بىر بوتۇلكا سۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

“Bir

مەيىن شامالغا ھارماي ئۇسۇل ئويناپ كۆنۈپ كەتكەن بۇلۇتلار خۇددى ناز قىزدەك گاھى كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىسا، گاھى خۇشلۇقى تۇتۇپ تېلىقىپ كۈلەتتى، گاھى چاغدا قاپىقىنى تۇرۇپ دومسىيۋېلىپ، قۇياش نۇرىنى دۈمبىسى بىلەن توسۇپ مۆكۈ – مۆكۈلەڭ ئوينايتتى. توۋا، بۇلۇتلارمۇ ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئۆگۈنۇۋالدىمۇ نېمە، ئىشقىلىپ مەن بۈگۈن شۇنداق غەلىتە بىر تۇيغۇلارغا قەلبىمنى مەستخۇش قىلغاچ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن دېڭىزنىڭ چېكىگە نەزەر تاشلايتتىم. مالمودىن (Malmö) كوپېنھاگېنگە تىز كېتىۋاتقان پويىز ئورەساند كۆۋرۈكىنىڭ (Oresund Bridge) تومۇر بالداقلىرىنى بىر -بىرلەپ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ئالدىغا ئۇچقاندەك چاپاتتى. كۆك ئاسماننىڭ كۆك رەڭگىنى ئۆزىگە ئەينەن كۆچۈرۋالغان بالتىق دېڭىزنىڭ ئاسمىنىدىن شۇڭغۇپ چۈشكەن بۇلۇتلار بەئەينى سۇ ئۇستىدە لەيلەپ يۈرگەندەك بىر كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلاتتى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە كۈز ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى ئاپتاپلىق، ھاۋاسى ئوچۇق شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەبئىي گۈزەللىكلىرىگە مۇجەسسەملىشىپ، خۇددى بىر پارچە مەشھۇر كلاسسىك ماي بوياق رەسىمدەك تەسۋىرىنى نامايان قىلاتتى.

 

مانا مۇشۇنداق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە تولغان بۇ گۈزەل دۇنيا بىز ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا مەنسۇپ ئىدى. بىز بۇ يەرگە ئەسلى دەرد ئەلەم تارتىش ئۈچۈن ئەمەس، كۆزىمىزدىن ئىسسىق قان – ياشلىرىمىزنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوشال – خۇرام، مېھرى – مۇھەببەت بىلەن ياشاشقا كەلگەن ئىدۇق. يېشىم چوڭىيىپ، ئەقلىم قولۇمغا نېسىپ بولغان بۇ يىللاردا ئادەم بالىسىنىڭ تۇغۇلغىنىغا نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغىنىنى، ئاندىن يەنە نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يىغىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم. ئادەم ھاياتىنىڭ  مۇساپىسى مانا مۇشۇ ئارىلىقتىكى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، راھەت بىلەن مۇشەققەت، ئەركىنلىك بىلەن قۇللۇقنىڭ نىسپىيلىك چەمبىرىكىدە كەسكىن كۈرەش قىلىدىكەن. بۇلاردىن قايسى بىرى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە ئۇ سىزگە تەۋە بولىدىكەن. سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان قىسمى ئۈچۈن بولسا بىر ئۆمۈر، تاكى ئۆزىڭىزدە يوق نەرسىگە ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلىپ ياشايدىكەنسىز. ئېھتىمالىم، بۇ بەلكىم ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش پىسخىكىسى بولسا كېرەك.  

 

ھەر بىر ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىك قىسمەتلەرگە تولغان بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا خوشاللىق ۋە قايغۇلار، ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار، مۇھەببەت ۋە نەپىرەتلەر بىر- بىرلىرىدىن ئايرىلماس قوشكېزەك بولۇۋېلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك قايناملىرىدا ھەر ۋاقىت چۆكتۈرۈپ سىنايدىكەن. شۇڭا بىز ھەم كۈلۈشكە، ھەم يىغلاشقا، غەزەپلىنىشكە، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۇشلەرگە ھەقلىق ئىكەنمىز.

 

ھاياتنىڭ سېھرى بىزنى خۇددى بىر توپ پادىلارنى ئېلىپ ماڭغان پادىچىدەك ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر سۈرئەتتە بىزنى مەلۇم نىشانلارغا ھامان باشلاپ ئېلىپ ماڭغىنى ماڭغان ئىكەن، بىزنىڭ تەبئىيتىمىز شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى ئايرىۋېلىشقا ئىمكانسىزكەنمىز. بىز مانا شۇ ئىمكانسىزلىق ۋە تەبئىي خۇسۇسىيەتلىرىمىز ئىچىدە ئۆزىمىزنى ئاڭلىق ھالدا بىلىپ – بىلمەي گاھىدا ھاياتنىڭ تىلسىم كوچىلىرىغا غەرق بولغان بىر سەيياھقا ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز. ھاياتىمىزنىڭ ئەگرى – توقاي دوقمۇشلارغا تولغان سەپىرىدە بىزگە شۇنداق ئەخلاقسىز، قەدىرسىز، ئادىمىيلىكنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئۆلچىگىسىز دەرىجىدىكى ناچار ئادەملەر ئۇچراپ قالسا، بىزگە يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەملەر ئۇچرايدىكى ئۇلار سىزگە پەرىشتىلەر كەبى تەۋەرۈك بىلىنىدىكەن. شۇ چاغدا ئەگەر بۇ ئادەملەر دۇنياسىدا ھەممە ئادەملەر مۇشۇ پەرىشتىلەردەك ئاق كۆڭۈل، مېھرى – مۇھەببەتلىك بولسا، باشقىلارغا يامانلىق ئەمەس پەقەت ياخشىلىقلا قولىدىن كەلسە، «يامانلىق» دېگەن بۇ  ئاتالغۇ ئادەملەر تىلىدا يوق بىر سۆز بولسا، ئېھتىمال ئۇ چاغدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىن ئۆچمەنلىك، ئادالەتسىزلىك، نەپرەت ۋە ئۇرۇش مەڭگۈلۈككە غايىب بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا بۇ دۇنيا بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پانىي ئالەمدىكى جەننىتى بولۇپ قالار ئىدى دېگەندەك ئويلارغا چۆكىسىز ئەلۋەتتە.

 

كىشىلەرنىڭ بەزىدە «ئادەم ھاياتىدا بىر ياخشىلىق ۋە بىر يامانلىقنى ئۇنتۇمايدۇ» دەيدىغىنى بەلكىم مۇشۇنىڭدىن بولسا كېرەك. ئەمما مەن دەيمەن، ماڭا بىرسى يامانلىق قىلسا ئىمكان بار شۇ يامانلىق قىلغان كىشىنى قانچە تىز بولسا شۇنچە تىزلىك بىلەن خاتىرەمدىكى ئادەملەر تىزىملىكىدن ئۆچۈرۈپ، ئۇنتۇپ كېتىشكە ئالدىرايمەن. بۇنىڭ تەتۈرىسىچە ئەگەردە بىراۋنىڭ ماڭا چوڭ بولامدۇ ياكى كىچىك بولامدۇ، قولىدىن كەلگەن بىر ئىنسان سۈپتىدە ئادىمىيلىك تارازىسى بىلەن ياخشىلىق قىلغان بولسا، مەن شۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۇنۇتمايمەن ۋە ئۇنۇتماسلىق ئۇچۇن باشقىلارغا قولۇمدىن كەلگەن ياخشىلىق ئارقلىق ھامان قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن… مەن شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، ئادەم قەلبىدە مۇھەببەت بىلەن نەپرەت دائىم ئورۇن ئالمىشىپلا تۇرىدىكەن. ئەگەر ھەر ئىككىلىسى ئورۇن ئالماشماي بىللە تۇرسا ياكى مۇھەببەت نەپرەتكە ئورۇن بەرمىسە، بەلكىم بىز ھازىرقىدىن بەكرەك خوشال ياشاش ئىمكانلىرىنى تاپالىغان ئىدۇق.  

 

ئورەساند كۆۋرىكىدە كېتىۋاتقاندا بالتىق دېڭىزىنىڭ ئۇپۇقلىرىغا تاشلانغان مەيۇس نەزىرىم بىلەن چېچىلىپ كەتكەن ئىسيانكار خىياللىرىم پويىزنىڭ كوپېنھاگېن ئايرودرومىغا كېلىپ قاتتىق تورمۇز بىلەن تەڭ قوپال سىلكىنىپ توختىشى مېنى چېكى يوق خىياللىرىمدىن ئۆز ئەسلىمگە قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 

 

تۆنۈگۈن كەچتە بىر قانچە كۈن ئالدىراش داۋام قىلغان بۇ ھەشەمەتلىك خەلقئارالىق يىغىنمۇ تۈگىگەن ئىدى. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن، نەچچە يىللار ئەسىر بولۇشمىغان ۋەتەنداشلىرىم بىلەن قانغۇچە ھال – مۇڭلاردا بولۇشۇپ، يەنە نەچچە ئايلار ئۈچۈنمۇ يېتىپ ئاشقۇدەك ھاردۇقنى، كەم قالغان ئۇيقۇنى ئۆزۈمگە يۈدۈپ، بۈگۈن چۈش بىلەن ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن مالمو شەھرىدىن كوپېنھاگېن ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن ئىدىم. 

 

ئايروپىلان بېلىتىمنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى ماشىنىدا پاسپورتىمنى كىرگۈزۇپ بېسىپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، سائەتكە قاراپ باقسام لوندونغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ۋاقتىغا يەنە بىر يېرىم سائەت ۋاقىت باركەن. دېمەك، ئانچە ئالدىراپ كەتمىسەممۇ بولغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن مەن قول چامدىنىمنى ئارقامدا سورىگەچ قاتمۇ -قات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، ئايروپىلانغا چىقىش ئىشىكىنى ئىزدەپ ماڭدىم. ئايرىدورۇمنىڭ ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئايرودروم ئىچىدە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر نىشاننى كۆزلەپ ماڭاتتى، بەزىلىرى ئاستا ماڭسا بەزىلىرى تىز ماڭاتتى. بۇ ئادەملەر ئارىسىدا مەندەك ئاندا – ساندا قار چاچلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بويى ئېگىز، كۆزلىرى كۆپ – كۆك، يۈزى ئازراق ئۇزۇنچاق كېلىدىغان شىمالى ياۋروپالىق ۋايكىڭلاردىن ئىدى. 

 

شىۋېتسىيىىڭ مالمو شەھرى ئورەساند كۆۋرۈكى ئارقىلىق دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن شەھرى ۋە ئايرودرومى بىلەن باغلىنىپ تۇراتتى. گەرچە بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا پۇل بىرلىكى «ياۋرو» نى ئىشلەتمەي ئۆزلىرىنىڭ پۇلى كروننى ئىشلىتەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە كوپېنھاگېن ئايرودرومىدىكى كۆپىنچە ماگىزىن ۋە تىجارەت ئورۇنلىرى شىۋېتسىيىنىڭ كىرونىنى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنى بۈگۈن ئايرودروم ئىچىگە كىرىشتىن بۇرۇن بىر قەھۋە سېتىۋالغان ۋاقتىمدا بىلىۋالغان ئىدىم.

 

قەھۋەنى بۈگۈن كۆپ ئىچكەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ياكى ئەتىگەندىن بېرى يول يۈرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇسساپ ئۇسسۇزلىقىم قانماي تامىقىم قۇرۇپلا تۇراتتى. ئەمما يېنىمدا پەقەتلا چۈشلۈك تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئېشىپ قالغان ئازراق شىۋېتسىيە كروننى قالغان ئىدى. ئۇنى ساناپ باقسام 13 كرون چىقتى. ھەم مەن بۇ پۇلنى خەجلىۋېتىشىم كېرەك ئىدى بولمىسا لوندونغا بارغاندىن كېيىن بۇنىڭ ھىچ بىر قىممىتى قالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پارچە پۇلغا بىر بوتۇلكا سۇ سېتىۋېلىشنى نىيەت قىلدىم. چۈنكى ئەگەر بانكا كارتىسى ئارقىلىق سۇ سېتىپ ئالسام بىر بوتۇلكا سۇ ئۈچۈن بانكا يەنە بىر ھەسسە رەسمىيەت ھەققى ئالاتتى. شۇنىڭ بىلەن سۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم. تەلىيىمگە سول تەرەپتىكى پىيادىلەر يولىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر چوڭ سودا دۇكىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ساندۇقلارغا دۆۋلەپ قويۇلغان بوتۇلكىلىق سۇلارنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى 10 كرون دەپ يېزىلغان چوڭ خەتلىك تاختىيىنى كۆردۇم دە، ئۇ يەردىن بىر بوتۇلكا سۇنى ئېلىپ، پۇل تۆلەش كۆزنىكىگە قاراپ ماڭدىم. پۇل تۆلەش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان 20-30 ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ سەپكە قوشۇلدۇم. 

 

مەن ئۆچىرەتتە ئون مىنۇتچە تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭا پۇل تۈلەش نۆۋىتى كەلدى. ياش پىركازچىك قىز مەن ئېلىپ كەلگەن بىر بوتۇلكا سۇنى سكانلىدى. مەن 10 كرون شىۋېتسىيە پۇلىنى ئۇ قىزنىڭ قۇلىغا سۇندۇم. ئەمما قىز ئىللىق چىرايى بىلەن «-كەچۈرۈڭ ئەپەندىم. بىزنىڭ بۇ دۇكىنىمىزدا پەقەت دانىيىنىڭ كرونىلا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەن شىۋېتسىيىنىڭ پۇلىنى ئالالمايمەن. بۇ بىزنىڭ دۇكاننىڭ تۈزۈمى» دېدى ئەپۇچانلىق بىلەن.

 

مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ۋە «- ئەمما مەن شىۋېتسىيە كرونىنى ھېلىلا بۇ ئايرودرومدا ئىشلەتتىمغۇ؟» دەپ سورۇدۇم. 

 

«- سىز شىۋېتسىيە كرونىنى ئايرودروم تەكشۈرۈش ئىشىكىنىڭ سىرتىدا ئىشلەتتىڭىز بەلكىم. ئەمما بۇ يەردە بىز قوبۇل قىلالمايمىز، كەچۈرۈڭ!» دېدى پىركازچىك قىز قەتئىي بىر قىياپەتتە. 

 

مەن بۇ ئوڭايسىز ھالەتتىن ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن «- ئۇنداقتا مەيلى، ئەمما سىزمۇ بىلىسىز، ئەگەر مەن بۇ بىر بوتۇلكا سۇنى بانكا كارتام ئارقىلىق ئالسام، ئۇنىڭغا تۆلىگەن پۇلدىن يەنە بىر ھەسسىدىن ئارتۇق بانكا رەسمىيەت ھەققى تۆلەيمەن. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ھاماقەتلىك بىر ئىش بولمامدۇ؟ كەچۈرۈڭ، مەن لوندوندىن كەلگەنلىكىم ئۈچۈن سىزگە شۇنداق دېدىم. شۇڭا سىزگە راست گەپنى ئېيتىۋالغۇم كەلدى» دېدىم -دە سۇنى پرىكازچىكنىڭ ئالدىدا قالدۇرۇپ قويۇپ دۇكان ئىچىدىن چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدىم. شۇ ئەسنادا ئارقامغا بىر قارىغان ئىدىم، ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى تەخىرسىزلىك بىلەن ماڭا تىكىلىپ قاپتۇ.  

 

مەن دۇكاندىن ئايرىلىپ تەخمىنەن 10 مىنۇتقىچە ئولتۇرغىدەك بىر بوش ئورۇن ئىزدەپ ماڭدىم، ئاخىرى پىيادىلەر يولىنىڭ بىر ئايلانما زالىغا قويۇلغان ئورۇندۇقلار ئارىسىدىن بىر بوش ئورۇننى تاپتىم. ئورۇندۇقتا راھەتلىنىپ ئولتۇرغاچ ئۆز – ئۆزۈمگە «مەن ئۇنداق جېنى بوش چىدىماستىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ قەدەر ئۇسساپمۇ كەتمىدىم. ئادەم روزا تۇتۇپمۇ بىر كۈن سۇ ئىچمەي چىدايدىغۇ. مەن يەنە بىر يېرىم سائەت تەخىر قىلساملا ئايروپىلانغا چىقىمەن. ئايروپىلاندا سۇ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ساتىدۇ. ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان ئىچىدە دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ، بانكا كارتامنى ئىشلىتىپ سۇ، قەھۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالسام لوندوندىكى ئاچكۆز بانكام مېنى «چەتئەلدە بانكا كارتىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇلازىمەت رەسمىيىتى ئالىمىز دېيەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن كەچكۈزگەچ يانفونۇمنى ئېلىپ تۋىتتېردىكى دۇنيا خەۋەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. 

 

تۇيۇقسىز تەقى- تۇرقى مەندىن خېلىلا ئېگىز كەلگەن، يېشى مەندىن ياشىراق كۆرۈنىدىغان، تىپىك شىمالىي ياۋروپالىقنىڭ سىماسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ تۇرىغان بىر ئەر كىشىنىڭ گەۋدىسى ئالدىمغا كېلىپ توختاپ قالدى. مەن ئۇنىڭ قولىدا ھېلىلا پرىكازچىكقا پۇلىنى تۆلىيەلمەي قالدۇرۇپ كەتكەن بىر بوتۇلكا سۇ تۇراتتى. 

 

«- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، ئەگەردە سىز قوبۇل قىلسىڭىز، مەن سىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى بىر بوتۇلكا سۇنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم» دېدى ئۇ سۇنى مېنىڭ ئېلىشىمغا سۇنۇپ تۇرۇپ راۋان ئامېرىكىچە ئىنگىلىز تەلەپپۇزدا.

 

 «- سىز مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردىڭىز ۋە تەسىرلەندۇردىڭىز ئەپەندىم. ماڭا بۇ سۇنىڭ كارايىتى چاغلىقلا ئىدى. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى سىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئاق كۆڭلىڭىز، ھۆرمەت ۋە ئىززىتىڭىز بولدى. مەن بۇ ئىشتىن كۆپ سۆيۈندۈم ۋە سىزگە بۇ قىلغان ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن نېمە دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيۋاتىمەن. كەچۈرۈڭ، شۇنداقتىمۇ مەن بۇ سۇنى بىكارغا قوبۇل قىلالمايمەن چۈنكى يېنىمدا سىزگە بۇ سۇ ئۈچۈن تۆلىگۈدەك دانىيىنىڭ كرونى يوق.» دېدىم مەمنۇنىيەت بىلەن.

 

 «- سىز بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ. ئاۋال بۇ سۇنى ئېلىڭ. سىز بۇ سۇغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر بۇ سۇنى ھەق تۆلىمەي قوبۇل قىلىشنى راۋا كۆرمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ماڭا قانداقلا پۇل بولسا بەرسىڭىز بولۇۋېرىدۇ» دېدى جاۋابەن. 

 

مەن دەرھال شىۋېتسىيە كرونىنى پورتمالىمدىن ئېلىپ بۇ نامەلۇم ئەپەندىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدۇم ۋە ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن بۇ خالىس ياردىمىگە تەكرار مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈردۈم. 

 

«- كەچۈرۈڭ، بۇ ئايرودرومنىڭ ئىچىدە ئادەملەر شۇنداق كۆپ. مەن بۇ ئادەملەر دېڭىزى ئىچىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ، ماڭا كۆڭۈل بولۇپ، بۇ قەدەر ياردەم كۆرسىتىشىنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. ئەگەردە خالىسىڭىز سىزدىن سورىسام بولامدۇ، سىزنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر ياردەمنى كۆرسىتىشىڭىزنىڭ بىرەر سەۋەب بارمۇ؟» دەپ سورۇدۇم، ئۆزۈمنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۋاتقانلىغىمنى ھىچ يوشۇرماي. 

 

«-مەن شىۋېتسىيىلىك، ستوكھولىمدا ياشايمەن. مېنىڭ ئايالىم ئىرانلىق. مەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ياردەم ۋە ھۆرمەتلەرىنىڭ بىرىنىمۇ ياۋروپادىكى كۆچمەنلەرگە كۆرسىتەلمىدىم. بىز ھەممىمىز ئوخشىمىغان ئىرىق، دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەر، بىراق بىز مۇشۇ پەرقلىرىمىزنى زۆرۈر بولغاندا ياخشىلىق ئۈچۈن ئۇنتۇپ، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ پەقەت ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، بىز كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن بىر-بىرىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، بىر-بىرىمىزگە ئادىمىيلىكنىڭ مېھرى – مۇھەببېتنى كۆرسىتەلىسەك، مەن ئىشىنىمەن، بۈگۈنكى بىز ئىنسانلار دۇنياسىنىڭ تىنىچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان دىنىي ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىك ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، بىز ھەممىمىز تىنچلىققا ئېرىشەلەيمىز.» 

 

بىز ھەر ئىككىلىمىز بۇ يەردە يولۇچى ئىدۇق، گەرچە ماڭغان يولىمىز باشقا بولسىمۇ ئەمما ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرى ھەر ئىككىلىمىزگە ئورتاق ئىدى. مەن ئۇنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئاق يول تىلەپ، مەن بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ئۇ دۇنيانىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە ئۇچۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا مىڭلىغان يولۇچىلار ئارىسىدا تىزلا كۆزۈمدىن غايىب بولدى.

 

كوپېنھاگېن ئايرودرومى، دانىيە. 2017- يىلى 1- سېنتەبىر يېزىلدى.

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !