم چارچاشتىنمۇ ئەيتاۋۇر يېرىم ئۇيقۇدا پىتىرايدۇ… بۇ بىر جۈپ قارا كۆزۈمنىڭ ئىچىدە تۈنۈگۈنكى دۇنيانىڭ كۆلەڭگىسى قېتىپ قالغان…. ئۆزۈمگە ھايات ئېھتىياجى بىلەن ئۆگەي تىل قىلىۋالغان ئىنگلىزچە ئاۋاز قۇلاق تۈۋۈمدە غۇۋا ئاڭلىنىۋاتىدۇ… توۋا…. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاتلىق چۈشلىرىمنىمۇ مۇشۇ ئۆگەي تىلدا كۆرىدىغان بولۇپ قالغىنىمنى بىر دېمەڭ تېخى! بۇ قورقۇنۇشلۇقمۇ؟

 

“….ھۆكۈمىتىمىز رۇسىيەدىكى ئىنسان ھەق – ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچۇرغان ئەرھەمجىنىسلەرنى قوغداش خىزمىتىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 50£ مىڭ (ئەنگلىيە پوند ستېرلىڭ) ئاجراتتى….. ھاكىمىيەتتىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۈرىيەدىكى ئەڭ تەس كۈندە قالغان 100 نەچچىلىگەن ئايال ۋە بالىلارنى ئورۇش بولۇۋاتقان يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ دۆلىتىمىزگە ۋاقىتلىق يەرلەشتۈرۈش تەكلىپىنى سۇندى…. دۆلىتىمىز ھازىرغا قەدەر سۈرىيەگە 600 مىليون پوند ستېرلىڭ ئىنسان پەرۋەرلىك ياردىمى قىلدى…. جۇڭگونىڭ قاشتېشى توشقىنى ئايدا بۇزۇلۇپ قالدى…… دۆلەت ئىشلار كاتىپى ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تېررور تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولسا ئەنگلىيە ۋەتەنداشلىقىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە ئەنگلىيەدىن قوشلاپ چىقىرىش توغرىسىدىكى تەكلىپى بۈگۈنكى پارلامېنتتا قاتتىق مۇنازىرە قوزغىدى… جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى چاتاق چىقىپلا تۇرىدىغان شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنخې دېگەن بازىرىدا بومبا پارتلاپ 6 ئادەم ئۆلگەن، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ يەردە ياشايدىغان يەرلىك مۇسۇلمان تۈركى خەلق “ئۇيغۇر تېررورىست” گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە… بۈگۈن ۋېستمىنىستىر پارلامېنتىدا بالىلار ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ ئىچىدە تاماكا چېكىشنى مەنىي قىلىش قانۇنىغا ئوچۇق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.جۇڭگو ۋە كورېيە ۋەكىللىرى ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې نىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ياسۇكۇنى بۇزۇرگاھىنى تاۋاپ قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى….”

 

ئەتىگەن سائەت 6:45 مىنۇت ئۆتتى….بۈگۈنكى دۇنيانىڭ خەۋىرىنىمۇ كارىۋىتىمدا ئىسسىق يوتقاننىڭ ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپ ئاڭلاپ بولدۇم…. مەن ئۇيغۇر توغرىسىدا خەۋەرلەرنى كەمدىن كەم ئاڭلاپ قالىمەن ئەمما بۇ يىل مەن ئۈچۈن ئەڭ كوپ ئاڭلىغان يىل بولدى. مەن بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا نەچچە قېتىملاپ مۇشۇنداق ئەتىگەنلىك خەۋەرلەردە “ئۇيغۇر تېررورىستلىرى” دەپ ئۇيغۇر ئىسمى تىلغان ئېلىنغان خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم….. مۇنداق خەۋەرنى بۇرۇن ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىمدا ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتەتتىم ئەمدى قۇلقۇم بۇ خىلدىكى خەۋەرلەرگىمۇ كۆنۈپ قالدى. ئادەم نىمىلەرگە كۆنمىگەن دەيسىز، مەنمۇ كۆندۇم، مەن ئەمدى سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمەيدىغانمۇ بولدۇم.

