يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 1960- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپ ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 1960- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپ


”تىل بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدىكى شەرت ھېساپلانسا، يېزىق شۇ تىلنىڭ راۋاجلىنىش كاپالىتىدۇر.“

 
مەن يېقىندا باغداش تور سەھىپىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ”ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ “ دېگەن تېمىدىكى سۇئال ۋە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنى كۆردۇم. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇزەمدە بۇ ھەقتە كونا كىتاپلارنىڭ بارلىغىنى ئېسىمگە ئېلىپ، شۇ كىتاپلاردىكى مەزمۇنلارنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۇرۇشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ قويغان ئىدىم ئەمما بۇ ئىشنى قىلىش ئۆتكەنكى 2 – 3 ئايلاردىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا نېسىپ بولمىدى. بۇ تەرپىى سىلەرگىمۇ ئايان ئەلبەتتە، ھەمىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى كوپ، ۋەزىپىمىز ئېغىر، بىر كىشلك خىزمەت ئالۋىڭىنى ئادا قىلىپ ئائىلىمىزنى باقمىساق بولمايدۇ، بالىللىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۇل بولمىسەك ھەم بولمايدۇ. خەلقىمىز كوڭۇل بۆلىدىغان مەسىلىلىرگەقۇلاق سالمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ….“قىلمىساق بولمايدۇ…“ لار بىز ئۇچۇن كۆپ، ۋاقىت بىر- بىرىگە ئۇلاشماي ئادىراشچانلىقتا ئۆتۇپ كېتىۋېرىدۇ………..

 
ئارلىقتىن بىر مەزگىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەن بۇگۇن بۇ ھەقتىكى تېمىنى قاياتا كۆرگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن قىممەتلىك 2 سائەت ۋاقتىمنى بۇ تېما ئۇستىدە سەرىپ قىلىشنى قارار قىلىپ، كىتاپخانەمدىن شۇ توغرىسىدىكى بىر كىتاپنى تېپىپ چىقتىم.

 
بۇ كىتاپ 1960- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىرقىلىنغان بولۇپ ئىسىمى ”سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلبىسى ئۇچۇن، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىغى ۋە ھەمكارلىغى ئۇچۇن كۈرەشەيلى“. بۇ كىتاپنى مەن 1991- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدە ئوقۇش پۇتتۇرۇپ، خىزمەت تەقسىماتى كۈتۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كونا كۇتۇخانىسى ئارقىسىغا ئاق رەڭلىك 10 نەچچە قەۋەتلىك بىر ھەيۋەتلىك كۇتۇپخانا سېلىنىپ، ئىشقا كىرۇشتۇرۇلگەندىن كېيىن، بارلىق كىتاپالارنى شۇ كونا كۇتۇپخانىدىن بۇ يېڭى كۇتۇپخانىغا يۆتكىگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بارلىق ”قىممىتى يوق كىتاپلار“ دەپ قارالغان كىتاپلارنى 1 مۆچەندىن تۆكمە قىلىپ ساتقان. مەن شۇ ۋاقىتتا 1940- يىللىرى تاشكەنتتە بېسىلغان ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى كىتاپلاردىن تارتىپ 1980- يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە يېڭى يېزىقىدىكى كىتاپلاردىن بولۇپ، ئۆزەم قىممىتى بار دەپ قارىغان 100 نەچچە كىتاپنى تاللاپ سېتىۋالغانلىغىم ئېسىمدە. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتاپلار مەن ئۇچۇن ئوقۇش پۇتتۇرۇشتىنمۇ كۆپىرەك بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلغان، ئۆزەمنى بىر تېپىلماس بايلىققا ئىگە بولغاندەك ھېىس قىلغان ئىدىم.

