مۈشۈك بېقىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئ‍اڭلاش: Baharni_seghindim.mp3

 

“سېرىق كۈچۈك” ، لەڭگەر، 1981- يىلى

 

our_kitten_tig

مەن سەھرا بالىسى بولغىنىم ئۈچۈنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ ھايۋان – ئاتلارنى بېقىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بىزنىڭ ئۆي تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇرۇنقى زامانلاردا سودا كارۋانلىرى خوتەندىن خوتەن دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ بىزنىڭ بۇ بوستانلىق يۇرتىمىزغا كېلىپ چۈشكۈن قىلاتتىكەنتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ يۇرت دەل مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىدە بولغاچقا «لەڭگەر» دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن. بەلكىم مېنىڭ يەتتە – سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى ۋاقتىم بولسا كېرەك، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە ئائىلىمىزنىڭ بىردىن بىر قاتناش قورالى بولغان ئېشىكىمىزنى مىنىپ، ئالدىمغا ئون نەچچە قوينى سېلىپ مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن، گاھىدا بوۋام بىلەن بىللە تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرىدىكى جاڭگاللىقتا پادا باققان كەچمىشلىرىم خۇددى كۆرگىلى ئۇزاق بولغان چۈشتەك خىيالىمدا غۇۋا پەيدا بولىدۇ ………

ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش

“ئۇيغۇرچەئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(ھېكايە)

 

ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Uyghurche_sozlishish.mp3

ھېكايىنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

ئىش ئورنۇمدىن مىڭ تەسلىكتە ئىككى سائەتلىك رۇخسەت سوراپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىكىمنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ساقچى پونكىتىنىڭ نوپۇس بېجىرىش بۆلۈمىگە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئىلتىماس قىلىشقا باردىم. شۇنچە ئەتىگەن بارغىنىمغا قارىماي نوپۇس بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر ئالىممۇ بۇرۇن ئارغامچىدەك ئۇزۇن ئۆچىرەتتە ئۆز نۆۋەتلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈشنى باشلىۋېتىپتۇ. نە ئامال، شەھىرىمىزدە ئادەم كوپ، مەنمۇ ئالدىراش بۇ ئۇزۇن سەپكە قوشۇلدۇم ………

لوندون قەشقەر كوچىسى

لوندون كوچىلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ”كىچىك“ ئىزلىرى

 

(بۇ ماقالە بىرىتانىيە BBC ئاگېنتلىغىنىڭ ئۆزبەك سەھىپىسىدە 2008- يىلى 10-يانۋار ئېلان قىلىنغان)

 
 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: London_Qeshqer_kochisi.mp3

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى

 

 

ئەگەردە سىز كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇيۇك برىتانىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا، لوندون كوچا خەرىتىسىگە قاراپ ”ك“ ھەرپىدىن كوچا ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە ۋە پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇش بولغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىسمى ”قەشقەر كوچىسى“ (Kashgar Road) كۇزىڭىزگە چېلىقىدۇ ۋە سىزنى ھەيرانلىققا چومدۇرىدۇ.

 

قەشقەر كوچىسى Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىPlumstead بولىگىگە جايلاشقان.

 

ۋەھالەنكى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان، ئەمما بۇگۇنكى كۇندە غەربكە ناھايىتى ئاز تونۇلغان بۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 11-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. ”قەشقەر“ سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇركى تىلىدىكى مەنىسى ”دەريا قېشى ياكى قاش“ دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، قەشقەر شەھىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان. ……….