مۇزىكا
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
20-07-2018
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Muzika.mp3
بەئەينى تۈندىكى جىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاقاندەك
غۇۋا بىر مۇزىكا قۇلىقىم تۇۋىدە ئاڭلىنىۋاتاتتى
پەرىزىمچە ئۇ كونىراپ كەتكەن بىر پىئانىنودىن كېلىۋاتىدۇ.
بەلكىم بۇ مۇزىكىنى بىر ئاق چاچلىق موماي چېلىۋاتىدۇ
چۈنكى ئۇ ياشلىقىدىكى نادامەتتە قالدۇرغان ئاشىقىنى سېغىندى …
بۇ مۇزىكا ئاستا – ئاستا پەنجىرىدىن ئۆملەپ كىرمەكتە
«خوش كەلدىڭىز» دېدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە
«سىز روھىمغا چۈشكەن چۈشكۈنلۈكنى تازلىيالامسىز؟» دەپ سورۇدۇم
ئۇ جاۋابەن ئاھاڭلىرىنى تېخىمۇ لەرزان ياڭرىتىشقا باشلىدى…
مۇزىكىنىڭ مىسكىن قەلبلەرنى ساقايتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
مۇڭلۇق مۇزىكا شائىرلارغا لىرىكا يېزىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ
ئۇ شۇنداق ساپ، شۇنداق بىغۇبار، شۇنداق ئاق كۆڭۈل،
ئۇ كىشلەرگە ھىسداشلىق قىلىشنىلا بىلىدۇ
ئۇ سىزنىڭ بۇرۇن يوقۇتۇپ قويغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
مەن مۇزىكا ئاڭلاشقا ھىچ بىر زامان قېرىق بولۇپ باقمىدىم
مەن ئۆيۈمدە قانداق مۇزىكا تاپالىسام شۇنى ئاڭلايمەن
ھازىر مۇزىكا ئاڭلاش ئۈچۈن رادىئونىڭ مۇزىكا قانىلىنى ئاچتىم
ئەمما بۇ يەردە ئادەملەر ئاياللارنىڭ لەۋسۇرۇخى ھەققىدە گەپلىشىۋېتىپتۇ
مەن مۇزىكا پىلاستىنكىسىنى ئىزدەشكە باشلىدىم …
ئۇيغۇر مۇقامىنى ئاڭلايمۇ ياكى ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكىسىنىمۇ؟
ياكى جاھان مۇزىكىسىنى ئاڭلايمۇ؟
ئانام مېنى دەرتلىك كۈنلەردە تۇغقان بولغاچقا –
مەن مۇزىكا ئاڭلاشقا ھېرىسمەن بولۇپ چوڭ بولۇپتىمەن.
تەلىيىمگە ئايالىممۇ مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق
كۆزۈمنى يۇمۇپلا بىر تال سىن پىلاستىنكىسىنى قۇلۇمغا ئالدىم.
ئازاپلانغان ۋاقىتلىرىمدا مۇزىكا ماڭا جانان بولىدۇ
چۈنكى بۇ كۈنلەردە ماڭا ھەمراھ بولالايدىغان نەرسە پەقەت شۇ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈزى شەرمەندە سىياسەتتىن
ئايىغى چىقماس ئۇيغۇرچە رىيازەتتىن خالى
ئۆزۈمنى بىر مەھەل بولسىمۇ ئۆزلۈكىمدە ھېس قىلىۋالىمەن
ئۇ مېنىڭ روھىمنى ئۇرغۇتىدۇ، پاكلايدۇ …
ئۇ ماڭا جاسارەت، راھەت، ئۇمۇت ئاتا قىلىدۇ
مەن ئۇنىڭ لەرزان ئاھاڭلىرى ئىچىدىكى ھەر بىر رىتىمىدىن
ئۆزۈمنى تنىچلىق كۈلبەسىگە مەھكۈم بولغاندەك تۇيىمەن
ئېزىتقۇغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەتىنى
ئافىرقىدا كۆتۈرۈلگەن نۇرلۇق قۇياش ئىچىدە كۆرىمەن!
2018-يىلى 18-ئىيۇل، لوندوندا يېزىلدى.
* بۇ شېئىر ئەسلى ئېنگىلىزچە يېزىلغان ۋە شۇ نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
شېئىرنى ئېنگىلىزچە ئوقۇش: http://www.azizisa.org/en/music