 
مەن تۆۋەندە 1960- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۇمەت رەئىسى ۋە جۇڭگۇ كوممنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارمىقىنىڭ 2- سېكرىتارى بولۇپ خىزمەت قىلغان سەيپىدىن ئەزىزنىڭ تەشەبۇسكارلىغى ۋە جۇڭگۇ ھۆكۇمەت باشلىقى جۇئېنلەينىڭ بىۋاستە كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئۆزگەرتىش توغرسىدا نەشىر قىلنغان كىتاپتىن قىسقىچە چۇشەنشە بەرمەكچىمەن.

 
مەزكۇر كىتاپتىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرلار 10- ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ 1000 يىللاردىن بۇيان قوللۇنۇپ كەلگەن ۋە بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل نامايەندە ۋە جەۋەرلىرىنى ياراتقان ئۇيغۇرنىڭ ئاتا مىراس يېزىقىنىڭ قانداق بىر شارائىتتا، قانداق تەشەببۇسكارلىق، سەۋەپ ۋە تەشۋىقاتلار بىلەن 1960- يىلىغا كەلگەندە خەن يېزىقىنىڭ فونتىكىلىق (پىن يىن) ئېلىپبەسىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ خەلقنىڭ رايىسىز مەجبۇر ئۆزگەرتىلگەنلىكى توغرسىدىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىرتۇرلۇك تارىخىي ئارقا كۆرۇنۇشلۇك مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

 
1962- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بولغان 20 يىل داۋام قىلغان ئاتالمىش ”مەينەت ئىنقىلاۋى“ نىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئوزگەرتىش ۋە يېزىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كۈرۇشى شۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەزەلدىنلا مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتى ئارقىلىق سۇننىي شەكىلدە ساۋاتسىز قالدۇرۇلدى، يۇز مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى مەزكۇر يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىگىگە ئۇچىراپ قايتىدىن ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. پۇتۇن ئەۋلاد بويىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۆلچەرلىگۇسىز يوقتۇشلارنى ئېلىپ كەلدى. قىسقىسى بىر ئائىلىدە ئاتا بالىسىنىڭ يازغان خېتىنى تەرجىمانسىز ئوقۇيالمايدىغان، بالا ئاتىسىنىڭ يازغان خېتىنى تەرجىمانسىز ئوقۇيالمايدىغان يېڭى تىپتىكى ساۋاتسىزلارنى يىتۇشتۇرگەن بۇ ئاتالمىش يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ ئەلەملىك يارىسى خەلقىمىزنىڭ خاتىرىسىدىن تېخى كۆتۇرۇلمىدى. بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش بالاسى تۇگىگەندىن كېيىنكى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقى قايتىدىن ئۆز ئەسلىگە كېلىش، گۇللۇنىش باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا پەيىتتە ”قوش تىللىق مائارىپ“ سىياسىتى ئىجات قىلىنىپ بوۋاقلاردىن باشلاپ خەن تىلى ئۆگۇنۇشكە مەجبۇرى قىلىندى ….

 

تارىخ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئۆتكەن كۇنلەردىن ساۋاق ئېلىپ، كەلگۇسىنى قانداق يارتىشىنى ئۆگۇتۇش مەقسىتىدە يېزىلغان بولىدۇ.

 

جۇڭگۇنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك قانۇن – بەلگىلىمىللىرى بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىگىسى ھېساپلانغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل ۋە يېزىقى ”يېزىق ئۆزگەرتىش“ بالاسىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۇنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم ھايات – ماماتلىق قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئاي بۇ يىللاردا ئۆتكەنكى يېزىقىمىزنىڭ ئۆزگەرتىلىش تارىخىنى ئەسلەش، شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائى ۋە سىياسى ۋەزىيەتلەرنى ئۆگۇنۇش، تەتقىق قىلىش بەدىلىگە كەلگۇسى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدا تولۇق قوللۇنۇلىشىدىكى قانۇنىي ئورنىنى قوغداش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمايى ساھەلىردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش ۋە كەلگۇسى تەرەقىياتىغا قانداق بىر توغرا يول تېپىپ چىقىش توغرسىد اچوڭقۇر ئويىلىنشىمىزغا ئېلىپ بارىدۇ ئەلبەتتە.

 

ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ 1949- يىلىدىن كېيىنكى تەرەقىيات تارىخى ۋە كەلگۇسى تەقدىرى ئۇستىدە ئىزدىنىۋاتقانلار ئۇچۇن، بولۇپمۇ كەڭ ياشلىرىمىزغا ئاتا – ئانا ۋە بوۋىللىرىنىڭ بېشدىن ئۆتكۇزگەن ئەينى يىللاردىكى ”مەدەنىيەت“ يوقۇتۇش بالايى – ئاپەتلىك يىللاردا قانداق جىسمانىي، مانىۋىي كۇلپەت ۋە كۈرەشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلىگىنى بىلدۇرۇشتىمۇ قىممەتلىك بىر تارىخ دەرسى بولالايدۇ دىگەن ئۈمۇتتىمەن.

 

كىتاپ توغرسىدا

 

كىتاپ ئىسىمى:
”سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ تىل – يېزىق ساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلبىسى ئۇچۇن، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىغى ۋە ھەمكارلىغى ئۇچۇن كۈرەشەيلى“

 
كىتاپ ئىچىدىكى مەزمۇنلار :
بۇ كىتاپقا 1960- يىلىدىن بۇرۇن يېزىلغان سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا زاكىروۋ (ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى: ئاپتونۇم رايولۇق ھۆكۇمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئسى ، تىل- يېزىق كومىتىتىنىڭ مۇدىرى)، ئەلقەم ئەختەم (ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى: ئاپتونۇم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ) قاتارلىقلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۇرلىگى توغرسىدا يازغان (يىغىنلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى) ۋە كىتاپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1959- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى بېسىلغان بىر پارچە باش ماقالىسى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ماقالىلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانلىغى قەيىت قىلىنغان.

 
كىتاپ مۇندەرىجسى:
سەيپىدىن ئەزىزى: سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ تىل – يېزىق ساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلبىسى ئۇچۇن، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىغى ۋە غەلبىسىى ئۇچۇن كۈرەشەيلى

ئابدۇللا زاكىروۋ: يېزىق ئۆزگەرتىش ھەققىدە دوكلات

ئەلقەم ئەختەم: يېڭى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى

شنجاڭ گېزىتىنىڭ 1959- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى باش ماقالىسى:

ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىغىنى تۇپتىن ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى

 
كىتاپ ھەجىمى ۋە سانى:
147 بەتتىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، 5000 دانە بېسىلغان.
كىتاپ نۇمرى MT9098.1
كىتاپ باھاسى : 0.28 يۇئەن.
كىتاپنى نەشىر قىلغان ئورۇن ۋە ۋاقتى: شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇرۇمچى. 1960 – يىلى.

 

كىتاپتىكى مەزمۇنلاردىن قىسقىچە ئۈزۇندىلەر:

 

– ”ئازادلىقتىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە ماۋجۇشىنىڭ توغرا رەھبەرلىگىدە ئۇلۇغ خەنزۇ خەلقىنىڭ يېقىن ياردىمى ئارقىسىدا، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە بولسۇن، چوڭ تەرەقىياتلارغا ئىگە بولدى. بۇ چوڭ تەرەقىياتلار مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق تەرەقىياتىنىمۇ ئالغا سۇردى.“
– سەيپىدىن ئەزىزى (2- بەت)

 
– “قوللۇنۇلۋاتقان يېزىقنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا مۇۋاپىق ئەمەسلىگى، ئۇنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۆگۇنۇشكە قىيىنلىغى ھەممىگە مەلۇم …“
– سەيپىدىن ئەزىزى (2- بەت)

 
-”سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ۋە خەلق گوڭشېىلىرىنىڭ ئومۇلاشتۇرۇلۇشى نەتىنجىسىدىكى تەرەقىياتلار مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىغىنىڭمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە. ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ يېزىغى ئەندىكى يېڭى تەرەقىياتقا ماسلىشالماي قالدى. شۇڭا كونا يېزىقنى ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق بولغان يېڭى يېزىقنى قوللۇنۇش خېلىدىن بىرى بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بىرى ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن مانا مۇشۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى يېزىق لاھىيىسىنى، يەنى خەنزۇ تىلىنىڭ فونىتىكىلىق ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىق لاھىيسىنى ئىشلەپ چىقتى.“
– سەيپىدىن ئەزىزى (3- بەت)

 
– ”بىزنىڭ مۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىللىرىمىز نىمە؟ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەشتىن بۇيان تەرەقىيات سۇرىتىمىز 10 يىل ئۆپچورىسىدە ئاساسىي سانائەت مەسھۇلاتلىرى بويىچە ئەنگلىيەگە يېتىشىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش…“
– سەيپىدىن ئەزىزى (3- بەت)

 
– ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى كۇچەيتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ كېتىش يولى بويلاپ تەرەققىي ئەتتۇرۇش ئۇچۇن تىل- يېزىق جەەتتىكى ئۆز -ئارا يېقىنلىق ۋە ئورتاقلىقنى كۇچەيتىش مۇھىم شەرتتۇر… ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەقەت ئۆز تىلى، ئەدەبىياتى بىلەنلا مەدەنىي – مائارىپ، پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا يۇقۇرى تەرەقىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرشۇ ئەلدىكى كۆپ سانلىق ئىلغار مىللەتكە يولۇنىشى، ئەگىشىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر پەقەت كۆپ سانلىق ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەنلا تەرەققىي قىلالايدۇ.“
– سەيپىدىن ئەزىزى (3- بەت)

 
– ”مىللەت كاپىتالىزىم دەۋرىدە يوقتىن بار بولغان بولسا، سوتسىيالىزىم دەۋرىدە يېڭى مەزمۇندىكى يېڭى مىللەتكە ئايلىنىدۇ، كوممۇنىزىمغا بارغاندا يوقۇلىدۇ.“
– سەيپىدىن ئەزىزى (12- بەت)

 
– ”جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ خەلقىغە بىرلىشىدۇ، خەنزۇ خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، تىل – يېزىغى ھەممە ئۇچۇن ئورتاق خۇسۇسىيەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا جەمىئيەت تەرەقىياتىنىڭ مۇقەررەر يۆلىنىشىدۇر.“
– سەيپىدىن ئەزىزى (14- بەت)

 
– ”ئاسمىلاتسىيە – بۇ ئەسلىدە بىر نەرسىنىڭ ئىككىنچى بىر نەرسىگە قوشۇلۇپ كېتىشى دىگەن سۆز. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە بولسا، مىللەتلەرنىڭ چېتىلىپ، بىرلىشىپ، ئارلىشىپ كېتىشىگە ئېيتىلىدۇ. كاپىتالىستىك ئەللەردە چوڭ مىللەت ھۆكۇمىرانلىرىنىڭ كىچىك مىللەتلەرنى مەجبۇرى يوسۇندا ئاسمىلاتسىيە قىلىشى بار. بۇ مىللىي زۇلۇمنىڭ ئەڭ كۆرۇنەرلىك بەلگىسى. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زادى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ مىللي خۇسۇسىيىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قەستەن چوڭ مىللەت بىلەن باراۋەرلىكىگە، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇش ھەم قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ ھاقارەتلەيدۇ. شۇ مەقسىدىگە يېتىش ئۇچۇن ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئەكسىيەتچى نەزىريەلىرىنى تەشۋىق – تەرغىپ قىلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ مىللي خۇسۇسىيەتلىرىنى مەجبۇرىيەت بىلەن يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ…“
– سەيپىدىن ئەزىزى (15 – 16- بەت)

 

– ”مانا بۇ مىللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيەگە مەجبۇرى قىلىش ۋە تارىختىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۇمىرانلارنىڭ ئاسىمىلاتسىيەتۇرلىغى بولىدۇ ئەمما بۇنداق ئاسمىلاتسىيەتۇرلۇق ھەرقاچان، ھەر يەردە مىللەتلەرنىڭ قەتئىي قارشىلىغىغا ئۇچۇراپ كەلدى. مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىدە بۇنىڭغا قارشىلىق بار، بۇنداق ئاسمىلاتسىيە مىللىي ئىنقىلاپ تۇغدۇرغۇچى ئامىللارنىڭ بىرسى.“
– سەيپىدىن ئەزىزى (16- بەت)

 
– ”يەرلىك مىللەتچىلەر تىل مەسىلىسىدە مۇنۇ بىر نەچچە تۇرلۇك قارشىلىق بىلەن مەيدانغا چىقتى: ئۇنىڭ بىر خىلى خەنزۇ ئاتالغۇللىرىنى زادى ئالماسلىق. ئۇلار تىلنىڭ مىللىيلىغى يوقۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن دەرۋازىنى بېكىتىۋېلىش، خەنزۇ تىلىنى چەتكە قېقىش….“
– سەيپىدىن ئەزىزى (23- بەت)

 
– ”جۇزۇڭلى كۆرسەتكەندەك: <<يېزىقنى ئۆزگەرتىش پۇتۇن خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ بىر ئىش. ھۆكۇمەت بۇ ھەقتە ئېھتىيات بىلەن ئىش ئېلىپ بارماقتا>>“.
– ئابدۇللا زاكىروۋ (81- بەت)

 
– ”كونا يېزىقنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى يېزىق قوللۇنۇش مۇددىتى:
بىز ھەر جەھەتتىكى تەلەپ ۋە ئىمكانىيەتكە قاراپ، يېڭى يېزىق لاھىيىسىنى سىناق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش مۇددىتىنى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە (1960- يىلىدىن 1962-يىلىنىڭ ياكى 1964- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە) قىلىپ بەلگىلەشنى تەكلىپ قىلىمىز.“
– ئابدۇللا زاكىروۋ (82- بەت)

 
”1960–1961 يىلى ئوقۇش يىلىغا قوبۇل قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇر، قازاق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا يېڭى يېزىق بىلەن دەرىس ئۆتۇلۇدۇ.“
– ئابدۇللا زاكىروۋ (85- بەت)

 
– ”ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىللىرىنى خەنزۇ تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلىپ تولۇقلىشى ۋە بېيىتىشى ئۆبېكتىپ تەرەقىياتنىڭ مۇقەررەر ئومۇمى ئېقىمى.“
– ئەلقەم ئەختەم (101- بەت)

 
– ”تىل – يېزىق ساھەسىدە بۇرژۇئا تىلشۇناسلىق كۆز قارىشىدا بولغان بىر قىسىم زىيالىيلار خەنزۇ تىلىدىن مىللەتلەر تىللىرىغا سۆز قوبۇل قىلىشنى خالىماستىن ئۆز تىلىدىكى تۈپ سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى سۆز ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.“
– ئەلقەم ئەختەم (120- بەت)

 
– ”ھەر قايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرى سۆز – ئاتالغۇلارنى ھەر خىل قوللىنىپ كەلدى. مەسىلەن: بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ‘ۋېيشىڭ’، ئۈرۈمچى شىنجاڭ گېزىتىدە ‘سۈنئىي ھەمراھ’، قەشقەر گېزىتىدە ‘يەر يولدىشى“….’
– ئەلقەم ئەختەم (122- بەت)

 
– ”بەزى كىشىلەر ”مىللىي ئاسمىلاتسىيەگە قارشى تۇرۇش“ نى بانا قىلىپ، خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئاساس قىلىشقا قارشى چىقتى. بۇ بۇرژۇئا مىللەتچىلىكىدۇر.“
– شىنجاڭ گېزىتىنىڭ باش ماقالىسى (144- بەت)

 

1960 – يللىرىدىكى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ مەسئۇللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا نەشر قىلىنغان كىتابتىن بىر قىسىم رەسىملىك كۆرۈنۈشلەر:

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسى باغداش تورى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-19059-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !