دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  (سىياسىي ئوبزور)

 

بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى
لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6-ماي

 

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن.

 

مەن، خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرمەن.

 

بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، يادىمغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى، ئاچارچىلىق ۋە ئاتوم – يادرو قوراللىرى سىناقلىرىدىن كېلىپ چىققان قۇم-بورانلىق چاڭ-توزانلار كېلىدۇ.

 

مەن 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشقا كىرىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشتۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن 1990-يىللىرىدىكى مىليونلىغان ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مەنزىللىرى خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولدى. مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرى ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، 20 يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.

 

ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەندەك 16 ياشلىق بىر بالىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشى تولىمۇ مەنتىقسىزلىق ئىدى. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر جىنايىتىم يوق ئىدى. مەن پەقەت 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12- دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، ئۆزۈم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئىشلەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەقە بۈگۈندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە يىپ يېڭى تۇرۇپتۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مېنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەقىقىي «ئۆكتىچى» قىلدى ۋە مەن بۈگۈنگە قەدەر مۇساپىرچىلىقتا سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.