 

مەن تۇمانلىق، يامغۇرلۇق، غەمگۇزارغا لىققا تولغان بۇ مىسكىن قىشنىڭ قۇياشسىزسەھرىگە تولىمۇ ئۆچ ئەمما مەن ئورنۇمدىن تۇرۇشۇم كېرەك، ئىشقا بېرىشىم كېرەك، ئەگەر بۈگۈن ئىشقا بارمىسام يانچۇقۇمغا 100£ كىرىم كىرمەيدۇ ….. بۈگۈنمۇ يەنە كۆڭلۈم غەش ئىشقا مېڭىش ئۇچۇن ئورنۇمدىن تۇردۇم.

 

مەن ئۆگەي تىلىمدىكى يەنى ئىنگلىزچە خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ بولدۇم. ئەمدى مېنىڭ بۈگۈنكى ئانا تىلىم ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر دۇنياسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىشىم كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن 15 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ ئەمما بۇ قىممەتلىك 15 مىنۇتنىمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشىم كېرەك دە. مەن ھەر كۈنىگە ئوخشاش ئەتىگەندە ئۆيدىن پويىز ئىستانسىسىغا بېرىش يولۇمدا سەرپ قىلىدىغان 15 مىنۇت ۋاقتىمنى iPhone 5  يانفونىم ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا باشلىدىم…

 

قۇلىقىمدىكى ئاڭلىغۇچ ماڭا مۇنداق دەۋاتىدۇ “…. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ قىسقا دولقۇندا ئۇلاپ ئاڭلىتىدىغان خەۋەرلىرىنى ئاڭلاۋاتىسىز…. مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە زاڭزۇ تېبابىتىنىڭ جەۋھىرى، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ شىپالىق پەرىشتىسى جومادەننى دەرھال سېتىۋېلىڭ، ئۇ سىزنىڭ جىنسىي ھاياتىڭىزنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ جايلاردىكى پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى…. دېھقانلارنىڭ قوتاندىكى قويلىرىنىڭ سانى ئېشىپ، تۇرمۇشى ياخشىلاندى. ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئامانگۈل خۇدابەرگەن بۇ ھەقتە مارالبېشىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدىن نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدۇ….. ساداقەت يەل كۆيدۈرگۈچ كاپسۇلىنى يەڭ. بۇ كاپسۇلنى قىزلىرىمىز يېسە كۈندەشلىك ئوتى تۇتمايدىغان بولىدۇ….مىجەزى ياخشى، كەيپىياتى خۇش – خۇي بولىدۇ…بالدۇر ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ… يۈزىدىكى تەمرەتكىسىنى، تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى كىرىنى تازلاپ…..“ – مانا ئانا تىلىمدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ بولدۇم. مەيلى جومادەن كاپسۇلى بولامدۇ ياكى يەل كۆيدۈرگۈچ كاپسۇلى بولامدۇ ياكى دېھقاننىڭ قوتىنىدا قوي كۆپ بولامدۇ ئىشقىلىپ مەن ئوز ئانا تىلىمنى ھەر كۈنلۈك ئادىتىم بويىچە ئاڭلاپ تۇرالىغىنىمدىن مەمنۇنمەن!

 

مانا مەن ۋاقىت قەرەلى بويىچە 7: 25 مىنۇت ئۆتكەندىكى پويىزغا ئۈلگۈرۈپ چىقىۋالدىم…… شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە رادىئو خەۋەرلىرىنىمۇ ئاڭلاپ بولدۇم. ئەمدى ئۇندىدار ئارقىلىق مەندىن 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىرلار يىراقتا ياشاۋاتقان دوستلىرىم بىلەن دىدارلىشىۋالاي….چۈنكى بۇ يەردىكى كۈن ئۇيغۇرنىڭ كۈنىدىن 6 سائەت كېيىن چىقىدۇ…ئەمدى يېڭىدىن كەلگەن ئېلخەتلىرىمنى كۆرەي…. يەر ئۇستى پويىزدىكى 30 مىنۇتلۇق سەپىرىممۇ تۈگىدى. ئەمدى مەن دەرھال يەر ئاستى پويىزغا ئالمىشىشىم كېرەك. ئۇھ!  ئەمدى كاللام ئاز-تولا ئارام تاپىدىغان بولدى. مەن ھەر كۈنى 2 سائەت ۋاقتىمنى يەر ئاستى پويىزىدا ئىشقا بېرىش ۋە قايتىش يولىدا سەرىپ قىلىمەن. مەن يەر ئاستى پويىزىدا مېڭىشنى ياخشى كورىمەن چۈنكى بۇ مېنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈمنى دۇنيادىن باغلىنىشسىز تۇتۇپ تۇرىدىغان، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىتابىمنى ئوقۇيدىغان بىر خاس پۇرسەتتۇر.

 

مەن ئالدىراش پويىز ئىشىكىدىن كىردىم دە ئولتۇرىدىغان بوش ئورۇننى تېپىش ئۈچۈن كۆزۈمنى تېزلىكتە 180 گرادۇس پىرقىراتتىم. بوش ئورۇنىمۇ تاپتىم ۋە راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتابىمنى ئوقۇشقا باشلىدىم….

 

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئىنسان پۈتكۈل ئەقىل جەۋھىرى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئۆز ھاياتىنى ياخشىلاشقا تەقدىم ئەتكەن. ئەمما گاھى – گاھىلاردا ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان يېڭىلىقلار ئاساسىدا ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن بايلىقلىرىنى بۇلاش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپمۇ تۇرغان. بولدىلا ئۇرۇش توغرىسىدا گەپ قىلمايلى چۈنكى ئۇرۇشقا ھەممىمىز كانىيىمىزغىچە تويغۇلۇق چۈنكى ئۆز پۇقرالىرىدىن 100 مىڭدىن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن دۇنياغا مەشھۇر قاتىل باشار ئەل-ئەسسەدنىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىكى ھېچ بىر دۆلەت ھەتتا ب د ت مۇ توسۇپ قالالمىدى…. بۇ شۇنى كۆرسىتىدىكى گەرچە ئىنسانلار ئۆزلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە شۇ قەدەر تەرەققىي قىلدۇردۇق دەپ قارىغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ ئەسلى – ۋەسلىنى يەنى ھايۋانلىق گېن تەبىئىتى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تېخىچە تولۇق ئۈزۈپ تاشلىيالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەلۋەتتە!

 

ئادەملەر كۆپەيسە تەبىئىي ھالدا ماڭىدىغان يول پەيدا بولىدۇ. ھەممە ئادەملەر بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ ياشىسا شەھەر پەيدا بولىدۇ. شەھەردە ئادەملەر كۆپىيىپ كەتسە، ماڭىدىغان يول ياساشقا يەر بولمىسا، يوللار يەر ئاستىغا ياسىلىدۇ… مانا ئىنسان ئەقلىنىڭ يەنە بىر جەۋھىرى بولغان، دۇنيادا تۇنجى قېتىم مۇندىن 151 يىل ئىلگىرى يەنى 1863- يىلى ياسالغان لوندوندىكى يەر ئاستى پويىزدا  كېتىۋاتماقتىمەن. لوندوننىڭ يەر ئاستى خۇددى توشقان ئۇۋۇللىرىغا ئوخشايدۇ. لوندون يەر ئاستى پويىزى قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 402 كىلومېتىر، 11 يول قاتنايدۇ. بۇ يەر ئاستى پويىزلار ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى توشۇيدۇ…..

 

مەنمۇ بىر سەپەرچى. مەن ياشاش ئۈچۈن سەپەر قىلىمەن. مەن توشقانغا ئوخشاش لوندوننىڭ يەر ئاستى پويىزى (Underground / Tube ) دە كۈندە ماڭىمەن. لوندونلۇقلار يەر ئاستى پويىزنى “نەيچە تۇرۇبا” ( Tube ) دەپ ئاتايدۇ. مەن ھەر كۈنى ئوخشاش بىر نىشانغا قاراپ ماڭىمەن. مەن تۇرۇبىنىڭ بۇ تۆشۈكىدىن كىرسەم يەنە بىر تۆشۈكىدىن نەچچە يۈز قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك بىنانىڭ ئاستىدىن چىقىمەن. بۇ بىنانىڭ ئۈستىدە ئاق پىشماق بەگزادە كاپىتالىست خانىم ۋە ئەپەندىلەر بىزدەك ئادەملەرنى سىن نازارەت كامېراسىدا كۆزىتىپ تۇۇپ ئىشلىتىدۇ…. مەن بۇرۇن «ئەنگىلىيە ئىگىلىلك باشقۇرۇش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتە دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ۋە بۇ سۆزنىڭ راستىغىغا قايىل بولدۇم…

 

بارمىقىمنى بېسىپ كىملىكىمنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن مېنى ئاپتوماتىك ئىشىك قاراۋۇللىرى لىفت ئىچىگە كىرىشكە ئىجازەت بەردى… ئىش ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە بىر ئىستاكاندا ھور چىقىپ تۇرۇۋاتقان ئىسسىق قەھۋە… ياق، ئۇيقۇ ئېچىش ۋە روھلاندۇرۇش سويۇقلۇقى. مەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئىچىملىكنى ئىچىپ تۇرشۇم كېرەك چۈنكى مەن ھەر كۈنى 6 سائەتلا ئۇخلايمەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاز. مېنىڭ ئۇيقۇغا قانمىغان نېرۋىلىرىمنى مانا مۇشۇ زەھەردەك تېتىيدىغان ئاچچىق قەھۋەلا ئويغىتىدۇ ۋە سەگەكلەشتۈرىدۇ.

 

ئىش ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە 3 كومپيۇتېر ئېكرانى تۇرۇپتۇ. ئوتتۇرىدىكى ئېكران ئەڭ چوڭ، ئىككى ياندىكى ئېكران كىچىكرەك. ئالدىمدا قول كومپيۇتېرى ھەم مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ 4 كومپيۇتېرنى ئېچىپ دەرھال ئىش باشلىشىم كېرەك چۈنكى تورۇسلارنىڭ بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئاز دېگەندە 5-6 نازارەت كامېراسى مېنىڭ ھەرىكىتىمنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ تومۇر جىسالار كۆزەتسىمۇ مەيلى، يامىنى ئۇلار مېنى سىنگە ئېلىۋالىدۇ دە…. ھەر كۈنى مېنى باشلىقىمغا مەلۇم قىلىدۇ. مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا ئوتتۇرىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانى دەل ئىككى كۆزۈمنىڭ ئارىلىقىغا توغرىلىنىدۇ. ئىككى ياندىكىسى ئىككى كۆزۈمگە ئۇدۇل كېلىدۇ. ئالدىمدىكى كومپيۇتېر ئېكرانلىرى ئۇستىدىن سان-ساناقسىز رەقەملەر لىپىلداپ ئۆتمەكتە…. نەچچە ئەنگىلىيە ۋە دۇنيا مىقيسىدىكى مىليارد دوللارلىق سودا قىلىدىغان بانكا ۋە شىركەتلەرنىڭ كۈندىلىك تىجارەت خاتىرىلىرى قىزىل رەڭدە سىگنال بېرىپ مېنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى ساندان – سان-ساناق ئامبىرىغا يوتكۇۋېتىشىمنى كۈتۈپ تۇرماقتا….. مەن ئىشلەيدىغان بۇ يەردە دۇنيانىڭ پۇلى دەريا سۈيىگە ئوخشاش كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئېقىپ تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ خىزمىتىم ئۈچۈن خوجايىنىم ماڭا بىر يىلدا  30- 40 مىڭ پوند ستېرلىڭ ئارلىقىدا ئىش ھەققى بېرىدۇ ئەمما ئۇلار ئۆزى ئۈچۈن ھەر يىلدا ئاز-كەم 1-2 مىليون پوند ستېرلىڭ ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىدۇ. مەن ئىش ھەققىم قاتارىدا ئالىدىغان بۇ پۇل ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە چاكارلىق قىلىدىغان ياكى بىرەر قېتىملىق تروپىك بەلۋاغدىكى ئارال دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئارام ئېلىشىدا خەجلەيدىغان پۇلى بىلەن تەڭ. ئەنگلىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىگە خاس كاپىتالىزم دېگەن شۇ ئەمما بۇ تۇزۇمنى بۇ دۆلەت خەلقلىرى ياخشى كۆرىدۇ چۈنكى ئۇلار بىزگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.

 

بىر دۆلەت خۇددى بىر ئۆيگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر ئۆي ئادىل، ناھەقچىلىكتىن خالى پاك باشقۇرۇلسا ئۇ ئۆيدە ياشىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىدا ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ 500 يىلدىن ئاشقان پارلامېنت قانۇنى ئۆز پېتىچە بۈگۈنكى كۈنگىچە تەدبىقلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يۈزىدە بىر خىل جۇشقۇن روھ ۋە كۈلكە جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. يەنە شۇ سەۋەپتىنمىكىن پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەرەب نېفىت بايلىرى بولسۇن، ياكى رۇسىيەنىڭ مافىيە مىليونېرلىرى بولسۇن ھەممىسى پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاۋۋال لوندوندىن ھەشەمەتلىك قورۇ جاي ئالدۇ ۋە پۇللىرىنى يۆتكەپ كېلىپ لوندون ياشايدۇ. بەلكىم كونىلار ئېيتقان “سۇ ئويغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا” دېگەن گەپ مۇشۇ بولسا كېرەك.

 

بىر كۈنلۈك ئىشىمنى تۇگۇتۇپ يەنە ئۆيۈمگە ئالدىراش قايتىپ ماڭماقتىمەن. ئۆي- ئۇ ھەممىمىز قايتىپ بارىدىغان، بىر كۈنلۈك ئىشتىن چارچىغان بەدىنىمىز ۋە روھىمىزگە كۈچ تولۇقلايدىغان، ئۆزىمىزنى راھەتلىنىدىغان بىر ماكان.

 

بۇ دۇنيا مۇشۇنداق رەڭگارەڭ قىسمەت ۋە ھىممەتلەرگە تولغان بىر دۇنيا. ئىنسانلار كۆپ نەرسىلەرنى ئىجاد قىلدى. نيۇتون بىر تال ئالمىنىڭ بېشىغا چۈشىشىدىن “تارتىش كۈچى” نەزەرىيىسىنى كەشىپ قىلىپ دۇنيانى زىل-زىلغا سالغىنىغا ئوخشاش ھېكايىلەرنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز ئەمما ئالىملىرىمىز تاكى بۈگۈنگىچە بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارىسىدا دائىم بولۇپ تۇرىدىغان، بارلىق نارازىلىقلارنىڭ مەنبەسى بولغان تەڭسىزلىكنىڭ تەڭلىمىسىنى تېخى يېشىپ بېرەلمىدى… بۇ خۇددى كۇن ھەر كۈنى ئىنساننىڭ نەزىرىدە يېڭىدىن تۇغۇلغان، قۇياش نۇرلىرىنى يەر شارىغا تەڭسىز چاچقىنىدەك بىر ئىش ئەمما بۇ تەبىئەت شۇنداق پەيدا بولغان… ئادەملەرنىڭ بىرلىرى بىر يەرلەردە يىغلايدۇ، ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىنسانلىق ياردىمى تەلەپ قىلىپ ئىلتىجا قىلىدۇ ئەمما ئۇلارنى ئىنسانپەرۋەرلىككە ئىگە ياخشى ئىنسانلار ئاسانلىققىچە ئاڭلىيالمايدۇ…. چۈنكى ئۇلار شۇ قۇياش ئۆز نۇرىنى تەكشى سەپمەيدىغان يەرلەردە ياق ئېگىز تاغلارنىڭ تەسكەي تەرەپلىرىدە ياشايدىغان تۈزۈكرەك ئۇخلايدىغان ئويىمۇ يوق، پۇلى ھەم يوق ئادەملەردۇر… بەلكىم بۇ بايانلىرىم خاتادۇر چۈنكى «قۇياش قىتئەسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئافرىقىدىمۇ بۇنداق ناھەقچىلىكلەر تولىمۇ كۆپ ئەمما ئۇ يەرگە قۇياش ئۆز نۇرنى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ئارتۇق سېپىپ تۇرىدۇ.

 

بۈگۈن پويىزدا ئادەملەر زىيادە كۆپ. ئۇلار قىستىلىشىپ، بىر- بىرلىرىگە چاپلىشىپ سەپەر قىلماقتا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرايدۇ. ئۇلار ھەر خىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەملەر…. مەن قۇلاق ئاڭلىغۇچ ئارقىلىق BBC رادىئۇسىنىڭ 4 – قانىلىنى ئاڭلاۋاتىمەن…

 

“…. ۋىكي مىللس خانىم، 24 ياشلىق ئايال، ئەنگلىيەنىڭ كىۋمبران بازىرىدىن، ئۇنىڭ ئەرمەك مېكىيىنىڭ ئىسمى رىھود، 3 ياشقا كىرگەن، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىغان مېكىيان ئىدى. بىر كۈنى رىھود نىڭ بىر پۇتى سىم توسۇققا ئىلىشىپ قېلىپ سۇنۇپ كەتكەن. ۋىكي خانىم بۇ ئەرمەك توخۇسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بۇ مېكىياننى ھايۋاناتلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. بۇ مېكىياننىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن ۋىكي خانىم ھايۋان دوختۇرخانىسىغا 1،800 پوند ستېرلىڭ تولىدى…..”

 

بۇ 1,800 پوند ستېرلىڭ يەنى جۇڭگو پۇلىدا 18 مىڭ يۇەن دېگەن گەپ…. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم….مەن مۇنچىلىك پۇلغا ئېرىشىش ئۇچۇن 3 ھەپتە قاتتىق ئىشلىشىم كېرەك.  گەرچە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ۋىكي خانىمنىڭ ھېسىياتنى چۈشەنگەن بولساممۇ. ئەمما شۇ دەقىقىدە ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىدا ياكى كەنتنىڭ ھاشار ئەمگەكلىرىدە كەتمەننى تولا چېپىپ قوللىرىنى قاداق بېسىپ كەتكەن قىيامەتلىك قوشنىمىز راخمان ئاكىنىڭ مەھەللىنىڭ توپلۇق يولىدا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئارتىپ يالاڭ-ئاياق، مۈكچەيگەن ھالەتتە كېتىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنىشى كاللامدا غىل-پاللا ئەكس ئەتكەندەك بولدى. شۇنى ئېنىق بىلىمەن راخمان ئاكا پۈتۈن ھاياتى بويىچە يەر بىلەن ئېتىشىپ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىپ يۈرۈپ تاكى بۈگۈنگىچە ئەنگلىيەدىكى بىر خانىم بىر مېكىيىنىنىڭ پۇتىنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغانچىلىك 18 مىڭ يۈەن پۇلنى تېخى كۆرۈپ باقمىدى……

 

مانا ئېىنگلىزلارنىڭ ھەشەمەتلىك داچىلىرى، ھويلىلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلىق يازلىق ۋە قىشلىق، ئەرەنچە ۋە ئايالچە پىكاپلار. مەن ھەيۋەتلىك ئەمما پىنھان كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ خىلۋەت كوچىلارنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاخىر ئوز ئۆيۈمگە ياق مەن ۋاقىتلىق بەرپا قىلغان ئۆيۈمگە قايتىپ كېلىۋالدىم.

 

مېنىڭ نېرۋىللىرىمنى بۇ بىر كۈنلۇك خىزمەت ئالدىراشچىلىقى خېلىلا چارچاتقان بولسىمۇ ئەمما مەن ئۇمۇدلۇك، ۋۇجۇدۇمدا  ھاياتقا، ئىنسانلىققا بولغان سۆيگۇ ھەر ۋاقىت جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ. مەن ھەرگىز يالغۇز ئەمەس، بۇ ئىنسان دۇنياسىدا ماڭا ئوخشاش يەنە مىليونلىغا قەلىبلەر ئۇمۇد بىلەن كېلىچەككە باقماقتا. بۇ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۇشۇنۇش ئۇچۇن تىرىشماقتا….

 

دوستۇم ، سىز  شۇنى ئ‍سىڭىزدە تۇتۇڭكى بۇ دۇنيادا كۇچلۇكلەر ياشىيالايدۇ، ئاجىزلار ئىنسانلارنىڭ ياشاش رىقابىتىدىن شاللىنىپ قالىدۇ. بىر ئادەمنىڭ مەيلى قەيەردە بولىشىدىن، نېمە  ئىشلار بىلەن شۇغۇللىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى تەبىئ‍يكى شۇ ئادەمنىڭ بىر جۈپ چىۋەر قولىدا.  بىزنىڭ ئاتىللىرىمىز ئ‍يتقان «جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باق» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى بار، بەلكىم بۇ ئەقىل سۆزىنىڭ بىر يەرلىرى سىز ۋە بىزنىڭ بۈگۇنكى ھايات يوللىرىمىزغىمۇ ئاز – تولا  ئۇيغۇن كېلىدىغاندۇ.

 

دوستۇم، سىز ھاياتتىن ئۆكۈنۈپ يۇرمەڭ ، سىز ئەقىل – ئىدىرىكىڭىزنى ئىككى قۇلىڭىز بىلەن تەڭ ئىشلەتسىڭىز بۈگۇنكى سىز زارلاۋاتقان تۇرمۇشىڭىزنى، ھاياتىڭىزنى چوقۇم ئۆزگەرتەلەيسىز، قېنى، ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر روھىغا خاس ئۈمۇدلىك روھ ۋە شىجائەت بىلەن بۇ دۇنيانىڭ بىز دۇچ كېلىۋاتقان رىقابىتىگە بىرلىكتە جەڭ ئېلان قىلايلى.

 

30 – يانۋار، 2014- يىلى. لوندون

 

 

 

ئەسلى مەنبە باغداش تورى:

http://bbs.bagdax.cn/thread-22544-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !