ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

Ottura Asiyagha leghmen bilen tonulghan Uyghurlarئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(مەزكۇر ماقالە « ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ 2017 – يىلىلىق 1- سان نەشىرى ئاساسدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى قايتا نەشىر قىلدى)

 
[ The Uyghurs are known in Central Asia for their leghmen ]

 
كىرىش سۆز

 
بىر مىللەتنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن مول ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرى ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىدۇر. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى بارلىق ھايات پائالىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىك ھايات كەچمىشىنى، ھايات كۆچۈرۈشتىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي ساھەلىرىنى ئۆگىنىش، ئەنئەنىۋىي ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۇنى زامانغا يارىشا كەسىپلەشتۈرۈش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ مەدەنىيەتكە ئىلمىي ۋە جانلىق ئۇسۇلدا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز تائاملىرىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يېمەك-ـ ئىچمەكلىرىنى قوشنا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن قىتئە ھالقىپ چىقىپ، بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق كۈچى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرۇش ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قۇتۇپلىشىشى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگىدۇر.

 
مانا شۇ مەقسەتلەر بىلەن مەزكۇر ماقالە كېڭەشلەر ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ چىقىپ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەرگە تىزدىن يامراپ، ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىشى، ھەتتا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى خەلقلەرنىڭ تائام تىزىملىكىدىمۇ «ئۇيغۇر لەغمىنى» (Уйгуриский лагман) دېگەن بىر تائامنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى، بۇ يېڭى ئەسىردىكى «لەغمەن » (Лагман) قىزغىنلىقى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لەغمەنگە باغلاپ تونۇشى، بىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي تەسىرلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە قوشنا تۈركى خەلقلەرنىڭ ھاياتىدىكى بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 
21 ـ ئەسىردىكى دۇنيا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى تارىخىي، جۇغراپىيەۋى، ئېتنىك باغلىنىشلارغا ئاساسەن دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان ياۋرو ـ ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ تېررىتورىيەلىرىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. گەرچە ئۆتكەنكى ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە بولغان كېڭەشلەر ئىتتىپاقى 1991 ـ يىلى يىمىرىلىپ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي دۆلەتچىلىك ۋە ھازىرقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەھىپىسىنى ياراتقان بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ ۋە شۇ مىللەتنىڭ تۈپ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى تەبىئىيكى بۇ رايونغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

 
بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسىغا «سىتان» دەپ تونۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا (سابىق سوۋېت رېسپۇبلىكىلىرى) ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان مىسلىسىز سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇلارنىڭ 25 يىللىق مۇستەقىل مىللىي دۆلەتچىلىك مۇساپىسىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىك ۋە تارىخىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىش، ئۆز ۋە ئۆزگىلەرنى تونۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مىللىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش، ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلى ۋە سىمۋولىنى يارىتىش، ئۆز جەمئىيەتلىرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇلارغا مۇستەملىكىچى بولغان دۆلەتنىڭ مىراسخورى بولغان رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك دۆلەتچىلىكتىكى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 10 يىلىنى ئالدىراش ئۆتكۈزدى. ھەم ئەنە شۇ يىللاردا بۇ ياش مۇستەقىل دۆلەتلەر شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى گىگانت قوشنىسى بىلەن قانداق بىر مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشتەك دىپلوماتىك سىناققا دۇچ كەلگەن ئىدى.

 
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇچۇن شەرقتىكى مۇھىم قوشنىسى خىتاي بىلەن بولۇپمۇ ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بەرپا قىلىش بىلەن تەڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن مەۋجۇت بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتمىگەن ئاساستا ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىشتەك بىر زۆرۈرىيەت تۇغۇلغان ئىدى. ئەلۋەتتە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ھەر قانداق بىر ھەمكارلىق ئۆز ـ ئارا ئېرىشىدىغان مەنپەئەتنى چىقىش قىلغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن دەسلەپتىكى بىر سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق گەۋدىسى بولغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى روسىيەنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 2001 ـ يىلى شاڭخەيدە قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان دۆلەتلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك كۈچلەرنىڭ بۇ ياش دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىق ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇشنى جۇڭگۇ ۋە رۇسىيە باشلامچىلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۆتىدۇ.

 
ئەمما دۇنيانىڭ سىياسىي كۈن تەرتىپلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن ـ ئۇستى قىلىۋەتكەن «11 ـ- سېنتەبىر» تېررور ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان «تېررور» غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلىرىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالىدۇ.

 
دېمەك مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى 25 ياشقا كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك قېرىنداش بولغان بىر دۆلەتنىڭ ساھىبى بولغان قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۇيغۇرلارنى زادى قانچىلىك بىلىدۇ؟ قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟ ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتىگە، كىملىك ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟

 
ئۇنداقتا ئۇشبۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشنى ئاۋال ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىمدىن باشلاپ، ئەشۇ يىللاردا مەن مۇئامىلە قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بۇ دۆلەتلەردە ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي تەكشۇرۇش مەنبەلىرى ئاساسىدا ئىزدىنىپ كۆرەي.

 
بالىلىقىمدىن تارتىپ مەن ئۈچۈن ناھايىتى سىرلىق تۇيۇلۇپ كەلگەن «ئوتتۇرا ئاسىيا» مۇستەقىل دۆلەتلىرىگە قەدىمىم تۇنجى قېتىم بىر مۇساپىر سالاھىيىتى بىلەن 1999 ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە باسقاندىن بۇيان ئۆتكەنكى 15 يىلدا نەچچە نۆۋەت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئارام ئېلىش مەقسەتلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىملاپ زىيارەت قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولدۇم. بولۇپمۇ 2015 ۋە 2016 ـ يىللىرى قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېكىستانلارغا قىلغان سەپەرلىرىم داۋامىدا مەزكۇر دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىنى ئۆگەندىم، جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانلىرىدا قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ كەمىنىنىڭ «ئۇيغۇر» مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنكى ئىنكاسلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى لەغمەن ئارقىلىق تونۇيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشى ھەمىشە بولۇنۇپ تۇرىدىغان غەيرى-ـ رەسمىي پاراڭلار داۋامىدا دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىشقا باشلىدى.

 
ئەجەبا تارىختا كەڭ زېمىنلاردا ئىمپېرىيە ۋە خانلىقلار قۇرغان، مەركىزىي ئاسىيادا ئەڭ بالدۇر شەھەرلەشكەن، ئەڭ بالدۇر ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، دېھقانچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە يېتۈك ئۇيغۇر تۈركىي مەدەنىيىتىنى يارىتىش ھېسابىغا قالدۇرغان ھەر ساھەدىكى پەن ـ مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتى دەۋرلىرىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ باشقۇرۇپ، مەھمۇد قەشقەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىملىرى بىلەن جاھانغا تونۇلغان، ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامى «ئۇيغۇر» نىڭ مەنىسى تۈركى قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز ـ ئارا «بىرلىشىش، ئۇيۇشۇش» نى چاقىرىق قىلغان ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بۇ پاساھەتلىك خەلق تارىختا قېرىنداشلىرىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ئوبرازى بولۇپ تونۇلۇپ كەلگەن بولسا، زامان ئەسىرلەرنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ 21 ـ ئەسىرگە كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە شانلىق مەدەنىيەت ساھىبى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تۆھپىلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى قورساققا يەيدىغان بىر ۋاق تائامنىڭ نامى «لەغمەن» بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىنداشلىرىغا تونۇلۇۋاتقانلىقى تەبئىيكى كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە!

 
ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز قېرىنداشلىرىغا خالىس تونۇشتۇرۇۋاتقان بۇ «لەغمەن» دېگەن سېھىرلىك تائام ئۈستىدە توختىلايلى.

 
لەغمەن ـ ئۇيغۇر كىملىكىگە باغلانغان تائام مەدەنىيىتىدۇر

 
يېمەك-ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى دېگىنىمىز شەھەر سۈپىتىگە ئىگە بولغان مىللەتنىڭ ھەر بىر ئائىلىدە پاكىزلىق ۋە قائىدىلىك بىلەن تەييار قىلىنىدىغان يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىكى مەدەنىي ئادەتلەرنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تائاملىرى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئۇ يالغۇز تائام تۈرلىرىنى ۋە ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىشتىكى ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە مۇجەسسەملەشكەن.

 
يېمەكلىك ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتلىرىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى «كۈندىلىك تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان» خام ماتېرىياللىق تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى بىر جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت باغلىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاسىتە رول ئوينايدۇ.

 
لەغمەن ناملىق بۇ تائام ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ رولى ھەتتا ئەر ۋە ئايال مۇناسىۋەتلىرىدىن تارتىپ تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىگىچە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىدا ئادەتتە ئائىلىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ئەر ۋە ئايال بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، ئەرلەر ئاساسەن ئائىلە سىرتىدا دېھقانچىلىق قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا، ئاياللار ئۆي ئىچىدىكى تاماق ئېتىش، بالا بېقىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ جىنس پەرقى بويىچە بېكىتىلگەن ئىش ئايرىمىسى سەۋەبىدىن ئاياللار ئائىلىدە تاماق ئېتىدۇ، ئەرلەر سىرتتا دېھقانچىلىق قىلىدۇ دەپ قاراش ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئەنئەنىۋىي تۇرمۇشنىڭ ئادەتلىرى بولۇپ ئومۇملۇققا ئايلانغان.

 
ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئەسىرلەر داۋام قىلغان ئىسلام دىنىنى ئەقىدىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئائىلىرىدە يېمەك-ئىچمەكنى ئاياللار تەييارلايدۇ، جۈملىدىن لەغمەننى ئائىلىدە ئاياللار ئېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر ئائىلىرىدە لەغمەن ئېتەلمەيدىغان ئاياللار بولمىغىنىغا ئوخشاش، لەغمەن يېمەيدىغان ئەرلەر ھەم بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە بىر قىز تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ئېرىگە لەغمەن ئېتىپ بېرەلمىسە ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان كېلىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز كۈندىلىك ھاياتىمىزدا يەنە تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسىلەن: ئەگەر بىر ئوغۇل بالا بىرەر ئىشنى جايىدا ئوڭلۇق قىلالمىغان بولسا ئۇنىڭغا تەنقىد ئورنىدا «ھەي لەقۋا، ئاپاڭ سېنى لەغمەن بېرىپ باقمىدىمۇ؟» دېگەندەك سوئاللار بېرىلىدۇ.

 
دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمەن ناملىق بۇ تائامى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەر ـ بىر ھۆجەيرىلىرىگىچە سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىگە ئايلىنىپ قالغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا لەغمەنسىز بىر ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش لەغمەن ئېتىلمەيدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئومۇملۇققا ئىگە قاراش شەكىللىنىپ كەتكەن. دەرۋەقە، ئۇيغۇر تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى بويىچە ئائىلىدە ئاياللار قازان بېشىنىڭ ئىگىسى بولغىنى ئۇچۇن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكتە تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم.

 
لەغمەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان تائام بولغىنى ئۇچۇن ئادەتتە ئۇيغۇر قىزلىرى بويىغا يېتىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئاۋۋال ئائىلىدە ئاپىسى ياكى قىز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن لەغمەن قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئېتىش ئۇسۇللىرى ئۆگىتىلىدۇ. دېمەك لەغمەننى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاياللار ئەتسە، ئۆينىڭ سىرتىدا يەنى رېستوران، ئاشپۇزۇللاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئەرلەر ئېتىدۇ. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئائىلىدە لەغمەن ئېتىشنى ئۆگەنسە، ئۇيغۇر يىگىتلىرى لەغمەن ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئاشپۇزۇل ياكى رېستورانلاردا «شاگىرت ئاشپەز» بولۇپ لەغمەن ئۇستازلىرىدىن ئۆگىنىدۇ.

 
قىسقىسى لەغمەن ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ گەرچە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان جەمئىيەتشۇناس ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇتەخەسسىسلىرى لەغمەننىڭ كېلىپ چىقىش ھەققىدە تۈرلۈك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما لەغمەن ناملىق بۇ تائامنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم قاچان، قەيەردە، قايسى خەلقلەر توپلىمى تەرىپىدىن ئېتىپ يېيىلگەنلىكى ھەققىدە ھەممىنى قايىل قىلارلىق بولغان مەلۇماتلار يوق. لەغمەن ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار، تالاش ـ تارتىشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ يۈرگۈزۈلگەن ئىزدىنىشلەر ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسىدە قانداقتۇر بىر مۇئەييەن ئاساسلار ئوتتۇرىغا قويۇلسىمۇ، ئەمما سوئالنىڭ نېگىزىگە ھەممە كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك جاۋاب بېرەلمىگەنلىكى ئۇچۇن لەغمەنگە باغلانغان جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

 
خوش، ئۇنداقتا لەغمەننى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى كاتېگورىيەسىدىن تەھلىل قىلىپ چىقايلى. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرىدە لەغمەننىڭ تۇتقان ئورنى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، پولونى «مېھمان ئېشى» دەپ ئاتىسا، «لەغمەننى مۇھەببەت ئېشى» دەپ تەرىپلەيدۇ.

 
يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىنسانلار مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ھايات پائالىيەتلىرى يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. بىر تائامنىڭ ئومۇمىيلىققا ئايلىنىشى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىر مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان تائام مەدەنىيىتى بولسا ئۆز نۆۋىتىدە شۇ تائامغا ساھىب مىللەتنىڭ يۇمشاق كۈچى سۈپىتىدە دۇنياغا نامايان بولۇپ، ئۆز مىللىي كىملىكى بىلەن تونۇلغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تائام مەدەنىيىتى زامانىمىزدا ھەممە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئاممىباب ئۇقۇمغا ئايلانغان. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە دۇنيادا سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ھەممە ئادەملەرگە تونۇشلۇق بولغان تائام تۈرلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ ماك دونالدس (McDonald’s) تىز تائاملىرىنى، ئىتالىيە پىساسى (Italian pizza)، غەرب ئەللىرىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن جۇڭگۇنىڭ ئۆيگە توشۇش تاماقلىرىنى (Chinese Takeaway)، تۈركلەرنىڭ كاۋاپ ۋە دۆنەرلىرىنى (Turkish kebab, diner)، ھىندىلارنىڭ كەررىي قورۇمىلىرىنى (Indian curry) مىسال قىلالايمىز.

 
گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئىستېمال قىلىدىغان تائاملىرىدىن پولۇ، كاۋاب، مانتا، سامسا قاتارلىق تائاملار ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەتتا ئوتتۇرا شەرق، تۈركىيە، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردە ئورتاق بىر تائام بولسىمۇ ئەمما بۇ تائاملارنى تەييارلاپ يەيدىغان خەلقلەر ۋە دۆلەتلەر سانى كۆپ بولغانلىقى ئۇچۇن ئۆزىگە خاس بىر تەۋەلىك خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالالماي ئومۇملۇققا ئىگە بولغان بىر مىللىي تەۋەلىكسىز تائامغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭ مىسالى شۇكى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرگەندە ھازىر پولۇ ناملىق بۇ تائامنىڭ 60 خىلدىن ئارتۇق يەرلىك تۈرلىرى مەۋجۇت ئىكەن. بىراق ئۆزگىچە خاس تەم ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئۇيغۇر لەغمىنى بولسا ئۇيغۇر تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشكەن تائام بولغىنى ئۇچۇن گەرچە پولۇ ۋە سامسىلاردەك دۇنياغا كەڭ تونۇلمىسىمۇ ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئۇيغۇر لەغمىنى» دېگەن بىر نام بىلەن ئاتىلىپ ۋە تونۇلۇپ، ئۆزىنىڭ بەلگىلىك رايون خاراكتېرلىك «يۇمشاق كۈچ» نىڭ سىموۋىلىنى يارتىشقا باشلىغان.

 
يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇيغۇر خەلقى لەغمەننى ئەڭ كۆپ ئېتىپ يەيدىغانلىغى ئۇچۇن ئۆز تائاملىرى ئارىسىدا لەغمەننى «مۇھەببەت ئېشى» دەپ ئاتايدۇ. لەغمەننىڭ مېھرى مۇھەببىتى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ـ ئانىلار، دوست بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردىكى لەغمەن ھەققىدە دائىم بولۇنۇپ تۇرىدىغان سۆھبەتلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىغا سەپەرگە چىققاندا لەغمەن يېيەلمەي ھەسرەتتە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر ياكى ئۇيغۇر لەغمىنىنى ئىزدەپ تېپىپ يېيىش ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلەر توغرىسىدا ئاڭلىغان تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايىلەر بىزگە شۇنى ئېنىق سۆزلەپ بېرىدۇكى بۇ دىياردا ھايات مەنزىلى كۆكلىگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن لەغمەن يېمەي ئۆتكەن ھاياتنىڭ ھەر بىر كۈنى مەنىسىزلىككە مەھكۇم دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكىنى يېيىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان ئادەت ئومۇمىي يۈزلۈك شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر خەلقى يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ پاكىز ۋە ھالال بولۇشىنى ئەڭ ئالدىنقى ئۆلچەم قىلىدىغان كۈندىلىك ھاياتىدا لەغمەننىڭ ئىستېمال قىلىنىشتا تۇتقان ئورنى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالاھىدە بولغان تائام ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ئاشپۇزۇللارنىڭ «لەغمەنخانا» دەپ ئاتىلىشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەستۇر. ئۇيغۇر لەغمىنى يېيىشلىك، ئىسسىق باسىدىغان، قۇۋۋەت بېرىدىغان ۋە ئىشتىھانى ئاچىدىغان ﻣﯧﺰﻟﯩﻚ تائامدۇر. «مەن لەغمەنگە ئەڭ ئامراق، مەن كۈندە ئۇچ ۋاق لەغمەن يېسەممۇ قەتئىي زېرىكمەيمەن…». كىشىلەرنىڭ لەغمەن يېيىشنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى، بۇ تائامنى يېيىش بىلەن نەقەدەر ھۇزۇر ئالىدىغانلىقى ھەققىدە مۇشۇنداق ئىنكاسلارنى بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىدا ھەمىشە ئاڭلاپ تۇرىمىز.

 
ئۇيغۇر لەغمىنىنىڭ سېھرى شۇكى ئۇنىڭ كۈچى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەر ساھەلىرىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمەنگە بولغان مېھرى مۇھەببىتى شۇ قەدەر كۈچلۈك، شۇ قەدەر چوڭقۇر بولغانكى ھەتتا ئاتاغلىق شائىرلاردىن مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوف ئەپەندى لەغمەن ھەققىدە ئۆزىنىڭ لەغمەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە جەددىزملىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك نەزمە توقۇغان ئىدى:

 
ئەگەر مەن ئۆلسەم ئېڭىكىمنى
لەغمەن بىلەن تېڭىڭلا،
مەنتىڭىدە يۇيۇڭلا.
يەرلىكىمنى سادىر سوققان ئەسۋاپتا،
ئېگىز دۆڭدىن ئويۇڭلا.
يۈزۈمنى خانتەڭرىگە قارىتىپ ياتاي،
قىلبە-پىلۋە دېگەنلەرنى قويۇڭلا.

 
ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىمىز ئۆزىنىڭ لەغمەنگە بولغان ئىشتىياقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق شېئىر يازىدۇ:

 
لەغمەن، مانتا خۇمار بولدى بىر يېگەنلەر،
چىقتى خېلى «پولۇ پىرى بىز!» دېگەنلەر.
ئاش مانتىغا قالدى ئاشىق-مەشۇق بولۇپ،
تائاملاردىن كۆڭلى لەززەت ئىزدىگەنلەر.

 
يەنە لەغمەنگە باغلانغان مۇھەببەت ھەققىدە جاھان كۆرگەن پېشقەدەم شائىرلىرىمىزدىن ئابلەت ئابدۇللا ئاكا تۆۋەندىكىدەك نەزمە توقۇيدۇ:

 
جاھاننى ئايلىنىپ كۆردۈم، تالاي ئەللەر، شەھەرلەرنى،
بۈيۈك لوندون، نىيۇيورك، كاراچى، ئەنقەرەلەرنى،
يېدىم تاشكەنتتە ماشخوردا، پېتىربورگدا ئېكرانى،
قازاقىستاندا ئەبجەش ئاش، قازاندا قاق بەلشىلەرنى،
لېكىن، ئوخشاتمىدىم، دوستلار، ئاڭا بىر تەخسە لەڭمەننى.

 
ئۇيغۇر لەغمىنى قازاقىستاندا دۇنيا جىنس رېكورتى ياراتتى

 
بۈگۈنكى مۇستەقىل قازاق ئېلىنىڭ شەرقىنى ئۇيغۇرلار ئۇزاق زامانلاردىن بېرى «يەتتىسۇ» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ كەلگەن بولۇپ، زامانىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىر كېچىدىلا دۆلەت بولۇپ تۇغۇلۇشتىن، جۈملىدىن قازاقىستان ۋە خىتاي دۆلەت چېگرالىرى رەسمىي شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى زامانلاردا قازاق ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن بۇيان بىر دەريا، بىر كۆلنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ كەلگەن قېرىنداش خەلقلەر ئىدى. مانا شۇ قېرىنداشلىق مېھىرلىرى بىلەن بۇ ئىككى مىللەت تارىختىن بۇيان بىر ـ بىرلىرىگە ھەمدەم بولۇپ كەلگەن. ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرى تاغلىرى ئېتەكلىرى قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئاساسلىق ھايات ماكانلىرىغا ئايلانغان. مانا بۇ قېرىنداaشلىق ۋە جۇغراپىيەلىك باغلىنىشلار سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى بۆلەكلىرىدىن باشلىنىدىغان سۈيى ئەلۋەك ئىلى دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىنى بويلاپ يەتتە ئېقىننىڭ ناملىرى بىلەن ئاتالغان «يەتتىسۇ» تۇپراقلىرىدا غەربتە ئەھمەت يەسەۋىينىڭ يۇرتى تۈركىستان شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئارال دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا ھايات كەچۈرگەن.

 
بۈگۈنكى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ئاساسەن دېگۈدەك ئالمۇتا شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرالىنىدىغان شەرقىي تۇپراقلىرىنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغان بولۇپ غۇلجا، قورغاس ۋە چۆچەك قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ رايونلار مەمۇرىي جەھەتتىن تاللىققورغان (تالديقورغان) ۋە ئالمۇتا ئوبلاستلىرىغا قارايدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 2009 ـ يىلى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ھازىر قازاقىستاندا 249 مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىكەن. ئەمما باشقا مۇستەقىل ھۆكۈمەتسىز مەنبەلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بۇ رەسمىي ئىستاتىستىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، يەنى قازاقىستاندا كەم بولغاندىمۇ 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 
* مەزكۇر ماقالىنىڭ ھەجىمى جەمئى 80 بەت، ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى مۇقىم ئۇلنىشتىن تولۇق ئوقۇيالايسىز، ھەم  ئېلكىتاپ PDF نۇسخۇسىنى ساقلىۋالالايسىز:

 
http://www.azizisa.org/Uyghur_Leghmen_Ottura_Asiya.pdf



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !